مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1445|ئىنكاس: 24

كۆزىڭىزنى ئاسىراڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12188
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 09:14:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزگە زىيانلىق ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
1. مۇھىتتكى ھەرخىل چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك ۋە ھەرخىل ئۇششاق ھاشارەتلەردىن كۆزنى مۇداپىئە قىلمىغاندا كۆزگە كىرىپ كەتسە ھەرخىل كۆز زەخمىلىنىشلىرىنى، كۆزنىڭ قىزىرىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.كۆزنى زىيادە چارچىتىۋېتىش، يەنى ئۇزۇن مۇددەت توختىماي كىتاب كۆرۈش، ماشىنىدا مېڭىۋىتىپ كىتاب كۆرۈش،تاماق يەۋىتىپ كىتاب كۆرۈش، كىچىك خەتلەرگە كۆپ قاراش، قىزىل رەڭلىك قەلەملەرنى كۆپ ئشلىتىش، كىتابنى بەك يېقىن تۇتۇپ كۆرۈش، رەڭلىك تېلېۋىزورلارغائۇزۇن مۇددەت تىكىلپ قاراپ ئولتۇرۇپ كۆرۈش،خەت يېزىش قىياپىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى، يەنى كۆز بىلەن ماتىريالنىڭ ئارلىقى بەك يېقىن بولۇپ كېتىش ياكى بەك يىراق بولۇپ كېتىش، ئۇزاق مەزگىل كومپىيوتۇر ۋە ئۆتكۈر نۇرلار ئاستىدا خىزمەت قىلىش قاتارلىق ئادەتلەر كۆزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
3. تاماق تاللاش، يەنى كۆزگە پايدىلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلانى يېمەسلىك،لازا-ئاچچقسۇ، يەللىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيش، كۆزگە پايدىلىق بەزىبىر يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك قاتارلىقلارمۇ كۆزنىڭ ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. زىيادە ئىسسقلىق تەسىرىدىن كۆزدە ئىسسقتىن مىزاج بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىپ، كۆز ئىچكى بېسىمى ئارتىپ كېتىش،كۆز چىڭقىلىپ ئاغرىش، كۆز قىزىرىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. كۆزنىڭ تازلىقى ياخشى بولماسلىق، يەنى پاسكىنا قول ۋە پاسىكىنا لۆڭگىلەر بىلەن كۆزنى سۈرتۈش، كۆزنى پاسكىنا سۇلار بىلەن يۇيۇش قاتارلىقلارمۇ ھەرخىل كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.
6. كۆزنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرماسلىق، يەنى ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن كۆزنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرماسلىق ۋە ئارام ئالدۇرماسلىق سەۋەبىدىنمۇ يېقىننى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ھەرخىل كۆز كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.
7. يۈرەك، مېڭىنى ۋە جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرغۇچى ھەرخىل ھورمۇن تەركىبلىك دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا مېڭىدىكى سەزگۈ قۇۋۋەتنى ئاجىزلىتىپ،كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، ناماز شام قارىغۇسى ۋە قارىغۇ بولۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. كۆزگە قالايمىقان كۆز گىرملىرىنى ئىشلىتىش، يەنى سۈپىتى ناچار، ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرخىل سۈرمە، لاك ۋە كۆز قاپاقلىرىغا سۈرىدىغان گىرىم بويۇملىرىنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ھەرخىل كۆز ياللۇغلىرى ۋە كۆز قىزىرىپ ئىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق، يەنى ۋاختىدا قېنىپ ياخشى ئۇخلىماسلىقمۇ كۆزنىڭ قىزىرىپ قېلىشى ۋە كۆزنىڭ چارچاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. ھاراق-تاماكىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، بۇمۇ كۆزگە زىيانلىق بولۇپ، يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ كۆزنىڭ ئىچكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ، كۆز قىزىرىپ قېلشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
11. كۆزگە زورمۇ زور گرادۇسلۇق ئەينەك تاقاش، بۇ خىل ئادەت كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.

كۆزنى ئاسراش تەدبىرلىرى
1.كۆزنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ۋاقىتىدا ھەر20~30 مىنۇت كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن بىر قىتىم دەم ئېلىش، يەنى يىراقلارغا ، يېشىللىقلارغا قاراپ بېرىش كېرەك ھەم يۇقىرىقى زىيانلىق ئامىلدا سۆزلەنگەن ناچار ئادەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.
2. كۆزنىڭ تەبئىي مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قوغداش كېرەك. يەنى بوران-چاپقۇن، ئىس0تۈتەك،قۇم بورانلاردىن توساش ئۈچۈن كۆز ئەينەك تاقىۋېلىش، ئەگەر ئۇ بولمىغاندا كۆزنى قالايمىقان ئۇۋلىماستىن لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ( ئىلىمان سۇدا) كۆزنى يەڭگىل ئۇۋلاپ تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.
3. كۆزنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇپ بېرىش يەنى دائىم سىرتلارغا چىقىپ يىراقلارغا ، يېشىللىقلارغا، ئاسمانغا قاراپ بېرىش، كۆپ خەت يېزىپ كۆپ كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن5~10 مىنۇت كۆز گىمناستىكىسى ئويناپ بېرىش كېرەك. 4.تاماق تاللىماسلىق، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يېيىش كېرەك، تۇرۇپ، سەۋزە، يېسىۋىلەك، غول پىياز، تەرخەمەك، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، قىزىل دېڭىز يۇسۇنى، كۈنجۈت، جىگەر، تۇخۇم سېرىقى، قارا گۆش، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك.
5. كۆزنى مۇۋاپىق چىمچىقلىتىپ بېرىشمۇ پايدىلىق، يەنى بوش ۋاقىتتا كۆزنى چىمچىقلىتىپ بەرسە كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق كۆز مۇسكۇللىرىنى جانلاندۇرغىلى، كۆز ئالمىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرغىلى، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، كۆزنى نەمخۇش قىلىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 6. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە ئۇخلاش ئالدىدا2 قولنىڭ ئالقىنىنى تىز سۈرئەت بىلەن بىر-بىرىگە سۈركەپ، قىزىغان ئالقاننى ئىككى كۆزنىڭ ئۈستىگە قويسا كۆز قىسىمىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
7.كۈندىلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ھەمدە باشقا خىزمەت ئۈگىنىش ۋاقىتلىرىدىمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.
8. قۇلاققا ھالقا ئېسىۋېلىشمۇ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ،چۈنكى قۇلاقنىڭ ئاستىنقى ھالقا سېلىنىدىغان ئورنىدا بىر پەللە بولۇپ، بۇ ھالقا تەسىرىدىن ئۇۋىلىنىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
9. ھاراق ۋە ھورمۇن تۈرىدىكى كۆزگە زىيانلىق تەركىبلىك دورىلارنى ئىشلىتىشتىن چەكلەش كېرەك.
10، كۆزگە سۈرمە تارتىپ بېرىش كېرەك، يەنى تاش سۈرمە، ئەرقى بەدىيان، مەرۋايىت،سەدەپ، مامىرانچىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ( بولسا200گرام كۆزلۈكتىن) كۆزگە تارتىپ بەرسە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
11. كۈندە كۆزنى پارلاندۇرۇپ ئېلىنغان سوغۇق سۇدا يۇيۇپ بەرسە پايدىلىق.
12. بابۇنە يېغى، قەلەمپۇر يېغى، ئامىلە ياغلىرى بىلەن باش ساھەسىنى يەڭگىل ياغلاپ بېرىش كېرەك.
13. سېغىزخاننىڭ ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
14. موگو، سەۋزىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
15. ئارپىبەدىيان 30 گرام، سېرىقچىچەك15گرام، شېكەر ئالتە گرام،سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە ھەربىرى 9 گرامدىن، بۇ دورىلارنى چايلىق تەييارلاپ ئىچشكە بېرىلىدۇ.
16. تۇتىيانى قىرىپ، تالقىنىنى ھەركۈنى بىر قىتىم نەيچە بىلەن كۆز گە پۈركۈپ بەرسە، كۆزدە ئاق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم ھەرخىل كۆز ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
17. قارىياغاچنىڭ قوۋزىقىنى سويۇپ، تالقانلاپ، ئۆچكە ياكى توشقاننىڭ ئۆت سۈيۈقلىقىغا ئارلاشتۇرۇپ، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، تاسقاپ، قايناق سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ، كۆزنىڭ سرتىدىن سۈركەپ بېرىشنى داۋاملاااااشتۇرسا، كۆزنىڭ قىچىشىپ ياش ئېىقىشى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
18. مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆك كەپتەر باچكىسىنى شورپا قىلىپ پىشۇرۇپ يەپ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىشنىڭمۇ كۆزنى ئاسراشقا پايدىسى بار.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-6 02:03 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-6 03:43 PM):
http://www.nur.cn/news/2013/04/115217.shtml

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5314
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 12:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
مېنىڭمۇ شۇ ئاجىزراق كۆزەينەك تاقىمايمنن لىكىن ئاپتاپلىق كۈنلەردە كۈزۈم قىسىلىپ كېتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85394
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 12:29:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىي تىبابەتنىڭ تەييار دورىلىرى بارمىدۇ  ، خام دورىلىرىنى تىپىپ تەييارلاپ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ بولالمايدىكەن ئادەم

پاشىلار گەر توپلىشىپ ھۇجۇم ئەتسە ،
پىلنى ھەم ناتىۋان قىلغۇسى بىشەك .
شىر تېرىسىنىمۇ ھەم پارە قىلغۇسى ،
چۈمۈلە يىغىلىپ كەلسە گەر كۆپرەك .
---- «كەلىلە&دېمىنە»

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3241
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10638
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 670 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 12:39:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ، بولمىسا ئۆچىرىلىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7008
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1917 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:37:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ كۆزۈم يېقىننى ياخشى كۆرەلمەيدىغان بوپ قالدىم، قانداق قىلسام بولا، يەنە بەزىدە سەل قىچىشىپ كىتىدۇ.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 02:56:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەكرەك دىققەت قىلسام بولغۇدەك

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12188
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 03:45:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karluk2009 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 12:39 PM
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ، بولمىسا ئۆچىرىلىدۇ...

بولىدۇ

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4287
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 06:17:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىناپ باقاي

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزنى ئاسىرىغان ھەممىدىن مۇھىم، بولۇپمۇ بېزدەك كۆزى ئاجىز ئادەملەر تېخىمۇ چۇشىنىدۇ، بۇندىن كېيىنمۇ تېخىمۇ يۇمۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلسام بولغۇدەك. ئەجىرىڭىزگە رەخمەت. ياخشى تېما ئىكەن.

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12188
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 08:52:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،تور ئارلاپ كىتىۋىتىپ ئۇيغۇرچە بىر قىسىم دىتاللارنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم دوسلار بىلەن بىللە پايدىلىناي دەپ سىلەر ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم،قىنى ئىشلىتىپ باقارسىلەر،
ئۇيغۇرچە دۇنىيا خەرىتىسى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
qqغا ئۇيغۇرچە يوللاش دىتالىنىڭ ئەڭ يىڭى نۇسخىسى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئۇيغۇرچە جوڭگو خەرىتىسى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
تور سۈرىتىنى تىزلىتىش دىتالى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆلچەملىك رەسىملىرى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
يەلتاپان ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش دىتالى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئۈندىدار كومپىيۇتىر تولۇق نۇسخىسى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
پىچەت رەسىم لاھىيەلەش دىتالى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
دۇنىيا خەرىتىسى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
فىلىم كىرىشتۈرۈش دىتالى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
شوپۇرلۇق نەزىريە ئىمتاھان سۇئالى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
تۈرۈكچە ئۇيغۇرچە لۇغەت pdf شەكلى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئالبوم ياساش دىتالى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
سىمسىز تور مەخپى نۇمۇرنى يىشىش دىتالى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ھەممىسى شۇنداق ياخشى دىتاللار قىنى دوسلار ئىشلىتىپ بىقىڭلار  ياراپ قالسا  دۇئا قىپ قوياسىلە ھى ھى ھى
مەنبەسى  تور دىسكام  سىزمۇ ھەقسىز ،چەكسىز تور دىسكىسىغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز  
بۇ يەردىن تىىزملىتىڭ
تىخىمۇ كۆپ دىتال ياكى ماتىرياللارغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز
بۇ يەرگە مەرھەممەت






ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش