"ئۇز ئارا تەسىر"گە ئالاقىدار بىرقانچە پەرەز
قاسىم سىدىق
"ئۇز ئارا تەسىر "مەسىلىسىدە تەسىرلەشكۆچىلەر بىلەن كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچىلەر ياكى ئاتالمىش"دولقۇن"نىڭ تىزلىگى ۋە ئۇلارنىڭ ھەركەت شەكلىنى تەتقىق قىلىش بىزنى بىر مۇنچە يېڭى مەنزىرىلەرگە باشلايدۇ.بۇ نۇقتىدىن چىقىپ بىر قانچە ئالدىن پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ،بۇ پەرەزلەر:
1.ۋاستىچى زەررىچىلەر تىزلىگى تەسىرلەشكۆچى ئىككى سوبىكىتنىڭ تىزلىگىدىن تۇۋەن بولسا،بۇ ئىككى سوبىكىت ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچى زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۇز ئارا تەسىر شەكىللەنمەيدۇ.
2.تەسىرلەشكۇچىلەر بىلەن ۋاستىچى زەررىچىلەرنىڭ تىزلىگى باراۋەر بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ بۇنداق مۇناسىۋەت شەكىللەنمەيدۇ.
3.تەسىرلەشكۆچىلەر زەررىچە دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا ۋاستىچى زەررىچىلەر تۇزسىزىقلىق ھەركەت قىلىدۇ دەپ قارالسا يەنىلا بۇنداق مۇناسىۋەت شەكىللەنمەيدۇ.چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا ۋاستىچى زەررىچىنىڭ تەسىر قوبۇل قىلغۇچى زەررىچىگە سوقۇلۇپ،ھەر ئىككىسى ئەكىسى يۇنۇلىشىگە قاراپ ئۇچۇشى ياكى تەسىر قوبۇل قىلغۇچى زەررىچەنىڭ تۇزۆلۆشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن.
4.ۋاستىچى زەررىچىلەر ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلىدۇ دەپ قارالسا ھەرقانداق ئەھۋالدا ۋاستىچى زەررىچىلەرنىڭ تىزلىگى تەسىرلەشكۆچىلەرنىڭ تىزلىگىدىن يۇقۇرى بولىدۇ دەپ قاراش كىرەك.بۇ ھال،فۇتۇن-گىراۋىتون مۇناسىۋەتلىرىدە نىسبىلىك نەزەريىسىگە باش ئاغرىغى تېپىپ بىرىدۇ.چۈنكى نىسبىلىك نەزەريىسى يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئارتۇق تىزلىك مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ-يۇ،يەنە يورۇقلۇقنى تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ،بۇ بىر زىدىيەتلىك مەسىلە.بۇنىڭدىن باشقا ۋاستىچى زەررىچەئەگرى ھەركەت جەريانىدا جەزمەن تەسىرلەشكۇچى زەررىچىنى تىپىپ بارالايدۇ دەپ قاراشقا ئاساسىمىز يۇق.بۇنداق قارالسا بۇنداق ۋاستىچى زەررىچىدە"ئەقىل بار"دىيىشكە توغرا كىلىدۇ.
مىنىڭچە،ئەقىلغە مۇۋاپىق بىردىن- بىر پەرەز سىتىخىيىلىك ،ئېھتىماللىق نەزەريىسى تىپىدىكى توغرا كىلىپ قىلىشتىن ئىبارەت.لىكىن،بۇنداق پەرەزمۇ بىلىش نەزەريىسىگە قىلىنغان مەسخىرە بولۇپ قالىدۇ.
5.شۇنداق ئويلىغان تەقدىردىمۇ،بۇ ۋاستىچى زەررىچىلەرنىڭ تەسىرلەشكۈچى "نىشان"غا يىتىپ بارغان ھامان ئۇزىنى "تورمۇزلايدۇ"غانلىغىنى پەرز قىلىش بەسى مۇشكۇل.
6.تەسىرلىشىش جەريانىغا بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە زۇرۇر بولغان ۋاستىچى زەررىچىلەر سانى ئۇستىدە ئويلۇشۇش ئىنتايىن مۇھىم.بۇ ،زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۇز ئاراتەسىر ئىدىيىلىرىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بېرىش قۇدرىتىنى لوگىكىلىق نۇقتىدىن سىناپ كۇرۇدىغان بىر نۇقتا.
ھەي،بۇ زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى مەيدان نەزەريىلىرىدە چاتاق كۇپكەن.بۇ نەزەريىلەرغۇ ھازىرغىچە ئۇزۇل-كېسىل مەنىدە ئوبىكىتىپ پاكىتلارنىڭ مۇپەسسەل بايانى دەپ قارالغىنى يوق.بۇلار پەقەت ئۇتكۆنچى تەسۋىرلەش ۋە بىلىش مىتۇدى بولسا كېرەك.
ئەسكەرتىش:تېمىدىكى ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلار ئۇستىدە مۇھاكىمە-مۇنازىرە ئىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن.تېمىنى تاشلاپ قويۇپ ،مىنى باھالاپ-تىللاپ كەتمىگەيسىلەر!.
2013.4.7
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-7 04:41 PM