|
|
|
|
1. بالا تۇغقان ئەر
ئەنگلىيەلىك توماس تۇغۇلغاندا قىز بولۇپ، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيەسى قىلىپ ئەرگە ئۆزگەرگەن، لېكىن ئۇنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرلەر ھورمۇنى ئوكۇلىنى ئۇرغۇزمىغان، كېيىن ئۇ قورساق كۆتۈرۈپ قىز بوۋاقتىن بىرنى يەڭگىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەرشارىدىكى تاراتقۇلارنىڭ نەزىرىدە «پەرزەنت تۇغقان بىرىنچى دادا» بولۇپ قالغان.
2. ئاجرىشىش مېھمانخانىسى
توي قىلىش ئاۋارچىلىق، ئاجرىشىش ئوخشاشلا ئاۋارچىلىق. نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش جەريانىدا، كۆپ جەھەتتىن كېلىشەلمەيدۇ، گوللاندىيەلىك سودىگەر جىم ھافېنس بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتى بايقىغان ھەمدە «ئاجرىشىش مېھمانخانسىى» قۇرۇپ، كىشلەرنىڭ بۇ مېھمانخانىدا ھەپتە ئاخىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تېزدىن ئاجرىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ھەم ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشكەن. «نىيويورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 27-مايدىكى خەۋىرىدە، «ئاجرىشىش مېھمانخانىسى» ھازىر پەقەت گوللاندىيەدىلا تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە 17جۈپ ئەر-ئايال بۇ يەردە سىناق قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 16جۈپ ئەر-ئايال مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاجرىشالىغان. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەر-ئايال ھەپتە ئاخىرىدا «ئاجرىشىش مېھمانخانىسى»غا ئورۇنلىشىدىغان بولۇپ، شەنبە چۈشتىن بۇرۇن سەككىزدە ناشتا قىلىدىكەن، ئاندىن «قارالما»نى رەسمىي باشلايدىكەن. مۇرەسسەچى بىلەن ئادوۋكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، ئىككى تەرەپ ئائىلە تەشكىلاتى ھەمدە ئىقتىساد-مالىيە مەسلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاندىن پىسخىك يېتەكچىلىكىگە قاتنىشىدىكەن. «قارالما» بەلكىم يەكشەنبە كۈنى كەچكىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن، ئارلىقتا قىسقىلا ئارام ئېلىش ۋاقتى بار بولۇپ، زۆرۈر بولغاندا، «ئاجرىشىش مېھمانخانىسى» يەنە تېخى ئۆي-مۈلۈك مەخسۇس خادىمىنى تەكلىپ قىلىپ، مال-مۈلۈكنى تەقسىم قىلىش مەسلىلىرىگە ياردەم قىلىدىكەن. مېھمانخانا ئەر-ئايال مۇرەسسەلىشىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا قاراپ بېرىدىكەن.«ئاجرىشىش مېھمانخانىسى»نىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئادەتتە 3500دوللاردىن 10مىڭ دوللارغىچە بولىدىكەن،ئاساسلىقى ئەر-ئايالنىڭ ئاجرىشىش سۆھبىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىگە قارايدىكەن.
3. 18 تال QQ ئوينايدىغان 76 ياشلىق موماي
QQ موماي ،ئەسلى ئىسمى جاڭ شىيۇلى،76ياش،خېنەن جىڭجۇلۇق پىنسىيگە چىققان ئۇقۇتقۇچى ،2004-يىلى تورغا بىلەن ئۇچراشقاندىن بۇيان ئۇ ھازىرغىچە 18 تال QQ نۇمۇرى ۋە 1 كارخانا QQ سى ئىلتىماس قىلغان،40مىڭدىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈر QQ دوستى بار.
ۋاقىت دەل كەچ سائەت 8 بولغاندا ،كومپىيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئاستى تەرپىدە بىرقانچە QQ نىڭ توختىماي پىلدىرلاپ تۇرغىننى ،ئىگىسنىڭ جاۋاپ قايتۇرۇپ ئىنتايىن ئالدىراش بۇلۇپ كەتكىننى كۆرگىلى بۇلدۇ،بۇ كۈرۈنۈش بىر ياشكىشىنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرسە بىز بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ھەيران قالمايتۇق ،ئەمما ئەمما 70 تىن ئاشقان مۇماي نىڭ بۇ ئشى بىزنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ.
يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ «17ياشلىق قىز» بولدى،
جاڭ شىيۇلى بۇرۇن 23 يىل يېزىدا ئوتتۇرا ،باشلانغۇچ مەكتەلەردە ئۇقۇتقۇچى بولغان ،ئۇندىن كىيىن بالىلار باغچىسىدا كۆپ يىل ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان،ھەم ئۆيدە ئون نەچچە يىل تەكرارلاش سىنىپى ئاچقان ،قورامىغان يەتمىگەنلەرگە نىسپەتەن ئۇنىڭدا بىر خىل ئالاھىدە مىھىر-مۇھەببەت بار .
2004-يىلى قىزىنىڭ «قىزىقتۇرشى» بىلەن ئۇ تور بىلەن ئۇچراشتى ،ھەمدە ئۆزىنىڭ 1-QQ نۇمۇرنى ئىلتىماس قىلدى .«مېنىڭ توردا پاراڭلىشىشىم قىزىقىشتن ئەمەس،بەلكى بۇنداق بولغاندا بالىلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە قىلالايدىكەنمەن،ئۇلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش جەريانىدا يۇلۇققان ھەرخىل قىيىنچىلىقلىرغا ياردەم بىرەلەيدىكەنمەن »،ئەڭ دەسلەپتە جاڭ شىيۇلى نىڭ توردىكى نامى «كىشىلەرگە ياردەم بېرىش خۇشاللىقىمدۇر»،شەخسى ئارخىپىمۇ ھەقىقى ئۇچۇر ئىدى .ئەمما كىيىن ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ 70نەچچە ياشلىق بىر «چوڭ ياشلىق»توردىشىغا ئانچە قىزىقمايدىغانلىقنى ،قۇشۇۋالدىغانلارنىڭمۇ بەك ئازلىقىنى بايقايدۇ،كىيىن نۇسخىلاش دۇكىنىدا بىر خەت ئۇرغۇچى قىزئۇنىڭغا تور دىكى ماتىريالنى ياشراق قىلىپ يازسا كۆپ كىشىلەرنى جەلىپ قىلغىلى بۇلدىغانلق تەكلىۋېنى بىرىدۇ،ئۇيلاپ باقسا بۇ تەكلىپنىڭ ئاساسى بار ،شۇنىڭ ئۇ تور دىكى ئىسمىنى «17ياشلىق قىز»قىلىپ ئۆزگەرتتى.
مېنىڭچە 3-سى ئەڭ تېتىقسىكەن. سىلەرچىچۇ؟
|
|
|
|
|
|