مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 502|ئىنكاس: 3

خەلقىم سەن كۈلسەڭ كۈلىمەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 02:26:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

            خەلقىم سەن كۈلسەڭ كۈلىمەن

         (تۇرسۇن نىياز غەزىلىگە تەخمىس)

خەلقىم سەن كۈلسەڭ كۈلىمەن كۈلمىسەڭ كۈلگۈنۈم يوقتۇر،
بەختىم كۈلگەن بىر سەن بىلەن سەنسىز خۇشال كۈنۈم يوقتۇر.
چۈنكى سەنسىز ھەقىقەتتىن سۆزلەيدىغان سۆزۈم يوقتۇر.
جاھان گۈلزارىدا خەلقىم سىنىڭدەك ئۇز گۈلۈم يوقتۇر،
كى بولسا باشقىدىن بىرسى كۆرۈشكە كۆز نۇرۇم يوقتۇر.

قەدىم ئۇلۇغ تارىخىڭنى يۇلتۇزلار يورۇتتى ئاقلاپ،
يەپ تۇرسىمۇ زۇلمەت ئۇزاق تارىخىڭ نۇرىنى يالماپ.
ھەقىقەت كۆمۈلمەس ئىكەن ھەرقانچە كۆمسىمۇ قاتراپ،
تۇرار ئەنە تۈمەن يىللىق شەرەپلىك تارىخىڭ چاقناپ،
بۈيۈك نامىڭ ئاتالماستىن يېزىلغان قۇرلۇرۇم يوقتۇر.

دۇنياۋى ساز قامۇسلىرىڭدىن پەخىرلىك ئۈزۈكلۈكسەن،
گۈزەللىكىڭگە ياراشقان نۇر ئۈزۈكتە  سۆيۈملۈكسەن.
قاراپ ھەرگىز تويمايمەن گۈزەللىكىڭگە ئۆمۈرلۈكسەن،
جاھان رەنالىرى ئىچرە سۆيۈملۈكسەن كۆيۈملۈكسەن،
سىنىڭدەك مىھرىبان غەمخان يۆلەنچىم مۇڭدۇشۇم يوقتۇر.

گۈزەل تاج دوپپاڭنى كەيسەڭ بولىسەن ئەجەپ ئىسكەتلىك،
تارىخىڭمۇ بەك ئۇزۇن پۈتۈلگەن تارىخقا تىلخەتلىك.
ئەرتۇڭا ئەۋلادى بولغاچ تارىختا سەن بەك قۇدرەتلىك،
جاسارەتلىك باھادىرسەن ئالىپ ئەرتۇڭا خىسلەتلىك،
گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتتە پەخىرلەنمەس كۈنۈم يوقتۇر.

سىنىڭسىز مەن  يوقالغايمەن بولۇپ بىرتال چۈرۈك كەسلەم،
كىسەل بولسام تېپىلماس ھېچ سىنىڭسىز بىر شىپا مەلھەم.
سەندىن قۇۋەتكە تولغاچمەن بۇلاقىڭدىن ئىچىپ زەمزەم،
ياشاپ كەلدىم گۆدەكلىكتىن پىشىڭگە باش قويۇپ ھەردەم،
بۈيۈك ئەجرىڭنى ئاقلاشتىن بۆلەك مەقسەت ئويۇم يوقتۇر.

مۇرادىمدۇر بەختىڭ ئۈچۈن ئانا تۇپراققا تېرىلسام،
گۈزەللىكىڭ ئۈچۈن ھەمىشە گۈل بولۇپلا ئېچىلسام.
نۇرغا پۈركۈپ چىرايىڭنى جاھالەت باغرىنى تىلسام،
قەسەمبىللا ئىرادەمگە مۇخالىپ زەررە ئىش قىلسام،
يورۇق دۇنيا ماڭا زۇلمەت مېڭىشقا تۈز يولۇم يوقتۇر.

مۇرادىڭغا يىتىپ خەلقىم كۆڭلۈڭنى خوشال ئەتكەندە،
باھار قۇياشى چىقىپ ھەردەم غەم نەشتىرى كەتكەندە.
بەختىڭدىن كۈلۈپ ئايدا كۆڭلۈمگە كۈلكە ئەۋەتكەندە،
يېڭى شانلىق سەپەردە كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكەندە،
شۇكۈنكى بەختىيار بايرام كۈنىڭدەك چوڭ تويۇم يوقتۇر.

2013-نورۇز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 04:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز! قەلىمىڭىز بوپ قالىدىكەن. دائىم مۇشۇنداق ئېسىل شىئېرلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 07:51:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlbargi0999 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 04:40 PM
ياخشى يېزىپسىز! قەلىمىڭىز بوپ قالىدىكەن. دائ ...

ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم!  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33760
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4136
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 11:15:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش