مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4019|ئىنكاس: 33

توختى پوكاننىڭ ئامىتى(كۆرىۋېلىڭ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:46:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توختى پوكاننىڭ ئامىتى

(تۆتىنچى ھېكايە)

ئابلىمىت غۇجابدۇللا  قاراقاش

سېكرىتار ئۆزى يالغۇز شەھەرگە ئالتە قوينى يىتىلەپ كىرىپ كېتىپ دىگەندەك ئەتىسى كەچتە ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىق خەۋىرى يىتىپ چىقتى. ھېلىقى ئالتىمىز دەرھال بىر يەرگە كىلىپ سېكرىتار ئۈستىدىن جىددىي مۇزاكىرىگە ئولتۇردۇق:
- مەن نېمە دېگەن ئاغىنىلەر،- دېدى بوغالتىر بېشىنى لىڭىشتىپ گىدەيگىنىچە،- ئۇنىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغىنىغا مانا ئىككى كۈندىن ئاشتى، ئەمدى ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالانسىمۇ بىكار! ئۇنىڭ ئىشى ساقايدى!
- شۇنداق ئۇ ئەبلەخنىڭ تارتقۇلىقى تېخى ئالدىدا،-گەپ قىستۇردى ئەترەت باشلىقى شالۋۇرىنى ئېقىتىپ،- ئۇرۇق پۇلىنى تولۇق يىغماپسەن دەپ مىنى بوش تىللىمىغان ئىدى ئۇ بەڭگى...
- خوپ بولدى، كۆتىگە ياغ تۇلۇپ يىرىمىسا ئۇسۇرالمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئۇ نېمە...
- ...  ...
- ۋاي بولدى قىلشە!،- ۋاقىرىدىم ئاچچىقىمدا غەيۋەتكە چۈشكەن بۇ بەشىگە ئالىيىپ،-سېكرىتار بۇ يەردە بولغان بولسا ئالدىدا خۇشامەت قىلىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قىلىشار ئىدىڭ، ئەمدى نېمە گەپ؟ سېكرىتار قانداقلا بولمىسۇن ھەممىمىزگە تۇز بەرگەن ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ كىسىلىنى كۆرۈپ چىقايلى، قانداق دىدىم؟
ئۇلار گېپىمنى ئاڭلاپ بىردەم شوك بولۇپ قېلىشىپ ئاندىن ماڭا زەردە بىلەن جاۋاب بىرىشتى:
- دىگەنلىرىڭغۇ بىر ھىساپتا توغرا، ئىنسانچىلىق ئەمەسمۇ، بۇپتۇ شەھەرگە كىرىپ ئاۋۋال ئۇنىڭ  كېسىلىنى كۆرۈپ چىقايلى!
شۇنداق قىلىپ ئالتىمىز چۆنتىكىمىزنى تېشىغا ئۆرۈشۈپ سېكرىتارنىڭ كېسىلىنى كۆرگىلى شەھەرگە ئاتلاندۇق.
شەھەرلىك دوختۇرخانا بەك چوڭ بولغاچقا سېكرىتار ياتقان ياتاقنى تەسلىكتە تېپىپ ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا كىردۇق:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سېكرىتار!
كارۋاتتىكى سېكرىتاردىن ھېچ بىر سادا يوق.
«سېكرىتار ئۇخلاپ قالغان بولسا كېرەك؟»
بىز يوتقانغا چۈمكىنىپ ياتقان سېكرىتارنىڭ يوتقىنىنى ئاستا ئاچتۇق.
كارۋاتتا بولسا بىر كىچىك بالا ئۇخلاپ ياتاتتى. بىز ياندىكى كارۋاتتا ياتقان كېسەللەردىن سېكرىتارنى سۈرۈشتە قىلدۇق:
-يەتتىنچى رايوندىن كەلگەن سېكرىتارنى مۇشۇ كارۋاتتا ياتقان دەپ ئاڭلىۋىدۇق، بىرە ئىش بىلەن سىرىتقا چىكەتكەنمىدۇ؟
ياندىكى كېسەللەر بىزگە جاۋاب بىرىپ بولغىچە سېكرىتار ياتقان كارۋاتتىكى كىچىك بالا ئويغىنىپ بىز تەرەپكە ئۆرۈلۈپ قاراپ بېشىنى كۆتۈردى.
«ئاھ خۇدا، بۇ بالىنىڭ چىرايى سېكرىتارغا ئەجەب ئوخشايدىكىنا! توۋۋا كىچىك تۇرۇپ يۈزىنى بۇرۇت-ساقال بېسىپ كىتىپتىغۇ بۇ بالىنىڭ! سېكرىتارنىڭغۇ بۇنداق ياشتىكى نەۋرىسى يوق ئىدى...»
-ھەرقايسىڭ ...ئەمدى كېلىشتىڭما؟...
كارۋاتتىكى بۇ كىچىك بالىنىڭ ئاۋازى بەئەينى سېكرىتارنىڭ ئاۋازىدەك بوم چىقىۋاتاتتى. بىز بۇ ئاجايىپ ئەھۋالدىن بىر-بىرىمىزگە چەكچىيىشىپ ئېغىزىمىزغا كەلگەن تۈپۈكنى ئاران يۇتۇشۇپ كارۋاتتىكى بالىغا زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدۇق، بۇچاغدا ئارىمىزدىكى بوغالتىر كۆزىگە ياش ئېلىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى:
-سېكرىتار بۇ...بۇ ئۆزلىرىمۇ؟
بىز ھۇشىمىزنى يېغىپ بۇ بالىغا تېخىمۇ ئوبدان سەپسالساق سېكرىتارىمىزنىڭ نەق ئۆزى شۇ.
«خۇدايا توۋۋا قىلمىدىم، نېمە ئىش بۇ ئەمدى، چوپ- چوڭلا بىر ئادەم ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە كىچىك بالىنىڭ ئۈزىگە ئايلىنىپ قاپتىيا؟»
-سېكرىتار....سېلى...ئوبدان بولۇپ قالدىلىمۇ-يا؟،- دېدۇق ئالتىمىز كۆزىمىزگە كەلگەن ئىسسىق ياشنى يۇتىۋېتىپ تۇرۇپ ياقىمىزنى چىشلەشكە تەييار بولۇپ.
سېكرىتار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، مەن باشقىلارنىڭ چىرايىغا قارىسام ئۇلار ئەمدى يىغىسىنىڭ ئورنىغا كۈلكىسىنى بېسىپ تۇرۇشقاندەك بىلىنىپ قالدى، بۇنى كۆرۈپ مىنىمۇ كۈلكە تۇتىۋالدى...ئالتىمىز يەنە بىر قېتىم تەڭ ئاۋازدا ئۈنلۈك قىلىپ سېكرىتاردىن ئامانلىق سورىدۇق:
-ئوبدان بولۇپ قالدىلىمۇ سېكرىتار؟
ئاخىرى ئۇ ياتقان يېرىدىن چىچاڭشىپ سەكرەپ تۇرۇپ بىزگە ۋارقىرىدى:
-ماۋۇنى ئوبدانلامتا؟،- چاترىقىنى ئىككى قۇلى بىلەن چاڭگاللىدى سېكرىتار تۈپۈكىنى چاچرىتىپ،- تۈنۈگۈنكىدىن بۈگۈن بەك تېخى!...
بىز سېكرىتارنىڭ غەزەپكە تولغان قانلىق كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئېيتقۇسىز بىر دەرتكە قالغانلىقىنى پەملەپ دەرھال قولىمىزدىكى قەن-ناۋاتنى كارۋاتقا تاشلاپ قۇيۇپ ياتاقتىن تىكىۋەتتۇق.
كارىدورغا چىقا-چىقماي ئالتىمىز پارتلاپ كېتەي دەپ قالغان كۈلكىمىزنى تېشىغا قۇيىۋېتىپ راسا كۈلۈشىشكە باشلىدۇق:
-خۇدايا توۋۋا، ئۆمرۈمگە كىلىپ بۇنداق ئىشنى كۆرمەپتىكەنمەن،- دېدى ئەترەت باشلىقى ياقىسىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ كۈلگىنىچە،- سىقىۋاتقان ئۈزۈمدەك بولۇپ قاپتىيا ماۋۇ ئادەم!
- شۇنى بىر دېمەڭلا، غايىپتىن بىرە كارامەت كەلدىمۇ-يا ئۇنىڭغا، كىچىك بالىغا ئۆزگىرەلەيدىغان!
- پارىخورلارنىڭ خوتۇنلىرى پېرىخونمىدۇ ياكى ئەۋلىيامىدۇ؟
-ئاشۇلار شوراپ- شۈمۈپ مۇشۇنداق قىلىۋەتكەنمىدۇ ئۇنى؟
- سىلىنىمۇ مۇشۇنداق ئىمىۋەتكەنما ئاداش؟
-مەن باشتا دىگەنغۇ،-دېدى بۇغالتىر كۈلكە دەستىدىن كۆزىدىن چىكەتكەن ياشنى يېڭى بىلەن سۈرۈتۈپ تورۇپ،- ئۇلار سېكرىتارنى شوراپ ئىچى ئەزايىنىمۇ سۇغۇرۇۋەتكەن گەپ...كىم ئۇنى ئالتىنى تارقاتسۇن دەپتۇ، ئالتىنى تارقاتقانغا تويسۇن ئەمدى!
- ئۇنىمۇ تىككەنمىدۇ؟
- ۋاي تىكمەمدىغان، تىكىپ تور تۇقىۋەتكەن گەپ...سېكرىتار ئەمدى مەھەللىدە كىيىم كىيمەي يالىڭاچ ماڭسىمۇ ئەشۇ توردىن تىكىلگەن كېيىمى بىر ئۆمۈر يىتىدۇ ئۇنىڭغا...
- تور كېيىمى يىرتىلىپ كەتسە ئۆپكىدەك سېمىز كۆتى ئۇچۇق قالارمۇ ئەمدى؟
- ھەسەن موزدۇز  بارغۇ تىككىلى!
بىز كۈلكىمىزنى زادى توختىتالماي دوختۇرخانا ھويلىسىغا چىقىپ قالدۇق، بۇ چاغدا بۇغالتىر كۈلكىسىنى پەسەيتىپ ئېيتتى:
-چوڭ بىر ئادەم تۇرۇپ شۇنچە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا چاترىقىنى چاڭگاللاپ يۈرگىنىنىڭ نېمىسى، كاللىسىدىن كىتىپتىمۇ نېمە؟
- ھېلىغۇ سېكرىتاركەن،- دېدى كەنتە مۇدىرى گەپ قىستۇرۇپ،-مۇشۇ شەھەرىدىكى بورھان ھاجى دېگەن ھېلىقى مۆتىۋەر قېرى تىۋىپنى ھەممىڭلار تونۇيدىغانسىلەر؟
-شۇنداق تونۇيمىز، ساقىلى مەيدىسىدىن ئاشىدىغان خېزىر سۈپەت كىشىغۇ ئۇ!،- دېدىم گەپنىڭ ئاخىرىغا تەقەززا بولۇپ.
- ئايالىم يېڭى تۇغۇتلۇق ئىدى ،- دېدى كەنتە مۇدىرى كۈلگىنىچە گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- بىرسى «تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بېشىغا ئوق دۇرىسىدەك بىر نېمە قۇيۇپ قويسا، جىن-ئالۋاستى ئاپىتىنى سالالمايدىكەن» دېدى، مەن مەھەللىمىزدىكى پەرھات پاۋاننىڭ قېشىغا مىلتىق دورىسى بارمىكىن دەپ بارسام ئۇ جاڭگالغا چىكىتىپتۇ، يېنىشىمدا سايت چولاق ئۇچراپ قالدى، ئۇنىڭ بىلىشى كۆپ بولغاچقا گەپ تىشىپتىمەن، سايىت چولاق دېگەن راھەندى«مىلتىق دورىسى» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ شەھەردىكى بورھان ھاجىمدا ئەڭ ياخشىسى بار دىمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن شەھەرگە كىرىپ ھاجىمنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ مىڭ بىر بالادا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم، «ھاجىم مىلتىق دورىسى بارمۇ؟» دىسەم، «ۋاي بارئۇكام!» دەپ بىر قۇتا دورا بەردى، مەن پۇلىنى بېرىپ قايتاشىمدا قۇتىنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ قاراپ باقسام بىرخىل ئۇماچ ھالەتتىكى مەجۈنى دورا ئىكەن، مەن كۆڭلۈمدە«مىلتىق دورىسى دېگەن قۇرۇق قۇمدەك بولماسمۇ، ھاجىم خاتا بەرگەن ئوخشايدۇ» دىگەننى ئويلاپ كەينىمگە يېنىپ بورھان ھاجىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىنچىكىلەپ سورىدىم، «ھاجىم مىلتىق دورىسى دېگەن قۇمدەك ئەمەسمىدى، بۇ....قانداق مىلتىق دورىسى؟» بۇ چاغدا دۇكاننىڭ ئالدىدا ئەللىك-ئاتمىشچە ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرۇپتىكەن، بورھان ھاجىم دېگەن بۇ كۇسپۇرۇچ شۇنچە ئادەملەرنىڭ ئالدىدا دۇكىنىغا قۇيۇلغان ئۈستەلگە سېرىكچىدەك «دىككىدە» سەكرەپ چىقىپ ئۇزۇن ئاپئاق ساقىلىنى دولىسىنىڭ كەينىگە «شاپپىدە» ئېلىپ قويدى-دە پەلتۇسىنىڭ ئىككى پىشىنى بىلىگە قىستۇرۇپ قۇيۇپ چاترىقىنى ئىككى قۇلىدا چاڭگاللىغىنىچە «قانداق مىلتىقنىڭ دورىسى بۇلاتتى ئۇكام، مانا مۇشۇنداق مىلتىقنىڭ دورىسى!» دەپ ماڭا قاراپ ۋارقىرماسمۇ؟
كەنتە مۇدىرىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ توختىغان كۈلكىمىز يەنە باشلىنىپ كەتتى.
- شۇنداق بۇ كۈندىكى كىشىلەرگە نېمە بولۇپ كەتتىكىن تاڭ،- دېدى ئەتىدىن بىرى گەپكە ئانچە ئارىلاشمىغان ئاز-تولا گېزىت كۆرۈشكە ئامراق ئەترەت باشلىقىدىن بىرى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ،- ھە دىسىلا چاترىقىنى چاڭگاللاشقان بۇ خەق!
- قانداق دەيسەن؟
- قايسى كۈنى،-دەپ گەپ باشلىدى ئۇ سۈزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- كەنتە بىلەن ئەزالارئوتتۇرىسىدىكى دىن باشقۇرۇش توختامنامىسىنىڭ چالا قالغىنىنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن ياسىن يۇۋاشنىڭ ئۈيىگە باردىم دەڭلا...
- ھە نېمە بولدى، خۇدا قۇلى بىر ياۋاش ئادەم ئىدىغۇ ئۇ؟
- ھەئە بەك خۇدا قۇلىكەن، توختامنامىگە قول قۇيۇپ بولغاندا ئۇنىڭغا توختامدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ «باللىرىنى يەر ئاستى قانۇنسىز دىنىي ئۇقۇتۇش نۇقتىلىرىغا بەرمەيدىلا، چۈشەندىلىما؟»
دېسەم ياسىن ياۋاش دېگەن ئەبلەخ ئالدىمدا شۇنداق چىرايلىق قول قۇۋۇشتۇرۇپ «چۈشەندىم، ماقۇل غۇجام!» دېدى، ئارقىدىن «ئەگەر مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرسە ئىككى مىڭ يۈەندىن ئون مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە تۆلەيدىلا، چۈشەندىلىما؟» دېسەم «چۈشەندىم، ماقۇل غۇجام!» دەپ كۈلۈپ تۇردى، قارىسام ئايالى ھەم بەش-ئالتە ياشلىق ئىككى بالىسىمۇ قول قۇۋۇشتۇرۇپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ...ئىچىمدە «نىمانچە قۇلىقى يۇمشاق ياخشى ئادەملەر بۇ، ئۇششاق باللىرىنىڭمۇ قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرغىنىنى» دەپ مەستلىكىم كەلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ قوشنىسىنىڭكىگە چىقىپ توختامنامىگە قول قويدۇرۇۋېتىپ بۇلارنىڭمۇ مۇشۇنداق قول قۇۋۇشتۇرۇپ ھىجىيىشىپ تۇرغىنىنى كۆردۈم، لېكىن كاللامغا قايسىدۇر بىر ئەللامىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدىكى ھېكايىسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى، ئۇ ھېكايىدىمۇ باشلىق گەپ قىلسا پۇقرالار «ماقۇل غۇجام!» دېيىشكىنىچە قول قوۋۇشتۇرغان بولۇپ چاترىقىنى چاڭگاللاپ تۇرۇشۇپتىكەن...
بۇلارنى ئويلاپ تۇيۇقسىز تېنىم شۈركىنىپ يېنىمدىكىلەرگە قارىسام راستىنلا چاترىقىنى چاڭگاللاپ مىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشۈپ تۇرغاندەك... مەن كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي يۈگۈرۈپ چىقىپ ياسىن يۇۋاشنىڭ ھويلىسىغا كىردىم، ئۇلار يەنە بايامقىدەك ماڭا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ زادى چاترىقىنى چاڭگاللىغان-چاڭگاللىمىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىيالماي ئۇنىڭ خوتۇنىغا قارىسام ئۇخوتۇنمۇ چاترىقىنى چاڭگاللاپ تۇرغاندەك...
ئەستەخپۇرۇللاھ بۇ بىر ئايال كىشى تۇرسا چاترىقىنى چاڭگاللاپ تۇرغىنىنىڭ نېمىسى؟خاتا كۆرگەن ئوخشايمەن دەپ ھېلىقى قوڭىغا ئىشتان كىيمىگەن ئىككى كىچىك نارەسىدىسىگە قارىسام ئۇ ئىككى شۇمتەك ئىككى قۇلى بىلەن قوڭغىرىقىنى مەھكەم چاڭگاللاپ تۇرۇشماسمۇ؟ بۇنى كۆرۈپ ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلىدى، بۇ خەق چوقۇم بىز گەپ قىلساق مۇشۇنداق چاترىقىنى چاڭگاللاپ تۇرۇشنى ئالدىن دېيىشىۋالغان گەپ بولمىسا بۇ ئىككى ماڭقىسى نېمە قىلىدۇ قوڭغىرىقىنى چاڭگاللىشىپ....
بىز شۇنداق قىلىپ كۈلۈشكىنىمىزچە پاراڭلىشىپ شەھەردىن ياندۇق.

