مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5029|ئىنكاس: 41

ۋەھشى ئالدامچىلىقلار ئەتراپىمىزدىلا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93072
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:07:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    مەن ماتىريالدىن ۋە ئەتراپىمدىكىلەردىن بەزى ئالدامچىلىقلارنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ئىدىم .مەنمۇ نەچچە قېتىم ئاڭلاپ باققاچقا كۆز ئالدىمدا قىلىنغان بەزى  ئالدامچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالدىم شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ  مۇشۇ خىلدىكى ئالدامچىلاردىن ھوشيار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىىپ ،بۇ ئۆزەم تەرجىمە  قىلغان ۋە يولۇققان ئالدامچىلىقلارنى قىسقىغىنە سىلەرگە سۇندۇم  


   1.ئالدامچىلىق :مەلۇم بىر شەھەردە يېڭى ئىشقا چۈشكەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ،ئۇ بىر كۈنى خىزمەتتىن چۈشكەن ئىكەن ،شۇنىڭ بىلەن كوچىدا بىر كىچىك قىزنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ-دە ،ئىچ ئاغىرتىپ بېرىپ ،
ــ قىزىم ،نىمە بولدىڭىز ؟ــ دەپ سوراپتۇ.
ــ دادام مۇشۇ قەغەزنى بەرگەن لىكىن دادامنى تاپالمىدىم ،قورقىۋاتىمەن ،ئۆينى تاپالمايۋاتىمەن .ــ دەپتۇ.
ئۇ مۇئەللىم كىچىك بالىنىڭ ئوماقلىقىنى،بىچارىلىكىنى  كۆرۈپ  ئۇ ئادرىس بويىچە ئىزدەپ ئۆينى تېپىپتۇ ،قوڭغىراقنى بېسىپتۇـ دە،نىمە بولغىنىنى بىلمەپتۇ. ئەتىسى بىر ئەسكى ئۆيدە ئانىسىدىن تۇغما پېتى ئۆزىنى كۆرۈپتۇ .ئەسلىدە قارا نىيەت ئونسۇرلار قوڭغىراققا توكلۇق ئەسۋاب ئورنىتىپ ،ئۇنى توكتا ھوشىدىن كەتكۈزۈپ ،كىچىچە نۇمۇسىغا تىگىپ تاشلىۋەتكەن ئىكەن ،ھېلىقى كىچىك قىزمۇ باشقىلاردىن ئىجارىگە سېتىۋالغان قىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.



    2.ئالدامچىلىق: مەلۇم بىر  ئايال ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ،بىر قېرى ئادەمگە ئورۇن بەرگەن  ۋە ئاپتۇبۇسنىڭ ئېسىلىش كالتىكىگە ئېسىلىپ ئۆرە تۇرغان ،شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئوتتۇرا ياش كىشى ئاستا قېشىغا كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا:«سىز راستىنلا ياخشى  ئادەم ئىكەنسىز» دىگەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرسىگە بىرنى قېقىپ قويغان. ئپتۇبۇستا ئادەم بەك جىق ئەمەس ئىكەن .ئۇ ئايالنىڭ بىردەمدىلا بېشى قېيىپ ،ئۇيقۇسى كىلىپ ئۆزىنى تۇتالمىغان ،ئۇ ئايال دەرھال يۈگرەپ بېرىپ ئىككى ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ :«ئۇ ئادەم ماڭا خېمىيەلىك دورا بەردى ،مەن بولالمىدىم مەن ئۇنى تونۇمايمەن ،مىنى دەرھال ساقچى ئىدارىسىغا ئاپرىڭلار» دەپلا ئايلىنىپ كەتكەن،ئۇ ئايال دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان .كىيىن بۇ شايكا تۇتۇلغان  ،ئەسلىدە ئۇلار ئادەمنىڭ ئەزالىرىنى ساتىدىغان شايكا بولۇپ ،بىركىشىگە يېقىنلىشىپ ،بىر  خىل خېمىيلىك دورا ئارقىلىق شۇ  كىشىنى ئايلاندۇرۇپ ،ئۇنى باشقىلارغا« تۇغقىنىم »دەپ قويۇپ ،ئالداپ ئاپىرىپ ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ساتىدىكەن .بۇنداق خېميىلىك دورا دى ئىن ئف  دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ،پۇرسىلا قىسقا مۇددەت ئادەم ھوشىدىن كىتىدىكەن .بەزى ئونسۇرلار تېخى كىتابنىڭ ئارىسىغا بۇنى سۈركەپ ،باشقىلارغا سوقۇلغان بولۇپ ،باشقىلار كىتابلىرىنى تېرىشىپ بەرگەندە كىتابنى ئېچىپلا پۇرتىۋىتىدىكەن -دە رەزىل مەقسىدىگە يىتىدىكەن .

  


   3. ئالدامچىلىق: بىر كۈنى بىر ئادەم بىر ئاپتۇبۇس بىكەتكە كەلگەندە ئارقا ئىشكىنى توراپ  ۋارقىراپ تۇرۇپ ،«چۈشمەي تۇرۇڭلار،مىنىڭ تىلفۇنۇمنى ئوغرى ئالدى  ،كىم ئالغىنىنى بىلمىدىم ،ماڭا بىرسىىڭلار تىلفۇننى بېرىپ تۇرساڭلار مەن تېلفۇن قىلىپ ئوغرىنى تېپىۋالسام »دىگەندە بىر نەچچە ئاقكۆڭۈل كىشى يان تېلفۇننى تەڭلىگەن،ئۇ تاللاپ ئەڭ قىمىمىتىنى ئالغان ۋە تېلفۇن قىلغان بولۇپ ،دەرھال تىلىفۇننى ئېلىپ قاچقان .ئۇلار نىمە ئىش بولغاننى بىلىپ بولغۇچە ئوغرى كۆزدىن غايىپ بولغان.مۇنداق ئالدامچىلىقلار داۋاملىق يۈز بەرمەكتە .
                                 

  



    4.ئالدامچىلىق :مەن بىر كۈنى بېيجىڭدىن قايتىپ كىلىپ تيەنجىندە بىكەتتىن چىقاي دەپ تۇرغان ئىدىم ،تۇيۇقسىز بىر ئادەمنىڭ قېشىمغا كىلىپ مەن بىلەن بىللە ماڭغىنىنى كۆردۈم ،مەن شۇنداق ھەيران قالدىم ،بۇ ئادەم ئاستا ماڭا يېقىنلاشتى-دە ،  ماڭا بىر  ئالما تېلفۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ « بۇنى ئوغۇرلاپ كەلدىم بۇنى ئالامسە ؟»دېدى .مەن قارىسام راس ئالما تېلفۇنكەن .نەچچى دەپ سورىسام ،«1200يۈەن»،دېدى،«مەن 150كە بېرەمسە ؟» دىدىم .ئۇ ماڭا يېقىن كىلىپ ،«بوپتۇ،تىز بول ئەمىسە »دېدى .مەن پۇلنى ئالاي دەپ تۇرسام ،ئۇنىڭ قولىغا دىققىتىم چۈشۈپ قالدى .ئۇ تىزلىكتە يەنە بىر تىلفۇنغا ئالماشتۇرىۋالدى-دە ،ماڭا تەڭلىدى . مەن قارىسام ئۇ بىر ئېچىلمايدىغان ،شەكلى ئالما تىلفۇنىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر تىلفۇننى بەردى.مەن بۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققاچقا ،ئۇنىڭغا «مىنىڭ بۇ پۇلۇم جا پۇل،جا غا جانى تىگشەمدۇق؟» دىسەم ئۇ گەپ-سۆز  يوق كىتىپ قالدى.

                                 ئاللاھ سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن
                                          
                             

                                           2013.04.07 كۈنى    م.ئوغلان   رەتلىگەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 12:16 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8104
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 489 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:33:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ئىشلار پەيدا بولۇپ كىتىپتۇدىسە،ئالدىنقى ھەپتە مىنىڭ بىر دوستۇمغىمۇ ئالمىدىن بىرنى تەڭلەپتىكەن بىرسى 1200دەپ،تىخى ئالما 5دەپتۇ، قوش كارتىلىق ساختىسىكەن،تاسقاپتىكەن ئىلۋەتكىلى،تىلفۇننى ئانچە چۈشەنمەيتى ئۇ ئاغىنەم  لىكىن نامىنى تولا ئاڭلىغاندە ئالما دەپ،توختا دەپ يانابىر دوستىمىزغا تىلفۇن ئۇرۇپ كىلىپ كۆرەپ بىقىڭلا دىيىش كاللىسىغا كەپ قاپتۇ بولمىغان بولسا ئالدىنىپ كىتەركەن

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1441 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 02:14:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا

زىيادە كۈلكە ۋە خۇشاللىقتىن قورقىمەن .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90367
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 275
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2013-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 02:21:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91805
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2013-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 02:34:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دىققەت قىلشىمىز كېرەك. 4-قېتىملىق ئالدامچىلىق كۆپىرەك ئۇچىرايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 03:21:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۈرۇمچىدە ئالدانغان ،  250 يۈەنگە بىرتال كىسەكنى سىتىۋالغانتىم ، يەنە كىلىپ ساختىسنى دەڭلا ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 03:42:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا،،،ما ئالدامچىلىقتىن راسلا ھەزەر ئەيلىمەي بومماپتۇ````````````````
مۇشۇ ئالدامچىلانىڭمۇ قىلىدىغان باشقا ئىشى يوقتەك،تىرىكتاپ بوپ يۈرگىچە ھالال ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىسا بولمامدىكىنە؟
ئېسىت````````````````````````

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6677
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8976
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 03:58:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ئىشلار بار مەن شاڭخەيگە ئوقۇشقا كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي كۆرگىنىم ئۇيغۇر كاۋاپچىلارنڭ ئالدامچىلىقى بولدى ئۇلار ئىشەك گۆشىنى قوي گۆشىنىڭ سۈيگە چىلاپ ئەپچىقىپ قوي گۈشى دەپ ساتىدىكەن ئىسىت ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ يۈزى ئاشۇنداق بىرقىسىم ناكەسلەرنڭ قولىدا يەربىلەن يەكسان بۇلۋاتىدۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2849
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9147
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 09:28:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرزان غا ياخشى مال يوق ،ياخشى مال .ئەرزان ئەمەس دېگەن شۇدە .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23018
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3466 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 09:55:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولدىشىممۇ 5 يىل ئاۋال ئۈرۈمچىدە 200 كويغا ئويۇنچۇق تېلىفۇندىن بىرنى ئاپتىكەن .  

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش