|
|
|
|
ئالتۇن ئەزەلدىن خەتەردىن ساقلىنىش بۇيۇمى بولۇپ ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ . ھەتتا قەغەر پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ پاخاللىشىپ كەتكەندە ئالتۇننىڭ قىممىتى ئەكسىچە يۇقىرلايدۇ . ھازىر كۆپلىگەن كىشلەر ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كەتكەندە قولىدىكى ئىشىنچە پۇلنى ئالتۇنغا مەبلەغ قىلىپ سىلىۋاتىدۇ .
بەزىلىرى قولدىكى پۇلغا نەخ ئالتۇن سىتىۋىلىپ ساقلىسا بەزىسى توردىلا ئىلىپ سىتىۋاتىدۇ .
بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلقى ۋە خەتەرلىك يەرلىرى بار .
ئەمەلى سىتىۋالغاندا پۇل كۆپ كىتىدۇ . لىكىن خەتىرى ئاز .
توردا سىتىۋالغاندا ئاز پۇل بىلەن كۆپ ئالتۇن ئالغىلى بولىدۇ . بىراق پايدا -زىيان چوڭ .
ئالتۇن سودىسىنىڭ تۈرلىرى ئالتۇن سودىسىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى قەغەز ئالتۇن سودىسى، نەخ ئالتۇن سودىسى، دۆلەت ئىچى قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى، خەلقارا نەخ ئالتۇن سودىسى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. 1. قەغەز ئالتۇن سودىسىنىڭ ئالاھىدىلىگى: بىر كۈن ئىچىدىكى 24 سائەتنىڭ ھەممىسىدە سودا بولىدۇ. تور بانكىسى ئارقىلىق سودا قىلىش قولايلىق. كەمچىللىكى: چۈشۈشكە ئېلىشقا بولمايدۇ، باھا چۈشۈۋاتقاندا سودا قىلىشقا ئامال يوق، پۈتۈن مەبلەغ بازارغا سېلىنسىمۇ سودا جانلىق بولمايدۇ، پەقەت تۆۋەن نوختىدا ئېلىپ يۇقۇرى نوختىدا ساتقىلى بولىدۇ. قايتىش نىسبىتى تۆۋەن. 2. نەخ ئالتۇن سودىسىنىڭ ئالاھىدىلىگى: كۆرگىلى ھەم تۇتقىلى بولىدىغان ئالتۇن ( زىخچا ئالتۇن، كىسەك ئالتۇن، تىللا) قاتارلىقلارنى ئۆيدە زاپاس ساقلىغىلى، زىبۇ- زىننەت، بىزەكچىلىككە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بويۇملىرىنىڭ قىممىتى يوقالمايدۇ. كەمچىللىكى: ئالتۇن ( زىخچا ئالتۇن، كىسەك ئالتۇن، تىللا) قاتارلىقلارنى سودىسىغا ھەق تۇتۇلىدۇ، بىخەتەرلىكنى ساقلاش مەسىىلسى بار، زىبۇ- زىننەت بويۇملىرىنى ياساشتا ئىش ھەققى قىممەت، يەنە ياساش، پارچە – توپ سېتىش قاتارلىق ئىش ھالقىللىرى بار. ئۆيدە ساقلانغان ئالتۇن ( زىخچا ئالتۇن، كىسەك ئالتۇن، تىللا) غا بازاردىكى زىبۇ-زىننەت باھاسى بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 3 . دۆلەت ئىچى قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى: دۆلەت ئىچىدە بولالمايدۇ. باھانىڭ ئۇلىنىشى ناچار، پاي بازىرىغا ئوخشاش بۇ بازاردا باھانى كونتۇرۇل قىلىدىغان دۇكالار مەسىلىسى مەۋجۇت. 4. خەلقئارا نەخ ئالتۇن سودىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى: بۇ بازارغا بارلىق ئارتۇقچىلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن، 24 سائەت سودا قىلغىلى بولىدۇ، بىر سودا كۈنىدە نەچچە قېتىم سودا قىلىشقا چەكلىمە قويۇلمىغان، سالغان مەبلەغنى 50-100 ھەسسىگىچە ھەسسىلەندۈرۈپ بىرىدۇ، نەچچە ئون يىللىق خەلقىئارالىق بازار. بۇ بازاردا دۇكا مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، ھەركۈنلۇك سودا مىقدارى 20 مىليارت ئامرىكا دوللىرى ئەتراپىدا، بارلىق ئالتۇن باھاسى خەلقئارا نەخ ئالتۇن باھاسىغا ئەگىشىدۇ. تەھلىل، ھۆكۈم قىلىش ئاسان، نىفىت ۋە دوللار باھاسى بىلنە يۆلىنىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك. كەمچىللىگى: پايدىسىغا ئوخشاشلا خەتىرى ئەڭ چوڭ،
تۆۋەندە دوسىتلارنىڭ پايدىلىنشى ئۈچۈن ئالتۇن باھاسىنى 24 سائەت كۆرۈپ تۇرغىلى بولدىغان دىتالنى تەۋسىيە قىلاي .
بۇ دىتالنى كومپيۇتىرغا ياكى تىلفۇنغا چۈشۈرۈپ ھەر قانداق ۋاقىتتا قۇلايلىق پايدىلانسىڭىز بولىدۇ .
بولۇپمۇ تىلفۇنغا چۈشۈرۋالسىڭىز بازارنىڭ چۈشكەن پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنشىڭىزغا پايدىسى تىگىدۇ .
بۇ دىتال ئارقىلىق ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك تىجارەت قىلدىغان دوسلارئالتۇن باھاسىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرالايدۇ.
كومپىيوتېر دىتالى
ئاندىروئىد يانغۇن نوسخىسى يانغۇنىڭىزغا چۈشۈرۋېلىڭ
ئاندىروئىد يانغۇن نوسخىسى يەنە بىر خىلى يانغۇنىڭزغا چۈشۈرۈڭ
بۇ دىتالنى چۈشۈرەلمەي پايدىلنالمىغان دوستلىرىمىز << بىر مىسقال مۇنبىرى >>www.1miskal.com گە كىرىپ بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى دىگەننى چىكىپ پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ .
مەنبە ؛ www.1miskal.com
|
|
|
|
|
|