مەمەت ساۋۇتنىڭ كۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى!
مەمەت ساۋۇت، بۇ يىل 28ياش. 2009-يىلى توساتتىن پۈتۈن بەدىنىگە ئەسۋە ئۆرلەش، تېرىلىرى سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە «ئېغىر تىپلىق دورا ئەسۋەسى(重症药疖)»،«چوڭ قاپارتقۇ تىپلىق تېرە يۈزى سويۇلۇش خارەكتىرلىك تېرە ياللۇغى(大疱型表皮剥脱性皮炎)» دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ، كۇچا، شايار، ئاقسۇ خەلق دوختۇرخانىلىرى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا قايتا-قايتا داۋالىنىپ بەدىنىدىكى قاپارتقۇلار ياخشىلانغان. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردىن باشلاپ ئىككى كۆزىدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ بارا-بارا ئېغىرلىشىپ كۆرمەس بولۇپ قېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مەزكۇر ھازىرغىچە ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش جەريانىدا جەمئى 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقىم تارتىپ ھازىر قولىدا ھېچقانداق ئىقتىسادى قالمىغان. ئايالىمۇ ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالغان. ئۇ 5 ياشلىق ئوغلى بىلەن يالغۇز قېلىپ تۇرمۇشتا ۋە كۆزىنى داۋالىتىشتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچار بولغان. ناھىيىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى سىياسەتكە ئۇيغۇن كەلگەن ھالەتتە 2000يۈەن ياردەم قىلغان. بۇ پۇل ئۇنىڭ كۆزىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئاران يەتكەن. ئاخىرىدىكى خۇلاسىدە كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى تېشىلىپ كەتكەن بولۇپ ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭغا نۇرغۇن ئىقتىساد بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇرنىڭ قولىدا 63 ياشلىق ئۆگەي ئاتىسى تەقسىملەپ بەرگەن 2 مو يەر بولۇپ، ئۆز نامىدا يەر يوق. ئاپىسى 2011-يىلى جىگەر راكى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن. مەزكۇرنىڭ بىر قوساق تۇققانلىرى يوق.
ئۇ كۆزى ئاغىرغاندا بەك قىينىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:« كۆزۈم ئاغرىپ كەتكەندە ئاغرىقىغا چىدىماي يىغلاپ كېتىمەن، ھەتتا چاچلىرىمنى يۇلۇپ كېتىمەن...ھەر 10 مىنۇتتا بىر قېتىم دورا قۇيۇپ تۇرمىسام كۆزۈم ئېچىلماس بولۇپ قالىدۇ. ئەتىگىنى ئويغانغاندا كۆزۈمنىڭ مەڭگۈلۈك يۇمۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قولۇمدا يىرىپ ئېچىپ دورا تېمىتىمەن. كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ...»
ئۇنىڭ كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسنى ئالماشتۇرۇشقا 250000 يۈەن كېتدىكەن. ئۇ بىر كۆزنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزنىڭ بىر بۆرىكنى سېتۋېتشىنى ئويلىغانلىقنى ھەمدە باشقىلار بىلەن ئالاقلشىپ بىرشنى ئېيتىپ كەپتۇ.
ئۇنىڭ كۆزىنى ۋاقتىدا داۋالىمىسا ئىككىلا كۆزى ئەما بۇلۇپ قالدۇ.
ئويلاپ بېقىڭلار ئۇ كۆزدىن ئايرىلسا يەنە بۆرىكدىن ئايرىلسا ئۇنىڭ 5 ياشلىق بالسى تۇرسا، كىيىن ئۇ نارسىدە قانداق قىلدۇ.
ھازىرمۇ ئۇ يول ماڭسا 5 ياشلىق بالسى ئۇنى يېتىلەپ ماڭدۇ.
شۇڭلاشقا ئامالسىز بىز بۇ مۇراجەتنامنى چىقىرشنى قارارىغا كەلدۇق. جەمىيەتتە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر تۈگەپ كەتكىنى يوق. تورداشلارنىڭ مەزكۇرنىڭ تۆۋەندىكى بانكا كارتا نۇمۇرىنى يېزىۋېلىپ، بانكا تەرەپلەرگە ئۆتكەندە ئازراق ۋاقتىنى چىقىرىپ، ئاتىغىنىنى سېلىۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلىمىز ۋە مەزكۇر مەمەت ساۋۇت نامىدىن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. رەھمەت سىلەرگە!
بۇ يەردە ئاز كۆپ مەسلسى مەۋجۈت ئەمەس، پەقەت 1يۈەن،5 يۈەن بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىمىزنى بىلدۈرگەنلىك ،ئۆزقېرىندىشمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشقانلىق بولدۇ.
ۋاقتى يار بەرگەن تورداشلاردىن بۇ تېمىنى بارلىق ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە يوللاپ قويىشىڭلارنى ئۆمىد قىلىمىز)
مەمەت ساۋۇت(麦麦提.萨伍提)نىڭ يان تېلفۇن نومۇرى:
18799915248
سودا سانائەت بانكا كاتىسى
6222023014005276413
يېزا ئېگىلىك بانكا كارتىسى
6228483658005493772
پۇل تۆلەش گۆھىرى 支付宝 دىكى ھېساۋات ئادېرسى:
taxna20@163.com
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر قوشۇمچە قىلىندى