مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1008|ئىنكاس: 14

قەلبلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلايلى «تەۋسىيە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78244
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3217
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 07:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!



پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رەھمەت ۋە كەڭچىلىك دىنى بولغان ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى قەلب ناپاكلىق، بەتنىيەتلىك ۋە تۇزكورلۇقنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، قەلبلەرنى ئىسلاھ قىلىشقا، ساغلاملاشتۇرۇشقا ۋە پاكلاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. چۈنكى پەقەت پاك قەلب ئىگىلىرىلا ھەقىقى نىجاتلىققا، دۇنيا - ئاخىرەتنىڭ بەخت - سائادىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ}. (سۈرە شۇئارا 88- ئايەت)

مۇنبەت زېمىن ھەر خىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەندەك مۆمىن كىشىنىڭ قەلبىمۇ تۆۋەندىكىدەك سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىنىدۇ:

1- ھەقىقەتكە يۈزلىنىش ۋە ئەگىشىش:

قەلبى ساغلام كىشىلەر ھەقىقەتنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر}. (سۈرە زۇمەر 17-، 18- ئايەتلەر).

قەلبى كىسەل كىشىلەر ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈيدۇ، توغرا يولغا مېڭىشتىن باش تارتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ}. (سۈرە ئەنئام 4- ئايەت).

2- ھەقىقەتنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆكسىنى كەڭ ئېچىش:

قەلبى ساغلام كىشىلەر ھەقىقەتنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆكسىلىرىنى كەڭ ئاچىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. قەلبى ناچار ۋە ناپاك كىشىلەر ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ، ئىسلام تەلىماتلىرىنى ئاڭلاشتىن كۆكسىلىرىنى تار قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۆزلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ}. (سۈرە ئەنئام 125- ئايەت).

قەلبى كىسەل كىشىلەر ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ}. (سۈرە مۆمىنۇن 70- ئايەت).

3- ئىمان چاقىرىقىغا ئاۋاز قۇشۇش ۋە ئۇنىڭ زىيادە بولىشىغا ئىنتىلىش:

قەلبى ساغلام ۋە قەلبى پاك كىشىلەر ئىمان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: {ِپەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ)، رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار، دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن}. (سۈرە ئال ئىمران 193- ئايەت).

قەلبى ساغلام كىشىلەر ئىماننىڭ زىيادە بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (يەنى سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار، مۆمىنلەر بولسا، (ھەر سۈرىدە يېڭى دەلىل - ئىسپانلار بولغانلىقى ئۈچۈن) بۇ (يەنى سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار (سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) خۇشال بولىدۇ. دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) بولسا، بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى (يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، تېخىمۇ گۇمراھلاشتى)}. (سۈرە تەۋبە 124-، 125- ئايەتلەر).

قەلبى كىسەل كىشىلەر خەلقنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلار بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىدۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار (ھەقتىن) يىراق بولغان گۇمراھلىقتىدۇر}. (سۈرە ئىبراھىم 3- ئايەت).

قەلبى ساغلام كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ، ھايات - ماماتلىقنىڭ ھېكمىتىنى تونۇتىدىغان، ئۆتمۈش ۋە كېلەچەكنى تەرىپلەپ بېرىدىغان ۋە ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىلىرىگە تەييارلىغان جەننەتنى، كاپىرلارغا تەييارلىغان ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى تەرىپلەپ بېرىدىغان، خالىقى تەرىپىدىن كەلگەن ھىدايەت توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى ۋە راستچىللىقىنىڭ دەلىللىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ِئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن}. (سۈرە ئال ئىمران 191- ئايەت).

قەلبى كىسەل كىشىلەر ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان قۇلاق ۋە ئەقىللىرى بىلەن پىكىر يۈرگۈزمەيدۇ، قىيامەت كۈنى بولغاندا گۇناھلىرىنى تونۇپ خاتالىقلىرىغا ئىقرار قىلىدۇ لېكىن ئۇ ۋاقىتتىكى ئىقرارى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!}. (سۈرە مۈلك 10-، 11- ئايەتلەر)

4- نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىش:

تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەپ، دەرھال ھەقىقەتكە قايتىدۇ: {تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ}. (سۈرە ئەئراف 201- ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ۋەز - نەسىھەتنى يولغا قۇيۇپ مۇنداق دەيدۇ: {ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، ۋەز - نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق}. (سۈرە مۈلك 10-، 11- ئايەتلەر)

{ۋەز - نەسىھەت پايدىلىق بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن. ئاللاھدىن (قورققان) ئادەم ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز - نەسىھەتتىن قاچىدۇ. ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ}. (سۈرە ئەئلا 10-، 11-، 12-،13- ئايەتلەر).

قەلبى كىسەل كىشىلەر غەپلەت ئىچىدە ياشايدۇ، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر}. (سۈرە مەريەم 39- ئايەت).

ئاخىرەتتىن غاپىل ياشاۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرىگە نەسىھەت قىلسىڭىز: سىز تېخى بۈگۈن ماڭا نەسىھەت قىلماقچىمۇ؟ مەن سىزدىن ياخشى مۇسۇلمان، ماڭا نەسىھەت قىلىشىڭىز ھاجەتسىز، دەپ سىزگە قوپاللىق بىلەن رەددىيە بېرىدۇ.

5- چىن قەلبىدىن ئىشىنىش:

قەلبى ساغلام كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋە كائىناتنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ ۋە پەرۋەردىگارىمىز تۆۋەندىكى سۆزىدە بايان قىلغاندەك چىن قەلبىدىن ئىشىنىش باسقۇچىغا يېتىدۇ: {ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار. سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ئاللاھ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار}. (سۈرە جاسىيە 3-، 4- ئايەتلەر).

ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچى غاپىللار داۋاملىق ئىكلىنىش ۋە شەك ئىچىدە ياشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار ھەقىقىي ئىشەنگۈچى ئەمەس)، بەلكى ئۇلار (قىيامەتتىن) شەكتە بولۇپ (ھەقنى ئىستىھزا قىلىپ) ئوينايدۇ}. (سۈرە دۇخان 9- ئايەت).

غاپىللار ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك ئاخىرەتتىكى ئەھۋاللارنى كۆرگەندىن كېيىن يەنى پۇرسەت كەتكەندىن كېيىن ئاندىن چىن قەلبىدىن ئىشىنىدۇ: {ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز»}. (سۈرە سەجدە 12- ئايەت).

6- ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى ۋە ئايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا قەلبى ئېرىش:

قەلبى ساغلام كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى ۋە ئايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا قەلبلىرى ئېرىيدۇ، كاپىرلارنىڭ قەلبىلىرى قېتىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر، ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز- نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسىلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (ئاللاھ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ}. (سۈرە زۇمەر22-، 23- ئايەتلەر).

قەلبى قېتىپ كەتكەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئايەت ۋە دەلىللىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن}. (سۈرە نەمل 14- ئايەت).

تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلغانلار ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ: {يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى}. (سۈرە ئەئراف 146 - ئايەت).

{كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززاتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر»}. (سۈرە ئەھقاف 20- ئايەت).

7- قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپكە ئەگىشىش:

قەلبى ساغلام كىشىلەر ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك پەرۋەردىگارىنىڭ كىتابى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن ھالدا بارلىق ئىشلىرىدا پەرۋەردىگارى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئەگىشىدۇ: {مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر - بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر}. (سۈرە تەۋبە 71- ئايەت).

قەلبى كىسەل كىشىلەر شەيتانلارغا ۋە ھاۋايى - ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ، نادامەت پەيدا پەرمەيدىغان كۈن كەلگەندە ھەسرەت ۋە نادامەت چېكىشكە باشلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ}. (سۈرە ئەھزاب 66- ئايەت).

ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.




ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uypahrim + 10
azizgul + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
Hislet + 20 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 40   باھا خاتىرىسى

تەكەببۇر ئەيلىمە زىنھار ، مىگەرچە ئاسمان بولساڭ،
ئۆلەرسەن ئاقىۋەت بىر كۈن ، سۇلايمان پادىشاھ بولساڭ.
                                                         -نەۋائى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91248
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 11:38:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنمۇ بىرنى تەۋسىيە قىلاي :دۇشمەنلەر بىزنى خالىغانچە قىرغىن قىلىۋاتىدۇ ,كاللىمىزدا قىلىچ ئوينىتىۋاتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14923
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10154
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1206 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 11:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەجىرىڭىزنى  ئاللا  بەرسۇن  قىرىندىشىم

مىنى مۇسۇلمان تۇغۇلۇپ ئۇيغۇرلۇقۇمنى تۇنۇتقان ئاللاھقا كۇرمىڭ شۇككۇرلەر بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:39:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا . سىزگە تەشەككۇر !

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93768
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 08:39:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا  رەھمەت قىلسۇن !داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90822
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 09:39:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىرلەر بەرسۇن قېرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 10:53:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرەتتىن غاپىل ياشاۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرىگە نەسىھەت قىلسىڭىز: سىز تېخى بۈگۈن ماڭا نەسىھەت قىلماقچىمۇ؟ مەن سىزدىن ياخشى مۇسۇلمان، ماڭا نەسىھەت قىلىشىڭىز ھاجەتسىز، دەپ سىزگە قوپاللىق بىلەن رەددىيە بېرىدۇ.         .........          توغرا  دەيسىز

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33760
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4136
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 11:13:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 11:25:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aduwkat يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 11:13 AM
ماۋۇ توربەتتە ئادرىس يوللاپ پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، ئى ...

سىزنىڭ  باشقا  ئىشىڭىز  يوقمۇ  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33760
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4136
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 11:31:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش