|
|
|
|
ئونسۇدىكى قەدىمكى مازارلار
ئاپتۇرى:مارشال
2013-يىلى 2-ئايلاردا،كەمپۈتەردە ئاقسۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ ئاكام بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردۇق.مەن پات يېقىندا ئاقسۇ شەھىرىگە باردىغانلىقىمنى ئېيتسام،ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ ئاكام ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق بولغان ئونسۇ ناھىيسىدە كىشىلەر نەزىرىدىن چەتتە قالغان بىر قەدىمىي مازارلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ھەمدە مەن ئاقسۇ شەھىرىگە بارغاندا ئاقسۇدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار بىلەن شۇ مازارنى كۆرۈپ كېلىش توغۇرسىدا مەسلىھەتلەرنى سالدى.مەن بۇنىڭدىن خوشال بولۇپ تارىخىي قىممىتى يۇقۇرى بولغان،كىشىلەر نەزىرىدىن چەتتە قالغان بۇ مازارنى كۆرۈپ بېقىش ھەمدە تەتقىق قىلىپ بېقىش ئويى كەلدى.
شۇنداق قىلىپ،2013-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى مەن ئاقسۇ شەھىرىدە ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ ئاكام بىلەن ئۇچراشتىم.كەينىدىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابباس مۇنىياز،ئۈچتۇرپان مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلدىغان ئابدۇۋايىت مۆلجەرى،ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستۇتىدىكى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى خوجىنىياز مۇئەللىم قاتارلىقلار بىر يەرگە جەم بولدۇق.تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن بىز ماشىندا ئونسۇ ناھىيسىگە قاراپ يول ئالدۇق.
ئونسۇنىڭ ئەسلىي ئاتىلىشى(كونىشەھەر)بولۇپ،ئۇ يەردە مىللىي مەدەنىيەتكە دائىر نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇچراتقىلى بولدىكەن. يەنە ئۇيغۇر تارىخىدىكى زور ۋەقە<<ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى>>ئېلىپ بېرىلغان يەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.قەدىمىي شەھەرنىڭ كىشىنى ئويلاندۇردىغان تەرەپلىرى كۆپ بولۇپ قەدىمىي مازارلار،شۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى،ئۆرپ-ئادىتى،تارىختىن بۇيان يارىتىپ كەلگەن شانلىق مەدەنىيىتى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
بىز ئونسۇ ناھىيسىدە پىشقەدەم كىشى بولغان زىيالىيلاردىن ئابدۇراخمان مامۇت دىيارى ئاكىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق.يەنە ئونسۇ ناھىيسىدىكى يازغۇچىلاردىن ئابدۇللارئېلى بەگزادمۇ زىيارەتكەقېتىلىپ بىز بىلەن جەم بولدى.شۇنداق قىلىپ بىز ئونسۇدىكى كۆلەم دائىرسى جەھەتتە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە چوڭ ھېسابلىندىغان،تارىختىكى تۇتقان ئورنى مۇھىم بولغان قەدىمقى مازارغا قەدەم قويدۇق.
ئابدۇراخمان مامۇت ئاكىمىز بۇ يەردە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت ۋە تەتقىقاتلاردا بولغاچقا مازارلىق توغۇرسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدىكەن.بىز قەبرىستانلىققا يېتىپ كېلىپ چۈشىشىمىز بىلەن كۆز يەتكۈسىز بولغان مازارلىقلارنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدۇق.چۈنكى، مازارلارنىڭ تارىخىي قىممىتى ھازىر كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالسىمۇ شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن ئىدىكى،يەكەن ناھىيسىدىكى ئالتۇن مازار دەپ دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن يەكەن خانلىرىنىڭ مازىرى بىلەن تۇتقان ئورنى ئوخشاش ئورۇندا ئىكەن.ئابدۇراخمان ئاكىمىز ماشىندىن چۈشۈپ بىزگە شۇنداق دېدى:
-ئونسۇنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلىشىدىن قارىغاندا،قەبرىستانلىقلار ئۈستىگە جايلاشقان.چۈنكى،بۇ يەرنىڭ يار ئۈستى سېغىز توپا،تۇپراق قۇرغاق بولغاچقا بۇ يەردىكى گۈمبەز،قەبرە ۋە بۇرۇنقى پاسىل تاملارنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن.شۇڭا،بۇرۇنقى چاغلاردا جەسەتلەرنى مۇشۇ يەرگە قويغان.خەلق ئارىسىدا تارقالغان قوشاقلارنى مىسال ئالساق:
ئونسۇ دېگەن كونا يۇرت،
خانقا ئالدىدا رەستە.
مازارلىرى ئېگىزدە،
ئۆي،سارايلىرى پەستە.
تارىخىي كىتابلاردىن ۋە بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتىدىن شۇنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇكى،ئۆلۈكلەرنى ئېگىزدە قويۇش،تىرىكلەر پەستە ياشاپ كەلگەن.
ئابدۇراخمان مامۇت ئاكىمىزنىڭ دېيىشچە،بۇ مازارنىڭ كۆلىمى 9000مو ئەتراپىدا بولۇپ،قەبرىستانلىق ئۇزۇنلىقى تۆت كېلۇمىتىر،كەڭلىكى بىر يېرىم كېلۇمىتىر كېلىدىكەن.قەبرىستانلىقنىڭ سانى 318مىڭ450قەبرە بولۇپ،تەخمىنەن 1مىليۇن 53مىڭ 450جەسەت بار ئىكەن.ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنى،يول،دۇكانلارنى قوشقاندا بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمى 10000دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.بۇ يەرنىڭ تارىختىدىكى تۇتقان ئورنى چوڭ بولۇپ،گۈمبەزلەرنىڭ ياسىلىشى كۆركەم بولۇپ،نۇرغۇن گۈمبەزلەر خېلى مۇكەممەل ساقلانغان ئىكەن.
بۇ رەسىملەر بىزنىڭ ئالتۇنلۇرۇم مازىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش بولۇپ،بۇ يەردىكى مازارلارنىڭ تارىختا تۇتقان ئورنى يەكەندىكى ئالتۇن مازار بىلەن ئوخشاش ئىكەن.ئابدۇراخمان مامۇت ئاكىمىز بىزگە بۇ ھەقتە توختىلىپ شۇنداق دېدى:
-ئالتۇنلىرىم مازىرىنىڭ كۆلىمى 3600مو،قەبرە 12مىڭ،جەسەت 432مىڭ.ئالتۇلۇرۇم قەبرىسىدە بۇرۇن ئالتۇنلۇرۇم خانقاسى بار ئىدى.خانقانىڭ كۆلەم دائىرسى 10مودىن ئارتۇق ئىدى.بۇ يەردە مەسچىت،ئىبادەتخانا،تالىپلار ياتىقى،ھاجەتخانا،مۇنچا،تەرەت ئېلىش ئۆيى قاتارلىقلار بولۇپ چوڭ كۆلدىن قىش -ياز سۇ ئۈزۈلمىگەن.خانىقا بولۇپ ناھايىتى كۆركەم ياسالغان،كۆل ئەتراپلىرى ئەرمۇدۇن دەرەخلىرى بىلەن قاپلانغان.بۇ يەردىكى دەرەخلەر كۆكىرىپ تۇرغان.تارىخ بېتىدىن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن.
شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ يەردىكى خارابىگە ئايلانغان تاملارنى ۋە ئېتىكاپخانا ئىچىدىكى كۆركەم نەقىشلەرنىڭ تاشلاندۇقلىرىنى كۆرۈپ ئابدۇراخمان ئاكامغا شۇنداق دېدىم:
-ئابدۇراخمان مامۇت ئاكا،بۇ يەردىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلار بۇرۇن مۇكەممەل ساقلانغانمۇ؟قاچان مۇشۇنداق خارابە ھالەتكە كېلىپ قالغان؟سىز كىچىك ۋاقىتلىرىڭىزدا كۆرگەندىكى ھالىتى بىلەن ھازىرقى ھالىتىدا قانداق پەرقلەر بار؟
ئابدۇراخمان ئاكام مېنىڭ سوئالىمغا ئۇزۇن سۈكۈت ئىچىدە تۇرىۋىتىپ شۇنداق دېدى:
-مەن دۆلىتىمىز يېڭى ئازات بولغان چاغلاردا بۇ يەرگە دائىم كېلىپ تۇراتتىم.بۇ يەردىكى مەدرىس،مەسجىت،ياتاق،ھۇجرا ئىنتايىن كۆركەم بولۇپ تىرىك تارىخنىڭ شاھىدى ئىدى.نۇرغۇن تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك يەرلەر بار ئىدى.نۇرغۇن گۈمبەزلەرنىڭ ئۈستىدە كۆك خىشلار مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ تارىخقا قىزىقىدىغان كىشىلەرنى بۇ يەر جەلپ قىلاتتى.1967-يىلى 11-ئايلاردا يەنى <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>>دا تۆت كونا دەپ قارىلىپ <<قىزىل قوغدۇغۇچىلار>>تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى ياكى قومۇرۇپ تاشلانغان.ھازىرقى بىز كۆرۈۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشلار مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى تاشلىنىپ كەتكەن ھالىتى- دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ يەردىكى خارابىگە ئايلانغان قۇرۇلۇشلار،نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن گۈمبەز-قەبرىلەر كۆپ ئىكەن.بۇ يەرنى سېستىمىلىق،مۇكەممەل تەتقىق قىلىش ئۈچۈن خېلى كۆپ ۋاقىت،نۇرغۇن ئىزدىنىشلارغا توغرا كېلىدىكەن.راستىننى ئېيتسام،22يىللىق ھاياتىمدا مېنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن كۆلەم دائىرسى ئەڭ چوڭ،تارىخي قىممىتى يۇقۇرى،تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىللەر بىر قەدەر كۆپ بولغان مازارلارنىڭ تۇنجىسى دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.چۈنكى،بۇ يەردىكى قەبرىلەرنىڭ گۈمبىزىگە قارىسا،يەكەن ناھىيسىدىكى ئالتۇن مازاردىكى سۇلتانلار قەبرىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
كۆپ كىشىلەر قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى مەشھۇر مازار بولغان ئاپپاق غوجا مازىرىنى بىلىدۇ.ئاپاق غوجا مازىرىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ.كېسەك تام بىلەن ھېچقانداق ياغاچ ئىشلەتمەي سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇش جوڭگۇ ۋە چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن.ئونسۇدىكى قەدىمىي مازارلارنى زىيارەت قىلغان چېغىمىزدا،بىناكارلىق قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئاپپاق غوجا مازىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇن تۇتىدىغان،بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان يەنە بىر قەبرىنى ئۇچراتتۇق.ئۇ قەبرىنىڭ ئىچىدىكى كۆركەم نەقىشلەر تا ھازىرغا كەلگۈچە ساقلانغان بولۇپ ،بىزنى ئويلاندۇردىغان ۋە يىراق ئۆتمۈشلەرنى ئەسلىتىدىغان مازارنى كۆرگەن چېغىمىزدا قەبرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا تۇتقان ئورنىنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتۇق.
بىز يەنە مازارلارنى ئايلاندۇق.نۇرغۇن گۈمبەزلەر ئۆز پېتى ساقلىنىپ قاپتۇ.ئابدۇراخمان ئاكام بىزگە شۇنداق دېدى:
-يار ئۈستىدىكى كۆلىمى چوڭ بولغان بۇ قەبرىلەر بىر-بىرىدىن پۇختا ھەم كۆركەم سېلىنغان.سۇڭا،ئەسىرلەردىن بۇيان يەر تەۋرەش.يامغۇر،بوران.ھەرخىل تەبىئەت ھادىسلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ،دېڭىز-ئوكيانلاردىكى خادا تاشلاردەك قەد كۆتۈرۈپ كەلدى.بۇخىل چىداملىق -ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىشچانلىقىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن.
بۇ يەردىكى قەبرىستانلىقنىڭ كۆلەم دائىرسى بىر قەدەر چوڭ،قەبرىستانلىقتىن سىرت،مەسجىت،خانىقا،مەدرىس قاتارلىق مۇھىم بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ساقلىنىپ قاپتۇ.گەرچە،كۆپ قىسىملىرى خارابە ھالەتتە ساقلىنىپ قالسىمۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلىشى،مىمارچىلىق سەنئىتى،مازار مەدەنىيتى قاتارلىق جەھەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مازارلارنىڭ بىرى ئىكەن.
بىز مازارنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن،يار ئۈستى دەپ ئاتالغان بىر يەرگە قەدەم تەشرىپ قىلدۇق.
يار ئۈستى دېگەن يەر كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا بۇرۇنقى ئىسلام دىنغا كىرگەن مۇغۇلىستان خانلىرىنىڭ ئوردا ئورنى بولۇشى مۇمكىن دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىدۇق،چۈنكى بۇ يەردىكى قەبرىستانلىق ۋە خارابە ھالەتتە كېلىپ قالغان مەدرىس،مەسجىت،خانىقا،مۇنچا...قاتارلىقلارنىڭ تارىخ ئىزلىرى بار ئىكەن.ئالتۇنلۇقۇم مازىرىنىڭ شۇ يەردە ئورۇنلىشىپ قېلىشى ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنغا بەيئەت قىلغان مۇغۇلىستان خانلىرىنىڭ ئوردا ئورنىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە تارىخ ساھاسىدە بىز ئۈچۈن قاراڭغۇ بولۇپ كەلگەن بەزى سىرلارنى يېشىش،ئىزدىنىشقا توغرا كېلدىكەن.
تۇيۇقسىز،يار ئۈستى دېگەن يەرگە كېلىۋاتساق بىر كىشى ئۇچرىدى.بىز ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى بىلدىغان بەزى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى:
-نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا،خوجىنىياز ھاجىنىڭ نەۋرىسى بۇ يەرگە كېلىپتىكەن.نەۋرىسى ماڭا:چوڭ دادام قانداق تۈگەپ كەتكەن...دەپ سورىدى.مەن نەۋرىسىگە:چوڭ داداڭ ئەينى چاغدا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ئېلىپ بارغان باتۇر سەركەردە ئىدى.نامى پۈتكۈل شىنجاڭغا تارقالغان.چوڭ داداڭنى جاللات شىڭ سىسەي بۇرۇن ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ كەينىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن.ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ‹‹ئويغانغان زېمىن››دېگەن كىتابىدىكى چوڭ داداڭنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلەيدۇ ...-دېدى.
بىز ئونسۇدىكى قەدىمكى مازارلارنى كۆرۈش ۋاقتىمىز يېرىم كۈن بولدى.مەن بۇنى ئىلمىي،سېستىمىلىق يېزىش ئۈچۈن بەلكىم يەنە شۇ يەرنى قايتا كۆرۈپ كېلىشىم ھەمدە تارىخىي كىتابلارغا مۇراجەت قىلىشىم،ئونسۇ(ئاقسۇ كونىشەھەر)دىكى پىشقەدەملەرنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىدىن تىرىك تارىخلارنى يېزىپ خاتىرلەپ يېزىپ چىقسام بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇشى مۇمكىن.ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن يېرىم كۈنلۈك زىيارەتنى مۇشۇنچىلىك ھالەتتە يېزىپ چىقالىدىم.نۇقسان ۋە كەمچىلىك بولسا سەمىمىي تەنقىدتە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا،ئاقسۇدىكى زىيالىيلار بىلەن يار ئۈستىدىكى مۇغۇلىستان خانلىرىنىڭ ئوردىسى دەپ پەرەز قىلىنىپ كەلگەن يار ئۈستىدە ئوپچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئونسۇدىكى قەدىمكى مازار زىيارىتىمىز ئاخىرلاشتى.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى يېزىلدى.
قۇشۇمچە:تۆۋەندە مەزكۇر تېمىغا ئونسۇ ناھىيە توخۇلا مەركىزى مەكتەپ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى،رەسسام قۇدرەت قۇزىنىڭ قەدىمكى مازار،يارداڭلىقنىڭ كۆرۈنىشىنى سىزغان رەسىملىرىنى قۇشۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:
مەنبە:يۇقۇرقى رەسىملەرنى ئونسۇ ناھىيسى توخۇلا مەركىزى مەكتەپ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى قۇدرەت قۇزى ماڭا تەمىنلەپ بەردى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 04:06 AM
|
|
|
|
|
|