ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆرۈرمەن قېرىنداشلار ؛
ئۇيغۇر تور بەتلىرى قانداق كىرىم قىلىدۇ - مۇنداق كىرىم قىلىدۇ دىگەن ئىككى تېمىنى ئوقۇپ بەزى تورداشلارنىڭ ئاساسسىز ، قاپقارا پەتىۋالىرىنى كۆرۈپ تور ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋە كىرىم ئەھۋالىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالماسلىقى ، ھىچ بولمىسا ئازغىنە بولسىمۇ توغرا چۈشەنچىدە بولىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .
مەن تور ۋە تور بەت بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگىلى 4 يىلغا يېقىن بولۇپ قاپتۇ . مۇشۇ تۆت يىل جەريانىدا بەزى تورداشلار دىگەندەك - تور بەتچىگە تېلگىراف شىركىتىدىن پۇل بېرىدىغانلىقىنى پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىمەن ...مەن ئاڭلىمىغاچقىلا ئەمەس بەلكى تۆت يىللىق تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەت شۇكى : تور بەتچىگە تېلگىراف شىركىتى پۇل بېرىدۇ - دىيىش قۇرۇق خىيال ۋە تۆھمەت ؛
بىر تور بەتنى ئېچىش ۋە نورمال ماڭدۇرۇش - ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس .
تور بەت ئېچىش ئۈچۈن ئاۋال سىزدە تور بەت ۋە تور بەت كودلىرىغا بولغان مۇئەييەن چۈشەنچە ۋە بىلىم بولىشى كېرەك .
تور بەت - تور نامى ، بوشلۇق ، تور ئىجازەتنامە نومۇرى ... دىگەندەك بىر قاتار قۇرۇلمىلاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ .
تور نامى - يىلدا تور نامىڭىزنى تىزىملاتقان ئورۇنغا تور نامى ھەققى تاپشۇرىسىز .
بوشلۇق - يىلدا تور بېتىڭىز كودلىرىنى قويغان بوشلۇق ئۈچۈن تور بوشلۇقى سېتىش ئورنىغا ھەق تاپشۇرىسىز .
تور ئىجازەتنامە نومۇرى ICP - بۇنى بىر قېتىملا ، بېجىرگەن ۋاقىتتا بېجىرىپ بەرگۈچىگە ھەق تاپشۇرىسىز .
بىر تور بەتنى كەڭ تور ئابونتلىرى ئۈچۈن نورمال خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن يىلدا نەچچە مىڭ يۈەن ھەتتا نەچچە ئون مىڭ يۈەن مەبلەغ سەرپ بولىدۇ ...
ئابابەكرى مىسران ئەپەندىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ....
تور بەت قۇرغۇچىلار - ئۆز تور بېتىگە قويغان باشقا ئېلان بىرلەشمىللىرىنىڭ ياكى بىۋاستە ( مىسرانىمدىكى قۇتلان ، بىلكان يانفۇنلىرى ، ئالبىنى ، راۋان يول ... دىگەندەك ئېلانلار ) قويغان ئېلانلاردىن كىرىم قىلىدۇ .
ئېلان بىرلەشمىسى ( گوگېل ، بەيدۇ ، كۆۋرۈك ، ئۇچقۇنشاھ ...دىگەندەك ) دىن ئالغان ئېلان كودىنى تور بېتىمىزگە قىستۇرغاندىن كېيىن ئاشۇ ئېلان بىرلەشمىللىرى تەمىنلىگەن ئېلانلار تور بېتىمىزدە كۆرۈنىدۇ .
بېكىتىمىزگە كىرگەن زىيارەتچى ئاشۇ ئېلانلارنى چىكىپ كىرىپ ئېلاندىكى مەزمۇنلارنى كۆرسە ئاندىن ئاشۇ تور بەت ئىگىسىگە پۇل كىرىم بولىدۇ .
مەسىلەن :
بېلكان شىركىتى دىيارىمىزدىكى داڭلىق ئېلان بىرلەشمىسى بولغان كۆۋرۈك ئېلان سۇپىسىغا ئېلان بەردى دەيلى . ھەر بىر ئېلانىنىڭ چىكىلىشىنى بىر مو قىلىپ بېكىتتى .
كۆۋرۈك ئېلان بىرلەشمىسىدىن مەن تور بېتىمگە ئاشۇ بىلكاننىڭ ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلان ئالدىم ۋە تور بېتىمگە بىلكاننىڭ ئېلانىنى چىقاردىم .
سىز تور بېتىمگە كىرىپ بىلكاننىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ قانداقراق تېلىفۇندۇ دەپ ئېلاننى چىكىپ كۆرۈپ باقتىڭىز ، دەل مۇشۇ سىز ئېلان چەككەن دەقىقىدە - كۆۋرۈك ئېلان سۇپىسىنىڭ سىتاتىستىكا جەدۋىلىدە مىنىڭ تور بېتىمدە بىلكان ئېلانىنىڭ بىر چىكىلگەنلىكى خاتىرلىنىدۇ ۋە مېنىڭ ھىساباتىمغا 8 پۇڭ قوشىلىدۇ .
ئەسلىدە بىلكان شىركىتى ئېلاننىڭ بىر چىكىلىشىنى بىر مو قىلىپ بېكىتكەنغۇ - دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن ، بۇ يەردىكى 2 پۇڭ نىڭ كۆۋرۈك ئېلان سۇپىسى مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن ئايرىپ قالىدۇ ...
بۇ يەردە چوقۇم 8 پۇڭنى ماڭا ئۇرۇپ ، 2 پۇڭنى ئۆزى ئېلىپ قالىدۇ دىگەن گەپ يوق ، بۇ بىر مىسال خالاس ،ئۇلار چىكىلىش سوممىسىنىڭ قانچىلىك بولىشىنى ئۆزلىرى بېكىتكەن بولىدۇ ۋە ياكى ئېلان بەرگۈچى تەرەپ بىلەن ئېلان مۇلازىمەت ھەققىنى ئايرىم دىيىشىپ بولغان بولىدۇ ...
ھەر قايسى ئېلان بىرلەشمىللىرىنىڭ ئېلان مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ھەق ھىساپلاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇڭا بۇ يەردىكى سانلىق قىممەتنى مەسىلەن ئىكەن دەپ چۈشىنىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ ...
ماۋۇ مىسرانىمدەك داڭلىق بېكەتلەر قويىۋالغان ئاۋۇ ئۈستىدىكىدەك ئېلانلار ئاشۇ مەھسۇلات شىركەتلىرى بىلەن بىۋاستە باھاسىنى دىيىشىپ ئاندىن يىللىق ياكى ئايلىق چىقارغان ئېلانلار بولىشى مۇمكىن .... بۇنىڭ باھاسىنى بىر اللاھ ، بىرى ئابابەكرى يەنە بىرى ئېلان تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلىدۇ ، بىزگە نامەلۇم ...
ئىشقىلىپ ئومۇمەن قىسمەن تورداشلار دىگەندەك ئاللىقانداق تور بەتنىڭ چىكىلىشىگە تېلگىراف تىن پۇل بېرىدىغان ..... ئىشلار يوق .
تور بېتىڭىزنىڭ كۈندىلىك زىيارەت سانى قانچە كۆپ بولسا پۇلنى كۆپ تاپىدىغانلىقىڭىز بۇ ھەقىقەت ... چۈنكى :
1000 ئادەم قېتىم كۆرۈلىدىغان تور بەتتە 200 قېتىم ئېلان چىكىلسە - 10000 ئادەم قېتىم كۆرۈلىدىغان تور بەتتە 2000 قېتىم ئېلان چىكىلىشى مۇمكىن ...200 قېتىم چىكىلىپ كۈندە 20 يۈەن كىرىم بولسا - 10000 قېتىم كۆرۈلگەن تور بەتنىڭ 2000 چىكىلىشىدە كۈندە 200 يۈەن كىرىم بولىشى مۇمكىن .... بۇمۇ بىر مىسال ...نىسبەتلەشتۈرۈپ چۈشەنسەڭلار بولىدۇ ...
يۇقارقىلار مېنىڭ چۈشەنچەم ، شۇ تاپ مىسرانىمنى نۇرغۇن بېكەت باشلىقلىرى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ ، كەم قالغان يەرلىرى بولسا باشقا ئاتامانلار تولۇقلاپ قويساڭلار .... رەھمەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-5 10:55 PM