مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2530|ئىنكاس: 35

ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىدىكى قالاق ئىشلار ( 1-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91828
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 03:16:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە ۋاقىتىن بىرى جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئىشلارغا مەن بەك دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ، ھەر قېتىم شۇنداق ئىشلارنى ئۇچراتقاندا شۇلارغا شۇنداق نەسىھەت قىلغۇم كىلىدۇ ،ئەپسۇس مەن ئۇلارنىڭ ھېچنىمىسى ئەمەس ،نەسىھەت قىلىمەن دەپ جىدەل چىقىپ قالسا قانۇن گۇنانى ماڭا قۇيىدۇ .
شۇڭلاشقا مەن كۆپ ئويلىشىپ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە يوللاشنى قارار قىلدىم. بۇ ئارقىلىق بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا شۇ كىشىلەرنىڭ شۇ قالاق ئادەتلىرىنى ئۆرگەرتىشكە سەۋەپچى بوپ قالسامكەن دەيمەن !
دەسلەپتە سىناق ھالەتتە بىر تىما يوللىماقچى ،ئىنكاسقا قاراپ بېقىپ داۋاملىق يوللاش ياكى توختاپ قېلىشنى قارار قىلىمەن !

مەن كورلىدىن ، ھەركۇنى دىگۈدەك كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ دەريا بۇيىنى ئايلىنىپ ياكى كونا بازار تەرەپكە بېرىپ ئۇنى-بۇنى يەپ كىلىدىغان ئادىتىم بار .
لىكىن كونا بازار تەرەپكە بارغاندا مەن ئەڭ كۈرۈشنى خالىمايدىغان ئىككى ئىش بار ، بىرسى : بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ بىر موتىسكىلىتقا 2-3ئادەم مىنىۋېلىپ شۇنچە ئادەم كۆپ يەردە سىگنالنى توختىماي ئۇرۇپ جان تىكىپ تېز ھەيدىشى .
يەنە بىرسى :بەزى ياشلىرىمىزنىڭ توكلۇق ياكى توكسىز موتىسكىلىتقا يۇقۇرى ئاۋازلىك ياڭراتقۇ ئورنىتىپ ياكى تېلفۇنىدا  djنى بۇلۇشىغا قۇيۇپ ھوزۇرلۇنۇپ مېڭىشى .

ئالدى بىلەن ئادم شەھەر ئىچىدە تېز ھەيدەش مەسىلىسىدە توختىلاي
بۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ھەرگىزمۇ بىرەر ئىشقا ئالدىراپ مېڭىشى ئەمەس(كۆپ سانلىقى)، بەلكىم ئۆزىچىلا <نوچىلىق>قىلغىنى بۇلۇپ خۇددى شۇنداق قالتىس بىر ئىش قىلغاندەك ، باشقىلار ئاستا ھەيدەپ ماڭسا كۆڭلىدە شۇلارنى مەسخىرە قىلغاندەك ئويلايدۇ . لىكىن ھەرگىزمۇ قورقۇپ كەتلەرنىڭ ئىنتايىن سېسىق گەپلەر بىلەن تىللاۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ .
ئىككىنچىسى بولسا يۇقۇرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇ مەسىلىسى
بىزنىڭ ناخشا خۇمار مىللەت دىگەندەك <چىرايلىق> نامىمىز بولغان بولسىمۇ ناخشىسى سەھنىدە ئېيتقان ياخشى ،ئاڭلىماقچى بولساق مۇۋاپىق ئورۇندا ئاڭلىغان ياخشى . كوچىدا ئاڭلىسامۇ بۇلىدۇ ،لىكىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ سىز ئاڭلاۋاتقان ناخشا خوش ياقامدۇ يوق ؟ ئەتراپتىكىلەرگە دەخلى قىلدىممۇ يوق دىگەنلەرنىڭ ئويلاپ بېقىشىڭىز كىرەك . بۇ ئىنتايىن ئەقەللى بىر ساۋات .
كوچىدا،ئاپبۇۋۇستا،باغچىدا ناخشا ئاڭلاڭ ،لىكىن نائۇشنىك(ئېرجى)سېلىپ ئاڭلاڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ھېچكىم سىزگە ئالىيىپ قارىمايدۇ .
باشقىلارنىڭ نائۇشنىڭ تاقاپ ياكى ناخشا ئاڭلىماي مېڭىشى ئۇلارنىڭ تېلفۇنى يوقلىقى ياكى تېلفۇنىدا ناخشا يوقلىقى ۋە ياكى ياڭراتقۇ ئورنىتشقا پۇلى يوقلىقى ئەمەس بەكلىم ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىنى بىلگەنلىكى، باشقىلارنىڭ ئالىيىپ قاراپ مەدىنىيەتسىزكەن دەپ قالمىسۇن دىگىنى .
ئەگەر يولدا ماڭغاندا نائۇشنىڭ تاقاپ ناخشا ئاڭلاشقا ئىرىنسىڭىز موتىسكىلىتقا ياڭراتقۇ ئورنىتىپ باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى ياكى قارغىشىغا ئۇچراپ يۈرگەندىن پۇل تېپىپ ماشىنا ئېلىپ ماشنىڭىزنىڭ ئىچىدە ئاڭلاڭ .

موتىسكىلىتنى ئاستا،ئۆزىنىڭ يولىدا ھەيدىسە ھېچكىم سىزنىڭ ھەيدەشنى ئۇقمايدىكەن ،يۈرەكسىزكەن ياكى موتىسكىلىتى بەك ناچاركەن دىمەيدۇ .ئەگەر بەكلا تېز ھەيدىگۇڭىز بولسا ھەمدە شەرتىڭىز توشسا شۇ خىلدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىڭ،قانچە تېز ھەيدىسىڭىز شۇنچە ياخشى .
موتىسكىلىت ھەيدەپ ماڭغاندا ناخشا ئاڭلىمىغانغا ئادەم ھېچنىمە بولۇپ قالمايدۇ،ھېچكىممۇ سىزنى <ئاقسا>ئەمەسكەن دەپ قالمايدۇ.
قىسقىسى بۇنداق ئىشلارن <ئاقسالىق>،<نوچىلىق>دەپ بىلمەي ئەكسىچە قالاقلىق دەپ تۇنۇش كىرەك .

بىزنىڭ ياشاۋاتقان رايۇنىمىزدا بىزلا ئەمەس باشقا مىللەت ياكى باشقا يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بار . بىز بۇنداق قالاق يۈرسەك سىزنىڭ يۈزىڭىزگە سەت ئەمەس بەلكىم بىۋاستە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈزىگە سەت .
نىمىشقا ئىچكىردىكىلەر شىنجاڭلىقدىن قورقىدۇ؟ سەۋەبى بىز بەك يامانلىقتىن ئەمەس بەلكىم ئىچكىرىدىكى شۇ ئازغىنە قالاق ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ يەردە يانجۇقچىلىق ياكى مۇتەھەملىك قىلىپ شىنجاڭلىقنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ شۇلارغا <شىنجاڭلىقلار بەك بىغەرەز، مەدىنىيەتسىز،ساپاسىز،بۇلاپ يەيدۇ >دىگەندەك تۇيغۇ بەرگەنلىكتىن شۇنداق قورقىدۇ .
شۇڭلاشقا بىز ھەدىسىلا باشقا مىللەتنى زاڭلىق قىلماي شۇلارنىڭ بەزى ياخشى ئادەتلىرىدىن ئۈگىنىپ ساپارىمىزنى (素质) ئۆستىرىشىمىز كىرەك . ساپا يۇقۇرى بولغاندىن كىيىن ھەممە ئادەمنىڭ ياكى مىللەتنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشكىلى بۇلىدۇ .باشقىلار بىىنچى بۇلۇپ بىزنىڭ ئۆتمىشىمىزدىكى ئالىملىرىمىزغا ئەمەس بەلكى ھازىرقى بىزگە قاراپ باھا بىرىدۇ. ھەدىسىلا پالانى ئالىم چىققان،پالانى دانىشمەن چىققان ،ئۇيغۇرلار ئەڭ قالتىس مىللەت دەپ بۇرۇنقى ئۆتمۈشكە ئېسىلىۋالماي ھازىرقى ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى باقاشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە تىرىشايلى . گەپنىڭ قىسقىسى ھازىر ئۆتمۈشتىكى دەۋر ئەمەس، ھازىر ھەممە نەرسە ئۆزگەردى(مەسىلەن:بىز خالىغان يەرگە بارالايمىز،باشقىلارمۇ خالىغان ۋاقىتتا كىلىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى كۈرەلەيدۇ) ،بۇ ئەمىلىيەت !
تىما مەزمۇنىنى بەك كۆپ قىلىۋەتمەي ، ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئەگەر سىزدە مەزكۇر تىمىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر بار بولسا ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، دەرھال ئۆزگەرتىڭ . ئەگەر سىزنىڭ دوستىڭىز،ئاكا-ئۇكىڭىز،يولدىشىڭىزلاردا شۇنداق ئىشلار بولسا شۇلارغىمۇ نەسىھەت قىلىپ ئۇنداق قالاق<نوچىلىق>تىن توختاپ مەدىنى ئادەم بۇلۇشقا تەربىيە قىلىڭ .
ئىسىڭىزدە بولسۇن مەدىنىيلىك دىگىنىمىز يوۋاشلىق ياكى قورقۇنچاقلىق ئەمەس ، بەلكى ياخشى خىسلەت !
بەزى گەپلەر سەل قاتتىق بولسا شۇ گەپكىلا ئېسىلىۋالماي تىمىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تۇنۇپ يىتىشىڭلارنى سورايمەن.
مەنبە : ئۆزەم (ياقتۇرسىڭىز بارلىق مۇنبەرلەرگە كۈچۈرىۋېرىڭ)

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tirkax + 10 ئەخلەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئېغىر مەسىلە ساپاسىزلىق ۋە مۇتىھەملىك-بىغەرەرلىك !
hudayar6 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 12:08:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12307
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 12:28:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ موتسىكىلىتقا  ياڭراتقۇ ئورنىتىۋالغانلار بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ بار .  يېنىمىزدىن غۇيۇلدىتىپ ئۆتۈپ كەتسە كۆزۈمگە يەجۇجى - مەجۇجىلاردەكلا كۆرىنىپ كېتىدۇ زادى .

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2453
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 12:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىگنىڭىز توغرا قىرىندىشىم شۇنداق ئەھۋال بارلار تىزدىن تۇزتىشنى ئۆمۇت قىلمەن ،مەدەنيەتلىك بولايلى قىرىنداشلار

شاكىچىك بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 02:59:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 03:04:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك خۇيۇم تۇتىدۇ شۇنداق موتسىكىلىتقا ياڭراتقۇ بىكىتىۋىلىپ  ماڭغانلارنى كۆرسەم ،

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2583
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 03:06:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇنداق ئىش يوق.     موتۇسىكىلىت مېنىدىغانلار بەك ئاز

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10414
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 03:08:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇندا ئىشلامۇ با

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 03:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jalipkar! يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 12:28 PM
شۇ موتسىكىلىتقا  ياڭراتقۇ ئورنىتىۋالغانلار بىزنىڭ بۇ  ...

مەنمۇ   ئەگەشتىم      ...................                           !!!!!!!!!!!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 03:31:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇ يەردە بۇندا ئىشلارنى مەن كۆرمىدىم. لېكىن تېمىڭىز ھەممىمىزنى مەدىيەتلىك بولۇشقا چاقىرىدىغان ياخشى تېمىكەن، شۇڭا قوللايمىز. داۋامىنى داۋاملىق يوللاڭ.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش