مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2198|ئىنكاس: 41

مەن كۈندە تاماكا تاشلايمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93072
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1739
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 09:21:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                م.ئوغلان
مەن كۈندە تاماكا تاشلايمەن !
ئەتىگەندە ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ،بىر خىل بىئاراملىق،گېلىم قىمىلدايتتى،بىرخىل كۈچ مىنى ئاستا تارتمىنى ئاختۇرۇپ تاماكىنى ئېلىشقا ئىتتىرەتتى.توۋا..،نىمە دىگەن ئارام تاپقانلىق ھە،تۈتۈن ئاسماندا ماڭا ئۇسۇل ئويناپ بېرىۋاتىدۇ ،تىنىمدە بىرخىل راھەت تۇيغۇ .ئاچچىقلىرىممۇ تۈگىدى ،غەزىپىممۇ تۈگىدى،ئىچىم سىقىلىشمۇ تۈگىدى،لىكىن......
ئاخشام تېخى دادام قېشىمغا كىردى ،ئۆيدىكى تۈتۈننى كۆردى-دە ،ئاچچىقىدا ،
ــ بىزنىڭ ئەۋلادتىن  سەندىن بۆلەك بەڭگى چىقىپ باقمىغان  ،سىنىڭ قېشىڭغا كىرەي دىسىمۇ ئچى سىقىلىدۇ ئادەمنىڭ ،تاماكىنى تاشلىۋەت بالام،ــ دىگەن ئىدى .
ئانام ئاستا كىردى ،مىھرىبانلىق بىلەن،
ــ سەن مىنىڭ نەزىرىمدىكى بۈركۈتسەن ،بۈركۈت ئەگەر زىيانلىق نەرسىنى كۆرسە دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ ،ئۆزىنىڭ ئولجىسىنى كۆرسە پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئېرىشىدۇ ،بالام سەن مىنىڭ ئۈمۈدۈم ،بۇنى تاشلىۋەتكىن،ــدېدى.
ئاھ.....! نىمە دىگەن ئۈمىدلىك سۆزلەر بۇ .مەن چوقۇم تاشلايمەن ،چوقۇم....
سىڭلىم ئوماق مېڭىپ قېشىمغا كىردى،كىچىك بولغاچقا بەك ئامراق ئىدىم ،مەن ئۇنى سۆيۈپ كەتتىم ،ئېغزىمدىن چىققان پۇراقتا ئۇ ھۆتىلىپ كەتتى ـ دە ،يىغلاپ يۈرۈپ قولۇمدىن بوشۇنۇپ چىقىپ كەتتى،يۈرۈكۈم شۇررىدە بولۇپ قالدى.
ياق،مەن بۈگۈن تاماكا تاشلايمەن .مەن چوقۇم ئىرادىگە كىلىشىم كىرەك ،مەن دىگەن ئوغۇل بالا ،چوقۇم تاشلايمەن .
خۇشال سىرتقا چىقتىم ،جاھان شۇنچە گۈزەل ،ئائىلە قوروسى ئالدىدىكى  گۈللەر شامالدا باشلىرىى لىڭشىتىپ مىنى قارشى ئېلىۋاتاتتى ،ئاسمان كۆپكۆك ،پاھ...،بۇلار نىمە دىگەن گۈزەل ،ئەگەر تاماكىنىڭ ئىسى كاللامنى قاپلىۋالمىسا مەن قانچىلىغان مۇنداق گۈزەللىكلەردىن ھوزۇرلىناتتىم-ھە ،
مەن بۈگۈن تاماكا تاشلايمەن ،مەن گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىمەن ،چوقۇم ،بىر ئىرادىگە كەلدىم .
بىر بوۋاي بىر موماي بىلەن بىر بىرىنى يۆلىشىپ كوچىدا كىتىپ بارىدۇ ،ئۇلارنىڭ كۈلكىسى نىمىدىگەن مۇھەببەتكە تولغان ،گەرچە قېرىغان بولسىمۇ مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ قەبىنى قېرىتالماپتۇ ،لىكىن مىنىڭ نىمە كۆرسەم مۇنداق بىر نىمە كۆرمىگەندەك سوغۇق چىرايىم ،مۇھەببەت تۈتۈنگە ئايلىناي دىگەن قەلبىم ،مەن ئۇلارغا ھەۋەس قىلىمەن .ئەگەر بوۋاي تاماكا چىكىپ شۇنداق قېرىغۇچە كىسەل بولۇپ قالغان بولسا ئۇلار مۇشۇنداق بەخىتلىك بولالامدۇ ؟
موماي بۇ چاغدا يىغىدىن بۆلەك ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.مەنمۇ بىر كۈنى ئۆز سۆيگۈنۈم بىلەن شۇنداق بەخىتلىك بولارمەن ،لىكن تاماكا چەكسەم بىرنىمە دىمەك تەس
مەن كەلگۈسى بالامنىڭ بەختى ،ئايالىمنىڭ خۇشاللىقى،ئۆمرۈمنىڭ ئۇزۇنلىقى ئۈچۈن تاماكا تاشلايمەن .
شۇنداق ئويلار بىلەن چىرايىم خۇشاللىققا تولدى ،شۇنداق ئۈمىد بىلەن قەدەم باستىم .كىتىپ باراتتىم ،تۇيۇقسىز بىر دوستۇم كەلدە-دە ،ــ ئاداش كىلە بىرەردىن تارتايلى ،ــدېدى.مەن ئىككىلەندىم ،ئۇنى رەنجىتكىم يوق ئىدى.لىكىن مەن بىر ئىرادىگە كەلگەن .«ياق» بۇ سۆزنى شۇنداق غەيرەت بىلەن ئېغزىمدىن چىقاردىم. ئۇ ھەيران قالدى ،
ـ مەن تاماكا تاشلىدىم ،ـ دېدىم.
ئۇ يەنە ،
ــ مەنمۇ كۈندە بەش قېتىم تاشلايمەن ،تولا مىنىڭ ئالدىمدا ئويۇن قويما ،چىكىمىز كىلە ،ــ دېدى.
خۇمارىممۇ تۇتقان ئىدى .ئىچكى دۇنيارىمدىكى بىر خىل كۈچ مىنى تاماكىنى ئېلىشقا زورلىدى ،«ياق » دىگەن سۆز ئىچىمدە ئۇرۇش قىلۋاتىدۇ ،شۇ ھەۋەس بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ ، شۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە قايسىسىنىڭ يېڭىپ چىقىشى نامەلۇم،مەندە جۈرئەت شۇنداق كەمچىلمۇدۇ ؟مەن «ياق»دىيىشتىن قورقامدىمەن؟  بۇ جەڭ ئىچىمدە بىر نەچچە سىكنۇت داۋاملاشتى .لىكىن مەن يەنە دېدىم ،
ــ ياق،سەن مىنى دوستۇم دەپ بىلسەڭ مىنى ھۆرمەت قىل ،مىنى قوللا ،مەن تاماكا تاشلىدىم . ــ دېدىم قەتئىي ئاۋازدا .
ــ ئەكەل قولۇڭنى ئاداش ،مەنمۇ بۇ نىجىسنى تاشلاشقا ئىرادە باغلىدىم ،بىز بىللە تاشلايلى،ــ دېدى ئۇ قولىدىكى تاماكىنى ئۆچۈۋېتىپ.
كەچ بولدى ،مەن دېرىزىدىن شۇنچە بەڭگىلەرنى كۆردۈم ،«ئۇلارغا مەندىن ئۈگۈنۈڭلار  » دىگۈم كەلدى .مەن تاماكا تاشلاشنى ئىرادە قىلىپ تاماكا ۋە چاقماقنى ياستۇق ئاستىدىن تارتما ئىچىگە سالدىم ....
ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇردۇم ،تارتمىنى ئاچتىم ،يەنە شۇ ئىس  مىنى ئۆز قوينىغا ئالدى .....
مۇشۇنداق تەرىقىدە تاماكىنى كۈندە تاشلايمەن ئەتىگىنى يەنە چىكىمەن .مەن نىمىدىگەن ئىرادىسىز ! ئىزدەندىم ،زادى نىمە ئۈچۈن؟ بەلكىم مىنىڭ خاراكتىرىم مۇشۇنداقتۇ،شۇڭا تاماكا دەل مەندەك كىشىنى بوزەك قىلىدىغاندۇ، كاللامدا مىڭ خىل سۇئال .مىنى بىرسى يەنە تاماكا چىكىشكە زورلىغاندەك ،يەنە قولۇمنى باشقۇرالماي چىكەتتىم.
مەن تاماكا تاشلايمەن ،كۈندە تاشلايمەن .توختىمايمەن ............ ( بىر دوستۇم ئېغزىدىن)
     2013.04.06


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-6 09:24 AM  


سەندىن دۇنيادا يەنە بىرسى بارمۇ ؟
باتۇر880 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 12:49:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئالى باشقۇرغۇچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1035
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 12:51:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنى مۇشۇنداق ئىچىش چىكىشتىن يىراق قىلىپ ئۆستۈرگەن خۇداغا مىڭ شۈكرى ھازىر تاماكىنى 20 كۈن ئىچىدە تەلتۆكۈس تاشلاتقۇزىدىغان دورا چىقىپتۇ 15 كۈن ئىچىدە ئۆپكىدىكى قالدۇق نىكوتىننى چىقىرىپ تاشلاپ تاماكا چىكىش ئاسارىتدىن قۇتۇلدۇرىكەن لىكىن ھەممە ئىش ئادەمنىڭ نىيەت ئىرادىسىغا باغلىقتە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم!
دوستىڭىزغا تەۋسىيە ئىرادىسى چىڭ بولسۇن!بەڭگى دوسلىرىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزسۇن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tohrayol. + 10 توغرا مۇناسىۋەتنى ئۈز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22601
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7198
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:31:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە شۇ قۇرۇق قىپىنى ياكى .چىكىپ بولغان كويۇندىنى تاشلامسىز

سۆزلىرىم ئاشكارە
سىرلىرىم پىنھان
قەلبىمنى چۇشەنمەس
ھىچقانداق ئىنسان

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشلىۋەتمەي  يانچۇققا  سېلۋېلىڭ  .مۇھىت  بۇلغۇنۇپ كەتمىسۇن  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،
tohrayol. بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:46:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇر ئوغلانى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13061
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 6475 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:47:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا تاشلايمەن ،ئىككىنجىلەپ چەكمەيمەن دىسە،چوقۇم تاشلىغىلى بولىدۇ ،ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ...

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 02:16:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشلاش تاشىماسلىق  نىيەتكە باغلىق

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 02:28:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتېمىڭىزنى كۆرۈپ يىغلاپ تۇرۇپ جاينامازدائولتۇرۇپ تەۋبەقىلىپ،ھاراق تاماكىدىن قەتئى قول ئۈزىمەن دەپ قەسەم قىلغان تۇرۇپ ئارىدىن بىرمەزگىل ئۆتۈپلايەنەشۇئىشنى قايتاتېپىۋالغان دوستۇم كۆزئالدىمغاكەلدى.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش