مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5884|ئىنكاس: 77

بۇ ئوقۇتقۇچىنى تىللاش كېرەكمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىسمىم مەھمۇد ئۇيغۇرمەن ئۇيغۇر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8821
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 1196 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 05:29:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مانا ئالى مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويغىلىمۇ ئۈچ يىل بوپ قاپتۇ، ئويلىسام يۈرىگۈم پىغاندىن ئۆرتىنىدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمىنىڭ يا تاينى يوق دەرىسلىك ماتېرياللىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە بولغاچقا  تەپەككۇر يوق دېيەرلىك تاپشۇرۇقلار كۆچۈرۈپ ئىشلىنۋاتقان، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سىناق ئالسا خىجىل بۇلۇپ يەرگە قاراش يوق سەت ھىجىيىپ <<نېمە قىلالايتىڭ >>دېگەننى قىلىپ بەزدەك تۇرۋاتقان. ئەمدى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ خەن مىللىتىدىن بولغاچقا بىزدەك <<تىل ئۇقمايدىغان>>لارغا  زو شا  دەپ قۇيۇشتىن باشقىسىنى بىلمەيدۇ دەڭلار.  ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە تولا سۆزلەشنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى بىلگەچكىمۇ دەرىسلەرنى ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ چىقىپ كېتىۋاتقان، سىنىپتا دەرىسكە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار بەشكىمۇ يەتمەيدۇ. ھەممىسى بېشىنى پارتىنىڭ ئىچىگە تىقىپ تېلفۇنىنى ئويناش بىلەن ئاۋارە، بەزىلىرى خورەك تارتىپ بۇخارا ئۇيقۇسىنى باشلقۋەتكەن.  قىسقىسى بىر سائەتلىك دەرىس خۇددى لاي قونچاققا قېتىق ئىچكۈزگەندەك بىزارلىق كەيپىياتىدا ئاياغلىشىدۇ. بەزىدە بۇنىڭغا قاراپ نۇرغۇن خىياللارنى سېلىپ كېتىمەن،  بىزبىڭ سىتودېنتلىرىمىزگە زادى نېمە بولغاندۇ؟ ئەتىراپىمدىكى مۇھىتقا قاراپ مەنمۇ ئۆزەمنىڭ لەقۋالىشىپ قېلىۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇرساممۇ ئىرادەمنى شۇنداق چىڭىتىپ باقساممۇ يەنىلا <<قارغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس>> بولدى.  ئىمتاھانلارغىمۇ بىز ئۇستا ئىمتاھانغا يېقىن دائىرسىنى دەپ بېرىدۇ، ئىمتاھانىدىن ئاساسەن ئۆتۈپ كېتىمىز. بىزمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن.  مەكتەپتە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بەكمۇ ئاز ھەمدە ئاساسەن دەرىس بەرمەي كۈتۈپخانا ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى قىلىدۇ.  
      ئالدىنقى مەۋسۈمدە تۇرغۇن مۇئەللىم بىزگە ئالى ماتېماتىكا دەرىسىگە كىرگەن ئىدى. بىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولغان ئىدۇق، ئۇيغۇر مۇئەللىم دەرىسكە كىرگىنىدىن. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تۇرغۇن مۇئەللىمدىن بىزار بۇلۇشقا باشلىدۇق، نېمە سەۋەپتن دېسەڭلار، تۇرغۇن مۇئەللى سىناقنى بەك قاتتىق ئالاتتى، تاپشۇرۇقلارنى دەرىس ۋاقتىدا دوسكىىغا چىقىرىپ ئىشلەتكۈزەتتى، شۇڭلاشقا بىزمۇ ئامال يوق ئالى ماتېماتىكا دەرىسىگە تەييارلىق قىلىپ كېرەتتۇق(سىناقتىن قورقۇپ). ئىمتاھانلاردا قىلچىمۇ يۈز ئايىماي 38ئوقۇغۇچىدىن 18ۋە ياكى 20ئوقۇغۇچىنى ئۆتكۈزمەيتى.  ئەمدى مەن سىلەرگە بىزنىڭ بىر سائەتلىك دەرىسىمىزنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەي:
  بىر كۈنى يەنە شۇنداق سىناقلارنى باشلىۋەتتى ئەمما ھېچقايسىمىز تۈزۈكرەكمۇ جاۋاپ بېرەلمەي يەرگە قاراپ تۇردۇق، مۇئەللىم ھەتتا ھەممىڭلار ئۆز تىلىڭلاردا سۆلەڭلار دەپمۇ باقتى ئەمما يەنىلا سادا بولمىدى. بىز ئۈچ سىنىپتىن جەمئى 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىدۇق، شۇلارنىڭ بىرەرىمىزمۇ مۇئەللىمنىڭ كۆڭلىدىكىدە جاۋاپ بېرەلمىدۇق. بۇ چاغدا مۇئەللىم سەل ھېچىلىپ قالدى:
-باللا نەچچىڭلار ئاسپىرانتلىققا ئىمتاھان بېرىشنى ئويلىشۋاتىسىلەر؟ بالىلار بىربىرىمىزگە قارىشۋېتىپ بىر قانچە باللا قول كۆتۈردى، ساناپ باقسام 4باللا قول كۆتۈرۈپتۇ.  مۇئەللىم كۈلۈپ كەتتى شۇنچىۋالا باللىدىن ئاران 4ما ھەي.... سىلەر كەلگۈسىدە زادى نېمە بولماقچى؟ ئۆزەڭلارچە مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرسەم خىزمەت تەييار دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ پوقنىڭ ئىسسىقىنى يەپسىلەر. ئىسىت ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئەجىرى. بىر زەمبىل پوق بۇلىسىلەر بۇنداق مەكتەپ پۈتتۈرسەڭلار. سىلەر بەكمۇ كىچىكلىك قىلۋاتىسىلەر باللار. ياپۇنيە، كورىيەلەردە بىرەر شېركەتكە ھەتتا تازلىقچى ئاسىمۇ ئاسپىرانتلىق تەلىپى قۇيىدىكەن،  بوپتۇ چوڭىنى قۇيۇپ كىچىكىنى سۆزلەيلى ئى ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىڭلارغا قاراپ باقتىڭلارمۇ ھەر تەتىلدە ئويىگە كەتمەي ھەر-خىل كۇرۇسلاردا تەربىيلەش سىنىپلىردا ئوقۇيدۇ. ئەمما سىلەرچۇ قاچان تەتىل قۇيۇپ بېرە، قاچان ئۆيگە قايتارمەن.  ئالدىرماڭلار ئۆيىڭلارغىمۇ تۇيارسىلەر بىر كۈنى. سىلەر تېلېۋېزور كۆرمەمسىلەر ھەر يىلى ئىش ئىزدەپ ئىقتىساسلىقلار بازىرنى ئادەم دېڭىزى قىلۋەتكەنلىكىنى، سىلەرگە دېسەم جوڭگودا 5000غا يېقىن ئالى مەكتەپ بار ھەر بىر مەكتەپ يىلغا كەمىدا 3000ئوقۇغۇچى چىقاردى دەيلى 500مەكتەپتىن قانچىلىك ئوقۇغۇچى چىقىدۇ؟ ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش خىزمەتكە مۇھتاج. ئۇلار خىزمەت تېپىشنىڭ تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاللىبۇرۇن پەمىلەپ بولغاچ ئۆزىگە باشقا چىقىش يولى ئىزدەپ تىنىمسىز يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. سىلەر ئۆگىنەيلا دېسەڭلار بۇ مەكتەپتەك مۇھىتى تېنىچ مەكتەپ ھېچ نەدە يوق، پەقەت سىلەر ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلىمەيۋاتىسىلەر خالاس. ئادەم دېگەن ئۆزىنىڭ كېيىنلىكىنىمۇ ئويلاپ قۇيۇش كېرەك، ئالدىنقى سائەتلىك دەرىسنى بۇ سائەتتە سورىسا بىلمىسەڭلار بۇنىڭغا نېمە دېيىش كېرەك ئەمدى. بىلسەڭلار مەن سىلەرنى بىلىم ئالسۇن دەپ كۈچەۋاتىمەن، ھەي مۇشۇ خەقتىن بىزنىڭ نەرىمىز كەم ھە! 15مىڭ ئوقۇغۇچىدىن ئاران 3مىڭ مىللى ئوقۇغۇچى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە ساپ ئۇيغۇرلار 2مىڭ ئەتىراپىدا، ئەمما مەكتەپتە بىرەر ئىش چىقىپتۇ دېسە يەنە شۇ<< مىنزۇ شېڭ >> ئىمتاھانىدىن كۆچۈرگەن <<مىن زۇ شېڭ>> سىلەر دۆت ئەمەس پەقەتلا تىرىشمايۋاتىسىلەر شۇ. سىلەر بىلمەيسىلەر بىز مەكتەپتىكى مىللى ئوقۇتقۇچىلار ھەر قېتىملىق يىغىندا سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى قىلىشىمىز، يېقىندا بىز خەن مۇئەللىملىرى ئۈستىدىن بىزنىڭ مىللى ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈنسىكەن، دەرىسنى ھاشارغا ئورنىدا مائاشقا ئوتمىسە ، ئىمتاھاننىڭ دائىرسىنى دەپ بەرمىسە ئوقۇغۇچىلار ئۆزى مۇستەقىل قول تىقىپ ئۆگەنسە ، مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولاتتى، ئۇلارغا مەسئۇل بوپ قۇيۇڭلار. كەلگۈسىدە ئۇلار نېمىش قىلىدۇ؟دەپ ئەيىپ سۇنۇندۇق.  مۇئەللىم يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغان ئىدى، ئەمدى كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار، مەن بۈگۈن بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىم، ئوبدانراق ئويلىنىپ باقارسىلەر. مۇئەللىم شۇنداق دەپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى، مۇئەللىم چىقىپ كېتىشىگە بالىلار مۇئەللىمنى تىللاپ يوق قىلۋېتىشتى:
-دۆت ئوغۇرى، ئىشىنى قىلسىغۇ بۇلىدۇ ئارتۇق ئىشقا ئارلاشقۇچە
-بۇ ئوغۇرنىڭ ئىچى يامانلىق قىلىپ ئۆزى ئىمتاھانىدىن ئۆتكۈزمىگەننى ئاز دەپ ئەمدى باشقىلارنى سەپەرۋەر قىلغىلى تۇرۇپتۇ دەيلى
-بىر كۈنى يول تۇساپ تازا ئۇرۇپ ئۆچىمىزنى ئالامدۇق-يا
....................................
   مۇئەللىمنىڭ ياخشى گەپلىرى ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر قىلغاندەك ئەمەس ئىدى، ھەي مىللىتىم قاچانمۇ ئۆزۈڭنى تاپارسەن. ئەسلى بۇ بىز ئۈچۈن بىر سائەتلىك دەرىستىنمۇ مۇھىم لېكسىيە ئىدىغۇ، بىزدىكى نادانلىق، بىزدىكى قاششاقلىق،  قېن-قېنىمىزگە سىڭىپ كەتكەن ھورۇنلۇقتىن ھالسىرغان مىللىتىمنىڭ ئالى سىتودېنتلىرىنىڭ ھالى شۇ بولسا ، مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى مۇشۇنچىكىك بولسا باشقىسىدىن ئۈمۈد كۈتكىلى بولسۇنمۇ، قېنى نۇرتاي ھاجىم باشلاپ بەرگەن يول، بىزلەر قاچانغىچە چۈش ئۇيقۇسىدا چۈشەپ ياتىمىز.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ5-كۈنى تارىم  (بىز كىم؟)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bzkm تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-5 05:30 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ھەمراھى + 150 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

تۇغۇلغانتى مىڭ يىل بۇرۇن كاشىغەردە مەھمۇت ئاتلىق،
ياشاپ ئۆتتى بۇ دىياردا يېزىپ ئىسىل گۆھەرلەرنى.
پەخىرلىنىپ ئەسلەپ كەلدۇق، ئۇلۇغلىدۇق ئەزىز نامىنى،
ئاڭلا جاھان ئىسمى ئۇيغۇر، جىسمى ئۇيغۇر، تىلى ئۇيغۇر.

ئىسمىم مەھمۇد ئۇيغۇرمەن ئۇيغۇر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8821
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 1196 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 05:31:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي سىتودېنت دوستلۇرۇم ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار ، باشقىلار بىزنى مەسخىرە قىلماقتا.

تۇغۇلغانتى مىڭ يىل بۇرۇن كاشىغەردە مەھمۇت ئاتلىق،
ياشاپ ئۆتتى بۇ دىياردا يېزىپ ئىسىل گۆھەرلەرنى.
پەخىرلىنىپ ئەسلەپ كەلدۇق، ئۇلۇغلىدۇق ئەزىز نامىنى،
ئاڭلا جاھان ئىسمى ئۇيغۇر، جىسمى ئۇيغۇر، تىلى ئۇيغۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78604
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3337
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 06:24:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىلى  پاكىتلاربىلەن ھەق سۆزلەپسىز.ئۈگۈنۈش،ئۈگۈنۈش يەنەئۈگۈنۈش لازىم ئەلبەتتە.

شۇنچە كۆپ ھەرىلەر بىر كۆنەكتە بىر-بىرىنى چېقىشمايدىكەن،
ۋە لىكىن ئادەملەر بۇ دۇنياغا پىتىشمايدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 06:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت دەيسىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىيىم كىچەك يىمەك ئىچمەكتە زامانىۋىلاشماي ئىلىم پەن بىلەن قوراللىنىشى كېرەك

ئۇيغۇر ئوغلانى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 708
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13050
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 6473 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 06:49:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ستودىنتلاردا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان بەكلا ئەمەلىي بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز،بىزنىڭ بالىلاردا ھازىر بىخوتلۇق ئەھۋالى  بەكلا ئېغىر...ياخشى گەپ قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىكەن ،تېخى تىرىشقانلار ،ئىزدىنىۋاتقانلار ‹كىتاپ خالتىسى،ئاكتىپ كومىنىس،پىراففىسور...›دىگەندەك لەقەملەر قويۇلۇپ چەتكە قىقىلىدىكەن،كۈنلىرىنى بىخوتلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان ياشلىرىمىز ئاتا-ئانىسىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغاچقا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى نىشانىنى توغرا تونۇپ يىتەلمەيۋاتىدۇ.
مىنىڭچە بۇ مەسىلە يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە ئۆگىتىپ قويىۋاتقانلىقىدا بولسا كىرەك....

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7883
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 06:51:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز،مەنمۇ بىر سىتودىنت، تىرىشاي دەپمۇ باققان لىكىن  ئۇزاققا داۋاملاشمىدى،ھەى

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4636
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 06:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۇسىمىز، قاراڭغۇ؟؟؟

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4636
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 06:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۇسىمىز، قاراڭغۇ؟؟؟

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئىسمىم مەھمۇد ئۇيغۇرمەن ئۇيغۇر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8821
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 1196 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 07:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Hacker يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 06:49 PM
ھازىر ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقا ...

راس دەيسىز قېرىندىشىم

تۇغۇلغانتى مىڭ يىل بۇرۇن كاشىغەردە مەھمۇت ئاتلىق،
ياشاپ ئۆتتى بۇ دىياردا يېزىپ ئىسىل گۆھەرلەرنى.
پەخىرلىنىپ ئەسلەپ كەلدۇق، ئۇلۇغلىدۇق ئەزىز نامىنى،
ئاڭلا جاھان ئىسمى ئۇيغۇر، جىسمى ئۇيغۇر، تىلى ئۇيغۇر.

ئىسمىم مەھمۇد ئۇيغۇرمەن ئۇيغۇر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8821
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 1196 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 07:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
HAKANXUKUR يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 06:51 PM
راس دەيسىز،مەنمۇ بىر سىتودىنت، تىرىشاي دەپمۇ باققان ل ...

بىرگە تىرىشايلى

تۇغۇلغانتى مىڭ يىل بۇرۇن كاشىغەردە مەھمۇت ئاتلىق،
ياشاپ ئۆتتى بۇ دىياردا يېزىپ ئىسىل گۆھەرلەرنى.
پەخىرلىنىپ ئەسلەپ كەلدۇق، ئۇلۇغلىدۇق ئەزىز نامىنى،
ئاڭلا جاھان ئىسمى ئۇيغۇر، جىسمى ئۇيغۇر، تىلى ئۇيغۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش