مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 551|ئىنكاس: 1

مەڭگۈلۈك ئېھتىيات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88158
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 11:23:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەڭگۈلۈك ئېھتىيات


-جېنىم دوستۇم نەگە ماڭدىڭ؟
-سەنمۇ بىلىسەن دېدىڭمۇ؟ ھە راست،بىلىمەن مەنمۇ بارىمەن ئەمەسمۇ شۇ يەرگە.ماڭدىم دېگىن ، ئۇنداقتا ياخشى بوپتۇ،بىرگە باراي دېسەم ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ،سەنمۇ بىلىسەن ھە قاچان،مۇنداق قىلايلى جېنىم دوستۇم،سەن ماڭغان بولساڭ مەن ساڭا يوللۇغۇمنى بىرىۋىتەي قۇبۇل قىلغىن بولامدۇ؟ بولدى دىمىگىن،نىمىگە بولدى دەيسەن،مېنىڭ يوللۇغۇم باشقىلارنىڭ يوللۇغىغا ئوخشىمايدۇ،ئارتۇق كەلمەس،ئېلىۋالغىن،سەن بالدۇر ماڭساڭ مەن بارغىچە ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلغىن ،مەن بالدۇر بېرىپ قالسام مېنىڭ كەينىمدىن كەلگىچە ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلغىن.چۈنكى بۇ سەپەرگە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ تەييارلىغى بولسۇن.چوقۇم ئېلىۋالغىن،ھەرگىز تاشلىۋەتمىگىن ساڭا ھەمراھ بولىدۇ.مەن سېنىڭ يول ئۈستىدە مۇشۇ يوللۇققا ئېھتىياج بولغاندا يوق بولۇپ قېلىپ سېنىڭ ئازاپ تارتىپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن.چۈنكى مەن سەن ئۈچۈن قەلبىمنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدىن ئورۇن بەرگەن.
  سەن ماڭغان بۇ يول يالغۇز ماڭمىسا بولمايدىغان يول.سەن بىر يالغۇز كارۋانسەن.بارسا يانمايدىغان كارۋانسەن.سەۋەپ كۆرسىتىپ يانالمايدىغان كارۋانسەن.مەن سېنىڭ يول ئۈستىدە ھەردائىم ئۆزۈڭگە ياخشى ئىگە بولۇشۇڭنى خالايمەن.يوللۇغۇمنى چوقۇم قۇبۇل قىلغىن.مەن بىلدىم،باشقىلار بەرگەن يوللۇقلار بەك كۆپ ھەم ئېغىر ئىكەن،شۇنداقتىمۇ مېنىڭكىنىى قويۇپ قويمىغىن.ئېلىپ كەتسەڭ سەندىن ئالەمچە خۇشال بولىمەن«كۆڭلۈمنى چۈشەندى،مېنى ئۆزى بىلەن ئوخشاش كۆردى،قەلبىمىز بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولدى»دەپ سەندىن چەكسىز مەمنۇن بولىمەن،سەپىرىڭدىن خاتىرجەم بولىمەن.كۆڭلۈمدىكى دىشۋارچىلىق تۈگەپ بۇ يولدا مەنمۇ خاتىرجەم ماڭىمەن.يول بويى باشقىلارغىمۇ بېرىپ ماڭغىن،بەرگەنگە تۈگىمەيدۇ.جېنىم دوستۇم ساڭا يالۋۇراي چوقۇم قۇبۇل قىلغىن.كۆپ بولغىنى بىلەن ئېغىرى يوق،پەقەت ئېغىر ئەمەس ، ئېلىۋالغىن ،چوقۇم خوش بولۇپ قالىسەن.يول ئۈستىدە ئۇچرىغانلارغا ئاز-ئازدىن بېرىپ ماڭساڭ باشقىلارمۇ بەھىرلىنىدۇ.ئۆزۈڭمۇ ئۆزۈڭدىن خۇشال بولۇپ قالىسەن.مەنمۇ خۇشال بولىمەن،قوشۇلدىڭمۇ؟
  رەھمەت ساڭا جېنىم دوستۇم،قۇبۇل قىلدىڭ ھە؟! ئەجەبمۇ خۇش بولدۇم«قانداق نەرسە بۇ» دېدىڭمۇ؟ ساڭا دەپ بېرەي جېنىم دوستۇم،ساڭا تۇتقان يوللۇغۇم «مەڭگۈلۈك ئېھتىيات»تۇر.
  سەن بىلىسەن .ھاياتلىقتا مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتكە ئايلانغان ئىشلار كۆپتۇر... ... «ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىققا پەيدا بولۇشى،قىش-ياز ،كەچ كۈندۈزلەرنىڭ ئالمىشىشى ،ھامان بىر كۈنلەر كېلىپ ھەققاننىيەتنىڭ ناھەقچىلىك ئۈستىدىن باش كۆتۈرۈشى،ئۆلۈمنىڭ ھاياتلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىشى،ئۇزۇن ئۆمۈرگە ئېرىشكەنلەرنىڭ تەبئىي ھالدا قېرىشى،ئىنسانلارنىڭ توختاۋسىز ھالدا ھاياتلىق ئۈچۈن غىزالىنىشى... ...»دېگەندەكلەردۇر.سەن ۋە مەن بۇ قانۇنىيەتلەرنى ھاياتلىقىمىز ئۈچۈن چوقۇم بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىمىز.كۆرمەيمىز دېسەكمۇ كۆرۈشكە مەجبۇر بولىمىز ،ھەم ئايرىلىپ تۇرالمايمىز.«مەن قىلىمەن سەن قىلالمايسەن،سەن قىلىسەن مەن قىلالمايمەن»دېيەلمەيمىز.ئەلبەتتە،بۇ قېتىم مەن ساڭا سۇنغان يوللۇقمۇ ئوخشاشلا مەڭگۈلۈكتۇر.مەڭگۈلۈك بولسۇن مەڭگۈ ئايرىلمىغىن.«مەڭگۈلۈك ئېھتىيات» دېگەن قانداق نەرسە؟ئۇنى نېمىشقا ماڭا يوللۇق قىلىسەن دېدىڭمۇ؟
-جېنىم دوستۇم ماڭا ۋەدە قىلغىن،«مەڭگۈلۈك ئېھتىيات»نى يېنىمدىن ئايرىمايمەن دەپ ۋەدە قىلغىن.چۈنكى سەن بىلەن بىللە شۇنداق بىر نەرسە سەپەرگە چىقىدۇ.شۇ چاغدا ساڭا لازىم بولىدۇ.ئۇ بولسىمۇ،چەك-چىگراسىز كەڭرى ئاسمانغا ئوخشاپ كېتىدىغان،ئىككى ئۇچىنى مەڭگۈ يېقىن قىلغىلى بولمايدىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆسەك سوزلىرى تولغان ئېغىزدۇر.ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىققان ھاۋا ۋە ئاۋازلار شۇنچىلىك زەھەرلىكتۇر.بۇ زەھەرلىك ئاۋازلار سېنىڭ يولۇڭ ئۈچۈن كۈشەندىدۇر.ئۇنىڭدىن چاچرىغان تامچىىلار نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئىجاد مايسىلىرىنى قۇرۇتىۋىتىدىغان كىسلاتالىق يامغۇردۇر،ئۇنىڭ ئاغزىدا چاينىلىپ بوۋاقلارنىڭ ئېغىزىغا چۈشكەن ئوزۇقلۇقلار پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۆرۈۋاتقان زۇلۇمىدۇر،ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان سۈلھى-سالا،يالغان كۈلكە بولسا ياخشىلارنى بىر بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان چىگرادۇر.يەنە بۇ ئېغىزنىڭ بەزى چاغلاردا تۇيۇقسىزلا ئۈن-تىنسىز يۇمۇلۇپ قېلىشلىرى سەن ۋە مەندىكى ئەڭ زور چېكىنىشتۇر... ...
  بىلەمسەن جېنىم دوستۇم ئۇنىڭ بەزى ھاللاردىكى ئىقتىدارى سېنى ئۆزۈڭگە ئوخشىماس قىلىۋېتىدۇ.ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ گۇماان بىلەن ئازاپلايدىغان بولۇپ قالىسەن،ئۇنىڭدىن چىققان ئاۋازلار سېنى ئىختىيارسىز سەن خالىمىغان يوللارغا باشلىۋېتىدۇ.سەپىرىڭ بەسى-مۈشكۈل ئىچىدە داۋاملىشىدۇ.ئۆزۈڭ خالىغان ئىشلار قېلىپ خالىمىغان ئىشلارنى خۇشاللىق بىلەن ئورۇنداۋاتقان قىياپەتتە تۇرۇپ قاتتىق قىينىلىسەن -دە،سەپىرىڭ مەناسىز سەپەرگە ئايلىنىدۇ.ئوڭۇشلۇق سەپەر قىلىشىڭ ئۈچۈن توسالغۇ بولىدۇ.ئاغرىتشقا تېگىشلىك يەرنىڭ ھەممىسىنى ئاغرىتىدۇ.شەكلىڭ ئادەم،روھىيىتىڭ نىمجانلىشىدۇ.كۆزلىرىڭ بولسا ھەركەتتىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئازاپلانغانلارنى خۇشال بولغانلارنى كۆرمەس بولىدۇ.ئىشەنگىن جېنىم دوستۇم،سەن يول ئۈستىدە نۇرغۇن-نۇرغۇن گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك سەھرالاردىن ئۆتىسەن،كۆۋرۈكسىز دەريا-ئېقىنلاردا ئاقىسەن،ئالدىڭغا يىقىلان غۇبارسىز بالىلارنى كۆرىسەن،تومۇزنىڭ چىڭقى-چۈشلىرى باشقىلارنىڭ ئىشىگى ئالدىدىكى دەرەخ ئاستىدا سايىدىساڭ زىمىستان سوغۇقلاردا ئۆزۈڭ قالىغان ئوتنىڭ تەپتىدە ئۆزۈڭ كۆرۈپ باقمىغان كىشلەر بىلەن بىللە ئولتۇرىسەن.گۈللەر ئېچىلغان پېتى كەينىڭدە قالىدۇ،گۈلدىن چىرايلىق سىمالار كۆزۈڭنىڭ قارچۇقلىرىدا سەن بىلەن بىللە ماڭىدۇ.كۆزۈڭ تۇنىغانلار كەينىڭدە قېلىپ يۈرىگىڭ تۇنىغانلار ئالدىڭدا كېتىدۇ. سېنىڭ سەپىرىڭ مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ.سەپەر ئۈستىدە ئېھتىيات قىلغىن،ئېغىزلاردىن ئېھتىيات قىلغىن.
  سەن ئېھتىيات قىلىدىغان ئىشلار نۇرغۇن... ...«يول ئۈستىدە سېنى چىشلەش ئۈچۈن ھاۋشىغان ئىتلار،تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈشلەر،قىستا-قىستاڭ كوچىلار،لاي-پاتقاق يوللار،چىرايلىق كىيىملەر بىلەن ماڭغاندا يامغۇرلارنىڭ يېغىپ كېتىشى،قاراڭغۇ كېچىلەردە يالغۇز قېلىش ... ...»دېگەندەك ئىشلار،كىشلەرنىڭ ئېغىزىغا قارىغاندا ھېچقانچە ئشلار ئەمەستۇر.مېنى چۈشەنگىن جېنىم دوستۇم «مەڭگۈلۈك ئېھتىيات» ساڭا ھەمراھ بولسۇن،بۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتى تۇيۇقسىزلا ئاتا ئانىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ياماندۇر.ئېغىزدىن ئېھتىيات قىلغىن،ئۆزۈڭگە ئىشەنگىن ،يالغۇزلۇغىڭدىن مەيۈسلەنمىگىن«مەڭگۈلۈك ئېھتىيات»ساڭا مەڭگۈلۈك يوللۇق بولسۇن.ئۇنىڭدىن چىققان زەھەرلىك يېقىمسىز ئاۋازلارغا ئېرەن قىلمىغىن،سەپىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارىدا بار تىرىشچانلىقلار بىلەن داۋاملاشتۇرغىن.شۇنداق ماڭالىساڭ يول بويى ساڭا ھەرخىل سوۋغاتلار سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ،ئۆزۈڭمۇ خۇشال ماڭىسەن ،كەينىڭدە قالغانلارمۇ بۇ سەپەرنى يالغۇز مېڭىشتىن قورقمايدۇ.چۈنكى ماڭغانسىرى ئەتراپىدا نۇرغۇن كىشلەرنىڭ نۇرغۇن-نۇرغۇن گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ.
  تىرىشىپ-تىرمىشىپ ماڭغىن،«مەڭگۈلۈك ئېھتىيات» ساڭا ھەمراھ بولسۇن.ئۇ سېنى ئاۋارىچىلىقلاردىن نېرى قىلىپ ۋاقتىڭنى تىجەش ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.سەپەر ئۈستىدە سەزگۈرلۈكنى سەن بىلەن بىرگە قىلىدۇ.قىش-ياز،كۈز-باھار سەپىرىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ-دە ئارمىنىڭ قالمايدۇ.كەينىڭگە قارىساڭ سەن ئۈچۈن قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئالقىش ياغدۇرۇۋاتقان گۈلدەك چېھىرلەرنى كۆرىمەن،بۇ سوۋغىتىم سەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بولسۇن.
  جېنىم دوستۇم ، يوللۇغۇمنى قۇبۇل قىلىپ مېنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىۋەتتىڭ،سەن بۇ يوللۇقنى كۆتۈرۈپ ماڭساڭ باشقىلارمۇ كۆتۈرۈپ مېڭىشنى ئويلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.چۈنكى بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كارۋانلار ئۇسسۇزلۇق ئازابىنى تارتمىسا نىمە دىگەن ياخشى!
  جېنىم دوستۇم ،مەمنۇنمەن،«مەڭگۈلۈك ئېھتىيات» ئەسلى بىر جۈپ ئىدى،ساڭا بىرنى يوللۇق قىلدىم ئۆزۈمدە بىرسى قالدى.

ئانامنى چەكسىز سېغىنىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 04:57:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز  ھەممە ئىشلادىن ئېھتىيات قىلغان ياخشى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش