مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 443|ئىنكاس: 2

ئەبجەش يازمىلار (يابغۇ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59865
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 05:46:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەبجەش يازمىلار


مەۋجۇدلۇق مەناسى


    دەريا دېڭىزغا ئېيتاركەن: "ئەي دېڭىز، سەن نېمانچە سېخىيسەن، كەڭ باغرىڭغا مىڭلىغان ئېقىنلارنى مېھرىبانلىق بىلەن سىغدۇرۇپ كېتەلەيسەن!"

    دېڭىز دەرياغا شۇنداق دەپتۇ: "چۈنكى ئۇلۇغ ئوكيانلار ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمنىڭ كىچىك بىر تامچە ئىكەنلىكى ھەرۋاقىت يادىمدا!"

*  *  *  *  *

    بۈركۈت چوققىغا ئېيتىپتۇ: "ئەي بۈيۈك چوققا، سەن نېمانچە بەھەيۋەتسەن، پەلەكنىڭ كۆكسىگە سانجىلغان قامىتىڭ تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا سۈكۈت ئىچىدە جىمجىتسەن؟! نە سەۋەب نەرە تارتىپ ۋولقانلىمايسەن؟"

    چوققا بۈركۈتكە دەپتۇ: "چۈنكى مەن مەندىنمۇ بۈيۈك بولغان قاتار تاغلارنىڭ قوينىدا بولغاچقىلا جاھانغا مەغرۇر نەزەر تاشلىيالايمەن، ئۇلار بولمىسا مەنمۇ بولمىغان بولاتتىم!"

*  *  *  *  *

    شەبنەم گۈلدىن سوراپتۇ: "ئەي جىمى گۈزەللىكنىڭ ساھىبى، سەن نېمە ۋەجىدىن بۇنچە خۇشبۇي، بۇنچە زىبالىقسەن؟"

    گۈل كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: "چۈنكى مېنىڭ گۈزەل رۇخسارىمنىڭ ئاستىدا كۆرۈمسىز يىلتىزىم بار، شۇ يىلتىزنىڭ قاراڭغۇ تۇپراققا باغاشلاپ كىرىپ ماڭا قۇۋۋەت بېرىشى بىلەن سەن كۆرۈۋاتقان جۇلالىق ھۆسىنگە ئىگە بولغانمەن."

*  *  *  *  *

    مەن دۇنياغا خىتاب قىلدىم: "ئەي دۇنيا، مەن سېنىڭ قوينۇڭغا نېمە ئۈچۈن كەلدىم؟ نېمىشقا مېنى زادى تىنىم تاپقۇزمايسەن؟"

    دۇنيادىن ئەكس سادا كەلدى: "ئەي ئىنسان، شۇنى بىلگىنكى سەن بۇ دۇنيادا ياشاش ئۈچۈنلا ياشىمايسەن، سەن سېنى تۇغقان قەۋمىڭنىڭ يەلكىسىدە تۇرۇپ شۇ قەۋمىڭنىڭ ئەۋلادىنى يەلكەڭگە ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنسەن!"

    شۇئان بىر ئۇلۇغ ھېكمەتنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ۋە يەلكەمگە قاراپ قويدۇم. ئۇنىڭ ۋەزنى بارغانچە ئېغىرلاپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى...


ئىستېھزا


    ئىشتىن قايتىپ ھارغىن بەدىنىمنى كىرىسلوغا تاشلاپ چوڭقۇر بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن تېلىۋىزورنى ئاچتىم. كىنو قويۇلۇۋاتقانىكەن. ئېكراندا ساقال-بۇرۇتىنى پاكىز قىرىۋەتكەن بىر ئەر پەرتۇق تارتقىنىچە قايسىبىر ناخشىغا غىڭشىغاچ تەخسە يۇيۇۋاتاتتى. ھەرىكەتلىرى شۇنچە سىپايە، نازلىق ئاپئاق قوللىرىدىن سۇلار مارجاندەك سىرغىيتتى. شۇ ئەسنادا ئايالى قولىنى بېلىگە تىرىگىنىچە ئەرنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى، نېمانچە مىسىلدايسەن دەپ ئەرگە دوق قىلىپ بېشىغا نوقۇپ كەتتى. ھېلىقى ئاداش ئەرلىك مىجەز دېگەنلەرنى ساقال-بۇرۇتى بىلەن تەڭلا قىرىۋەتكەن چېغى ئايالىنىڭ تۈرۈلگەن قاپىقىغا قاراپ تاتلىق ئەركىلەپ كۈلۈپ قويدى. ئايالىنىڭ ھومىيىشىدىن ئېسەنكىرەپ ئىشىنى تېزلا تۈگىتىپ قولىنى پاكىز يۇيدى ۋە چېۋەرلىك بىلەن قول ئاسراش مەلھىمىنى ئاۋايلاپ سۈرتتى. ئاندىن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، سۇنايلىنىپ ياتقان ئايالىنىڭ پۇتىنى يۇمشاققىنە تۇتۇشقا باشلىدى. بىچارە تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرىدىن چارچىغان چېغى ھايال ئۆتمەيلا ئايالىنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ ئوماققىنە ئۇيقۇغا كەتتى...

    سەسكىنىپ كەتتىم. داۋاملىق كۆرۈۋېرىشكە تاقىتىم قالماي قانالنى يۆتكىدىم. يەنە بىر قانالدا ھايۋاناتلار پروگراممىسى قويۇلۇۋاتاتتى، ئېكراندا بىر چىشى مايمۇن ئىتائەتمەنلىك بىلەن غادىيىپ ئولتۇرغان ئەركەك مايمۇننىڭ پىتىنى باقماقتا ئىدى...

    ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم...


ھۆكۈمران ۋە قاغا


    رىۋايەتلەر قىلىنىدۇكى، قەدىم زاماندا يىراق بىر ئەلدە بىر ھۆكۈمران ئۆتكەنىكەن. بۇ ھۆكۈمران شۇنچىلىك زالىم ۋە مۇستەبىت ئىكەنكى، ئۇنىڭ زۇلمىدىن خەلق ئەركىن تىنالمايدىكەن، ئۇ بىر دېسە بىر بولار ئىكەن، ئىككى دېسە ئىككى بولار ئىكەن، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بۈيۈك بۇيرۇق، مۇقەددەس قانۇن سانىلىپ شەكسىز ئىجرا بولار ئىكەن. بۇ جاھالەتنىڭ دەھشىتىدىن ھەممە ئۇنىڭغا شەرتىسىز بويسۇنار ئىكەن.

    كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ ھۆكۈمران بىرمۇنچە ياساۋۇل-نەۋكەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چاھارباغقا سەيلىگە چىقىپتۇ. چىمەنلەرنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلىپ كېتىۋاتقان پەيتىدە ئۇشتۇمتۇت بىر دەرەخ ئارىسىدىن بىر قاغا ئۇچۇپ چىقىپتۇ ۋە ھۆكۈمراننىڭ ئۈستىگە كېلىپ شاھانە تونىغا ماياقلاپ قويۇپتۇ. بۇ قىلىقنى ئۆزىنىڭ كەرەملىك سەلتەنىتىگە ۋە غالىپلىق شۆھرىتىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلگەن ھۆكۈمران غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىپتۇ. "تۇتۇڭلار بۇ مەلئۇننى!" دېگەن سۆزى بىلەن بارلىق مۇلازىم، نەۋكەرلىرى قىقاس-چۇقان سېلىشىپ تۇشمۇتۇشتىن قاغىغا يوپۇرۇلۇپتۇ. بۇ پاراكەندىچىلىكتىن ئۈركىگەن قاغا ئايلىنىپ كېلىپ ھۆكۈمراننىڭ مۈرىسىگە قونۇپتۇ. "چاپ! -دەپتۇ ھۆكۈمران يېنىدىكى ياساۋۇلغا- مۈرەمنىڭ ئۈستىدىكى بالا ياغدۇرغۇچى مۇنۇ مەرەزنى دەرھال كۆزدىن يوقات!" دەپ چىچاڭشىپتۇ. ياساۋۇل دەقىقە تېڭىرقاشتىن كېيىن ھۆكۈمراننىڭ كاللىسىغا زەرب بىلەن شۇنداق قىلىچ ئۇرۇپتۇكى، ئەييۇھەنناس، پەلەككە چاچراپ ئوقتەك ئېتىلىپ چىققان قان بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كاللىسى خۇددى يىڭنىدىن يىپ ئۈزۈلگەندەك تېنىدىن ئاجراپ ئۆزى دەپسەندە قىلغان زېمىنغا شەرمەندىلەرچە دومىلاپ چۈشۈپتۇ...بۇ دەھشەتتىن چۆچۈگەن قاغا ئەنسىز قاقىلداپ پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. شۇندىن باشلاپ بۇ يۇرتقا ئاسايىشلىق يېغىپتۇمىش دەپ ھېكايە قىلىشىدۇ.

    شۇ ئەلنىڭ خەلقى ھېلىھەم ئاشۇ سۆيۈملۈك قاغىنى سېغىنىش بىلەن ئەسكە ئېلىشاركەن.


شائىر بىلەن شاتۇت


    بۇرۇن بىر شائىر ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ بىر شاتۇتى بولۇپ، دائىم ئۇنى يەلكىسىگە قوندۇرۇپ ئوتلۇق شېئىرلار يازاركەن، ئىلھاملار سېھرىدىن ھاياجانغا تولۇپ ياڭراق غەزەللەر ئوقار ئىكەن. لېكىن كىشىلەر شائىرنىڭ ئىستېداتىنى بىلىشمەپتۇ، ئۇنىڭ يالقۇنلۇق مىسرالىرىنى، پاساھەتلىك گۈزەل ئەشئارلىرىنى، ۋەتىنىم، مىللىتىم دەپ نىدا قىلىشلىرىنى، ئاچچىق ئۆكۈنۈشلىرىنى چۈشەنمەپتۇ، ئۇنىڭ مەردانە خىتابلىرىنى ساراڭلارچە جۆيلىگەنلىك دېيىشىپتۇ، توم-توم دىۋانلىرىنى چەرخ ئورنىدا كۆرۈپتۇ.

    كۈنلەر ئۆتكەنچە شائىرنى غۇربەتچىلىك بېسىپ ھالى يامانلىشىپتۇ، ئۆسۈپ پاخپىيىپ كەتكەن چاچ-ساقاللىرىغا ئاق سانجىلىپتۇ، بوران ئۇچۇپ تۇرغان كەپىسى بىلەن شېئىر پۈتۈلگەن دەستە-دەستە ۋاراقلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى قالماپتۇ. ئاخىرى ھەتتا يېگۈدەكمۇ نەرسە تاپالمىغۇدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ. شاتۇتىنى بېقىشقا كۆزى يەتمىگەن شائىر ئۇنى ئورمانغا قويۇۋېتىپتۇ. شاتۇت بېرىپ ئۆز قەۋمىنى تېپىپتۇ.

    كۈنلەر ئۆتۈپ بىر كۈنى بۇ شاتۇتنىڭ يادىغا شائىر يېتىپ، ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ قۇلىقىغا ئاندا-ساندا كىرىپ قالغان مىسرالارنى ئوقۇپ ساپتۇ. شۇئان بارلىق شاتۇتلار ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپتۇ. ھېلىقى شاتۇت بۇنىڭدىن بىر نېمىنى سەزگەندەك بولۇپ ئېسىدە قالغان مىسرالارنى تىزىپ، قاملاشمىغان، باش-ئاخىرى يوق بىر نەرسىلەرنى دېگىلى تۇرۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەيرانۇ-ھەس قالغان باشقا شاتۇتلار ئۇنى كاتتا ناتىق، كامالەتكە يەتكەن شائىر دەپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپتۇ. تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتتىن قىن-قىنىغا پاتماي قالغان بۇ "شائىر" شاتۇت تېخىمۇ بېرىلىپ زوق-شوخ بىلەن قالايمىقان بىلجىرلىغىلى تۇرۇپتۇ. نادان شاتۇت قەۋمى ئۇنى ئەۋلىيا بىلىپ پەيلىرىنى كۆزلىرىگە سۈرتۈشۈپتۇ، ئۇنىڭ بىرەر ئېغىز "ھېكمەتلىك" نۇتۇقىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان شاتۇتلار ئۆزلىرىنى قالتىس بەختلىك سانىشىپتۇ. ئۇنى شاھلىق تەختىگە چىقىرىپ قۇللۇق بىلدۈرۈشۈپتۇ.

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ "شائىر" شاتۇت ھازىرمۇ ھاياجان بىلەن ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ ۋەزخانلىق قىلىپ يۈرەرمىش...


مەنبە : ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yabgu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-5 05:58 AM  


بۇ جاھان ئىنساننى ھەر كويغا سالدى،
گاھىدا ماتەمگە ، گاھ تويغا سالدى.
تۈنۈگۈن توقلۇقتا كېرىلگەنلەرنى،
بىر بۇردا نان ئۈچۈن نى ئويغا سالدى.    ___خاتىرەمدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 03:09:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33760
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4136
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 11:14:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش