مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3799|ئىنكاس: 19

ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى ۋە «قەشقەرلىك بەگلەر» ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سالۇن: Uyenene

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7972
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 713 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 04:00:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2011 - يىلى تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى « ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ تارقاتقاندىن كېيىن ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە تۈرك جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
ئارقىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە تۈرك زىيالىيلار بۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە سەنئىتى ھەققىدە تەتقىقات قىلىشقا باشلىدى. بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچىدە قەشقەردىن كۆچۈپ بارغان «بەگلەر» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بىز بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن «ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەرال ئۇچماز خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: مەرال ئۇچماز خانىم سىز ھىندىستاندىكى تۈركلەر ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئۇلارنىڭ تارىخىنىمۇ ئاڭلىتىپسىز،ئالدى بىلەن ھىندىستاندىكى تۈركلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز.
جاۋاب: تارىخىي ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇغال دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت موڭغۇللار بىلەن تۈركلەرنى پەرقلەندۈرۈش. بۇنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بولسا بۇ تۈركىي مىللەتلەرنى تۈركلەردىن پەرقلىق قىلىپ كۆرسىتىش. بۇ ھەقتە يېقىنقى يىللاردىن بېرى بەزى تەتقىقاتلارمۇ بولدى. ھىكمەت بايۇرنىڭ «ھىندىستان تارىخى» ناملىق ئۈچ توملۇق ئەسىرى بار. ئۇندىن باشقا روبېرت كانفېيلد ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ پارىسلىشىپ كەتكەن تۈركلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەزى بىتەرەپ كۆز قاراشتىكى غەربلىك تارىخچىلار بۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ. ئەمما ئومۇمىي دۇنيا تارىخىدا بۇلارنىڭ ئىسمى مۇغال دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. شۇڭا مەنمۇ ھىندىستانغا بېرىشتىن بۇرۇن مۇغال دېگەن نام بىلەن ئىزدىگەن چاغدا ھىندىستاندىكى تۈركلەر ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، «بابۇرنامە» چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان، كېيىن فارسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم بۈگۈنكى تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىندى. «بابۇرنامە» دە ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ تۈرك قەۋمىدىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.
بۇلارنىڭ مۇغال دەپ ئاتىلىشى ئىنگلىز پادىشاھى جامۇس 1 ۋاقتىدىن باشلانغان. جامۇس 1 ھىندىستانغا ئەلچى ئەۋەتىپ بابۇر بىلەن كۆرۈشىدۇ. بابۇر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇغال دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ.
سوئال: مەرال ئۇچماز خانىم سىز ھىندىستاندىكى تۈركلەر رايونىغا بارغاندىن كېيىن قانداق بىر مەنزىرە بىلەن ئۇچراشتىڭىز؟
جاۋاب: ئۇ يەردىكى تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. بىناكارلىق تولىمۇ تەرەققىي قىلغان ئىكەن. بۇلار تىلىنى يوقىتىپتۇ، ئەمما ئۇ يەردىكى مەنزىرىنىڭ تۈركىي قەۋىملەر ياشايدىغان ئورتا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى مەنزىرىلەر بىلەن ئاساسەن پەرقى يوق. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى، بىناكارلىق ئەسەرلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن ھىندىستاندىكى قۇتۇپ مۇنارىنىڭ دەل ئوخشىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ۋە ئۆزبېكىستانلاردىنمۇ تېپىلىدۇ. بۇ ھەم ھىندىستان بىناكارلىق سەنئىتىنى بېيىتىدۇ. بىز ئۇچراتقان كىشىلەر ۋە مەنزىرىلەر بىزنى ھەيران قالدۇردى.
سوئال: ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ قايسى تارىخىي دەۋردە قايسى تۈركىي رايونلاردىن چىققانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بارمۇ؟
جاۋاب: ھىكىمەت بايۇرنىڭ، ئەردوغان مەرچىلنىڭ، سالىم جوھچىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتىققاتلىرىغا قارىغاندا ۋە غەربلىكلەرنىڭ مۇغاللار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ دەسلەپ 5 - ئەسىردە ئاق ھۇنلار ھىندىستانغا كېلىشكە باشلىغان. 1010 - 1187 - يىللىرى غەزنەۋىلەر مەزگىلىدە، ئاندىن دەلھى تۈرك پادىشاھلىقى مەزگىلىدە ۋە بابۇر مەزگىلىدىمۇ تۈركلەر ھىندىستانغا يەرلەشكەن. تاكى ھىندىستان ئىشغالىغىچە تۈركلەرنىڭ ھىندىستانغا كۆچۈشى ئىزچىل داۋاملاشقان. مەسىلەن، كۆلەمەنلەر، خالاچلار، تۇغلۇقلار، بابۇرىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىلتىزى تۈركلەردۇر. بۇ كىشىلەر ھازىرغىچە كۈلتۈرلىرىنى داۋام قىلماقتا. ئىسىملىرى ئارقىلىق ئۆز كىملىكىنى نامايان قىلماقتا. ئەڭ مۇھىمى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تۈرۈكلۈك ئېڭى بار ئىكەن.
سوئال: مەرال خانىم ئۆزلىرىنى بەگلەر دەيدىغان تۈركىي خەلق ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز. ئۇلار ھەققىدە قانداق مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇڭلار؟
جاۋاب: شۇنداق ئۇ يەردە قەشقەردىن كەلگەن بەگلەر بار ئىكەن. بۇلارنىڭ يۈزى ئاقۇش كېلىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىكەن. بۇ تۈركىي خەلقلەر قەيەردىن كەلگەن بولسا شۇ ئەسلى كەلگەن يەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قوغداپ قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزى ياشىغان رايوننىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپتۇ.

ozlirini bagler dep ataydighan kesh qerlik uyghurlarning ewladi.jpg

رەسىمدىكىسى: نۆۋەتتە ھىندىستاندا ياشاۋاتقان ئۆزلىرىنى<< بەگلەر>> دەپ ئاتايدىغان، قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى.


بەگلەر بىزگە قەشقەردىن كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. بىز ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىملەردە ئۇلارنىمۇ سۆزلەتتۇق، قەشقەردىكى ئادەتلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئادەتلىرىنى ۋە كۈلتۈرلىرىنى بۇ يەردە قانداق داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، بالىلىرىغا بۇنى قانداق سىڭدۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بەگلەر بەك ياخشى ياشاۋېتىپتۇ. زىيالىيلىرى كۆپ ئىكەن. ئوقۇمىغانلارمۇ بار ئىكەن، ئەمما يەنىلا ئوقۇغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن.

سوئال: رەسمىي بولمىغان ئىستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ھىندىستاندا 20 مىليون ئەتراپىدا تۈركىي خەلق بار ئىكەن. سىز ئۇچراتقان تۈركلەرنىڭ ئۆز تىللىرىنى قايتا ئۆگىنىش مايىللىقى بارمىكەن؟

جاۋاب: بولمامدىغان؟! ئۇ يەردىكىلەر ھەتتا بىر پارچە خەت يېزىپ بىزنىڭ ئۇنى باش مىنىستىرغا تاپشۇرۇپ بېرىشىمىزنى ئۆتۈندى. ئۇ خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان:

«بىزمۇ تۈرك، بىزنىڭ ئاۋازىمىزغىمۇ قۇلاق سېلىڭلار. بىز بۇ يەردە ياشاۋاتىمىز، ئەمما تۈركىيە ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنى تاشلىۋەتتى. كۈلتۈرىمىزنى ساقلاپ قالدۇق. ئەمما تىلىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق. بىز تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ بالىلىرىمىزنىڭ كۈلتۈرلىرىنى داۋام قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. كۈلتۈر يوق بولسا ھەممە نېمە يوق بولىدۇ. ھەتتا دىنمۇ يوق بولىدۇ.»

تەتقىقاتچى مەرال خانىم ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە بولغان مايىللىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۈركىيىدە ئوقۇتقۇسى بار ئىكەن. ئۇلار بىزگە يا ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ تۈركچى ئۆگەنگۈسى بارلىقىنى، يا بولمىسا تۈركىيىنىڭ بۇ يەرگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، turk بىلەن ھىندىستان، تۈركىيە بىلەن ھىندىستان رايونىنىڭ كۈلتۈر ئالاقىسى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار ئۆز ئالدىغا تۈركلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇپتۇ. گېزىتلەرنى چىقىرىپتۇ. رادىيوسىمۇ بار ئىكەن. تولىمۇ ئەپسۇس،ئورتا ئاسىيادىكى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ۋە تۈركىيە رايونىدىكىلەر بۇلاردىن بىخەۋەر.

سوئال: بۇ فىلىم ئىشلەنگەندىن كېيىن ھىندىستاندىكى تۈركلەر بىلەن تۈركىيىدىكى تۈركلەرنىڭ ئالاقە ئورنىتىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟

جاۋاب: چەتئەلدىكى تۈرك ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىدىن يۈزگە يېقىن ھىندىستانلىق تۈركلەرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغان بولدى. 20سى تۈركىيىگە كېلىپ بولدى. ھازىر تۈركىيىدە تۈركچە ئۆگىنىۋاتىدۇ. دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ ئۇلارنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلىمەكچى، بەزى ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بولدى. ئۇندىن قالسا يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىمۇ ئۇ يەردە شۆبە قۇردى. ئۇلار تۈركلەرگە تۈركچە ئۆگىتىدۇ. ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بۇلارغا سەۋەپ بولۇشى ھەقىقەتەن بىزنى سۆيۈندۈردى.


بۇ ماقالە ئەنئەنە بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://anana05.blogbus.com/logs/230999607.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   delkax613 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-5 08:08 PM  


30يۈەنگە 30 كۈن پۈتۈن جوڭگۇغا چەكسىز تېلفۇن قىلىڭ! چ چ 250054423  سالۇن: Uyenene

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12307
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 07:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلتۇر  دېگىنى  نېمە دېگىنى ؟

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32881
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12084 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 07:50:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئۆلمالىرىمىز ھىندىستاندا ئلىم تەھسىل قىلىپ كىلەتتى يەنە بىزنىڭ سودا سىتىقلىرىمىز ئاساسەن ھىندىستان بىلەن بولتاتى.چۇنكى بىز تام  خوشنا ئۇ يەردە قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بولۇشى تەبئى.

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32881
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12084 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 07:59:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jalipkar! يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 07:44 PM
كۈلتۇر  دېگىنى  نېمە دېگىنى ؟

مىللى ئۆرۇپ ئادەت ياكى مىللى كىملىك دىگەن سۆزمىكىن مەن شۇنداق چۇشەندىم

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 09:51:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ يەرگە بابۇر شاھ  ئىستىلاھ قىلىپ نۇرغۇن قۇرلۇشلارنى قىلغان ، بابۇرنىڭ ئەۋلاتلىرى  ھۇمايۇن ، ئەكبەر ، شاھ جاھان ، ئەۋرەڭزەپ ،  مۇرات   ،  ئۇنىڭ تەسىردە غەربى turkدىن ، شىنجاڭدىن  تۈركى قەبىللەر چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان  ، كىيىن ئەنگىليە بىىسىۋىلىپ دىنى ئىتقادىغا قاراپ پاكىستان  ھىندىستان دەپ 2 گە بۆلىۋەتكەن ،  ھازىرقى تۈرۇك مىللەتلىرى بەلكىم شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇلۇشى مۇمكىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 10:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىلىشىمچە ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ تارىخى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ،ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ياكى ھونلار ،تۈركلەر  قايسىسى بولسۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە يان تاياق بولۇپ ھىندىستانغا كىرگەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4935
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 10:50:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jalipkar! يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 07:44 PM
كۈلتۇر  دېگىنى  نېمە دېگىنى ؟

سىز مەدەنىيەت دەپ چۈشىنىدىغان سۆز!!

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12307
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 10:54:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elxat99 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 10:50 PM
سىز مەدەنىيەت دەپ چۈشىنىدىغان سۆز!!

ھە رەھمەت ~

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 11:38:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېخىمۇ ئېنىق بىلدىغانلار بولسا تەپسىلىي يوللاپ قوياسىلەر.

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 12:19:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ سىن گە قىززىقۋاتىمەن

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش