ياتىمەن ئايۋاندا يۇلتۇزغا قاراپ،
سۇئالغا يۇلتۇزدىن سوراپ بىر جاۋاپ.
بىلمەيمەن نىچۈنكى يېرىمدۇر كۆڭۈل ؟
بۇ جىمجىت كىچىدە ھالىم بەك خاراب.
ئويلاندىم ئەتە ۋە ئەۋلات ھەققىدە،
تۈنۈگۈن بۈگۈن ھەم ئۆتمۈشكە قاراپ.
شۇ مەھەل خىيالىم ئۇچتى يىراققا،
تارىختىن بىر ئىزنى ئالدىم نىشانلاپ.
ئوي خىيال ئىچرە مەن ئالىم يىنىدا،
بىر ئىللىق سەزگۈلەر دىللارغا تاراپ.
پەقەتلا خىيالمۇ ئۆزىڭىز ئويلاڭ،
ئەگەرلەر قالسا دەم سىزلەرگە ياراپ.
سالاملار ئەيلىدىم ئەي يۈسۈف بوۋا،
دەردىم بار، بىر دورا بەرسىڭىز ماڭا.
مەندىلا ئەمەستۇر سۆزلىسەم كېسەل،
شۇم كېسەل يامرىدى بىزنىڭ دىياردا.
ۋە سالام خۇش كەپسەن ئوغلۇم دىدى ئۇ،
داۋاسى ئىزدىمەك ئىدى ھەم يولۇم.
قىنى نە كېسەل ئۇ ئەيلىگىن بايان،
ئەل ئۈچۈن ياردەمگە كۆكسۈمدە قولۇم.
ئىدۇق بىز ئىلگىرى ئاجايىپ مىللەت،
قەۋمىمىز خۇش-چاقچاق ئاز ئىدى ئىللەت.
جاھاننى تىترەتكەن يىگىت غەيرىتى،
قىزلاردا ئۇز خۇلىق، ھايا ۋە ئىپپەت.
ياماندىن قورۇقماي ئاجىزنى يۆلەپ،
يۈرمەيتۇق دوسىتلارنى ئاپەتكە سۆرەپ،
ئەزەلدىن قۇلۇپقا چۈشمەيىتتى ھاجەت،
يۈرمىگەچ مال مۈلۈك،ئۆيدىن ئەنسىرەپ.
يىگىتلەر يىگىتتەك ساقىلى بىلەن،
قىز چوكان دوپپىسى رومىلى بىلەن.
جاپالار تارتسىمۇ خەلىق كۆڭلى تىچ،
يۈرەتتى ھەر كىشى روھلۇق ۋە تىمەن.
مۇقەددەس دىنىنى بىلەتتى ئەزىز،
سەللىلىك ئەرەپ! دەپ قىلمايىتتى ئەرىز.
سىز كەبى ئاتلىنىپ يات ئەللەر ئارا،
ئۆگەنگەن كۆپ بىلىم ،بىلىپ بۇ پەرىز.
يۇقىرىدا ئەيلىدىم ئۆتكەننى بايان،
بۇ كەچمىش مەندىن بەك سىزگە ئەڭ ئايان.
سۆزلىسەم تىل كۆيەر بۈگۈندىن مىسال،
ئېنىقكى ئېيتارسىز، بۇ قانداق جاھان؟
كەپتىمىش« زامانغا ماسلىشىش» دېگەن،
قول شىلتىپ ھەر ھۈنەر ئىشلىتەر ئىكەن.
قۇل بولدى ،ئەل بولدى كۆپلىگەن خەلق،
ياخشى دەپ ماختاپلا، سانجىسا تىكەن.
قەلەملەر ئەلەمدە،ئوچۇق كۆزدە غەم.
ياڭرىدى ناخشىلار ،تولغاندى ئۇسۇل.
مەدەنىيەت كۆمۈلدى تىرىك پىتىلا،
پىغاندا ئۈرۈمچى،ھەم ئاقسۇ ، قومۇل.
قىسقىلار ئۇزۇن بولدى،ئۇزۇنى قىسقا،
تۈنۈگۈن راسىت ئىنسان بۈگۈنى ساختا.
قەسىت قىلار دۈشمەنلەر بۇ ھەق ئەزەلدىن،
ئەپسۇسكى دوسىتلارمۇ كولايدۇ ئورا.
مال دۇنيا تاپماستىن چىقتى بورىنى،
ھەشەمەت بەسخورلۇق ئاچتى تورىنى.
بىلىمنىڭ بۇلىقى- مەسچىتلەر پىنھان،
ئەزۋەيلەپ سۆزلەيدۇ ھاراق سورۇنى.
بەك ئۇلۇغ، بىلىمىز مۇقەددەس كىتاپ،
ماختالدى سىز يازغان بارچىكى خىتاپ،
ۋە لىكىن بۈگۈن بىز بوشاڭ ۋە ھورۇن،
قويمىدۇق ئۇلارنى تۈزۈك ۋاراقلاپ.
.
بىلىم ئىلىش دەرۋىكەن كەتتۇق موللىشىپ،
ئۆگەندۇققۇ تىللارنى مودا قوغلىشىپ.
ئىككى ئۇيغۇر سۆزلىشەر ئۆزگى تىلىدا،
ئوي،ئادەت ئەخلاقمۇ كەتتى ياتلىشىپ.
بىلىم ئىلىش ئەلۋەتتە ئىدى ياخشى ئىش،
ئىلىم بولغاچ يازدەكلا كۆرۈنەتتى قىش.
ئۆگەنگەننى ئىشلەتمەي توغرا يوللارغا،
ئۆز قەۋمىگە نادان ئىنسان بىلىمەكتە چىش.
مودىلىشىپ كەتتى قىزلار دەيمەن تولا خەپ،
ئۇزۇن كىيىم زامان بىلەن ئۆتەلمەمدۇ ئەپ؟
قونچاق بولۇپ ،ئۆينى بىلمەي يۈرگەن قىزلاردىن،
سورىغىم بار شەرم- ھايانى تۈگەتتىڭمۇ يەپ؟
يىگىتلەرمۇ ئاز ئەمەس ئازغان يولىدىن،
ئىچىش -چىكىش غەنىيمەت تەڭگە تولىدىن.
ئەركەك چاغلاپ ئۆزىنى قىزلارنى ئالدار،
تارتىپ كەتكەچ يامان يولغا شەيتان قولىدىن.
پۇل خەجلەيدۇ ئوينايدۇ تىلاۋەتمۇ يوق،
ئۇ دۇنيا ئەسكە كىرمەس كۆڭۈللىرى توق.
قۇلىقىغا ياقماس ئاڭا قىلساڭ نەسىھەت،
ساراڭ ئەمەس ساراڭقېتىش يۈرگەنلەردىن قورق.
بولدى بەس!يىتەر ئەمدى توختاپمۇ قالاي،
ئاڭا شپا دورىلارنى بەرسىڭىز ئالاي.
ئۇيقۇ كەلمەس بۇ كۆزۈمنى ئارام ئالدۇرۇپ،
ئاھ ئۇيغۇر!دىن، پاھ ئۇيغۇر!غا ئالمىشىپ ياناي.
ئاڭلاپ بولۇپ بوۋاممۇ چۆكتى سۈكۈتكە،
بۇ يۈرەگىم ئەجەپمۇ يىراق ئۈمۈتكە.
ئويلاپ قالدىم تۇيۇقسىز پايدىسى بارمۇ،
ياسىن سۈيى ئىچكۈزگەننىڭ ياتقان ئۆلۈككە.
ئۈمۈدۋار بول ئوغلۇم دەپ سۆز ئاچتى بوۋام،
گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ مەن قاينىدى ئوۋغام.
شىپالىق بىر دورىنى تىپىپ بىرەيكى،
ئۇشبۇ مىللەت تۈزۈلۈپ قىلغۇسى داۋام.
قۇلاق سالغىن سۆزۈم شۇدۇر دىققەتتە ئاڭلا،
ھىدايەت ۋە مەغفىرەتتۇر بۇ ئەلگە دورا.
مەيلى قاچان قايسى زامان چۈشسە ھاجىتىڭ،
ھەرنەرسىنى ياراتقان شۇ پاك زاتتىن سورا.
ئەمما رەسۇل قالدۇرغاندۇر مۇنداق نەسىھەت،
ھىچ قەۋىمنى ئاللاھ يۆلەپ ئالمىغاي پەقەت.
تاكى قەۋىم ئۆز- ئۆزىنى يۆلىمىگۈنچە،
زۇلۇم بىلەن قاراڭغۇلۇق ئىچرە ئۇ ئەبەت.
ھەق ئۆگەنگىن ،ھەق ئۆگەتكىن ، بىلىمنى يار بىل،
قەۋمىڭ ئۈچۈن ۋايىم يىسەڭ ئۆمۈرۈڭ پىدا قىل.
نەتىجىسى رەببىم بىرۇر ،سەۋەبى بىزدىن،
كۆپ ئىشلاردا ئەڭ مۇھىمدۇر ئېغىزدىكى تىل.
ئاندىن كىتاب بىرەي قېنى ئالغىن سەن ئېلىك،
ئۇشبۇ كىتاپ ئاتىلۇرلەر «قۇتادغۇبىلىگ».
ياخشلىقنىڭ يولى بىلسەڭ ئاڭا پۈتۈلدى،
بۇنى ئوقۇپ يىگلىمەس مىللەتنىڭ يىلىك.
كۇپايىلا قىلماستۇرلەر مۇنۇ بىر كىتاب،
توختىماستىن قىلسۇن ئېيت ئۆزىگە خىتاپ.
نىچۈن كىلەر دۇنياغا، نىمىشقا كىتەر؟
ئۇيقۇ بىرەر بىر زاۋالنى ،بۇ ئېغىر ئازاب.
يەنە يەتكۈز ھەق-ناھەقنى بىلىپ ياشىسۇن،
قەدىر-قىممەت مىللەت ئۈچۈن ھۇررا قاينىسۇن.
يامانلارنىڭ ،نوچىلارنىڭ ئىشلىرى ئاخساپ،
ياخشى كىشى ياخشى ئىشلار كۆكلەپ ئاينىسۇن.
ئىبرەت ئالسۇن بۇنىڭدىن ھەممە قېرى-ياش،
ھالال ئىشلەپ يۈرسۇن گەر ھالال بولسۇن ئاش.
بىلىم ئالسۇن ئۆگەنسۇن بولمىسۇن نادان،
چۈنكى نادان گوياكى كېرەكسىز بىر تاش.
ئاڭلاپ بولۇپ بوۋامغا ئېيتتىم تەشەككۈر،
رەھمەت ئېيتقاچ مەن يەنە قىلدىم تەپەككۈر.
مىللىتىم روناق تىپىپ گۈللەنسە ئەمدى،
غورۇر ۋىجدان ئەتىگە قىلار تەۋەككۈل.
مۇشۇ يەردە خىيالدىن قايتتىم ئەسلىمگە،
خىيالىمدا يەتتىم ھەتتا ئارمان ۋەسلىگە.
يۇلتۇز چاقنار سىرلىق قاراپ تەبرىكلىگەندەك،
يېڭىدىن بىر ئۈمىد كۆزنى ئاچقاچ ئەتىگە.
مەنبە:ئۆزۈم، ئاخىرىدا تەھرىرلەپ تۈزۈتۈش بەرگۈچى مىسرانىمدىكى چولپان، كۈيچى كۇلۇبىدىكى ئىستىقبال،بۇيەردە ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-6 02:00 PM