بوغالتىرنىڭ دىگىنىدەك ئىككى كۈنگە قالماي بىچارە سېكرىتارنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى يىتىپ چىقتى...
مەھەللىدە سېكرىتارنىڭ ئۆلۈمى توغرىلىق خىلمۇ-خىل گەپلەر تارقالدى، بەزىلەر«رەھمەتلىك قۇيۇندا قېلىپ جىن ئۇنىڭغا ئاپىتىنى ساپتۇ..» دېسە بەزىلەر«سېكرىتاردا ئۈچى بار كىشىلەر ئۇنى باخشىغا ئوقۇتۇپ ئۆلتۈرۋېتىپتۇ...» دېيىشتى، يەنە بەزىلەر«قوناقلىققا سۇلاق قىلغىلى چىققان يەردە كۇسۇپ قالغان ئىتلار سېكرىتارنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ تالاپ ئۆلتۈرۋېتىپتۇ...» دېگەن گەپلەرنىمۇ قىلىشتى...
سېكرىتارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىدىن بىزنىڭ بىر ئاز خەۋىرىمىز بار ئىدى لېكىن زادى نېمە بولۇپ ئۆلۈپ  كەتكەنلىكىنى بىزمۇ تازا چۈشەنمەيتتۇق، بوغالتىر بولغان خۇمپەرمۇ ئۇ خوتۇنلارنىڭ نېمە كارامىتى بارلىقىنى بىزدىن مەخپىي تۇتۇۋاتاتتى.
سېكرىتارنىڭ نامىزىمۇ ئۇقۇلدى، دەپنە گاھلىقتىن يانغاندا مەن جەسەت يۇغۇچىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم:
- ئاكا، سېكرىتار رەھمەتلىككە زادى نېمە بولۇپتۇ، بەدىنىدىكى يارىسى ئېغىرمىكەن؟
- ۋاي ئۇكام بۇنى سورىما، يامان بولىدۇ!
- ئىنسانغا تىنمايمەن ئاكا!
- قوناقلىقتا كۇسۇپ قالغان ئىتلارنىڭ تالىۋالغىنى راست ئوخشايدۇ، سايمان-جابدۇقلىرىنىڭ بىرىمۇ يوق ئۇكام!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىم بىر قايدى.

«خۇداغا  قىلغىنىم بار ئىكەن، ھېلىمۇ رەھمەتلىك مىنى يېزىغا بۇيرۇپتىكەن، ناۋادا شەھەرگە بۇيرۇغان بولسا بۇ چاققا يەتتە كەتمەن توپا مىنىڭ ئۈستۈمگە تاشلىناركەن!»

ئىچىمدە خۇداغا مىڭ شۈكرى قىلدىم.

       *     *       *       *      *       *       *

ئۇزۇن ئۆتمەي مەھەللىمىزنىڭ يورۇت چوڭلىرى ماڭا باش-پاناھ بولۇپ تويۇمنى ئوبدانلا قىلىپ بەردى. ماڭا نىسبەتەن ئاسماندىكى ئاي بولغان ھاجىمنىڭ قىزى پاتمىخانمۇ ئاخىرى قولۇمغا چۈشتى، لېكىن توي ئاخشىمى سايىت چولاق دېگەن پەسەندىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ تىۋىپ ئاخۇنۇمنىڭ ئەشۇ «ھەببە ئاداراق» دېگەن دورىسىنى يەۋالغانلىقىم ئۈچۈن ھوجرىغا كىرە-كىرمەي چىشىم گىرەلىشىپ قېلىپ پاتمىخانغا دىيىشكە تەييارلاپ قويغان كۆڭلۈمدىكى گەپلەردىن ھېچقايسىسىنى ئېيتالمىدىم، دورا تەسىرىدىن بوينۇم قېتىپ قېلىپ ئىككى يېنىمغا  قارىيالمىغاچقا يېنىمدىكى پىخلىداپ كۈلۈپ يۈرگەن سايىت چولاقنى بىر ئېغىز تىللاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي پاتمىخان سالغان يوتقان- كۆرپىگە دەرەخ ئۆرۈلگەندەك يېقىلغان پېتىم كىرىپ كەتتىم....
ئەتىسىدىن باشلاپ بىزنىڭ بەختلىك كۈنلىرىمىز باشلاندى، پاتمىخاننىڭ ئايىغى يارىشىپ ئۆلەي دەپ قالغان قۇتا قويۇم بىر قېتىمدا ئىككىنى قوزىلاپ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلدى...
«ئاينىڭ ئونبەشى يورۇق، ئونبەشى قاراڭغۇ» دىگىنىدەك بىزنىڭ مۇشۇنداق ئاسايىشلىق–خۇشال كۈنلىرىمىزدە ناھايىتى ئازساندىكى بىر ئۇچۇم يامان نىيەتلىك كىشىلەر ھەرخىل-ھەرياڭزا ئىشلار بىلەن جەمىئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى بىر ئاز جىددىلەشتۈرۈپ قويدى...
يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن بىز كەنتە كومتېتىدا بىر قىسىم ياشلارنى تەشكىللەپ يول-يوللارغا چازا قۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ تېگى-تەكتىنى ئىنىقلاپ گۇمانلىق كىشىلەرنى بايقىساق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەۋەر قىلماقچى بولدۇق.
شەھەردىن بىزنىڭ كەنتىمىزگە ئالتە كىلومېتىر كىلەتتى، ھەر بىر كەنتە ئۆز ئالدىغا چازا قۇرۇپ «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان ھەركىتى» نى قانات يايدۇرغاچقا سىز مەيلى شەھەرگە كىرىڭ ياكى شەھەردىن بىزنىڭ كەنتىگە چىقىڭ چوقۇم كامىدا ئالتە يەردىكى چازىدىن ئۆتۈشىڭىزگە توغرا كىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئالتە ئۇرۇندىكى خەلق پىدائىيلىرىغا كىملىكىڭىزنى كۆرسىتىشىڭىز، تىزىملىتىشىڭىز شەرت، بويسۇنمايدىكەنسىز ئۇمۇمى ۋەزىيەتكە ماسلاشمىغان بولىسىز...
بۇ قېتىم كەنتىمىزنىڭ ئامىتى كەلدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا مىنىڭ تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەن بولدى. بىزنىڭكىدىن باشقا كەنتلەر ئۆزىنىڭ كىچىك تۇپىلاڭ يوللىرىغا چازا قورىغان بولسا ئەكسىچە بىزنىڭ كەنىتكە ماشىنا-تراكتورلار كۆپ ماڭىدىغان چوڭ يولغا چازا قۇرۇش توغرا كەلدى...
كەنىتتىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىمىز يەكشەنبە كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىشنى تالىشاتتۇق چۈنكى بۇ بازار كۈنىدە بۇ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىرىدىغانلار ئىنتايىن جىق ئىدى، كەنتە كومىتېتىدىكى يېقىنلىرىمنىڭ شاپائىتىدە مىنىڭ بازار كۈنلىكىدە چازىغا چىقىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى...
يەكشەنبە تاڭ ئاتار كېچىسى خۇشاللىقتىن ئۇخلىيالماي تاڭنى بەكلا تەستە يورۇتتۇم، چۈنكى مەن ئەمدى قۇلۇمدىكى ئالا كالتەكنىڭ كۈچى بىلەن يوللاردا ئىلگىرى تۇپا-چاڭ چىقرىپ بىزنى بۇخۇناق ئىچىگە تاشلاپ قۇيۇپ مەغرۇرلارچە كېتىپ قالغان ماشىنا –تراكتورلارنى خالىغانچە توختىتىپ ئىچىدىكى ئادەملەرنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ چىقالايتتىم. تېخى ماشىنا-تراكتورلاردىكى ھارامزادە شوپۇرلاردىن باشلاپ دېمىقى ئۈستۈن ئاخۇنۇم-داموللىلارغىچە يەرگە چۈشۈپ ئالدىمدىن ئۆچىرەت بولۇپ مېڭىشاتتى، كۈلگىسى بولمىسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ماڭا خۇشامەت قىلىشاتتى، بولمىسا ئىككى قۇلۇمنى تامبىلىمىنىڭ يانچۇقىغا تىقىۋېلىپ «ئاۋۇ نېمەڭ كەمكەن! ماۋۇ نېمەڭ يوقكەن!» دەپ ئۇلارنى بوش چۇكۇلداتمايتتىم...
ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن چىرايلىق ئايالىم پاتمىخان تويدا كېيگەن چىبەرقۇت تامبىلىمنى يوتقان دەزمىلىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ مىنى ئوبدانلا ياساندۇرغاندىن كېيىن كان ئۇچاققا كۆمۈپ قويغان سوقتا كۆمەچنى پوتامغا تۈگۈپ بىرىپ بوينۇمغا ئېسىلغىنىچە مىنى ئۇزۇتۇپ قويدى...
يېڭى ئىش ئورنۇمغا بېرىپ يېڭىمگە قىزىل يەڭلىك تاقىدىم-دە خىزمەتكە ئاتلىنىپ كەتتىم، مەن بۈگۈن بىر كۈنلۈك  چازىنىڭ باشلىقى بولغاچقا ھەممە ئىشلارنى قول ئاستىمدىكى تۆت-بەش مەدىكار قىلاتتى، مەن ئىككى قۇلۇمنى يانچۇقۇمغا تىقىپ ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلاتتىم، كىشىلەرمېڭىۋاتىدۇ...كىملىك تىزىملىنىۋاتىدۇ...ئاللا كارامەت...بۈگۈن بۇ تەۋەلىكتە مەندىن چوڭى بولماس...قۇلۇم ھېلى يانچۇقۇمدا...ھېلى كەينىمدە...قورسىقىمنى ئالدىمغاچىقىرىپ باداڭ قۇرساق بولۇپ كىبىرىمنى كۆرسىتەي دىسەم يا قۇرسىقىم چىقمىغان...
- چازىجاڭ، ماۋۇ خوتۇننىڭ شىپىيجىسى يوقكەن قانداق قىلىمىز؟-دېدى قول ئاستىمدىكى بىرسى خىزمەت دوكلات قىلىپ.
«چازىجاڭ» دېگەن گەپتىن كۆڭلۈم سۈيۈنۈپ باشقىچە خۇشاللىق ھېس قىلدىم-دە ئۇنىڭغا يۇغانلىقىمنى كۆرسىتىپ ۋارقىرىدىم:
- بولمايدۇ، بولمايدۇ، شىپىجىي بولمىسا قەتئى مېڭىشقا بولمايدۇ!
بۇ چاغدا يۈزىنى يۆگىۋالغان بىر چوكان گېلىنى قىرىپ ماڭا توۋلىدى:
- شىپىجىي دىگىنىڭ كىملىك شۇدۇ؟ توختاپ تۇرۇش ئىرىم ھازىر ئېلىپ كېلىدۇ...
- خېنىم نېمە ۋارقىرايسىز،-دېدىم ئۇ خوتۇنغا جاۋابەن،- ھازىر ۋەزىيەتنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدىغانسىز؟ يۈزىڭىزنى ئېچىڭ تەكشۈرىمىز!
- توختاپ تۇرۇش، ئېرىم ھازىر كېلىدۇ!،- دېدى ئۇ خوتۇنمۇ بوش كەلمەي.
- ئېرىڭىز ھەرقانچە بولسىمۇ يامۇلنىڭ ئامبىلى ئەمەستۇ ئۇز خېنىم!
شۇنداق دېيىشىمگە بىرسى كەينىمدىن دولامغا قۇلىنى«پوككىدە» قۇيۇپ ماڭا ئۈنلۈك گەپ قىلدى:
- شۇنداق يامۇلنىڭ ئامبىلىمەن توختاخون!
مەن بۇ ناتۇنۇش ئاۋازدىن چۇچۇپ كەينىمگە قارىسام مەن دىمەتلىك بىرسى ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ.
-مەن سىلىنى تونىمىدىمغو!-دېدىم ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۇنى مەنسىتمەي.
- سىلى مىنى تونىمىغان بىلەن مەن سىلىنى ئوبدان تۇنۇيمەن توختاخۇن!-دېدى ئۇ مىنى يول بۇيىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۈيىگە شەرەت قىلىپ.
مەن ئۇنىڭ قۇلىدىكى ياغلىققا ئورالغان نەرسىگە قاراپ دەرھال چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دېھقاننىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدىم. ئۆي ئىگىسى كۆرۈنمەيتتى. ئۇ مىنى ئايۋانغا باشلاپ ئىشكنى ھىم ئەتتى-دە ياغلىققا ئورالغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر تال كىملىكنى قۇلىغا ئېلىپ ماڭا ئېيتتى:
- سىلىگە لازىمى ئايالىمنىڭ مۇشۇ كىملىكىدۇ؟
- شۇنداق، نېمە دىمەكچىسەن؟
- مەن ساڭا دەپ قوياي توختى پوكان، تولا ھەددىڭدىن ئاشما!
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ ياقامنى تۇتقىنىچە يۈرىكىمنىڭ ئېغىزىغا ئىككىنى تىزلىۋىدى، ئولتۇرۇپلا قالدىم...ئاندىن بىلىمىدىن تۇتىۋېلىپ يانپاشقا ئالدى-دە بېشىدىن ئۈستۈن كۈتۈرۈپ ئايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىغا تازا بىر سالدى...«دۈڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن بېشىم پىقىراپ كۆزۈمنى قاراڭغۇلۇق باستى...
كاساپەت ئەسلىدە مۇشۇ يۇرتنىڭ داڭلىق چېلىشچىسى ھەم لۈكچىكى ئىكەن... مەن ئۇنى تونۇماپتىمەن...ئورنۇمدىن دەلدەڭشىپ ئاران تۇرۇشۇم بۇ ھارامدىن بولغان بىر قۇلى بىلەن گېلىمنى بۇغۇپ تۇرۇپ يەن بىر قۇلىدا كىملىكنى ئەكىلىپ ئاغزىمغا تىقماسمۇ؟
ھۆكۈمەتمۇ تازا قىزىق، كىملىك دېگەننى كىچىكرەك ياسىمامدۇ، بۇ ئەبلەخ كىملىكنى ئېغىزىمغا تىقىمەن دەپ تاس قالدى ئېغىزىمنىڭ ئىككى جاۋغىيىنى يىرتىۋەتكىلى ، بىر ھىساپتا ھۆكۈمەت يەنىلا يىراقنى كۆرىدىكەن، ناۋادا كىملىك دېگەننى قەرت ياكى دەپتەر چوڭلۇقىدا ياسىغان بولسا بۇ ھاراملىق كىملىكنى ئېغىزىمنى قايچىدا كىسىپ تىقامدىكىن تاڭ؟...
- كىملىككە تويدىڭما ئىتنىڭ بالىسى! تولا ھەددىڭدىن ئاشما، بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، بىز يەنە قالىمىز ماۋۇ يۇرتتا؟
- ماقۇل...،-دېدىم ئېغىزىمدىكى كىملىكنى تەستە سۇغۇرۇپ ئېلىپ.
- يەنە خوتۇنۇمغا قالايمىقان گەپ قىلىدىغان بولساڭ، تىلىڭنى كېسىۋېتىمەن!
- ماقۇل دىدىمغۇ!!!
شۇنداق قىلىپ بۇ بەدبەخنىڭ ياغلىقىدىكى نەرسىسىدىن تەما قىلىپ بۇ نەس باسقان ئۆيدە بولدى دىگۈچە تاياق يەپ چىقتىم-دە قول ئاستىمدىكى نان قېپىلارغا ۋارقىرىدىم:
- بولدى، بۇ خان ئاچىمىز ئۆتۈپ كەتسۇن!
- بۇ ئاياللارنىڭمۇ شىپىيجىسى يوقكەن قانداق قىلىمىز  چازىجاڭ؟
ساناپ باقسام يەتتە-سەككىز چوكان، بۇلارنىڭ ئېرىمۇ  ھەرقاچان چېلىشچى بولسا كېرەك قارىسام ئەپتى شۇنداق يامان- ماڭا ئالايغىنى ئالايغان...«سەككىزىنىڭ ئېرى كېلىپ سەككىزتال كىملىكنى يەنە ئېغىزىمغا نۆۋەت بىلەن تىققىلى تۇرسا قانداق قىلارمەن؟» ئاچچىقىمدا ئاغرىپ كەتكەن ئېغىزىمنى تۇتۇپ ۋارقىرىدىم:
- ھەممىسىنى ئۆتكۈزۋەت! مەن بۇ دۇنياغا خاس كىملىك يېگىلى تۇغۇلمىغاندىكىن!
ئۇلار ئەمدى ئۆتۈپ كىتىشى بىر كىچىك ماشىنا چىقىپ كەلدى، ئادەتتە بۇنداق كىچىك ماشنىلارنىڭ ئىچىدە كۆپۈنچە مەخپى خىزمەت تەكشۈرۈدىغانلار بولاتتى، ئۇلار كۈندە دىگۈدەك بىر –ئىككى قېتىم چىقىپ ھە دىسىلا «ئۇنى بوش قويۇشۇپسەن! بۇنى ياخشى تەكشۈرمەپسەن!» دەپ كەنتە كومتېتىغا ناھايىتى ئېغىر جەرىمانە قۇيىۋېتەتتى. شۇڭا بايا يېگەن تاياقنىڭ ئاچچىقىدا بۇ ماشىنىنى ئۆزەم تەكشۈردۈم:
-ماشىنىدا قانچە ئادەم بار!
- ئىككى ئادەم بار!- دېدى ھاكاۋۇر شوپۇر ئېغىزىدىكى پاپىرۇسنىڭ ئىسىنى ماڭا پۈۋلەپ تۇرۇپ.
- ئىككىڭلار چۈشۈپ بۇيەرگە تىزىملىتىڭلار!
بۇ چاغدا شوپۇر قۇلىدىكى تاماكىنىڭ قالدۇقىنى ماشىنا ئىشىكىنىڭ ئەينىكىدىن يەرگە چۈشۈرىۋېتىپ ماڭا ئۈنلۈك ئېيتتى:
- ئۇكام! ماۋۇ يېنىمدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟
- كىم بۇلۇشىدىن قەتئىي نەزەر تىزىملىتىشى كېرەك!،- دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.
- ماۋۇ دېگەن شەھەر باشلىقى ئۇكام!
- شەھەر باشلىقى؟
مەن سەل جىددىلىشىپ ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئۇ كىشىگە تازا سەپ سېلىپ چىقتىم، ئۇ شەھەر باشلىقى ئەمەس ئىدى، چۈنكى مەن شەھەر باشلىقىنى بىر قېتىم باجام تۇرانىياز باشلىقنىڭ ئۆيىدە پىششىق كۆرۈۋالغان ئىدىم. دەل مۇشۇ  چاغدا «شەھەرباشلىقى» تۇيۇقسىز ماڭا تىل سالدى:
- ۋۇ ياللانما ئىت!  ئۆزەڭنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ؟!
ئۇنىڭ ھاقارىتىنى ئاڭلاپ كاللامدىن قوقاس قۇيۇلۇپ كەتتى.
- نېمە؟ تېخى مىنى ئىت دەپ تىللىداڭما؟ تۈفىي! ساڭا بوزەك بۇلىدىغان جاننى بۈگۈن ساڭا تىكتىم، بايا بىرسىڭ كىلىپ ئاغزىمغا كىملىك تىقىشىسەن، ئەمدى بىرسىڭ  قۇپۇپ مىنى ئىت دەپ تىللىشىسەن، دىگىنە ھەزىلەك، بىز كىم ئۈچۈن يول تۇسىۋاتىمىز! بىزنى ئىت قىلغان سەن خۇنىسارلار ئەمەسمۇ؟،- مەن شۇنداق دېگىنىمچە يېنىمدا قاراپ تۇرغان قوشۇن ئەزالىرىمغا بۇيرۇق قىلدىم:
- ماۋۇ تېررورچىنى تۇتۇڭلار!
ئەزالىرىم«تېرورچى»دىگەننى ئاڭلاپ ھاينى-ھۇيت دىگۈچە شوپۇرنى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ قۇلىنى كەينىگە باغلاپ ئۈلگۈردى، مەن بۇ پۇرسەتتە ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ھېلىقى ئاتالمىش«شەھەر باشلىقى»نىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ يەرگە كۈچەپ تارتتىم.
بوي-بەستى مىنىڭدىن قاۋۇل بولغان بۇ خام سېمىز يالغان شەھەر باشلىقى  توكتا يېرىلىپ پارنىكتا چوڭ بولغان نېمە بولسا كېرەك، بىر تارتىشىمغىلا ماشىنىدىن يەرگە موللاق ئېتىپ چۈشكەنچىلىك قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ خورىكىم ئۆستى-دە ئابايام ئېغىزىمغا كىملىكىنى تىقىپ ئوينىغان چېلىشچى ھارامىدىن ئالالمىغان ئۆچۈمنى بۇ گەدەنكەشتىن تازا بىر ئالماقچى بولۇپ بىر قۇلىنى ئارغامچا ئەشكەندەك كۈچەپ تولغىدىم، ئۇ ۋايجانلىغان پېتى يەرگە دۇم يېتىپ ئىڭراشقا باشلىدى، ئەتراپقا قارىسام يېنىمدا بىرەسى يوق، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۇ ئەبلەخنىڭ كاللىسىنى ئوڭ پۇتۇم بىلەن دەسسەپ ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىدىكى يۇمشاق قۇم توپىغا تازا چىڭ پاتتۇردۇم، ئۇنىڭ مايلانغان پارقىراق چاچلىق بېشىنىڭ يېرىمى پىشانىسى بىلەن قېتىلىپ قۇمغا بولدى دىگۈچە پاتتى، لېكىن ئېغىز-بۇرنى يەنىلا  قۇم ئۈستىدە تۇراتتى، مەن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئاستا ئىككى يېنىمغا قارىۋېتىپ سول پۇتۇمدا قۇملارنى يېغىپ ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرنىغا تازا تىقتىم، ئۇ ئەمدى چوشقىدەك چىقىراپ –خاخىرغىنىچە يىغلاشقا باشلىدى:
-جېنىم ئۇكام... ماڭا رەھىم قىلغىن! ...ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن!...
- ئېيتە سەن راست شەھەر باشلىقىما؟
- ياق ئۇكام...مەن شەھەردىكى بىر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى!
- نېمىشقا راست گەپ قىلمايسەن؟
- شوپۇرنىڭ كەينىگە كىرىپ ئەتىدىنكى چازىلاردىن شۇنداق ئۆتۈپتىكەنمىز ئۇكام...
- سەن بىر كادىر تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرسەڭ، باشقىلار نېمە قىلىدۇ؟
- مەن خاتا قىپتىمەن ئۇكام، ماڭا رەھىم قىلغىن! ئەمدى ئېغىزىمغا تۇپا تىقما!...خوداھەققى...
بۇ غۇرۇرسىز ئەبلەخنىڭ خوتۇن كىشىدەك ۋايجانلاپ ماڭا يالۋۇرۇپ قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن نىجاسەتتىن يىرگەنگەندەك يىرگەندىم، ئىچىمدە«ئىسىت سىنىڭ باشلىق بولۇپ قالغىنىڭغا، كادىرلىقىڭغا چىچاي! تايىقىنى يىسەممۇ سەندىن يەنىلا بايامقى كىملىكچى ياخشى ئىكەن!» دەپ مىڭ لەنەت ئۇقۇپ ئۇنى قويىۋەتتىم.
دەل شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى:
ئون سەككىز ياشلارنىڭ قارىسى ئالغان بىر بالا بىر كونا ۋەلىسپېتنى ھەيدىگىنىچە بىزنىڭ چازىمىزغا قاراپمۇ قويماستىن ئۇچقاندەك ھەيدەپ ئورمانلىقتىكى چېغىر يولدىن ئۆتۈپ كىتىشكە ئۇرۇندى، ئاڭغىچە بىزنىڭ ئادەملەر چاققان كىلىپ ئۇنىڭغا ۋارقىردى:
- ھاي توختا! تەكشۈرىمىز!
قېرىشقاندەك ئۇ بالىنىڭ ۋەلىسپېتى ئورمانلىقتىكى قۇمغا پېتىپ قېلىپ ماڭالماي قالدى، بىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغىچە ئۇ بالا ۋەلىسپېتنىڭ كەينىدىكى ئارتىلغان خورجۇندىن بىر دانە قاپقارا يۇمىلاق نەرسىنى بىز تەرەپكە قارىتىپ ئاتتى-دە ۋەلىسپېتىنى تاشلاپ قۇيۇپ قېچىپ كەتتى...
بىز ئۇنىڭ تاشلىغان نېمىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي ئالدىراپ ئۇ نەرسىنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتۇق، قارىساق ئۇ يۇمىلاق نەرسىنىڭ چوڭلىقى بىر ئايلىق بۇۋاقنىڭ بېشىدەك بولۇپ بىر تەرىپىدە يىپ-شوينىدەك بىر نەرسە ئۆتكۈزۈگلۈك ئىكەن، مەن ئۇنى قۇلۇمغا ئالاي دىيىشىم، يېنىمدىكى ھېلىقى «يالغان شەھەر باشلىقى» تۇيۇقسىز قاتتىق ۋارقىرىدى:
- ۋوي بومبا!... ئاناي! ...
ئۇ شۇنداق دەپ ۋارقىرغىنىچە ياندىكى سۈيى يوق قۇرۇق ئۆستەڭگە كىرىپ كەتتى، بىزمۇ ئۇنىڭ ۋارقىراپ توۋلىشىدىن ئەندىكىپ كېتىپ بار كۈچىمىز بىلەن شۇ ئۆستەڭ تەرەپكەقاچتۇق...شەھەرلىك خۇمپەر لاغ-لاغ تىترىگىنىچە ئۆستەڭنىڭ يان تەرىپىگە قۇيۇلغان سىمۇنت قورغاچنىڭ ئىچىگە ئۆمىلىگەن پېتى كىرىپ كېتىپ بىردەمدىن كېيىن قورغاچنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئالا-تاغىل ۋارقىراشقا باشلىدى:
- ۋوي ئۇ دېگەن بومبا...سىلەر بىلمەيسىلەر... دەرھال بۇ يەرگە كىرىۋېلىڭلار!...تىزبولۇڭلار!
- ۋاي ئۆتەپ بارە! پارتلاش ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ يەرگىچە يىتىپ كەلمەس!،-دېدىم ئاچچىقىمدا زەردە بىلەن.
- چوپ-چوڭ ئادەم تۇرۇپ قىلىپ يۈرگىنىنى!،-دەپ غەزەپلەندى يېنىمدىكى باغلاقتىن ھېلىلا يېشىنگەن شوپۇرمۇ ئۆز باشلىقىنىڭ قىلىقىدىن خىجىل بولۇپ.
مىنۇتقا قالماي قورغاچنىڭ ئىچىدىكى باشلىق يەنە «ۋاي خۇدايىم! بۇ يەرنىڭ ھەممىسى قومچاقكىنا...» دېگىنىچە قورغاچنىڭ ئىچىدىن يەنە كەينىچىلەپ يېنىپ چىقىپ يېنىمىزدا ھاسىراپ دۇم ياتتى.
بىز ئۆستەڭنىڭ قىرىدىن بېشىمىزنى چىقىرىپ بومبىغا قاراپ باقماقچى بولدۇق، لېكىن يېنىمىزدىكى «شەھەرلىك باشلىق» بىزنىڭ  بېشىمىزنى چىقارغىلى قويمىدى:
- ۋوي ئۇكىلىرىم بېشىڭلارنى چىقارماڭلار...جان لازىم ئەمەسما سىلەرگە؟... بومبا پارتلاپلا كېتىپ قالسا ئىش چاتاق!،- دېدى ئۇ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي ئاۋازىنى پەسلەپ.
- ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟- دېدىم مەنمۇ ئاۋازىمنى پەسلەپ ئېھتىيات بىلەن.
- توختاڭلار مەندە قول تېلىفۇنى بار، ساقچىلارغا خەۋەر قىلاي!
«باشلىق» بىلىنى ئاختۇرۇپ يېنىدىكى كىچىك رادىئۇدەك بىر نېمىسىنى ئېلىپ ئوڭدا ياتقىنىچە جىددى گەپلىشىشكە باشلىدى.
شۇ چاغدا بىر توپ بالىلارنىڭ«سىنىڭ...مىنىڭ...»دەپ چۇرقىراشقان ئاۋازى ئاڭلاندى،مەن بېشىمنى چىقىرىپ قارىسام ئۇششاق بالىلاردىن بىر قانچىسى ئۇ نەرسىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ بىر نەرسىنى تالىشىۋاتقىلى تۇرۇپتۇ...
«ئاھ خۇدا ...يېڭى تۇغۇلغان مۇزاي يولۋاستىن ئۈركىمەپتۇ دېگەن مانا مۇشۇدە...ئەمدى بۇ كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى پارتلاشتا ئۆلۈپ كېتەرمۇ؟» بۇلارنى ئويلاپ ئىختىيارسىز ئىمانىم شەيتىنىمدىن كۈچلۈك كەلدى، ئەركەكلىكىم تۇتۇپ ئورنۇمدىن ئىختىيارسىز تۇرۇپ كەتتىم-دە يۈگۈرگىنىمچە بومبىنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ بالىلارغا ۋارقىرىدىم:
- ۋوي تىز قاچ، ئۇ دېگەن بومبا!
بالىلار مىنىڭ ئۆستەڭدىن ۋارقىراپ بوراندەك يۈگۈرۈپ چىققىنىمنى كۈرۈشۈپ پاتىپاراق بولۇپ قېچىپ كىتىشىتى، مەن كىنودىكىگە ئوخشاش بومبىنىڭ ئۈستىگە ئۆزەمنى تاشلاپ بومبىنىڭ ئۈستىدە تۈگۈلۈپ يېتىۋالدىم..
بىر سېكۇنت...ئىككى سېكۇنت...
بومبا تېخىچە پارتلىمايۋاتاتتى...
بۇ جىددىي پەيتتە ئۆستەڭدە قالغان شەھەرلىك باشلىق بېشىنى ئۆستەڭدىن چىقارماي تۇرۇپ ماڭا بۇيرۇق قىلدى:
- يۇقىرىدىن خەۋەر كەلدى، ھېچقايسىمىزنى بومبىغا تەگمەڭلار دەيدۇ! ئۇلار ھازىركىلىدىكەن!
- بىلدىم،- دەپ ۋارقىرىدىم تىترىگىنىمچە ،-ئەمدى قوپۇپ كەتسەم قانداق بۇلار؟
- توختا، مەن ئۇلاردىن سۇراپ باقاي!
بىردەمدىن كېيىن شەھەرلىك باشلىق ماڭا جاۋاب قايتۇردى:
- ئۇلار سىنى جايىدا مىدىرلىمىسۇن ، بىز ھازىرلا يىتىپ بارىمىز دەيدۇ!
يۈرۈگۈمنىڭ دۈپۈلدىشى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىۋاتاتتى...مەن بارغانسېرى قورقۇشقا باشلىدىم...ئايالىم  پاتمىخاننى ئويلاپ كۆزۈمنىڭ چانىقى ياشقا  تولدى...ۋاقىت يەنىلا توختاپ قالغاندەك...
«ئىسىت نىمىشقىمۇ بومبىغا ئۆزەمنى ئاتقاندىمەن!»
ئالاھىزەل ئون بەش مىنۇتلارغا قالماي ساقچىلار تۆت ئەتراپىمنى قورشاپ يەردە دۇم يېتىشىپ تۇرۇپ ماڭا كارنايدا ۋارقىراشقا باشلدى:
- توختى ئاستىڭدىكى قانداقراق نېمىكەن؟
- ئۆزى يۇمىلاق، تۇن قارا، پارقىراق نىمىكەن!
- قانچىلىك بار؟
- بوۋاق بالىنىڭ كاللىسىدەك بار!
- يەنە نېمە باركەن؟
- بىر يىرىگە تۆشۈك ئېچىلىپ شوينىدەك بىر نېمە ئۆتكۈزۈگلۈكتەك تۇرىدۇ!
- ئۇ دېگەن بومبىنىڭ پىلتىسى توختى! ئۇ شوينىغا تەگمە! ھازىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىدىكىلەر بىلەن بىزنىڭ باشلىقىمىز يولدا كىلىۋاتىدۇ، ئۇلار كەلگەندە بىز سىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش –ئىزلىرىڭنى ئېلىۋالماقچى، جايىڭدا جىم يات!
بىردەمدىن كېيىن كىچىك ماشىنىدىن بىرسى چىقىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن  بۇيى پاكار بىر باشلىق چۈشۈپ كەلدى، كەينىدىن بىر قانچە كىشى دولىسىغا ئۈن-ئالغۇدەك بىرنىمىنى ئېلىۋېلىشىپ مىنى يىراقتىن سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى:
- توختى سەن ھاياتمۇ؟،- دەپ سورىدى يېڭىدىن كەلگەن چوڭ باشلىق قۇلىغا كارناينى ئېلىپ يەردە ئۆمىلىگىنىچە ئۈنلۈك ۋارقىراپ.
- مەن ھايات باشلىق!،- دېدىم ئۇ چوڭ باشلىققا خۇشامەت قىلىپ ئاۋازىمنى تىترىتىپ.
- سەن نېمىشقا بومبىنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈڭنى ئاتتىڭ؟
- مەن...مەن...
مۇشۇ تاپتا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم.
- خەلقنىڭ ھاياتى ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟،-دېدى باشلىق ئۆزى ئېغىز ئېچىپ.
- شۇنداق باشلىق!
- ۋەتەن ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟
- شۇنداق باشلىق!
- ھە ئەمدى ئايىغىنى دېگىنە!
- ۋەتەن ئۈچۈن! خەلق ئۈچۈن! پارتىيە ئۈچۈن!...يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن!...يەنە ...قۇرۇلتاي ئۈچۈن!...يەنە ئولىمپىك..
- ۋاي بولدى توختى، سەن جىددىلىشىپ كىتىپسەن،  دېگىنە سىنىڭ يەنە نېمە ئارزۇيۇڭ بار ئىدى؟
- مېنىڭما باشلىق؟
- ھەئە كۆڭلۈڭدىكى گەپلەرنى ئېيتقىن، سىنى تېلېۋىزورغا ئېلىۋاتىدۇ!
- ئارزۇيۇمنى دىسەم قىلىپ بېرەمسىلەر؟
- ئاۋۋال دېگىن!
- مىنىڭ ئۇچقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار!
- ۋوي توختى ئەمىلىيەتكە يېقىن گەپنى قىل!
- مىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس بىلەن كۆرۈشكۈم بار!
- تېخىمۇ ئەمىلىيەتكە يېقىننى دە؟
كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالدىم«تېخمۇ ئەمىلىيەتكە يېقىننى دېسەم مۇشۇ تاپتا ماڭا بەش يۈز كوي پول بەرگەن بولسا، ئۇ پۇلغا خوتۇنۇم پاتمىخانغا بىر كىشىلىك ئەتلەس ئېلىپ بېرىپ قالغان پولنىڭ بىرقىسمىنى بىر يىللىق سۇ پۇلىنى تۈلىسەم، يەنە ئۇغۇت ئالسام، يەنە كىۋەز تېرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇلىياۋ يۇپۇق ئالسام، ئاندىن قالغان پۇلغا گۆشكىردە ئېلىپ يېگەن بولساق...ياق بەش يۈز كوي يەتمەيدىكەن، مىڭ كۆي دەيمۇ -يا...لېكىن بۇنداق چاغدا پۇلنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرسەم خەق مىنى نېمە دەيدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ...» شۇنىڭ بىلەن ئۈنلۈك ۋارقىراپ باشقا ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم :
- مىنىڭ پارتىيە ئەزاسى بولغۇم بار!
- ماۋۇ گىپىڭ بولدى، يەنىچۇ؟
-  ساقچى بولۇپ ئۆزەمنى پارتىيە-خەلىققە ئاتىغۇم بار!
- ياخشى توختى! دېگەنلىرىڭنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىمىز، لېكىن بۈگۈندىن باشلاپ سەن ئۆزەڭنى پارتىيە ئەزاسى دەپ ئويلىغىن! سىنى پارتىيە تەشكىلىگە ئۆزۈم تۇنۇشتۇرىمەن! مەن ھازىر يېنىڭغا بارىمەن، مىدىرلىماي شۇك يات!
چوڭ باشلىق شۇنداق دىگىنىچە يەر بېغىرلاپ مەن تەرەپكە كەلمەكچى بولدى، باشلىقنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئەر-ئايال ساقچىلار ۋارقىراشقىنىچە يىغلاپ ۋارقىرىشىپ ئۇنىڭغا چاس بىرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى، نەچچىسى ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋېلىپ يىغلاپ باشلىقنى ماڭغىلى قويمىدى، باشلىق دېگەن مىڭنى قىلسا باشلىق، خەلىقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇ قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن؟ ئۇ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن يولداشلارغا تەسەللى قىلىپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاللاقاچان ۋەتەن- خەلقنىڭ كەلگۈسىگە بېغىشلاپ بولغانلىقىنى،ناۋادا بۇ قېتىمقى بومبا تازىلاشتا  قۇربان بولۇپ كەتسە ئۆزىنىڭ جەسىتىنى كوئىنلون تاغلىرىغا دەپنە قىلىشنى ۋەسىيەتلىدى ئاخىرىدا يانچۇقىدىن ئون يۈەنلىك پۇلدىن بىرنەچچە تالنى چىقىرىپ پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىنى ئالدىغا تاپشۇرۇۋەتتى....ئەتراپتىكى ساقچىلار، مۇخبىرلار باشلىقنىڭ بۇ ۋىدالىشىش سۆزىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كۆز-يېشىنى يامغۇردەك تۈكۈشكە باشلىدى...
باشلىق ئاخىرى ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ مەن تەرەپكە ئۆمىلىگىنىچە يېقىنلاپ كەلدى...
ئۇ ئاستىمدىكى بومبىنى ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن قۇلىغا ئالدى...باشلىقنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسىدىن مۇنچاق-مونچاق تەر ئېقىۋاتاتتى...
ئۇ بومبىنى قۇلىغا ئېلىپ ماڭا بىر قارىدى، تۈرۈلگەن قوشۇمىسى ئېچىلدىيۇ بىراق يەنە تۈرۈلدى... ئاندىن تېلېۋىزورغا ئېلىۋاتقان مۇخبىرلارغا بىر قارىدى... ئۇ چاپىنىنى ئاستا سېلىپ بومبىنى مەھكەم يۆگىگەچ قۇلىقىمغا كۇسۇرلاپ ئېيتتى:
- ھاي توختى، بۇ قارا قاشتېشىدىن ياسالغان كونا بىر تورۇز تېشىكەنغۇ!
- مەن بۇنى بىلمىسەم باشلىق!
- ئەھۋالدىن قارىغاندا بايامقى ئوغرى سىلەرنىڭ توسقۇنۇڭلاردىن قورقۇپ كېتىپ ئوغۇرلىغان بۇ قاشتاش تورۇز تېشىنى سىلەرگە تاشلاپ بەرگەن ئوخشايدۇ!
- ئەمدى قانداق قىلىمىز باشلىق؟
- بۇ يەردە قالايمىقان گەپ قىلما، بۇ ئىشلارنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىمىز، ئۇلار نېمە دېسە شۇ...چۈشەندىڭما؟
-چۈشەندىم باشلىق!
- خەۋىرىمىزنى كۈت!
- چۈشەندىم باشلىق!،- دىدىم ياتقان يېرىمدىن قوپماي تۇرۇپ قول قوۋۇشتۇرغىنىمچە بۇ چوڭ باشلىقنىڭ  ھەر نېمە بولسا بۇ ئىشقا تاپا-تەنە قىلمىغانلىقىدىن ئالەمچە خوش بولۇپ.


1998-يىل  قاراقاش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xayhim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 01:40 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
koqkarbay + 10
tamken + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 310   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 10:18:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلىرىمغا سالام!
1-ھېكايە:«توختى پوكان»
2-ھېكايە:«توختى پوكان ۋە غالتەك ۋەقەسى»   (كەڭ ساي تورى)
3-ھېكايە:«توختى پوكان ۋە ئون ئىككى يىپ»
4-ھېكايە:«توختى پوكاننىڭ ئامىتى»

ناۋادا ئەزىزلىرىمگە بۇ ئەسەرلىرىم ئاز-تۇلا يارىغان بولسا يۇقاردىكى تەرتىپ بۇيىچە ئۇقۇپ كۆرسە تېخىمۇ ياخشى بۇلارمىكىن دەپ قارايمەن.

كامالى ھۆرمەت بىلەن ئاپتۇردىن.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35813
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7056 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 10:53:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق يېزىپ تۇرايلى! چازىجاڭ...ما ئەمەل بولدىكەن.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90822
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:22:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىچە نادىر ھىكايىكەن،تىما ئىگىسى، ۋەقەلىكلەرگە قارغاندا بىر يۇرتلۇق ئوخشىمامدۇق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90822
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:23:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلكە ئىچىدە قاتتىق ئويغا كىتىپتىمەن. تىما ئىگىسى قېرىنداش ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90822
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:30:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھكايە يېزىشتىكى ئۇسۇبىڭىزنى ياختۇردۇم.ھىكايە ئىچىگە كىرىپلام كىتىپتىمەن.
بولسا باشقا ھىكايلىرىڭىزنىمۇ يوللىۋېتىڭە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88037
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:46:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ،ئۆزگىچە تىل بايلىقى ،كىنايىڭىزمۇ بەك ئۆتكۈركەن ،ئۆتۈپ كەتتى جان-جېىنىمدىن ،ئاشۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئورنىدا .ئۆزلىرى ئوقۇغان بولسا ھە ئۇلار ،تەسىر قىلارمۇ ؟ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،

تېلفۇنۇڭنىڭ سايراۋاتقىنىنى ئاڭلىغىنىڭدا سەن بىلەن مەلۇم كىشى ئالاقە قىلماقچى بولغانلىقى جەزمەن. شۇنىڭدەك ئەزاننى ئاڭلىغىنىڭدا پۈتكۈل ئىنسانلار ۋە شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى سەن بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان بولىدۇ. بىلگىنكى، ئەھمىيەت بەرگىنىڭگە چۇشلۇق جاۋاپقا ئېرىشىسەن

ھەر بىر كۈن يېڭى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68760
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 737 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:02:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چازىجاڭ دىگەن گەپكە تازا كۈلۈپتىمەن.بەك قىزىقارلىككەن

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:46:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ ئامىتى قاچقاندا شىكەر ئالسا تۇز چىقار،ئامىتى كەلگەندە چوكان ئالسا قىز چىقار.ئىسپاتلىنىپتۇغۇ بۇ ھىكايىدە.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:54:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىپىنجىگە  تويە  مانا ،،،،ھە  توختى

ئاللاھىم سەن ھەممىگە قادىرسەن ،ھەممىنى كۆرۇپ تۇرغۇچىسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش