بۇنىڭغا قاراڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مىسرانىم ئەھلى ئۇزۈن بوپتۇ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەرگە تىما يوللىيالمىغىلى لىكىن ئەتراپىمدىكى بۇ مەنزىلەرنى كۆرۈپ ئىچىم بەك سىرىلدى .شۇڭا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرداشلارغا بۇ باياننى يىزىشنى توغرا تاپتىم.
كۆرۋاتقىنىڭلار مەلۇم بىر ناھىيەدىكى خەلق مەيدانى باھار كىلىشى بىلەن ھەممە يەر يىشىللىققا پۈركىنىپ دىللار سۆيۈندى .گۈل گىياھلار ئىچىلىپ گۈل چىرايلارغا گۈلكە بىغىشلىدى. قارماققا بۇ يەر پاكىز ھەم ئازادە ،بۇ يەردىكى مەنزىرە ئادەمنى بىرخىل خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىپلا قالماي ،ئىشىنىمەنكى بۇ جاي چارچىغاندا چىقىپ بىردەم يىرىم دەم ئارام ئالدىغان ياخشى جاي . ئەمدى بىز بۇ جاينىڭ ئارقا كۆرنىشىگە قاراپ باقايلى ! مەيداننىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا بىر ئۆستەڭ بار بولۇپ .مەنزىرسى گۈزەل تۇيغۇسى راھەت ..............لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق بولمايدىغان بولدى .............بۇ يىل بۇ يەردە ئەھۋال بەك ناچار ..............
بۇ رەسىم 2-ئايدا تارتىلغان .مەيداننىڭ تۆۋىندىكى ئۆستەڭنىڭ ئىچىنىشلىق كۆرىنىشى
دۇستۇم بىلەن دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان پىيادىلەر يولىدە كىتىۋاتاتتۇق،بۇرنۇمغا شۇنداقمۇ بىر بەدبۇي پۇراق ئۇرۇلۇپ كەيپىمنى شۇنداق ئۇچۇردى .بۇ ئۆستەڭدىن چىقىۋاتقان يۈندە -ئەخلەتلەرنىڭ پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغان ئىدى............
مانا بۇ مەينەتچىىلىكلەر سۇنىڭ كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىقىتىپ كىتىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا............ سىلەرچە بۇ سۇ ئۇ نەرسىلەرنى ئىقىتىپ نەگىمۇ ئاپىرا.... ئەجابا ... تەبىئەت سىنىڭ پاك تۇپرۇقۇڭ ! دىھقىنىم سىنىڭ ھوسۇللۇق ئىتىزلىرىڭ مۇشۇنداقلار...............ياق ياق ياق قىرىنداشلىرىم قىلغان ھەربىر ئىشىمىزغا جاۋاپكارمىز ،شۇڭا مۇھىتنى ئاسرايلى!بىرنى توسىيالىساق بىرنى ئىككىنى توسىيالىساق ئىككىنى توسايلى.....بۇ قول قوشتۇرۇپ تۇرغاندىن ياخشى !
كەچۈرۈڭلار سۈرەتلەر سەل ناچار تارتىلىپ قالدى .كەچۇرگەيسىلەر! لىكىن مەقسىتىمنى ئىپادىلەپ بىرىشكە چوڭ ياردىمى بولدى...............
مەنبە:ئوماق پەرىشتە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-6 06:41 PM
|