مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 708|ئىنكاس: 15

خاتىرە ‹‹ئىزھار›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 04:07:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




خـــــاتــــىرە

《ئىزھار》

ۋاقىت،
جەريان،
يول،
نىشان،
سەن ھەممىنى ئۇنۇتتۇڭ.
بەلىكىم، سىنىڭ تەغدىر دەپلا باھانە كۆرسەتكۈڭ كېلۋاتقاندۇ.
سىنىڭچە يېتەرلىك بولامۇ؟
ياق!
بىر كۈن،
بىر ئاي،
بىر يىل...
ۋاقىت پەردىسىنىڭ ئارىمىزنى توساپ قالغۇدەك كۈچىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
رىشتىە،
باغلىنىش،
قوشۇلۇش،
ئارزۇ،
ۋەدىلەر
سېھرىنىڭ شۇنچىلىكلا  نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۋاتامدىغانسەن!
سىنىڭ پەقەت-
بەلىكىم،
ئىھتىمال،
مومكىن...لىرىىڭ
ئىچىدە ياشاپ يۈرگىنىڭنى سەزمەپتىمەن.
ئېچىنىش،
پۇشايمان،
ھەسرەت،
خىتاپ،
نەپرەت...
قىسقىسى ،سەن مىنى 《خەپ》لەر ئىچىدە قالدۇردۇڭ.
خاتالاشتىڭ،
چۈشەنمىدىڭ،
شەخسىيەتچى،
چىدىماس...
دىگۈڭ كېلۋاتقاندۇ -بەلىكىم.
ياق!
بولدى قىل،
توختاپ قال،
سەن شۇنداق دىيىشكە ھوقۇقلۇق ئەمەسسەن.
يالدامىسى سۈپىتىدە قولۇمدىكى كونا خاتىرەنىڭ بەتلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇلغان،
قۇرۇپ توزۇپ كېتەي دەپ قالغان
يوپۇرماق
ۋە
بەرگىلەر
ھەممىنى سۆزلەپ تۇرۇپتۇ.
سارغايغان مىسرالار،
ئاچچىقتىن تولغانغان ۋەدىلەر،
غەزەپتىن يىرىلغان ئارزۇلار،
ئۆكۈنۈش
ۋە
زارلىنىش ئىچىدە مادارسىر ئېڭراپ تۇرماقتا .
چەكسىزلىك بىلەن تولدۇرۇلغان خاتىرە ئىچىدە ئۈزۈشنى بىلمىگەن بېلىجاندەك تىپىرلاپ ياتقان
قۇرلارغا،
مىسرالارغا،
مارجانلارغا قاراپ باق،
ھالىنى سوراپ باق!
مۇھەببەتتىن يارالغان دەپ سىزىلغان
ئەمما
خاتالاشقان،
ئاداشقان ئاق كەپتەرگە قاراپ باق.
ئەزەلدىن يوق بولغان،
ساختىلىقتىن پۈتكەن خاتىرە بېتىدە ئۇچۇپ يۈرمەكتە.
بەخىتنىڭ سىمۇلى بولغان ئاق كەپتەر ئۆزىنىڭ پەسلىكتە ئۈچۈپ يۈرگىننى بىلگىنىدە نىمە دەپ بۇقۇلداپ كېتەر-ھە.
ئۆتۈنۈپ قالاي،
ئاخىرقى قېتىم ئۆتۈنۈپ قالاي
سارغايقان خاتىرەنى ئەمدى قولۇڭغا ئالما!
ئىككى تەن بىر مەخسەت دەپ يېزىپ پۈتتۈرگەن،

سارغايغان ئوشبۇ خاتىرە ئالدىغان مەشۇق-ئالدانغان ئاشىق ئېگىلىرىدىن نەپرەتلەنمەكتە.

ئەسلىمە دىسەڭ چۈشەنمەپتىمەن،
يالدامىسى دىسەڭ چۈشەنمەپتىمەن،
خاتىرە دىسەڭ چۈشەنمەپتىمەن.
ئايرىلىش،
يىراقلاش،
بۆلىنىش،
تاشلىنىشنىڭ
تارىخىنى يېزىۋاتقىنىمنى  ھېس قىلماپتىمەن.
سەن بىلەن ماڭغان تۇنجى قەدەم-تارىخنىڭ تۇنجى بېتى بولدى.
لەۋلەردە يانغان چاقماق-تارىخنىڭ چوقانى بولدى.
تارىختىكى قوچاق ئەسكەرلەردەك يېزىلغان قۇرلار
پەقەت
ھەسرەت،
پەريات،
ئوھسىنىش...

دەستىدىن قاتقان ھەيكەلنىڭ ئۆزى بولدى.
زىناقلىرىڭدا قاتقان كۈلكەڭ يالغان،
بۇلاقتەك كۆزلىرىڭگە تولغان لىپمۇ -لىك ياشلىرىڭنىڭ ساختىلىقىنى

قولۇڭدىكى سارغايقان خاتىرە،
سارغايغان مىسرالار،
قۇرۇغان بەرگى،
قۇرۇغان ياپراقلار

ساختا!!!

دەپ چىرقىراپ توۋلىماقتا.
سەكرىگەن قەدەملەر،
يانغان مۇھەببەت،
يانغان كۆڭۈل،
يايرىغان دىل...
سىنىڭدىن سوۋىدى.
تىلىكىم،
ئارزۇيۇم،
ۋەدەم...

ئايرىم خانە ئىشرەت ئىلكىدە تولغىنىش يولىنى تاللىغىنىڭدىن خەۋەرسىز قالدى.

كەچۈرگىن!
سىنىڭدىن ئەمەس بەلىكى ساختىلىق بىلەن تولدۇرۇلغان خاتىرە بەتلىرىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
ئاپئاق بەتلىرىنى شەرەپسىزلەچە يالغانچىلىق بىلەن بوياپ،بۇلغاپ تاشلاشقا سەۋەپچى بولغىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن.


قولۇمدا پەقەر بىرتال قىزىل گۈل بارئىدى.
ساڭا سوۋغام بولسۇن دەپ كېشىلەر توپىنى ئارلاپ  سىنى ئەسلەپ كېتىپ باراتتىم،
ئەپسۇس !
مىڭ ئەپسۇس!!
سىنىڭ بېھاجەت يوللاردا  ئۆزۈڭنى يوقاتقان ھالدا ياتلارغا سوۋغا قىلىغان نازلىق كۈلكەڭنى ئاڭلاپ قالدىم.
ئارزۇدا كېتىۋىتىپ بىراقلا نىشانسىز قالدىم.
قوللىرىم تىتىردى.
قولۇمدىكى ئەمدىلا ئېچىلىشقا تەمشىلۋاتقان يومران قىزىل گۈل بەرگى تىتىرەشتىن پەيدا بولغان سىلكىنىشتە توزۇپ كەتتى،
بارماقلىمغا تىكەن قادالدى،
قانغا تولدى.
خىياللىرىم يالغۇزسىراپ،پەريات چېكىشكە باشلىدى.
ئۆلۈپ كەتمىدىڭ،
ئەمما يالغۇز قالدىم.
مەڭگۈ دىدىڭ ،
ئەمما يالغۇز قالدىم.
بىر ئۆمۈر دىدىڭ ،
ئەمما يالغۇز قالدىم.
ئۆلۈپ كەتمىدىڭ ،
ئەمما روھىڭنى يوقاتتىڭ.
ئۆلۈپ كەتمىدىڭ،
جۇپ گەۋدىنى تەنھالىققا ھۆكۈم قىلدىڭ.
ئۆلۈپ كەتمىدىڭ،
ئەمما قولۇمغا كىرگەن تىكەن كەبى يۈرىكىمنى قانغا تولدادىڭ.

ئىزھار-بولدى بەس!

يۇلتۇزۇم- بولدى بەس!
ئۆكۈنۈپ،زارلىنىشىممۇ يوق.
سەن ھامان بىر كۈنى تامامەن ئۇنۇتماقچى ئىدىڭ،
مەنــــــــــــمۇ تامامەن ئۇنتۇپ كېتىمەن،
يۇرۇكۇمدىن ئىسمىڭ يۇيـــۇلغان كۈنى.
قارچۇقتىن سىمايىڭ ئۆچكەن بىر كۈنى.
چۈشلىرىمدىن مەڭگۈلۈك قاچقان شۇ كۈنى.
يالغان ھەسرەت،ساختا خــــــــــــــوشاللىق
ئىشرەتخانىدا قۇچــــــــــــــــاقلاشقان كۈنى.
مەن چوقۇم بەك تاتلىق ئۇخلاپ كېتىمەن.
سەن كېچـــــــە ئۇيقۇسىز تولغانغان كۈنى
.

بــــــولدى قىل توۋلىما چاقىرما مـــىنى،
يەتمەيدۇ تەڭرىگە يالغانچى ئــــــــۈنى.
مەن چوقۇم تامامەن ئۇنتۇپ كېتىمەن،
سەن بۇلۇت قېتىدىن سۇ ئىچكەن كۈنى.
مەن چوقۇم تامــامەن ئۇنتۇپ كېتىمەن،
سەن ئۆزگـــــى ھېدىنى پۇرىغان كۈنى...



يازغىنىمنىڭ شېئىرمۇ،نەسىرمۇ ياكى باشقا ژانىردا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.

ئاپتۇرى:ئىزھار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېزھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 04:52 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 04:28:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمامنىڭ قۇرۇلمىسى،ژانىرى،ئۇسلۇپ جەھەتتىن ياردەم بېرىشىڭلارنى كۈتىمەن.ئەمما يېزىڭچىلىقىمغا مەسخىرە سوۋغا قىلماي،تەكلىپ -پىكىر بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئۇزۇن - قىسقا قۇرلارغا قارىماي،سۆز- جۈملىلەردىن ھوزۇرلىنارسىلەر.
قىسقىچە ئەسكەرتىش:ماڭا مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولمىغان بىر ھەۋەسكار،شوڭا گىراماتىكا بىلمەيمەن‹‹ھې ھې››
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېزھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 04:29 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-13 03:27 AM):
ياختۇرسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ                      ياختۇرمىسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
larzan + 200 مەكتەپتە ئۇقىغانلارد.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 10:41:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   خېلى ئوبدان يېزىپسىز! سۆز بايلىقىڭىز مول ئىكەن جۇما، ئۇنىڭدىن باشقا سۇبىيېكتىپ ھېسسىياتنىمۇ بەلەن ئىپادىلەپ بىېرىپسىز.
   باشتىكىسى چاچما شېئىرغا تەۋە بولاپ قالامدىكىن مەنچە.

ھايات ماڭا يىغلاش ئۈچۈن بىر سەۋەب تېپىپ بەرسە مەن كۈلۈش ئۈچۈن مىڭ سەۋەب تاپىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:32:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېسىياتىڭىزنى ئوبدان ئىپادىلەپسىز.يەنىمۇ تېرىشىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85284
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:48:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە سىزنىڭ بۇ ئەسىڭرىڭىز نەسىرى شېئىرغا تەۋە بولغۇدەك ........تىلىڭىز بەك ئۆتكۈر ،مول-مەزمۇنلۇق  بوپتۇ ،مەن شۇنداق ئىشغتىياق بىلەن ئۇقۇدۇم،رەھمەت سىزگە ،يەنىمۇ تىرىشىڭ!

بەخىتنىڭ ئۆزى دەل شۇ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىشتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:52:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقىچە ئەسكەرتىش:ماڭا مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولمىغان بىر ھەۋەسكار،شوڭا گىراماتىكا بىلمەيمەن‹‹ھې ھې››

ئۇكام ئىزھار؛-ئۇيغۇر تىلى ھەقىقىتەن ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۇقۇرى،ئەمما مۇرەككەپ تىل.بولۇپمۇ ئۇنىڭ فونىتىكىسى(تاۋۇش سىستىمىسى)،لىكسىكىسى(سۆلۈكلىرى)،گرامماتىكىسى(جۈملە بۆلەكلىرى)ۋەلوگىكىسى ھەققىدىكى قائىدە-پىرىنسىپلارنى تولوق بىلىپ كىتىش تەس.ئاشۇنداق كۈچلۈك ھىسياتنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
يەنە بىرى،ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەدەبىي تىلنى سېستىمىلىق ئىپدىلەشمۇ قىيىن،چۈنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ھەم ئۆزگىچە ئالاھدىلىككە ئىگە.نەسرى ئەسەرلەر، شىئېرى ئەسەرلەر،ئىپىك(فروزا)ئەسەرلەرقاتارلىقلار.بۇ تۈرلەرنىڭ قائىدىللىرىنى ئەدەبى ئىجادىيەت جەريانىدا ئۈگۈنۈپ كىتىسىز.تېخىمۇ تىرىشىڭ!

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:59:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىژگان يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 10:41 AM
خېلى ئوبدان يېزىپسىز! سۆز بايلىقىڭىز مول ئىكەن جۇما،  ...

ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ خوش بولدۇم.مىننەتدار بولدۇم.ئەمما‹‹سۇبىيېكتىپ››بۇ سۆزنى چۈشەنگەندەك بولدۇم يو يەنىلا چۈشەنمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:04:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىنارە يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 11:48 AM
مىنڭچە سىزنىڭ بۇ ئەسىڭرىڭىز نەسىرى شېئىرغا تەۋە بولغۇ ...

مەنمۇ سىزدەك ئويلىغان،شۇ سەۋەپتىن ئاخشام كېچىدە بۇ يازمامنى ‹‹نەسىرى شېئىرلار››سەھىپىسىگە يوللىدىم.بىرەر ئۇنۋىسىتىتتا،ئەدەبىيات-سەنئەت فاكولتىتىدا بىر يىل ئوقۇۋالغان بولسام ئىدى-ئىچىمدىكى نۇرغۇن ھېسياتلىرىمنى،تۇرمۇش يولۇمدىكى ئېچىنىشلىق،مۇھەببەتلىك يوللىرىمنى تولۇق يېزىپ ‹‹ئىزھار››ناملىق بىر پارچە كىتاپ چىقىرۋالسام...
خىياللىرىم ئۆزگىچە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:22:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 11:52 AM
قىسقىچە ئەسكەرتىش:ماڭا مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولمىغان  ...


مەخەت ئاكا؛-
ئەڭ ئاۋال سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن بىراۋغا سۆز قالدۇرغاندا،(ئاۋال ئىسىم ئاندىن ‹‹؛-››چېكىت پەش،ئاندىن سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدىغانلىقىنى بىلۋالدىم.
مەن نۇرغۇن تىرىشىپ چوڭ تىپتىكى ئەسەر يېزىپ بېقىشقا ئۇرۇندۇم،ئەمما مۇشۇ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم ئوتتۇرسىدىكى‹‹ دىئالوگ›› نى پەقەتلا ئۆلچەملىك چىقىرالمىدىم،شۇ سەۋەپتىن ئەسەر يېزىشتىن توختياپ قالدىم.مەن توردىن كىتاپلاردىن ئەدەبىيات،يېزىقچىلىق توغۇرسىدا خېلى ماتىريال كۆرگەن بولساممۇ بۇ قىسىمى سۆزلەنمەيدىكەن.ئىچىمدە نۇرغۇنلىغان يېتەرلىك دەبدەبىلىك سۆزلەر تۇرغان بولسىمۇ ئەمما فونىتىكىسى(تاۋۇش سىستىمىسى)،لىكسىكىسى(سۆلۈكلىرى)،گرامماتىكىسى(جۈملە بۆلەكلىرى)ۋەلوگىكىسى ھەققىدىكى قائىدە-پىرىنسىپلارنى تولۇق بىلەلمەي قالدىم.
فۇنكىسيە-تاۋۇش سېستىمىسى،
لىكسىيە-سۆزلۈك
فىراماتىكا-جۈملە بۆلەكلىرى
بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى ئىنكاسىڭىزدىن بىلۋالدىم.

مەن سىز ئېيىتقان جۈملە بۆلەكلىرىنى توغرا ئورۇنلاشتۇرالمىغانلىق سەۋەبىدىن،مەجبۇرى يۇقارقىدەك،ئۇزۇن-قىسقا قۇرلار بىلەن ئىپادىلەپ كەلدىم.
مەن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇغان بولساممۇ مىنىڭدەك بىرەر ئۇسلۇپتا يېزىلغان ئەسەرنى كۆرمىدىم،
مەخەت مۇئەللىم؛-سىزدىن بىر سۇئال سورىۋالاي-
ئەدەبىياتتا مەلۇم قائىدە-پىرىنسىلارنىڭ بولىدىغىننى بىلىمەن،چوقۇم شۇ قائىدە-پىرىنسىپلارغا چۈشۈرۈپ يېزىشىمىز كېرەكمۇ؟ياكى باشقىلارغا توغرا ئىپادىلەپ بېرەلىسەكلا ئۆزىمىز خالىغان بىر ئۇسلۇپنى يارىتىپ يازساق بولامدۇ؟
--------------------------------------------------------
مۇنبەردە يېزىقچىلىق توغۇرسىدا كىچىك دەرىسخانا سەھىپىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولسا،ئىشتىن چۈشكەن ئۇستازلاردىن سۇئالىمىزغا جاۋاپ تاپقان بولساق،دەرىسلىرىنى ئاڭلىغان بولساق،بەك ياخشى ئىش بولاتتى.
مۇنبەردە ھەممە تۈر بار ئەمما ‹‹دەرىسخانا سەھىپىسى›› يوق.باشقا مۇنبەرلەردىمۇ ھەم شۇنداق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېزھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 01:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 03:47:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېزھار يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 12:59 PM
ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ خوش بولدۇم.مىننەتدار بولدۇم.ئەمما ...

   سۇبىيېكتىپ ھېسسىيات دېگەن شۇ ئەسەرنى يازغان ئادەمنىڭ ئىچكى ھىسسىياتى دېگەنلىك. ھەر بىر ئەسەردە يازغۇچى ئۆزىنىڭ شەخسىي ھىسسىياتىنى، كۆز-قاراش، ئىدىيەلىرىنى ئىپادىلەيدىغۇ؟ سىزنىڭ شېئىرىڭىزدىنمۇ ئىچكى ھىسسىيات كۈچلۈك ئىپادىلىنىپ تۇرىدىكەن.

ھايات ماڭا يىغلاش ئۈچۈن بىر سەۋەب تېپىپ بەرسە مەن كۈلۈش ئۈچۈن مىڭ سەۋەب تاپىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش