|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قېرىنداشلا !!!
بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش تۈرتكىسىدە قەشقەر پەيزاۋات ناھىيىسىدىن گۇاڭدۇڭ كەسپىي پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا كىلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار. بۇ مەكتەپ ئىلگىركى گۇاڭدۇڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدىن ھازىرقى كەسپىي پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا ئۆزگەرگەن 14 فاكۇلتىت ، 16000دىن ئارتۇق خەنزۇ، باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان مەكتەپ. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن فاكۇلتىتلا ئارا ۋالىبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بىزنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدىن ئوغۇل - قىزلار ئىككى كوماندا تەشكىللىنىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇق.12 كۈن داۋاملاشقان گۇرۇپپا ئايلانما مۇسابىقىسى ۋە شاللاش مۇسابىقىلىرىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئويناپ ئاخىردا ئوغۇل - قىزلار گۇرۇپپىسى ئايرىم- ئايرىم چىمپىيون بولۇپ قوش لوڭقا كۆتۈردۇق ۋە يەنە بىر قېتىم مەكتەپنىڭ ھەر دەرجىلىك رەھبەرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈردۇق . 2012-يىلى 11-ئايدا مەكتەپنىڭ يىنىك - ئاتلىتكا مۇسابىقىسىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ 3 ئالتۇن مىدال ، ئىككى كۆمۈش مىدال ۋە 4 مىس مىدال قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئاتلىتكا مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ئاز بوپ قالدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salam902 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-5 03:28 PM
|
|
|
|
|
|