بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئىستەدىم
دىلغا چۈشتى يەككە ئاتەش ساھىپ شەرار ئىستەدىم،
ياشلارىمدا ئۆچمەدى، يامغۇرى باھار ئىستەدىم.
"سەندىن ئۆزگە ئۆچۈرەلمەس" دەپ تۇرۇپ ئى يار،قۇلۇڭ،
مەخلۇقۇڭغا تەلمۈرۈپمەن، يەنە تەكرار ئىستەدىم .
ئەي رەھىم، ياغدۇر قۇلۇڭغا فىردەۋستىن قەترە سۇ ،
سىنى تاشلاپ، ئەقلىم باشلاپ كۆيگەلى نار ئىستەدىم.
ئوت تۇتاشمىش رەببىدىن، ھەققە ئىگەلگەن كىمسەگە،
ئۇندىن ئۆزگە ئۆچۈرەلمەس، گەرچە زار-زار ئىستەدىم .
ئەي ئەزىز، مۇھتاجقۇللۇڭ تۇپراق ئىدى تۇپراق يەنە ،
سۆرىلىپ تۇپراق ئارا ، سەن يارنى مەن خار ئىستەدىم .
ئوتۇڭدا قارىدىغان جىسمىمغا ياشىمنى تۆكۈپ،
لالە-رەيھان ئۈندۈرۈپ سەن يارغا گۈلزار ئىستەدىم ،
كەلگىنا بوستانغا، قىلغىن جەننىتى رىزۋان ئۆيۈم ،
لاۋا بولدۇم ،لالە بولدۇم، بىر سىنى يار ئىستەدىم .
كۆرمىسە ئاجىز كۆزۈم رەببىم سىنىڭدىن بىر نىشان،
قارغۇ بولسۇن، كەلگىنا دېل سەندە يار بار، ئىستەدىم.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەپەرەڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shepereng تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-4 09:26 PM