مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2451|ئىنكاس: 32

ئۇيغۇرنامە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92006
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 08:35:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئۇيغۇرنامە



بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم



ھەمدۇ-سانالارنىڭ ھەممىسى ھەممەنىڭ رەببىگە بولسۇن!...

دۇرۇت-سالاملارنىڭ ھەممىسىمۇ ھەممىگە رەھمەت قىلىنغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن!...

ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!...ئامىن!...



9 ئۇيغۇرلار " 9 ئۇيغۇر"دىگەن بۇ نام بىلەن تارىخ سەھىپىسىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلار كىم ئىدى؟

ئۇلار قاچاندا مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن؟ ئۇلارنىڭ قەدەملىرى يەر يۈزىدە نەلەرگىچە يەتكەن؟...دىگەن مەسىلىگە جاۋاپ تىپىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆكلەپ چىققان يىلتىزىدىن سۆز ئاچماي بولمايدۇ، يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئەقىل ۋە ئەقىدە ساھىپلىرى بىلەن تۆۋەندە ئورتاقلاشماقچى بولغان بۇھەقتىكى تىما، توپان بالاسى ۋە تۆمۈرنىڭ ئاسماندىن يەرگە چۈشۈرىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىبەتلىكدۇر،چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزى توپان بالاسىدىكى شۇ زاماندا شەكىللەنگەن ۋە ئۇلار ھەدىد بالاسىدىن بۇرۇن 4 تەرەپكە تەرتىپلىك كۆچكەن.

توپان بالاسىدىن بۇرۇنقى ئىنسانىيەت ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا رەزىياللاھۇ ئەنھانىڭ نەسلىدىن ئاۋۇغان ئىدى،بۇزرۇك پەدەرىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋ ئانا ئەينى زاماندىكى يەر شارىدا كۈچلۈك ۋە زور مەخلۇقلار قورشاۋىدىكى مۇھىتتا تىرىكچىلىكىنى ئەمىن داۋاملاشتۇرماق ئۈچۈن كۆپ تىرىشانلىق كۆرسەتتى، شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرسى ئۆز ئەۋلادىنى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن مۇھاپىزەت قىلماق ئۈچۈن قىلىنغان تەدبىر بولمىش 5 قەبىلە تۈزۈلمىسىدۇر،ئەينى زاماندا ئادەم ئەۋلادى كۆپىيىپ مەلۇم سانغا بارغاندا ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىز نەسلىنى 5 كە بۆلدى، ئۇلارنى مۇنداق تەرتىپتە جايلاشتۇردى:

1-ئاند ئۇرۇغى، ئاي چىقىش تەرەپتە جايلاشتى، شۇڭا "ئاند"لار دەپ ناملاندى، بۇ ئۇرۇققا ھاۋۋا ئانىمىز ئۆزى باش بولدى. (يۇقارقى 5 ئۇرۇقنىڭ نامى  شۇ سۆزلەرنىڭ ئىنسان زۇۋانىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى تەلەپپۇزىدۇر)

2-نداند ئۇرۇغى، كۈن تەرەپتە جايلاشتى،شۇڭا "نداند"لار دەپ ناملاندى، بۇ ئۇرۇققا قابىلدىن كىيىنكى زامانلاردا ئادەم ئاتىمىزنىڭ ئوغۇللىرىدىن شىس ئەلەيھىسسالام ئۆزى باش بولدى.

3-ئېند ئۇرۇقى، يەرتەرەپتە جايلاشتى، شۇڭا "ئېند"لار دەپ ناملاندى، بۇ ئۇرۇققا دەسلەپتە ئادەم ئەلەيھىسسالام ،ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى زامانلاردا ئادەم ئاتىمىزنىڭ ئوغۇللىرىدىن شىس ئەلەيھىسسالام ۋە ئىدرىس ئەلەيھىسسالام ، ئاندىن نۇھ ئەلەيھىسسالام باش بولدى.

4-ندوند ئۇرۇغى، تۈن تەرەپتە جايلاشتى،شۇڭا "ندوند"لار دەپ ناملاندى، بۇ ئۇرۇققا ئىقلىمە ۋە دەمىمە ۋە ئۇ ئانىلىرىمىزنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان قىزلاردىن بىرى باش بولدى.

5- ئوند ئۇرۇغى، ئورتىدا جايلاشتى، شۇڭا "ئوند"لار دەپ ناملاندى، بۇ ئۇرۇققا ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھاۋۋا ئانىمىزنىڭ نەۋرىلىرىدىن بىرسى باش بولدى.

يۇقارقى ھالەتتىن بىزگە قالغان ئۇدۇم سەۋەبىدىن تاكى بۈگۈنگىچە ئىنسان ئەۋلادى چۈشىدە ئۆيىنىڭ شەرق تەرەپ تامى يىقىلىپ چۈشىسە ئانىسىغا، جەنۇپ تەرەپ تامى يىقىلىپ چۈشىسە ئوغۇللارغا، غەرپ تەرەپ تامى يىقىلىپ چۈشىسە ئاتىسىغا، شىمال تەرەپ تامى يىقىلىپ چۈشىسە قىزلارغا، ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى يىقىلىپ چۈشىسە ئۆزىگە ياكى ئۆيىنىڭ چوڭىغا خەتەر يىتىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا ئادەم ئاتامدىن ئۇدۇم قالغان ئاشۇ قەبىلە تۈزۈمىدىن قالغان تەسىرات ھازىرمۇ مەۋجۇتتۇر، "ئۇدۇم قالدى"دىمەكمۇ"ئادەمدىن قالدى" دىمەكتىن قالغان ئاتالغۇدۇر.

يۇقارقى بەش ئۇرۇق ئادەم ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا شەكىللەنگەندۇر، نۇھ ئەلەيھىسسالام(لامەك)زامانلىرىدا بۇ ئۇرۇقنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىردىن جانابى ئاللاھقا شىرىك قىلىنىۋىلىنغان باتىل ئىلاھلىرى پەيدا بولغان ئىدى،ۋەد، سۇۋائ ،يەغۇس،يەئۇق،نەسىر شۇلارجۈملىسىدىندۇر .

ھەزرىتى لامەك ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبىلىسىدىن كەلگەن پەيغەمبەر ئىدى،ئۇ تولا ياش تۆككىنى ئۈچۈن "نۇھ" دەپ ئاتالغان دىيىلىدۇ، مەنچە "نۇھ" دىمەك قەدىمقى ئىنسان تىلىدا "سۇ" دىمەكتۇر، چۈنكى لامەكنىڭ بەددۇئاسىدا يەر يۈزىدىكى مۇشرىكلەر سۇ بىلەن ھالاك بولغان.

نۇھ ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغان قەۋم چوقۇنغان ۋەد بۇتى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوبرازى ئاساسىدا قابىل تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغاندۇر.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم!ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە (يەنى بايلىرىغا، كاتتىباشلىرىغا) ئەگەشتى [21]. ئۇلار(يەنى كاتتىباشلار) (ماڭا چىن پۈتمىدى، ماڭا ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ)چوڭ ھىيلە تۈزدى [22]. ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى،يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار› دېدى [23].

نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن [26]. ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ [27].71-سۈرە نۇھ .

ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاقساقاللىق قىلىدىغان قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولغاچقا، بۇ قەبىلىنىڭ مىللىي نامىمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىغا نىسبەت بىرىلىپ «ئاد» قويۇلغان ئىدى،ئاد قەۋمى ئادەم ئاتىغا نىسبەت بىرىلگەن "ئاد" بۇتى ئاساسىدا پەيدا بولغان"ۋاد" بۇتىغا چوقۇناتتى،ئەنە شۇ ئاد قەۋمىدىن ھەزرىتى نوھقا 36 ئادەم ئىمان ئەيتتى، ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىن ھەزرىتى نوھ، ھەزرىتى نوھ ئىبنى ياپەس،ھەزرىتى نوھ ئىبنى ھام، ھەزرىتى نوھ ئىبنى سام بولۇپ جەمئى 4 ئادەم مۇسۇلمان ئىدى، جانابى ئاللاھنىڭ «ھەر جانلىقتىن بىر جۈپتىن ئال» دىگەن بۇيرۇقىغا بىنائەن، ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئەر-ئاياللىرىنىمۇ بىر جۈپتىن قىلغان ئىدى، مۇسۇلمانلارغا تاللانغان جۆرىلەر يىڭى تۇغۇلغان پاك بوۋاقلار ئارىسىدىن تاللاندى، چۈنكى ھەر بىر تۇغۇلغان ئىنسان بالىسى تۇغما مۇسۇلماندۇر،شۇنداق قىلىپ توپاندا كىمىگە چىققان ئىنسان 40 جۈپ بولدى.


جانابى ئاللاھ بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

نۇھقا (مۇنداق) ۋەھيى قىلىندى:«قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ،ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن قايغۇرمىغىن [36]. 11-سۈرە ھۇد .

نۇھ ئەلەيھىسسالامغا قەۋمىدىن36 كىشى ئىمان ئەيتتى، يۇقارقى ئايەتمۇ 36-ئايەتتۇر.

(توپان بالاسى توغرىسىدىكى)بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن(ئەركەك چىشى بولۇپ) بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن ھالاك بولۇشى ھۆكۈم قىلىنغانلار (يەنى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ۋائىلە بىلەن ئوغلى كەنئان) بۇنىڭ سىرتىداـ ۋە ئىمان ئېيتقانلار بىلەن كېمىگە چىققىن» دېدۇق، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنا كىشىلەر ئىمان ئېيتتى [40]. 11-سۈرەھۇد .

نۇھ ئەلەيھىسسالامغا قەۋمىدىن36 كىشىگە قوشۇلۇپ ئائىلىسىدىكى 3 ئوغلى ئىمان ئەيتتى، ئۆزى  بىلەن قوشۇلۇپ جەمئى مۇسۇلمان 40 نەپەر ئىدى، يۇقارقى ئايەتمۇ 40-ئايەتتۇر. 40 جۈپ مۇسۇلمان توپان بالاسىدىن ئامان قالدى، "توپان"دىمەك 2" سۇ" دىمەكتۇر، چۈنكى ئاسمان ۋە زىمىندىن چىققان ئىككى سۇ يەر شارىنى ھالاك قىلغىنى ئۈچۈن ئەينى زامان ئىنسان زۇۋانىدا بۇ 2 سۇنى «تۇ پان» دەپ ئاتىغان.

«ئى زېمىن سۈيۈڭنى يۇتقىن،ئى بۇلۇت تارقىغىن» دېيىلدى ، سۇ سوغۇلدى، اﷲ نىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى [44].11-سۈرە ھۇد .

كىمە ئارارات تىغىدا توختىدى، ئاراراتنىڭ مەنىسى«سۇدىن چىقىپ تۇرغان تاغ» دىمەكتۇر، چۈنكى قەدىمدە ئېقىن سۇنى «ئور» دەيتتى، تىلىمىزدىكى«ھۆل»، «ئۆركەش»،«ئۆردەك» ،«ئېرىق»دىگەن سۆزلەردە بۇ ئاتالغۇ ئەينى ساقلانغان. ئۆركەش دىمەك سۇنىڭ ئاشقان-ئۈستىگە ئۆرلىگەن ھالىتىدۇر(ئورك ئاش←ئورك ئاش←ئۆركەش)، ئۆردەك دىمەك سۇغا چوككۈچى دىمەكتۇر،(ئۆردەك←ئوردۆك←دۆك←تۆك←چۆك)،ئېرىق دىمەكمۇ سۇنىڭ ئاققىنى دىمەكتۇر،(ئور ئاق←ئوراق←ئىرىق)، شۇنىڭدەك ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسى توختىغان ئارارات تىغىنىڭ يەرلىك كىشىلەرنىڭ تىلىدىكى يەنە بىر نامى «ئور ئارت»دىيىلەتتى.«ئور» دىمەك "سۇ" دىمەكتۇر، «ئارت» دىمەك "داۋان، تاغنىڭ ئەڭ ئىگىز" جايى دىگەن بولغاي،"ئور ئارت" ياكى "ئارارات"دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى "سۇدىن ئارتىلىپ چىققان، سۇنىڭ ئۈستىگە چىققان داۋان"دىگەن بولغاي.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

ئېيتىلدى (يەنى اﷲ ئېيتتى): «ئى نۇھ !ساڭا، سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىرقىسىم ئەۋلادىنى (ھاياتىي دۇنيادىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ» [48].11-سۈرە ھود .

يۇقارقى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك كىيىنكى تارىختا توپاندىن ھايات قالغانلارنىڭ ئەۋلادىنىڭ بىر قىسمى ھالاك بولدى،بىر قىسمى كۆپىيىپ دۇنيانى ئاۋات قىلدى، كىمىدىن چۈشكەنلەردىن بولغان كىيىنكى قەۋملەردىن ھام ئاد،سام ئاد،نوھ ئاد لىرىنىڭ بىرقىسمىغا رەھمەت چۈشتى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھالاك بولدى، ئادى ئىرەملەر تەلتۆكۈس ھالاك بولدى،ئادغارلار جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، بەرىكىتى ۋە ئامانلىقى بىلەن تىز كۆپەيدى .

ئەنە شۇ ماكان ئەتراپىدا ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالامىڭ قەۋمى «ئاد» لاردىن ھايات قالغان 40 جۈپ ئادەم ئەۋلادى ياشاشقا باشلىدى، ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ توپان بالاسىدىن كىيىنكى 360 يىللىق ئۆمرىدە،ئەۋلادى تىز كۆپەيدى، ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالام كۆپەيگەن ئىنسانلارنى، قەدىمدىن قالغان ئۇدۇم بويىچە ئاد قەۋمىنىڭ نامىغا تارماق ئۇرۇقنىڭ جىنسىيەت ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرگۈچى قوشۇمچىلارنى قوشۇپ ئاتاپ، 5 قەبىلىگە ئايرىدى ۋەتارقاقلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ بەش قەبىلىسى:

ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھالاك بولغىنى ئۈچۈن، قەدىمدىن ئانىلار ئاقساقال بولىدىغان ئاد قەۋمىنىڭ شەرىقى ئۇرۇقى "ئاند" لارغا ئۆزى ئاقساقال بولدى، بۇ قەۋمنىڭ نامى شۇندىن باشلاپ"ئاد ئان" دەپ ئاتالدى،ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بىرىلىپ «ئاد نوھ»دەپمۇ ئاتالدى،ئاد نوھ لار ئانا قەبىلە بولغاچقا يەنە «ئاد ئان» دەپمۇ ئاتالدى، «ئان»دىمەك بۈگۈنكى «ئانا» سۆزىنىڭ ئەينى بولۇپ، قەدىمدە ھاۋا ئانا قەبىلىسى شەرقتە جايلاشقىنى ئۈچۈن شەرقنى «ئان تەرەپ» دىيىشەتتى،شۇڭا ئان قەبىلىسى جايلاشقان تەرەپمۇ شەرقنى بىلدۈرىدىغان بولغان.

ئان سۆزى (ئاند←ئان←ئاي-ئايلا-ئايال) تەلەپپۇزلىرىدا بىزدە،

(ئاند←ئان←مانMon←) تەلەپپۇزىدا ئىنگىلىزلاردا،

(ئان←ئاي←يا←يۈ, 月- ئاند←ئان←مان← ما-妈 تەلەپپۇزىدا خەنزۇلاردا ساقلانغان.

ئاد نوھلار بۈگۈنكى يەمەننىڭ ئادئان قولتۇقى ۋادىلىرىدا ماكانلاشتى، كىيىنچە تارىم ۋادىسىدىن كۆچكەن سۇمۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان سابە لەر بىلەن،  دۇمانلارنىڭ ئەۋلادى بولغان يەمەنلەرنىڭ(دۇمون←يومۇن←يەمەن) ئادان ۋادىسىغا بىسىپ كىرىشى بىلەن، ئاد نوھلار بەھرەيىنگە كۆچتى،(شۇ زاماندىن يالداما بولۇپ تا بۈگۈنگىچە يەمەندە تارىم دەرياسىنىڭ نامىدا تارىم دەپ بىر يۇرت ساقلانغان)، ئاد ئانلارنىڭ بەھرەيىنگە كۆچكەنلىرى ئاد نوھ←تانوھ نامىدا ئەرەپلەرگە سىڭىپ كەتتى،ئۇلارنىڭ يەنە بىر پىرقىسى ئاد نوھ←نوھ ئاد←يوھ ئاد←يوھاد←يەھاد←يەھۇدى تەلەپپۇزىدا ئاتىلىپ بۈگۈنكى يەھۇدىي مىللىتى بولۇپ ياشىماقتا،شۇڭىمۇ يەھۇدىيلەر ھەزرىتى نوھتىن قالغان ئەڭ قەدىمىي دېنىي دەستۇرىنى «تانوھ» دەيدۇ، «تا نوھ »دىمەك ئاد نوھ-نوھ ئادلىرىنىڭ كىتاۋى دىمەكتۇر.

توپان بالاسىدىن كىيىنكى ھەر بىرتۈردىن پەقەت بىر جۈپلا ئىلىۋىلىنغان ھايۋانلارنى ئىنسانىيەتنىڭ يەپ تۈگۈتۈۋەتمەسلىگى ئۈچۈن جانابى ئاللاھ شۇ زاماندا ئىنسانىيەتكە ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان ئىدى، بۇ ھۆكۈم كىيىنچە مەنسۇخ قىلىنغان بولسىمۇ، يەھۇدى ۋە بۇددا دېنىدا ھازىرغىچە بۇ ھۆكۈمگە تولۇق ئەمەل قىلىنمىسىمۇ ساقلاپ قىلىنغان.

⑵ ئاد نان لار ، ئادنان لار ھام ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بىرىلىپ ھام ئاد دەپمۇ ئاتالغان، ئافرىقىدىكى ھەمىت قەبىلىسى شۇلارنىڭ قالدۇقلىرىدىندۇر،ئادنانلار ئاد قەۋمىنىڭ دادا ئۇرۇقىدۇر. قەدىمدە قۇياش "نداند" دەپ تەلەپپۇزقىلىنغان،«ن» تاۋۇشىنىڭ «د» تاۋۇشىدىن ئايرىلىشى بىلەن  كىيىنچە نداند سۆزى بىزدە "داند – نان"دەپ تەلەپۇز قىلىنغان، بىزدە پىشۇرىلغان خىمىرنى «نان» دەيمىز، چۈنكى نان قۇياشتەك ئوتتا پىشقاچقا، قۇياشتەك ئاق ئۇندا ياسالغاچقا ۋە قۇياشتەك يۇمۇلاق بولغاچقا «نان»دەپ ئاتالغان، خەنزۇلاردا بولسا «نان» سۆزى قۇياش ئۆز ئىسسىقىنى 12 سائەت چاچىدىغان تەرەپ جەنۇپنى بىلدۈرىدىغان南 سۆزگە ئايلانغان، نان سۆزىنىڭ جەنۇب مەناسىنى ئاڭلىتىشىنىڭ سەۋەبى دەل شۇ .

"نداند" سۆزىنىڭ تارىخىي تەلەپپۇز ئۆزگىرىشىدىن قىسقا مىسال: نداند سۆزى (نداند←نان← 南 تەلەپپۇزىدا بىزدە ۋە خەنزۇلارداساقلانغان.

نداند سۆزى (نداند←ناند←ياند←راند←Land)land تەلەپپۇزىدا بىزدە ۋە ئىنگىلىزلاردا ساقلانغان.ياندى، يان سۆزى بىزدىكىسى شۇ .

نداند سۆزى ( نداند←داند←دان←داي←Day← زاي-ساي تەلەپپۇزىدا بىزدە ۋە ئىنگىلىزلاردا ساقلانغان.

نداند سۆزى (نداند←داند← دان←زان←سان←Sun تەلەپپۇزىدا بىزدە ۋە ئىنگىلىزلاردا ساقلانغان.

نداند سۆزى (نداند←داند←دانز←يانس-يانچ←يانك←جانگ←جانىۋ←جەنۇپ) تەلەپپۇزىدا بىزدە ۋە ئەرەپلەردەساقلانغان.يانغىن سۆزى يانك سۆزى بىلەن تومۇرداشتۇر.

⑶ ئاد ئېند لار، ياپەس ئەلەيھىسسالام ئاد قەۋمىنىڭ غەربى قەبىلىسىگە ئاقساقال بولدى،(ھەزرىتى بۈيۈك بوۋام ياپەس ئەلەيھىسسالامغا نەۋرىلىرىدىن سالام بولغاي، ئىنشائاللاھ. ) بۇلار "ئادى ياپەس" دەپ ئاتالدى،جايلاشقان يىرىگە قاراپ "ئاد ئېند" ياكى "ئاد غار " دەپمۇ ئاتالدى،ئاد ئېند لار بۈگۈنكى قارا دىڭىزنىڭ شىمالىدا ياشايتتى، كىيىنچە ھود ئادلىرىنىڭ سەۋەبىدە ياكى باشقا نىزاھلار سەۋەبىدە تارىم ۋادىسى ئەتراپلىرىدىكى ئالتاي تاغ، تەڭرىتاغ،پامىرتاغ، تۇرانتاغ،دايك تاغلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئاققان  9 دەريا ۋادىسىدا ماكانلاشتى.

ئاد ئېند لارنىڭ مىللىي نامى ئۇزاق يىللىق تەلەپپۇزلاردا " ئاد ئېند←ۋاد ئېد←ۋاد ۋېد←گاد ۋېد←گاد گىد←گاد گىي←گاي گىر←كاي گىر←قايغىر←قايغۇر←قارغۇر←قارىغۇر←قۇرىغار" ئۆزگۈرىشىدە بىزگە يەتكەن.

قۇرىغارلار قەدىمدە خەنزۇچە مەنبەلەردە  گۇيگۇ(瑰古) ، خۇگۇ(护骨) ،خۇيخې(回纥) ، خۇيخۇ(回鹘) ، خۇيخې(回纥)»، خۇيخۇ (回鹘) ، خۇيخې(辉和) ، خۇيخۇي (回回) ،خۇي خېئېر (辉和尔) دىگەن مىللىي ناملاردا يىزىقتا خاتىرلەنگەن،ھەتتا بۈگۈنگىچە تىبەتلەر ئۇيغۇرلارنى «خۇيخۇئېر» دەيدۇ.

يىراق قەدىمدىن قالغان ئادەتلەرگە كۆرە،ياپەس ئەۋلادى بولغان ئاد ئېند لارنىڭ ،كىيىنكى نامى قۇرىغار بولغان مىللىي توپى 3 قۇرىغار دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ. ئۇلار بۈيۈك قۇرىغارىيەنى 3 چوڭ مەمۇرىي رايونغا بۆلۈنگەن؛

1-شەرقى قۇرىغار رايونى، بۇئاساسەن ئالتاينىڭ 4 تەرىپىدىكى ۋادىنى كۆرسىتەتتى.ئوڭ قول ئىلىك خان مۇشۇ رايۇننى باشقۇراتتى.ئىلىكخان دىمەك خاننىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى دىمەكتۇر. خاننىڭ ۋەلى ئەھدىلىرى مۇشۇ ھوقۇقنى تۇتۇپ مەركىزى ھاكىمىيەتكە ۋاكالىتەن ئۆز تەۋەلىكدە سىياسەت يۈرگۈزەتتى.ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدە6- قەبىلە ئاندلار،  8- قەبىلە دوند لار بولاتتى.

2-مەركىزى قۇرىغار رايۇنى، بۇ ئاساسەن تارىم ۋادىسىنى كۆرسىتەتتى.ئوردۇكەند مۇشۇ جايدا بولاتتى، شۇڭا ئافراسۇياب ئوردۇكەند(قەشقەر)تە تۇرغان."ئوردۇ كەند" دىمەك "مەركىزى شەھەر" دىگەن بولغاي، بۇ نام پەقەت ئۇيغۇر قاغانلىق تۈزۈلمىسىدە مەركىزى ھاكىمىيەت تۇرغان جايغىلا ئىشلىتىلىدىغان خاس ئاتالغۇدۇر.

ئوردۇ كەند تەۋەلىكىدە 1-قەبىلە مونلار، 2-قەبىلە دو لار، 3-قەبىلە ئۇز لار،4-قەبىلە دۇند لار، 5-قەبىلە بورس لار بولاتتى. يۇنان-تۇران سوقۇشىدىن كىيىن ،ئوغۇزخاننىڭ باشلامچىلىقىدا ئوردۇكەند قەشقەردىن بۈگۈنكى موڭغۇلىيەدىكى ئايخانلىقنىڭ تەۋەلىگىدىكى "ئوتۇكەن "كە كۆچۈرۈلگەن،"ئوتۇكەن " دىمەكمۇ ئوردۇكەند دىگەننىڭ بۇزۇلغان ۋاريانتىدۇر.

3-غەربى  قۇرىغار رايۇنى، بۇ ئاساسەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ غەربى شىمالى بىلەن پامىر تاغلىرىنىڭ غەربىنى ۋە ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ جەنۇبىنى كۆرسىتەتتى.سولقول ئىلىك خان مۇشۇ رايۇننى باشقۇراتتى. خاننىڭ ئورۇن باسار ۋەلى ئەھدىلىرى مۇشۇ ھوقۇقنى تۇتۇپ مەركىزى ھاكىمىيەتكە ۋاكالىتەن ئۆز تەۋەلىكدە سىياسەت يۈرگۈزەتتى. سولقول ئىلىك خان تەۋەلىكىدە7-قەبىلە  ئورس لار، 9-قەبىلەدايك-داردلار، بولاتتى.كىيىنچە ئىلىك خان ئورنىغا تاۋغاچ خان ئۇنۋانى ئىشلىتىلگەن،تاۋغاچ خان دىمەك تاۋىنغۇچى خان-بويسۇنغۇچى خان دىمەكتۇر .مەلۇمكى ئۆڭلۈك-سۆيگۈم توپىلىڭىدا تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر خانلىقى تەرىپىدىن ھالاك بولۇشتىن ساقلاپ قىلىنغان، لىكىن ئۇيغۇرخانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان،شۇڭا ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىنى "تاۋغاچ"دەپ ئاتىغان .قاراخانىلەر سۇلالىسىدىمۇ مەركىزى ھاكىمىيەت قەشقەردە بولغان، غەربى قاراخانىيلەر شۇ سەۋەپتىن ئۆزىنى قەشقەردىكى مەركىزى خانلىققا بويسۇنغانلىقىنى تەن ئىلىپ "تاۋغاچخان" دەپ ئاتىغان، بۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ ئاللىقاچاندا ھالاك بولغان "تاۋغاچ-تاڭلارنىڭمۇ خانى مەندۇرمەن" دىگەنلىك ئەمەس.

يۇقارقى رايۇنلار قەدىم زاماندا بىر قاغانلىق بۈيۈك قۇرىغارىيەنىڭ ئوڭ قول، سول قول، ۋە ئوردا خانلىقلىرىنىڭ 3 چوڭ مەمۇرى رايونلىرى ئىدى .شۇڭا تارىختا « 3 قۇرىقار،ئايخان،ئورداخان ، قاراخان » دىگەن قەۋم ۋە خانلىق نامى ئۇچراپ قالىدۇ .

شۇنىسى گۇمانسىزكى، ئەسھابۇل كەھف ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىنلا قۇرىغارلارنىڭ توپاندىن كىيىنكى قەدىمى مىللىي نامى بولغان«قۇرىغار» سۆزى ، قۇرىغارلارنىڭ دېنىي نامى بولغان «9 ئۇيغۇر» سۆزىگە پەيدىن-پەي ئورۇن بوشاتقان، تاڭ سۇلالىسى زامانىدا، تەخمىنەن مىلادىيە 708-يىلىدا ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ قاغانىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن ، ئۇيغۇر قاغاننىڭ قېينى ئاتىسى بولمىش تاڭ پادىشاھى ،«قۇرىغار» نامىنىڭ خەنزۇچە يىزىقتىكى يىزىلىشىنى ئۆزگەرتكەن، شۇندىن باشلاپ خەنزۇچە تەلەپپۇزلاردا "قۇرىغار" سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزى ئەمەس، بەلكى "ئۇيغۇر"سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزى يىزىقتا خاتىرلەنگەن. بۈگۈنكى "ۋىيۋۇئېر" نىڭ ئەسلىسى دەل "قۇرىغار" نامىنىڭ قەدىم ۋارىيانتى بولغان "ۋاد ۋىد-ۋايۋار" سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزى ئاساسىدا "ئۇيغۇر" نامىنىڭ يىزىقتا ئىپادىلىشىدۇر.

"قۇرىغار" دىمەك"ئادەم ئەۋلادىنىڭ غەربىي قەبىلىسىنىڭ غەربىي ئۇرۇقى"دىگەنلىكتۇر، "ئۈچ قۇرىغار" دىمەك "ئادەم ئەۋلادىنىڭ غەربىي قەبىلىسىنىڭ غەربىي ئۇرۇقىنىڭ 3 يەردىكى مەمۇرىي بىرلىگى "دىگەنلىكتۇر، قەدىمقى "ۋاد" دىمەك توپا دىمەكتۇر، توپا بولسا يەر شارى دىمەكتۇر،"ۋەتەن"، "ۋادا"سۆزىمۇ شۇندىندۇر، بىراۋ ئۆلسە "ۋىدالاشتۇق" دىيىشىمىزدىكى"ۋىدا" سۆزىمۇ توپىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئۆلگۈچى توپىغا كۆمۈلىدۇ ،

قەىمقىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە "يەرشارى، قۇياش-ئاي-يۇلتۇزلارنىڭ غەربىگە جايلاشقان" ئىدى،شۇڭىمۇ يەر شارى قەدىمقىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە "قارا يەر" دەپ تونۇلغان ، مەيلى ئادەم ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى بەش قەبىلىنىڭ 3-بولغان "ئاد-ۋەد" قەۋمى بولسۇن، مەيلى توپان بالاسىدىن كىيىنكى مۇسۇلمان "ئاد" قەۋمى ئاساسىدا تۈزۈلگەن 5 ئار قەۋمىنىڭ 3-قەبىلىسى بولغان "ئاد ۋەد" لەر بولسۇن ئورتاق ھالدا باشقا قەبىلەلەرگە نىسبەتەن غەرپ تەرەپكە ماكانلاشقان.

3 قۇرىغارلارنىڭ غەربى قىسمىنىڭ 9-ئۇرۇغىدىن شاخلاپ چىققان"غار يىگىتلىرى"نىڭ نەسلى، كىيىنكى زاماندا"ئەسھابۇل كەھف" ۋەقەسىگە ئالاقىدار ۋەقەلىكلەر ئاساسىدا 5 لىك ئەقىدىكى قۇرىغارلارنى  9لۇق ئەقىدىكى،9 قەبىلە بىرلىگىدىكى 9 ئۇيغۇرلارغا ئايلاندۇرغاندۇر، " 9ئۇيغۇر" دىمەك "غاردا ئۇيقۇغا كەتكەن 9لار" دىگەنلىكتۇر."9 ئۇيغۇر" نامى ھود قەۋمىنىڭ ھالاكىتىدىن بۇرۇن،ياپەس ئەۋلادى تارىم ۋادىسىغا ماكانلاشقاندىن كىيىن پەيدا بولغاندۇر ، بۇ ۋاقىتلارتەخمىنەن بۇندىن 12 مىڭ يىلدىن 17 مىڭ يىلغىچە بۇرۇنقى زامانلاردۇر، شۇ زامانلاردا"غار يىگىتلىرى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندۇر، 9 ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقەلىگى قۇرئانى كەرىمدە 18-سۈرە كەھفنىڭ 9-ئايەتلەردىن 27-ئايەتلەرگىچە ئارىلىقتا بايان قىلىنغاندۇر، 27 سانىدىكى 2 بىلەن 7 نى قوشسىڭىز 9 دۇر،غار يىگىتلىرى ۋەقەسى9-ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك بۇ سۈرە 18-سۈرەدۇر،1 گە 8 نى قوشسىڭىزمۇ يەنىلا 9دۇر، 9 ئۇيغۇرلارنىڭ 9 تاشقى قەبىلىسىنىڭ 5-قەبىلىسى دەل ئىت قەبىلىسىدۇر،9ئۇيغۇرلاردا "يىراق ئەجدادىنىڭ زالىم پادىشاھنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قىچىپ غارنى ماكان قىلغان ئوغۇل بالا بىلەن بۆرىنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەنلىكى" تۈرلۈك رىۋايەتلەردە تەكرار بايان قىلىنغان. بۇ ۋەقەنىڭ داقيانۇس ناملىق پادىشاھنىڭ زامانلىرىدا يۈز بەرگەنلىكىمۇ ئالاقىدار رىۋايەتلەردە تىلغا ئىلىنىدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى"قۇرىغار"دىمەك - نۇھ ئەلەيھىسسالام تەشكىللىگەن5 تاشقى قەبىلە بىرلىگىدىكى ئىنسان توپى ئارىسىدىكى ياپەس ئەۋلادىدىن كەلگەن ئىنسان توپىنىڭ توپان بالاسىدىن كىيىن ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن قويۇلغان مىللىي نامىدۇر.

"9 ئۇيغۇر" دىمەك - ياپەس ئەۋلادىنىڭ ئارىسىدىكى بىر پىرقىنىڭ غاردا 309 يىل جانابى ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئۇيقۇغا كەتكەن مۆجىزىلىك ۋەقەلىكىدىن تۇغۇلغان كىيىنكى "9مۇقەددەسلىك"قاراشلىرىدا شەكىللەنگەن 9 تاشقى قەبىلە بىرلىگىدىكى ئىنسان توپىنىڭ داقيانۇس زامانلىرىدىن كىيىنكى ۋە ھود قەۋمى ھالاكىتىدىن بۇرۇنقى دېنىي نامىدۇر .

9" ئۇيغۇر" دىمەك "غاردا ئۇيقۇغا كەتكەن 9 " دىمەكتۇر!....

ياپەس ئەۋلادىنىڭ ھەدىد بالاسىدا دۇنيانىڭ 4 تەرىپىگە كۆچۈشى بىلەن بۇ ھەقتىكى رىۋايتلەرمۇ دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىگە تارقالغان.

⑷ ئاد دوند لار، ئاد قەۋمىنىڭ شىمالىي ئۇرۇقى،بۇلارغا سام ئەلەيھىسسالام ئاقساقال بولدى، شۇڭا قەبىلە نامى سام ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بىرىلىپ "سام ئاد" لىرى دەپمۇ ئاتالدى،سام ئادلارنىڭ قەدىم ماكانى بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ بۈگۈن "ئادانا" بولۇشى مۈمكىن، بۇ يۇرتنىڭ قەدىمقى نامى"ئاد دون" بولۇشى مۈمكىن .

سام ئاد لار سالىھ ئەلەيھىسسالام دەۋرلىرىنىڭ ھارپىسىدا ھود قەۋمى ھالاك بولغان ۋادىغا كۆچۈپ ماكانلاشتى،سالىھ ئەلەيھىسسالام قىلغان دەۋەتكە ئەگەشمىگەنلىرى جانابى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق بولۇپ ھالاك بولدى، ئازغىنا بىر قىسمى سالىھ ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئەيتىپ ھايات قالدى، ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادى كىيىنكى مەزگىللەردە نامەلۇم سەۋەپلەرگە كۆرە يەمەندىن قۇرىغارىيەگە كۆچۈپ كىلىپ چىن خاقانىدىن(ئۇدۇن مارچىن خانلىقى) ئالتۇنغا زېمىن سىتىۋىلىپ بۈگۈنكى تىبەت دىيىلگەن جايدا ماكانلاشتى،مەھمۇت قەشقەرى تۈركى تىللار دىۋانىدا « سابىت دىگەن بىر كىشىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ يەمەندىن كۆچۈپ كىلىپ چىن خانىدىن زېمىن سىتىۋىلىپ، شۇ زېمىندا ماكانلاشقانلىغىنى" يازغان ئىدى .  مەھمۇت قەشقەرى تۈركى تىللار دىۋانىدا"سابىت" دىگەن كىشىلەر تارىختا "سام ئاد-سامۇد-سىمىت" دىيىلگەن كىشىلەر شۇ بولۇپ ، بۇ قەۋم نامى كىيىنكى تەلەپپۇزلاردا "سام ئاد-سامۇد-سامدۇ-چامدۇ"دەپ ئۆزگەرگەن، قەدىمدە بىرەر كىلىشمەسلىك بولغان ئادەم ۋە يۇرت خەلقى ئاشۇ غەمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىسمىنىڭ ئالدىنى ئارقىغا ياكى باشنى ئاياققا ئۆزگەرتىشەتتى.بۈگۈنگىچە بىراۋلار كىسەلدىن ساقىيالمىسا بىمارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ئادەتلىرى بىزدە ساقلانماقتا،سامدۇ دەپ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن سام ئاد←سەمۇد←سامدۇ خەلقى كىيىنكى زامانلاردا چاڭلارنىڭ ئارىسىدا ئاستا-ئاستا مىللىيەتلىكىنى يوقاتتى، ھەمدە بۈگۈنكى زاڭزۇ مىللىتى بولۇپ شەكىللەندى، "زاڭزۇ" سۆزى "سامدۇ"سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىدىن كەلگەن. سامدۇ لار بۈگۈنگىچە قۇرئانى كەرىمدە تەسۋىرلەنگىنىدەكلا ئىگىز جايلارغا ئىمارەت سىلىش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، دۇنياغا مەشھۇر بۇدالا سارىيى شۇ جۈملىدىندۇر.بۈگۈنكى چامدۇ دىيىلگەن يۇرت خالقى سام ئاد لىرىنىڭ كىيىنكى ۋارىسلىرىدۇر .سام ئادلىرى دۇنيا تارىخىدا «سىمىت» نامىدا مەشھۇر بولغان قەۋمنىڭ دەل ئۆزىدۇر،

⑸ ئاد ئوند لار.ئاد ئوند لار ئاد قەبىلىسىنىڭ ئوردا ئۇرىقىدۇر،"ئوند"سۆزى بۈگۈنكى تىلىمىزدىكى "ئوردا-ئورتا" سۆزىنىڭ ئەڭ قەدىمىي يىلتىزىدۇر،ئاد ئوند لارغا ھام ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ھود ئەلەيھىسسالام قەبىلە ئاقساقىلى بولغان،شۇڭا ھود ئاد لىرى دەپمۇ ئاتالغان، ھود ئادلار دۇنيا تارىخىدا «ھىتىت» نامىدا مەشھۇر بولغان قەۋمنىڭ دەل ئۆزىدۇر، ئۇلار ھود ئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلغان ئىسلامغا ئىمان ئەيتمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغان، ھالاك قىلىنغاندىمۇ مىللەت سۈپىتىدە تولۇق ھالاك قىلىنغان، شۇڭا جانابى ئاللاھ پەقەت ھود قەۋمىنىلا قۇرئانى كەرىمدە «ھود قەۋمى بولغا ئاد ھالاك بولسۇن » دەيدۇ،دۇنيا قەدىم زامان تارىخىدا ئىزى قالغان "ھىتىت" دىگەن مىللەت دەل مۇشۇ ھالاك بولغان ھود ئاد لىرىنىڭ ئۆزىدۇر،ھىتىتلار دۇنيا يۈزىدىن تەل تۆكۈس يوقالغان مىللەتتۇر، بۇمۇ قۇرئانى كەرىمنىڭ تارىخىي مۆجىزىسىدۇر.ھالبۇكى سالىھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە قەۋم سۈپىتىدە ھالاك بولۇشنى جانابى ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە زىكرى قىلمىدى.

ئاد ئوند سۆزىدىكى ئوند سۆزى"ئوند←ئويد←ئورد←ئوردا←ئورتا،ئوند←ئورد←ئورز← ئورس←ئورك← ئورگ←ئورۋ←ئورم←ئىرەم←رۇم ".

"ئوند←ئورد←ئورز←ئورس←ئورك←ۋورك←مورك←بورك←بولق←بالق" تەلەپۇزىدا بىزگە يەتكەن.

"ئوند" سۆزىنىڭ 5 قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى مەنىسى "خان تۇرىدىغان ئوردا" دىمەكتۇر .

ئادى ئىرەملەر ئاد قەۋمىنىڭ"ئاد ئوند" قەۋمىدىن كەلگەن مەركىزى قەبىلىسى بولۇپ، ئۇلار تولىمۇ بەستىلىك ئىدى، ئۇلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى بۈگۈنكى ئىنسانلاردىن 10 ھەسسسە چوڭ ئىدى،ئۇلار كۈچىگە ئىشىنىپ جانابى ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلدى، ھود ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جانابى ئاللاھتىن رەھمەت بولۇپ ئەۋەرتىلدى، ھالبۇكى ئۇلار ھەققە باش ئەگمىدى.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جېدەللەشكۈچى) نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى[59]. ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى،ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن [60].

سۆز بۇ جايغا كەلگەندە بىز بايان قىلماقچى بولغان ئاساسلىق سۆز- تۆمۈرنىڭ زېمىنغا چۈشۈرۈلىشىى ھەققىدە بولىدۇ.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. اﷲ نى كۆرمەي تۇرۇپ اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش  ئۈچۈن تۆمۈرنى چۈشۈردۇق،تۆمۈر كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، اﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر [25].57-سۈرە ھەدىد.

قۇرئانى كەرىمدە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانغان سۈرىلەر تەرتىۋىدە ھەدىد سۈرىسى 56-سۈرەدۇر، مۇشۇ سۈرىنىڭ بىشىدا كەلگەن بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم دىن باشلانغان ئايەت تەرتىۋىدە تۆمۈرنىڭ نازىل قىلىنىشى بايان قىلىنغان ئايەت 26-ئايەتتۇر،شۇنداقلا“ھەدىيد” سۆزى ئەبجەد ھىساۋىدا 26 سانىنى ئىپادىلەيدۇ،«ۋەئەنزەلنەل ھەدىيدە فىيھە»كەلىمىسىدە ھەدىيد سۆزىدىن كىيىنلا كىلىدىغان ھەرف «ف» دۇر، ئەرەپچە تەلەپپۇزدا بۇ ھەرف "فە' ئوقۇلىدۇ،ھالبۇكى ئىلمىنىتلار دەۋر جەدۋىلىدە تۆمۈرنىڭ قىسقارتىلما نامىFeدۇر، تۆمۈرنىڭ ماسىسىسى56 دۇر، تۆمۈرنىڭ ئاتوم نۇمۇرى بولسا 26 دۇر،56- سۈرە ھەدىدنىڭ 26-ئايىتىدە تۆمۈرنىڭ نامى،ماسىسى،ئاتوم رەت نۇمۇرى،ۋە خىمىيەدىكى قىسقارتىلما نامى بولغان فە تولۇق بايان قىلىنغاندۇر،بۇ قۇرئانى مۇقەددەسنىڭ مۆجىزىسى ھەققىدە ئارتۇق بەھس قىلىشمايمىز، ئەمما جانابى ئاللاھنىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن ئۆتمۈش،بۈگۈن ۋە كەلگۈسىنىڭ توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئوقۇرمەننىڭ سەمىگە سالىمىز.

خوش...تۆمۈرغۇ ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپتۇ،ئاستىرونۇملار ۋە گىولوگلارنىڭ تەتقىقاتىچەمۇ بۇ ئىسپاتلانغان ئىلمىي ھەقىقەت ئىكەن،ئۇنداقتا، تۆمۈر يەرگە پاراشوت بىلەن ئىسىلىپ چۈشكەنمىدۇ؟...ياكى قۇشنىڭ پىيىدەك لەيلەپ-لەيلەپ لىككىدە يەر يۈزىگە يەڭگىللا قونغانمىدۇ؟..ۋە ياكى 6 ئەييامدا يارالغان ئالەمدىن 6لىك ئۇدۇم ئىلىپ، ئېزىقماي 6 تەرەپلىك گۈل چىقىرىپ ياغىدىغان قاردەكلا بىزنى ئۈركۈتۈۋەتمەي دەپ پىلدىرلاپ مىسىررىدە چۈشكەنمىدۇ؟....

قۇرئانى مۇقەددەستىكى تۆمۈرنىڭ نازىل قىلىنىشى ھەققىدىكى بۇ ئايەت ،ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن نۇرغۇن قىيىن تىمىلارغا جاۋاپ بولالايدىغان ھەقىقەتنى قوينىغا ئىلىپ ياتقان ئايەتۇر!...

ئالىملار«مۇز دەۋرى» دەپ ئاتىغان دەۋرنىڭ شەكىللىنىش ھارپىسىدا،چەكسىز ئاسمان بوشلۇقىدا «سۇپەر نوۋا» دەپ ئاتالغان ماكاندا ،پەقىرنىڭ قارىشىچە تۆمۈردىن تۈزۈلگەن غايەت چوڭ يۇلتۇز بىلەن نىكىلدىن تۈزۈلگەن يەنە بىر كاتتا يۇلتۇز قاتتىق سوقۇلغان ئىدى،ئەنە شۇ سوقۇلۇش نەتىجىسىدە تۆمۈر ۋە نىكىلنى ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مىتاللار يەرشارىغا چۈشۈپ ماكانلاشقان، شۇنداقلا ئۇلار يەنە يەر شارىنىڭ جۇغراپىيەلىك،گىولوگىيەلىك ، فىزىكىلىق، خىمىيەلىك،ئىتنىگوراپىيەلىك تۈزۈلىشىگە سالماق زور تەسىركۆرسەتكەن ئىدى، ھەمدە يەر شارى مەخلۇقلىرىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، ۋە ياشاش ماكانلىرىغىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى.

بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. اﷲ نى كۆرمەي تۇرۇپ اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەمبەرگەنلەرنى بىلىش  ئۈچۈن تۆمۈرنى چۈشۈردۇق،تۆمۈر كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەربار، اﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر [25].

(ئەسلى ئايەتتىكى جۈملىنى ئەسلى تەرجىمەمەناسىغا ئۇيغۇن ھالدا قايتا تەھرىرلەپ قويدۇم) .

نىھايەت ھود ئادلىرى ئۇ زاماندىكى يەرشارىنىڭ جۇغراپىيەلىك قولايلىقلىرىدا باياشات ياشايتتى، ئۇلارنىڭ بەدىنى بىزدىن 10ھەسسە يوغان ئىدى، ئۇلارلا ئەمەس بەلكى يەر شارىدىكى دەرەخلەر، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلارمۇ بۈگۈنكىدىن 10 ھەسسە يوغان ئىدى، ئۇ دەۋرنى سۈپەتلەشكە توغرا كەلسە «گىگانىتلار دەۋرى»دىيىشىمىز مۈمكىن.

ئۇ زاماندا قۇياش بۈگۈنكى ئانتىراكتىدادا ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈپ، بۈگۈنكى ماداغاسقارنىڭ نەق ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئۆتۈپ ، ئادەن قولتۇقىدىن چىقىپ مەككە شەھرىنىڭ سەل يىنىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئەرمەنىيەدىكى ئارارات چوققىسىدىن توغرا كىسىپ ئۆتەتتى، ئاندىن  بۈگۈنكى موسكىۋا بىلەن قازان شەھرى ئارىسىدىكى 45 گىرادۇسلۇق يانتۇلۇقتىن كىسىپ ئۆتۈپ بارنتىس دېڭىزىدىن شىمالى قۇتۇپقا كىرىپ كىتەتتى،شىمالى قۇتۇپ دېڭىزىدىن كىسىپ ئۆتۈپ، 175 گىرادۇس يانتۇلۇققا جايلاشقان برىنىگ بوغۇزىنىڭ ئەڭ شەرقى ئۇچى ئۈستىدىن كىسىپ ئۆتۈپ،شىمالى تېنچ ئوكيان ۋادىلىرىدىن ئۆتۈپ يىڭى زىلاندىيە ئۈستىدىن ئۆتۈپ،رۇس دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغا كىرىپ كىتەتتى،ئاندىن ماداغاسقار ئاسمىنىدىن 45 گىرادۇسلۇق يانتۇلۇقنى بويلاپ ئادەن قولتۇقىنى بويلاپ شىمالى قۇتۇپقا سەپەر قىلاتتى.

ئۇ زاماندا بۈگۈنكى يەر شارىدىكى تاغلارنىڭ ئۈستىدە يىل بويى مۇزلار كەتمەيتتى، يامغۇرلار كۆپ ياغاتتى، چۈنكى ئۇ زاماندىكى قۇياشنىڭ ھەركەتلىنىدىغان ئىكۋاتور سىزىقى ئاساسەن ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تېنچ ئوكياننىڭ ئۈستىدە بولاتتى، ئالىملار گىولوگىيەلىك دەۋرلەر ئىچىدىكى "بىرىنچى ئېرا " دەپ ئاتىغانئۇ زامانلاردا، كۈنىمىزگە قارىغاندا قاتتىق ئسسىق ۋە مول يامغۇرلۇق ئېقلىملارنىڭ بولغان،بۇ سەۋەپلەرگە كۆرە، ئەينى زاماندىكى يەر شارىدا بۈك-باراقسان ئورمانلىقلار يىتىشكەن ئىدى،ئۇ زاماندا دېڭىز يۈزىنىڭ ئىگىزلىكى كۈنىمىزدىكىدىن 100 مىتىر تۆۋەن بولغان، دېڭىز يۈزىگە قۇياشنىڭ نۇرى تىك چۈشەتتى، شۇڭا قۇياشنىڭ قىزدۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن ئىدى، دېڭىزلاردىن ھورغا ئايلانغان سۇلار يەر شارىنى مول يامغۇر بىلەن تەمىنلەر ئىدى، شۇ سەۋەپلەردىن يەر ئاستىدىن بۇلاقلار ئىقىپ تۇراتتى، ھەممە يەر ياپ-يىشىلچىلىق، ھەممە يەردە جان-جانىۋارلار يايرىشىۋاتقان مولچىلىق ئىدى، بۇ مەئىشەتلەر ھود قەۋمىنى تەكەببۇرلۇقتا رەببىگە ئاسىي بولۇشقا يۈزلەندۈردى، شۇنىسى ئەمىلىيەتكى، ئىنسانىيەت تارىختىن بۇيان ھوقۇق ۋە بايلىققا ئىگە بولغاندا رەببىگە ئاسىي بولۇپ كەلدى، تارىخقا نەزەر سالساقمۇ ھەققە باش ئەگكەنلەر ئاجىز ، مەزلۇم، پېقىرلار ئارىسىدىن جىق چىققان، پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ كۆپى مەزلۇم ۋە ئاجىزلاردىن ئىدى، ئەكسىچە ھەققە ئۆكتە قوپقان، پەيغەمبەرلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقارغانلارنىڭ كۆپى بايلار ۋە ھوقۇقدارلار ئىدى، شۇڭىمۇ جەننەتتە كەمبەغەللەر جىقتۇر .

جانابى ئاللاھ ھود قەۋمىنى جازالاشنى ئىرادە قىلدى، ئاسمان بوشلۇقىدىكى "سۇپىر نوۋا" دەپ ئاتالغان ماكاندا تۆمۈر يۇلتۇزى بىلەن نىكىل يۇلتۇزى بىر-بىرى بىلەن سوقۇلدى، ئاسمان بوشلۇقى بۇ سوقۇلۇشتىن چاچراپ چىققان كۈچلۈك ۋە زور كۆلەمدىكى ئوت-يالقۇنلاردىن بۇقسۇپ چىققان قاپ-قارا ئىس-تۈتەكلەرگە تولدى، قۇرئانى كەرىم بۇ مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:

(ئى مۇھەممەد!) ئادنىڭ قېرىندىشى(يەنى ھۇد ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆزۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر) دىكى قەۋمىنى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن(يەنى ھۇدتىن) ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ (يەنى ھۇد)(قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ) ئېيتتى: «سىلەر پەقەت اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (اﷲ تىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» [21]. ئۇلار: «(ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەرسەن (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى[22]. ئۇ: «(سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت اﷲ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەننەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋە لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن » دېدى [23]. ئۇلارئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار [24]. ئۇپەرۋەردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن)باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز[25]. بىز ئۇلارنى (يەنى ئاد قەۋمىنى) (پۇل ـ مال، كۈچ ـ قۇۋۋەت جەھەتتە) سىلەرنى قادىرقىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. (ئۇلارنىڭ شۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ، بۇ ئارقىلىق نېمەتلەرنى بەرگۈچى اﷲ نى تونۇشى ئۈچۈن) ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلاراﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى [26].46-سۈرە ئەھقاپ، 26-ئايەت.

بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. اﷲ اﷲ نى كۆرمەي تۇرۇپ اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش  ئۈچۈن تۆمۈرنى ياراتتۇق،تۆمۈركۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار،اﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر [25].57-سۈرە ھەدىد، 25-ئايەت.

دىققەت قىلىڭ! بىرسى 46–سۈرىنىڭ 26-ئايىتى،يەنە بىرسى 57– سۈرىنىڭ بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانغان26– ئايىتىدۇر.

ھەدىد بالاسى بىلەن ھود قەۋمىنىڭ ھالاكىتىنى نىمىشقا باغلايمىز؟

جاۋاپ : قۇرئانى كەرىمدە سۈرە ھود11-سۈرە، سۈرە ئەھقاپ 46-سۈرە، سۈرە ھەدىد 57-سۈرەدۇر، ئەھقاپنىڭ ھود قەۋمى ياشىغان جايلىغى ئىنىقتۇر، ھود ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھقاپتا دەۋەت بىلەن ئۆتكىنىمۇ ئىنىقتۇر،مۇبادا 11-سۈرەنىڭ سۈرە سانى 11 گە 46- سۈرەنىڭ سۈرە سانى 46 نى قوشسىڭىز 57 بولىدۇ،57 بولسا تۆمۈر ئاسماندىن زىمىنغا چۈشكەن ۋەقە بايان قىلىنغان 57-سۈرە ھەدىدنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟.... تۆمۈرنىڭ نازىل بولغان زامانى قىيامەتنىڭ بىر زەررىسىنىڭ ھود قەۋمىگەجازا، پۈتكۈل يەر شارى مەخلۇقلىرىغا ئىبرەت بولۇپ يەرگە مىتروئىتلارنىڭ چۈشكىنى ئەمەسمۇ؟،ھالبۇكى بۈگۈنكى ئىلىم-پەن تۆمۈر ماددىسىنىڭ يەر شارىدا ھاسىل بولالمايدىغانلىقىنى تەلقىن قىلىشماقتا.

ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇلقىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار(يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم(سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن)اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» [57]. 11-سۈرە ھود.

يۇقارقى ئايەتتە ھود قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىشى،ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇلماقتا، ھەمدە سام ئاد ، ياپەس ئاد قەۋمىنىڭ ئۇلار ئورنىغا ۋارىس بولىدىغانلىقىمۇ ئالدىن بىلدۈرۈلمەكتە، ئەڭ مۇھىمى يۇقارقى تەئەددىيلەردىن كىيىنلا،جانابى ئاللاھنىڭ ھەر بىر نەرسىنى كۈزەتكۈچى ئىكەنلىكى بايان قىلىنماقتا، سىزچە ھود سۈرىسىنىڭ 57-ئايىتىدە بايان قىلىنغان كۈزىتىلگەن نەرسە، 57-سۈرە ھەدىد تە نازىل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ھەدىد يۇلتۇزى ئەمەسمىدۇر؟..سىزچە بۇ قۇرئانى كەرىمنىڭ يەنە بىر مۆجىزىسى ئەمەسمىدۇر؟..ئاللاھۇ ئەكبەر.

ئۇنداقتا سىز يەنە تەپەككۈر قىلىڭچۇ؟...مۇبادابۈگۈنكى يەر شارىدا قىزىلىۋاتقان تومۈر رودىسىنىڭ قىزىلىپ بولغان زاپىسىنى جەملىسە قانچە تىرلىيارت توننا كىلەر؟...يەر شارىنىڭ ھەممىلا يىرىگە تەكشى تارقالغان تۆمۈركانلىرىدىكى تىخى قىزىلمىغان زاپاس مىقدارىچۇ؟...قولىڭىزدىكى يىڭنەدىن تاكى ماشىنىا-پويىزلار،تانكىلاردىن ئاۋياماتكىلارغىچە ھەممىسى تۆمۈر ئەمەسمۇ؟...ئەنە شۇ تۆمۈر ۋە تۆمۈر رودىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا، بىرلا نىشان بولغان يەرشارىغا شىددەت بىلەن ئۇچۇپ كەلسە سىزچە نىمە ئاقىۋەت كىلپ چىقار؟...چوقۇمكى ئىككى يۇلتۇزنىڭ سوقۇلغاندىن كىيىنكى پارچىلىرى ئوربىتالىرىدىن قاڭقىپ چىقىپ يەر شارى ئاتموسپىرا قەۋىتىگە كەلگەندە جىددىي كۆيۈشكە باشلايدۇ، مۇبادا رەھىمدىل ئاللاھ ئاسماننى بىز ئۈچۈن بىخەتەر ئۆگزە قىلمىغان بولسا ئىدى، ھەر كىچىسى بىز كۆرەلەيدىغان شەيتانلارنى قوغلاپ كەلگەن ئاقار يۇلتۇزلار يەريۈزىگە چۈشسىلا بىز تەل-تۆكۈس ھالاك بولاتتۇق،ھود قەۋمىگە نازىل قىلىنغان ئازاپمۇ تۆمۈردىن تۈزۈلگەن مىتورىتلار ئىدى، ھالبۇكى ئۇ تۆمۇر پارچىلىرى ناھايىتى چوڭ ئىدى، بۈگۈنكى يەر شارىدىكى ھەر بىر تۆمۈر كانلىرى ئاشۇ پارچىلارنىڭ ھاۋادا كۆيۈپ بولالماي يەرگە چۈشكەنلىرىدىن ھاسىل بولغان پارچىلاردىندۇر، يەنە كىلىپ ئاتموسفىرادا كۆيۈپ مىڭنىڭ بىرىلا يەرگە چۈشكەن پارچىلاردىندۇر ،ئەنە شۇ دەقىقىدە خۇددى 52-سۈرە تۇرنىڭ 44-ئايىتىدە جانابى ئاللاھ مىسال ئىلىپ بايان قىلغاندەك:

ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ [44].

ھود قەۋمىمۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا: ئەنە،بىزگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇت كەلدى!..دەپ چۇقىراشقان ئىدى.ھالبۇكى...ئەپسۇسكى...ھەسرەتكى!....

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋات قانبۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى)«ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار [24]. ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى،گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز [25]. بىز ئۇلارنى (يەنى ئاد قەۋمىنى) (پۇل ـمال، كۈچ ـ قۇۋۋەت جەھەتتە) سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. (ئۇلارنىڭ شۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ، بۇ ئارقىلىق نېمەتلەرنى بەرگۈچى اﷲ نى تونۇشى ئۈچۈن) ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلار اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى [26].

قاراڭ!...يەنىلا 26-ئايەتتە ئازاپ بايانقىلىنماقتا!..26 بولسا تۆمۈرنىڭ ئىلمىنىتلار دەۋر جەدۋىلىدىكى رەت نۇمۇرى ۋە"ھەدىيد" سۆزىنىڭ ئەبجەد ھىساۋىدىكى سانىدۇر. ھود قەۋمىنىڭ تەكەببۇرلىقى مەڭگۈگە ئاخىرلاشتى!...يەر شارىغا قاتتىق سوقۇلغان نەچچە ئونمىڭ دانە، ھەر بىرى مىليون توننىلىق تۆمۈر رودىلىرى يەر شارى ئوربىتاسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى!...ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي ھەدىد يۇلتۇزىنىڭ نەچچە ئونمىڭ پارچىسىنىڭ ئاتموسفىرادا كۆيگەندە چىقارغان ئىس-تۈتەكلەر ۋە چاڭ-توزانلار، ئاسمان ۋە زېمىننى ئىس-تۈتەككە كۆمىۋەتتى.قۇياش نۇرى يەرگە يىتىپ كىلەلمىدى، يۇقارقى دەھشەت ۋەقەدە يەر شارنىڭ ئوربىتا ئۆزگەرتىشى، ئاسماننىڭ تۈتەك-توزانلاربىلەن قۇياش نۇرىنى يەرگە ئۆتكۈزمەسلىگى، كۆيۈۋاتقان تۆمۈر رودىلىرىنىڭ يەرگە شىددەت بىلەن سوقۇلىشىدا يەر ئاستىدىن ئېتىلىپ چىققان ۋولقانلار، مىتورىتلاردىن چىچىلغان ئوتيالقۇنى...شەكىللەندۈرگەن پەۋقۇلئاددە نورمالسىز كىلىمات ئۆزگۈرۈشى يەر شارىدا 8كۈندۈز 7 كىچە قاتتىق شىددەتلىك شىۋرىغانلىق بوراننىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان  شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى [19ـ20]. مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن! [21] 54-سۈرەقەمەر .

ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى [6] .  اﷲ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، (ئاد) قەۋمىنىڭ خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن[7]. ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟ [8].69-سۈرە ھاققە .


مانا بۇ ئىلاھى جازا گىگانىت ھود قەۋمىنى ھالاك قىلىپلا قالماي، ھود قەۋمى زامانلىرىدىكى يەر شارى كىلىماتىنى، يەر شارى جۇغراپىيەسىنى،يەر شارى گىگانىت ھايۋانلىرىنى ، يەر شارى گىگانىت دەرەخلىرىنى قوشۇپ ھالاك قىلدى،يۇرتىمىزدىكى پىچاندىن تىپىلغان دىنوزاۋىر تاش قاتمىسى، گۇچۇڭدىن تىپىلغان زوركۆلەمدىكى سىلتسىيلاشقان دەرەخ قاتمىسى، تۇرپان-ئۈرۈمچى ۋادىسىدىن تىپىلىۋاتقان ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلىرى دەل مۇشۇ ئاپەتتە شۇ ئەتراپقا چۈشكەن تۆمۈر رودىلىرىنىڭ زەربىسىدە شەكىللەنگەندۇر، باگاڭدىكى تۆمۈر كانلىرىنىڭ ئىچىدە ساقلانغان تۆمۈر رودا زاپىسىنىڭ ئەينى زاماندىكى باگاڭ ۋادىسىغا سوقۇلۇش زەربە كۈچى سەۋەبىدە تۇرپان،گۇچۇڭ،ئۇرۇمچى ۋادىلىرىدىن تىپىلغان دىنوزاۋىر تاش قاتمىسى، زور كۆلەمدىكى سىلتسىيلاشقان دەرەخ قاتمىسى، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلىرى  شەكىللەنگەندۇر.

مۇبادا يەر شارىنىڭ«مۇز دەۋرى»گە كەرگەن ۋاقتىنى بەزىلەر دىگەندەك نەچچە مىليون يىل مۇقەددەم دىسەك، ئۇنداقتا ھەدىد بالاسىنىمۇ شۇنچە مىليون يىل بۇرۇن بولغان دىيىشكە توغرا كىلىدۇ، مۇبادا مايانلارنىڭ ئالتاي ۋادىسىدىن ئامىرىكا قۇرۇقلىقىغا ئۆتكەن ۋاقتىنى بەزىلەر دىگەندەك 60 مىڭ يىل مۇقەددەم دىسەك، ئۇنداقتا ھەدىد بالاسىنىمۇ 60 مىڭ يىل بۇرۇن بولغان دىيىشكە توغرا كىلىدۇ، مۇبادا مايانلارنىڭ ئالتاي ۋادىسىدىن ئامىرىكا قۇرۇقلىقىغا ئۆتكەن ۋاقتىنى بەزىلەر دىگەندەك17-12 مىڭ يىل مۇقەددەم دىسەك، ئۇنداقتا ھەدىد بالاسىنىمۇ 17-12 مىڭ يىل بۇرۇن بولغان دىيىشكە توغرا كىلىدۇ، مۇبادا مايان- ئايمورىكلارنىڭ ئامىرىكا قۇرۇقلۇقىغا، سۇمىر-تارىملارنىڭ ۋە قەدىم ئىراققا تارىم ۋادىسىدىن كەتكەن ۋاقتىنى مەن دىگەندەك  بۇندىن 11-12 مىڭ يىل مۇقەددەم دىسەك، ئۇنداقتا ھەدىد بالاسىنىمۇ 11-12 مىڭ يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن دىيىشكە توغرا كىلىدۇ، بۇ ئەمىلىيەتكە ئەڭ يىقىن پەرەز بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى ئەڭ قەدىمىي ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئوچاقلىرى بولغان  مىسىر، ھىندىستان، چاڭجاڭ-خۇاڭخى ۋادىسى،مايان زېمىنلىرىدىن تىپىلغان مەدەنىيەت يالدامىلىرىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگەلىرىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى مىلادىدىن 5-6 مىڭ يىل بۇرۇننى كۆرسەتمەكتە، ھەتتا يەھۇدىي،ھىندى،خەنزۇ، مايان يىلنامىلىرىمۇ شۇ دەۋرلەرگە بارغاندا تارىخ ھەققىدە سۆز بولسا كىكەچلەپ قالىدۇ.شۇنىسى ئىنىقكى، ھەدىد بالاسى بولغاندا ،يەر شارىدا ناھايىتى زور فىزىكىلىق،خىمىيەلىك، جۇغراپىيەلىك،ئىتنوگىراپىيەلىك ئۆزگۈرۈش بولغان، ئۇنداق ئىكەن ،ھازىرقى خىمىيەلىك ياكى فىزىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن يەر ئاستىدىن تىپىلغان ماددىلارنىڭ تەركىۋىنى ئىنىقلاپلا ئۇنىڭ ھەدىد بالاسىدىن بۇرۇنقى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە كەسكىن باھا بىرىش نادانلىقتۇر، بۇ باھالار مەيلى كاربون 14 ئانالىزى ئارقىلىق بىرىلگەن بولسۇن، ۋە ياكى ئاتوم يادرو يىمىرىلىشى قانۇنىيەتلىرىدىن ئىرىشىلگەن ئىلمىي يەكۈن بولسۇن بەرى بىردۇر،چۈنكى بىز ئىرىشكەن نەتىجىلەر يەر شارىدىكى ماددىلاردىكى نورمال ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن چىقىرىلغان يەكۈنگە تايىنىدۇ، ئەمما يەر شارىغا غايەت زورمىتىورىتلار سوقۇلغاندا ھەرقاندا ماددا تەركىۋىدە نەچچە مىليون يىلدا ھاسىل بولالايدىغان بىو-خىمىيەلىك ئۆزگۈرۈش بىر دەمدەلا ھاسىل بولۇشى مۈمكىندۇر . مەنچە ھەدىد بالاسىدا يەر شارىدا يۈز بەرگەن كۆپ قاتلاملىق زور ئۆزگۈرۈشنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەكشۈرۈپ باھالىماي تۇرۇپ ، قەدىم يەر شارىنىڭ جۇغراپىيەلىك،گىولوگىيەلىك،فىزىكىلىق ، خىمىيەلىك ھەمدە ئىتنوگىراپىيەلىك تۈزۈلۈشلىرىدىن سۆز ئىچىش توغرا نەتىجە بەرمەيدۇ.

بىز ھازىرغىچە قىزىۋاتقان كۆمۈر، نىفىت، ۋە تاشقا ئايلانغان گىگانىتلارنىڭ تىپىندىلىرى ھود قەۋمىگە چۈشكەن جازانىڭ ھاسىلاتلىرىدۇر.شۇ كۈندىن باشلاپ ئىنسان زۇۋانىدا "ھود" سۆزى "ھەد-جازا" مەناسىدا،"ھود ئاد" سۆزى "ھەدىد-تۆمۈر" مەناسىدا ئىستىمال قىلىنىشقا باشلىدى،تىلىمىزدىكى"ھەددىم ئەمەس" دىگەن ئىبارەمۇ شۇ جۈملىدىندۇر.

بۈگۈنكى شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپلارتۆمۈرنىڭ نازىل قىىنىشىدىن بۇرۇنقى ئۇ زاماندا ياپ يىشىل ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقى بىلەن قاپلانغان، تۈكلۈك مامونت ۋە دىنازوۋۇرلارنىڭ جەننىتى ئىدى، ھەدىد بالاسىدا شەكىللەنگەن بۇ قۇرۇقلۇقتىكى مۇز قاتلاملىرىنى ئالىملار «مۇز دەۋرى»دە شەكىللەنگەن دىيىشمەكتە.

ئەنە شۇ دەھشەت ۋەقە سەۋەبىدىن يەر شارىنىڭ ئوربىتاسى ئۆزگۈرەپ ،قەدىم يەر شارىدا مۇز بىلەن قاپلانغان ۋادىلاردىكى مۇزلۇقلار جىددىي ئېرىپ، ئاد نانلارنىڭ زېمىنى قەدىم ئاتلانتىس شەھرى ئاتلانتىك ئوكيانغا چۆكۈپ كەتتى،ئەكسىچە بۈك-باراقسان ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقى بولغان شىمالى-جەنۇبى قۇتۇپلار جىددىي مۇزلاپ،نۇرغۇنلىغان ئىسسىق بەلۋاغ مەخلۇقلىرى ھالاك بولدى، سىبىرىيەدىن تىپىلىۋاتقان تۈكلۈك مامونت، شىمالىي قۇتۇپتىن تىپىلىۋاتقان ھەرخىل ئىىسىق بەلۋاغلاردىلا ياشىيالايدىغان جانىۋارلارنىڭ مۇز قاتمىلىرى شۇ زاماننىڭ يالدامىسىدۇر.

ئەنە شۇ ئىلاھىي جازادا شەكىللەنگەن ئىسسىق ھاۋا بىلەن سوغۇق ھاۋانىڭ جىددىي ئورۇن ئالماشتۇرۇشلىرى سەۋەبىدە ھود قەۋمىگە نەچچە ئون بالدىنمۇ قاتتىق شىۋرىغانلىق كۈچلۈك بوران يوپۇرۇلۇپ كەلدى!..بۇ بوران يەتتە كىچە،سەككىز كۈندۈز توختىماي چىقتى!...بوراننىڭ شىۋرىغان بىلەن كەلگەندىكى زەربىسىنىىڭ،نەرسىلەرنى قانداق ئۇچۇرتۇپ كىتىدىغانلىقىنى توقسۇندا تۇرۇپ باققان ئادەم ئوبدان بىلىدۇ،ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى جىددىي تۆۋەنلىسە توقسۇندا كۈچلۈك بوران چىقىدۇ،چۈنكى تۇرپان-توقسۇن يازكۈنلىرى ئىسسىق جايدۇر، ئۈرۈمچى بولسا يامغۇر يىغىش بىلەنلا سوۋۇپ كىتىدۇ،نەتىجىدە تۇرپاننىڭ ئىسسىق ھاۋاسى ئۈرۈمچىگە ئاسماندىن سەپەر قىلسا، ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق ھاۋاسى توقسۇنغا داۋانچىڭ جىلغىسى ئارقىلىق پارچا ساقال(پارچە شىغىل)دىن ھۇجۇم قىلىدۇ،شۇڭاتوقسۇندا كۈچلۈك بوران بەزىدە پويىزلارنىمۇ ئۇسۇلغا سالالايدۇ.ھود قەۋمىگە كەلگەن كۈچلۈك بورانمۇ مۇشۇ قانۇنىيەتلەر سەۋەبىدە كەلگەن ئىدى، يەنى يەر شارىنىڭ ئوربىتاسىنى جىددىي ئۆزگەرتىشىدىن شەكىللەنگەن ئىسسىق ھاۋا بىلەن سوغۇق ھاۋانىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى بىلەن كۈچلۈك شىۋىرغانلىق بوران چىققان ئىدى!... شىۋرىغانلىق كۈچلۈك بوران ھود قەۋمىنى تىتما-كاتاڭ قىلىۋەتتى، ھەتتا ھود قەۋمى يەرنى كولاپ كىرىۋىلىشتى،لىكىن كۈچلۈك شىۋرىغانلىق بوران ئۇلارنى كىرىۋالغان يەرلىرىدىلا خورمىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. مانا مۇشۇ دەھشەت ۋەقەدىن كىيىن، ياپەس ئەۋلادى قۇرىغارلار،سام ئەۋلادى سامۇدلار،ۋە ھام ئەۋلادى ئادنانلار، نوھ ئەلەيھىسسالام ئەۋلادى تانوھ-ئادانلار ئۆزلىرىگە بىخەتەر يىڭى ماكان ئىزلەشكە باشلىدى،شۇ قىتىمقى ئاپەتتىن كىيىن قۇرىغارلار دۇنيانىڭ 4 تەرىپىگە كۆچتى، بۈگۈنكى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ياۋروپاندىن ۋە باشقا جايلاردىن يىقىندا كەلگەن كۆچمەنلەردىن باشقا قەدىم يەرلىك مىللەتلەر ، قۇرىغارلارنىڭ مۇز دەۋرىدە بىرنگ بوغۇزىدىن ئامىرىكا قۇرۇقلۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىرىدۇر،شۇڭامۇ ئىندىيانلارئارىسىدا ئۆزىنىڭ "غەرپتىن كەلگەن توققۇز ئۇرۇقنىڭ ئەۋلادى" ئىكەنلىگى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار، ياۋروپادىكى مىللەتلەر بولسا ئاتلانتادىن قىچىپ چىققان سانى ئازلا ھام ئادلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىدىن كۆچۈپ بارغان ياپەس ئادلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يىڭى ياۋروپا مىللەتلىرىنى ھاسىل قىلغانلىرىدۇر، گىرمانىيەدىكى "ھامبۇرگ" نامىنىڭ"ھام بالىق" نامىدىن كەلگەن بولۇشى زور ئىھتىماللىقتۇر، ئافرىقىدىكى مىللەتلەرمۇ غەرپكە كۆچكەن ياپەس ئەۋلادى بىلەن ئادان ۋە ئاتلانتىس شەھرىدىن قىچىپ چىققان ئادنانلارنىڭ  يۇغۇرۇلمىسىدۇر، پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى ئىبراھىم خەلىيلۇللاھنىڭ ئانا مىللىتى سۇمىر قەۋمى شۇ ۋەقەدە تارىم ۋادىسىدىن مۇسۇپوتامىيەگە كۆچكەن ئىدى.

بۈكۈنكى "ئىراق" دىگەن يۇرتنىڭ ئەرەپچە نامى "ماۋرائۇن نەھرى" دۇر، غەرپچە نامى "مۇسۇپوتامىيە"دۇر، سۇمۇرچەنامى "ئورئىكى" بولۇپ بۇ نام ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇزدا (ئور ئىكى-ئىر ئىكى-ئىرىقى-ئىراقى-ئىراق)دىگەن تەلەپپۇزدا بىزگە يەتكەن، مەنىسى ئىككى دەريا دىمەكتۇر(ئور-دەريا بىلەن ئىكى-ئىككى قوشۇلسا ئىككى دەريا دىگەن بولىدۇ، ساپ ئۇيغۇرچە سۆز)، ھەتتا بۈگۈنكى"باغدات" شەھرىنىڭ نامىمۇ قەدىم قاراشەھەرنىڭ"باغدات" نامى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، چۈنكى قەدىمدە قاراشەر ۋادىسىدىن 9 ئۇيغۇرلارنىڭ 4-تاشقى قەبىلىسىنىڭ مەركىزى ئۇرۇقى بولغان كىشىلەردىن بولمىش "گورد"لارمۇ  قۇرىغار قەبىلىسى ئىچىدىكى بىر ئۇرۇق سۈپىتىدە بىلەن بىللە كۆچكەن، بۈگۈنكى "كورد" مىللىتى شۇلارنىڭ ئەۋلادىدۇر، يۇرتىمىزدا "قەيتى"نامىدا ئاتالغان يۇرتلار شۇلارنىڭ قىرىنداشلىرىنىڭ ماكانىدۇر، تۇرپاندىكى"قەيتى مەشرىپى"مۇ شۇلارغا چىتىلىدۇ،

"باغداد" ئاتالغۇسىقەدىمقى "بالغ دورد" نامى ئاساسىدا " بالغ دورد←بارغ دود←بالغ داد←باغداد←باغداز←باغداش←باغياش←باغراش"  تەلەپپۇزلىرىدا بىزگىچە كەلگەن،"باغدات" دىمەكنىڭ مەنىسى "تات-تۆتلەرنىڭ بالىقى، ياپەس قەۋمىنىڭ4-قەبىلىسىنىڭ مەركىزى ئۇرۇقى" دىگەن بولغاي.

سۇمۇر-كورتلارنىڭ يۇرتىدىكى تىكىر دەرياسى بىلەن فۇرات دەرياسىنىڭ ئارىلىقى قەدىمدە "ئور ئىكى" ياكى "ئورىكى خانلىقى"دىيىلگەن سۇمۇر-تارىم خەلقىنىڭ پادىشاھلىقى ئىدى، ئەنە شۇ خانلىق سەلتەنىتىدە ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2600-يىللار ئەتراپىدا ھوقۇق تۇتقان پادىشاھى نەمرۇد زامانىدا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام "سۇمىر-سەبە" دىگەن مىللەتىن بولغان تەرەھ ناملانغان كىشىنىڭ پۇشتىدىن تۆرەلگەن ئىدى، تەرەھنىڭ نامىنىڭ قۇرئانى كەرىمدە "ئازەر" دەپ نەقىل قىلىنىشى ئۇنىڭ مىللىي كىملىگىگە باغلىنىدۇ، چۈنكى تەرەھ مەنسۇپ بولغان سۇمۇرلارنىڭ قەدىمقى مىللىي نامىنىڭ يەنەبىر ئاتىلىشى "ئازار" ئىدى، ئازەر قەۋمىنىڭ بىر قىسمى بۈندىن 2260 يىل بۇرۇن بۈگۈنكى ئازەربەيجانغا سۇمۇر دەريا ۋادىسىدىن كۆچۈپ بارغاندۇر، ئازارلارنىڭ بىر قىسمى يۇرتىمىزدىكى قەدىمقى "ئۇزار بالىق"تىن كۆچۈپ چىققان كىشىلەر بۈگۈنكى قەشقەر ۋادىسىدا قۇرغان "ئەسكى ئاسار" شەھرىدىن بۈگۈنكى"يىڭىئاسار"غا كۆچۈپ كەلگەن يىڭىسار كىشىلىرىدۇر.


يەر شارى ئوربىتاسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىگە قۇرئانى كەرىمدە دەلىل بارمۇ؟


ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ئۇ ئىككى مەشرىق  ۋە ئىككى مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر [17]. 55ـ سۈرە رەھمان.

"رەببۇل مەشرىقەينى ۋە رەببۇلمەغرىبەينى" كەلىمىسىنى "ئاي ۋە كۈننىڭ پاتىدىغان ۋە چىقىدىغان ئىككى ئورۇننىڭ رەببى"دەپ چۈشۈنۈش ئېلىمدىكى يۈزەكىيلىكتۇر، مەلۇمكى، قۇرئانى مۇقەددەس يەردىكى ئىنسۇ-جىنغا نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن نازىل قىلىنغان، شۇڭا ئۇنىڭدا يەرنىڭ ئىھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار باردۇر، شۇڭا بىز ئىككى مەشرىق ۋە ئىككى مەغرىبنى سامان يولى سىستىمىسىدىكى ئىككى قۇياش بار پىلانىتلاردىن ئىزلىمەيمىز، شۇنداقلا ئۇنى "ئاي ۋە قۇياشنىڭ پىتىش-چىقىش ئورنىدۇر" دەپمۇ تەستىق قىلمايمىز، بىزگە جاھىللىق قىلىشقا دەلىل بولغىنى قەدىم ئىنسانىيەتتىن قالغان رىۋايەتلەردۇر، خەنزۇ چىغىناق-تارغاق پۈتۈكلىرىدە «ئاسماننىڭ تۈۋرىكىنىڭ سۇنۇپ كىتىپ تۇيقىسىز قىڭغىيىپ قالغانلىقى »خاتىرلەنگەن، شۇنىسى ئىنىقكى،يەر شارى تۇيقىسىز ئوربىتا ئۆزگەرتمىگەن بولسا،دىنوزاۋىرلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرخۇن جانلىقلار يەر شارىدىن بىراقلا يوقالمىغان بولاتتى، شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپلارمۇ بۇرۇنقىدەك يىشىللىققا پۈرگەنگەن ئىللىق ماكان بولۇپ قالىۋەرگەن بولاتتى.

يەر يادروسىغا زور مىقداردا تۆمۈر-نىكىل زاپىسى جايلىشىپ يەر شارىدا يەر شارى ماگنىت مەيدانى بەلۋىغى ھاسىل بولمىغان بولسا،چوقۇمكى بۈگۈنكى ئىنسان ۋە يەر شارى مەخلۇقلىرى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى گىگانىتلارغا ئايلانغان بولاتتى، مۇنداقچە ئەيتقاندا ھود قەۋمىدىن بىزنىڭ كىچىك بولۇشىمىزنىڭ سەۋەبى دەل تۆمۈر-نىكىل مىتاللىرى يەرگە بەرگەن سوۋغات سەۋەبىدىندۇر، شۇنداقلا بۈگۈنكى ئىنسانىيەتكە تۇترۇق بولغان سانائەت ئېنقىلاۋىمۇ ئەنە شۇ ھود قەۋمىگە جازا بولۇپ چۈشكەن مىتاللارنىڭ ۋە شۇ مىتاللاردا بار ئىلكتىرو-ماگنىت كۈچىنىڭ تەسىرىدىندۇر،ھەتتاكى شۇ مىتاللاردىن ياسالغان تۈرلۈك قوراللىرىمىزغا ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغان نەرسىمۇ ھەدىد بالاىسى سەۋەبىدە ھاسىل بولغان كۆمۈر ۋە نىفىتلاردۇر.جانابى ئاللاھ كىچىدىن كۈندۈزنى، سۇدىن ئوتنى، جازادىن نىئمەتنى ئەنە شۇنداق چىقارغۇچىدۇر.

بەزىدە: «ئىنسانىيەت پۈتكۈل قۇۋۋەتلىرىنى ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا سەرپ قىلغۇچە ،يەر شارىدىكى ھەممە بايلىقنى سەرپ قىلىپ، ھەممە ئىمكانىيەتنى ئىشلىتىپ، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش ئوربىتاسىنى ھەدىد بالاسىدىن بۇرۇنقى ئورنىغا قايتۇرۇپ ئەكەلسە، يامغۇرلار قايتىدىن يىغىپ كەتسە،چۆللىشىپ كىتىش خەۋپى يوقاپ،يەر شارىنىڭ ئىچىملىك سۈيى بۇرۇنقىدەك پۇتىمىزنىڭ ئاستىدىن ئىقىپ كەتسە، يەر يۈزى تۈرلۈك مەخلۇقلار بىلەن تولۇپ كەتسە، مىۋىلەر تۆكمە بولۇپ كەتسە، شۇندا ئىنسانىيەتنىڭ كۆزى بايلىققا تويارمىكىن، شۇندا ئىنسانىيەتنىڭ ئاداۋەتلىرى تۈگەرمىكىن؟...شۇندا بۇ دۇنيا ھەممە ئادەم ئەۋلادىغا ئىللىق ماكان بولارمىكىن» دەپ ئويلاپ قالىمەن. بەلكىم بۇ خىيالىم ئەيسا ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشكەندە نەقلىشەر؟...چۈنكى قىيامەتتىن بۇرۇنقى ئالامەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا چۈشىشى، جانابى ئاللاھنىڭ « ئى زېمىن، بەركەتلىرىڭنى قايتۇر» دەپ ئەمر قىلىشى، ئۇ زامان كەلگەندە بىر قوينىڭ سۈتىنىڭ بىر جەمەتكە يىتىشى،بىر ئانارنى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يەپ، شۆپۈگىدە سايىدىشى...رىياللىققا ئايلىنىدۇ.ھەمدە ئەڭ مۇھىمى قىيامەت يىقىنلاشقاندا قۇياش غەرپتىن چىقىدۇ، بەلكىم قۇياشنىڭ غەرپتىن چىقىشى يەر شارىنىڭ ئايلىنىش ئوربىتاسىنىڭ تەتۈرگە ئالمىشىشىدۇر؟... ئەڭ مۇكەممەل بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر...

كىتاپخان بەلكىم « سەن يەرنىڭ ئەسلىدىكى ئوربىتاسىنىڭ سەن دىگەندەك ئادەن قولتۇقىدىن چىقىپ ، شىمالى قۇتۇپقا كىرىپ كىتىشىنى قانداق بىلدىڭ؟...دىيىشى مۈمكىن.

جاۋاپ مۇنداق:

سىز تەپەككۈر قىلىڭ، مۇبادا يەر يۈزى لىققىدە سۇ بىلەن قاپلانسا، سۈ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن ھىچقانداق ھەركەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى يوق نوھ ئەلەيھىسسالام كىمىسى قاياققا قاراپ ماڭار؟

نۇھ (ئىمان ئېيتقان تەۋەلىرىگە) ئېيتتى:«كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىنلەرگە)ناھايىتى مېھرىباندۇر» [41].

ئويلاڭكى، نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسى بىرەر ماتور ياكى بىرەر يەلكەننىڭ ئىتتىرىشىدە ئەمەس، بەلكى جانابى ئاللاھنىڭ زىمىنغا بەخشەندە قىلغان قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئىتتىرىشىدە ھەركەت قىلغان، ئۇنداقتا بۇ ھەركەتكە سەۋەپ بولغان كۈچ  زادى نىمە؟

1-ھەرقانداق سۇ يۈزىدىكى لەيلىمە جىسىم،ئايلىنىۋاتقان يەر شارىدا، مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسىم ۇشۇ كۈچ سەۋەبىدە پەقەت ۋە پەقەتلا يەر شارىنىڭ ئىكۋاتور بەلۋىغىغا قاراپ ھەركەت قىلىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ئىمكانىيەت يوق. ئارارات تىغى ئىكۋاتۇر بەلۋىغىدا بولمىغىنىدا كىمە ئۇ جايدا توختىمىغان بولاتتى.

2-ھەرقانداق سۇ يۈزىدىكى لەيلىمە جىسىم،قۇياش ۋە ئاينىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا كىچىلىرى دېڭىز سۇلىرى كۆتۈرىلىدۇ،نوھ ئەلەيھىسسالام كىمىسىمۇ بۇ كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، قۇياش ۋە ئاينىڭ تارتىش كۈچى چوقۇمكى ئىكۋاتۇردا ئەڭ كۈچلۈكتۇر.ئۇنداقتا نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسى يەنىلا ئىكۋاتۇرغا قاراپ ھەركەت قىلىدۇ.

3-يەر شارىنىڭ ئىنىرتسىيە كۈچى سۇ يۈزىدىكى لەيلىمە جىسىمنى يەر شارىنىڭ ھەركەت يۆلىنىشىنى بويلاپ ھەركەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ،ھالبۇكى ئىنىرتسىيە كۈچى ئىكۋاتوردا ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا نوھ ئەلەيھىسسالام كىمىسى بۇ ھەركىتىدە يەنىلا ئىكۋاتۇرغا قاراپ ھەركەت قىلىدۇ.

4-شامال، سۇ ئىقىمى قاتارلىق ئامىللار كىمىنىڭ يۆلۈنىشىگە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لىكىن 150 كۈنلۈك سەپەردە بۇ تەسىرلەر، نوھ ئەلەيھىسسالام كىمىسىنى ئىكۋاتور يۆلىنىشىگە قاراپ قىلغان ھەركىتى زور تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ،شۇڭا نوھ ئەلەيھىسسالام كىمىسى يەنىلا ئىكۋاتۇرغا قاراپ ھەركەت قىلىدۇ.

5-سۇ يۈزىدىكى سۈركىلىش كۈچى سەۋەبىدە كىمە يەر شارىنىڭ ئايلىنىش يۆنۈلىشىگە ئەگىشىپ ھەركەت قىلىدۇ.ھالبۇكى بۇھەركەتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىمۇ كىمىنى ئىكۋاتۇر تەرەپكە سىلجىشقا مەجبۇر قىلىدۇ .

6-نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسى ئارارات تىغىدە توختىغان، بۇ جاي تەۋراتتا ئاغرى تېغى دەپ ئاتالغان، يۇقارقى جايلار يەر شارىدا  44-ئۇزۇنلۇقتا جاي ئالغان.شۇغىنىسى 11-سۈرە ھودنىڭ44- ئايىتىدە بۇ ۋەقە بايان قىلىنغاندۇر:

«ئى زېمىن سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇتتارقىغىن» دېيىلدى ، سۇ سوغۇلدى، اﷲ نىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى[44].11-سۈرە ھود .

ھەتتا قۇرئانى كەرىمدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدا ئاتالغان 71-سۈرە نۇھمۇ ئاياغدىن باشقا سانىسىڭىز 44-سۈرەدۇر .

مىنىڭ يۇقارقى ۋەقەلەرنى شۇنداق بايان قىلىشىمغا سەۋەپ بولغىنى دەل مۇشۇ قانۇنىيەتلەردۇر .جانابى ئاللاھ ھەممىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر،چۈنكى رەببىمنىڭ رەھمىتى ۋە ئېلمى ھەممىنى قورشاپ تۇرۇپتۇ.


قەدىرلىك ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم!...جانابى ئاللاھ بىزنى توپان بالاسىدا رەھمەت كىمىسىگە چىقىرىپتۇ، ھەدىد بالاسىدىمۇ غەزەپ بومباردىمانلىرىدىن ئامان ساقلاپتۇ، داقيانۇسنىڭ قىستاقلىرىدىمۇ مۇشرىكلىق ئاپەتلىرىدىن تەۋھىد بوستانلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكەپتۇ، ئازغۇن مىڭ ئۆي بۇتپەرەسلىگىدىنمۇ ئەبۇ نەسىر سامانى بىلەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ سەۋەبىدە قايتىدىن ھىدايەت رەۋزىلىرىگە باشلاپتۇ!!...جانابى مىھرىبان رەببىمىز بىزگە يەنە نىمە قىلىپ بەرسە بولار؟!...

بىزگە شۇنچىۋالا مۆئجىزە كۇپايە قىلماسمۇ؟...بوۋىلىرىمىز مۇشرىكلىك ئاپەتلىرىدىن قىچىپ تەۋھىد غارلىرىدا جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشكەن ئىدى، بىزگىمۇ تەۋھىدتىن باشقا قۇتۇلۇش يولى يوق!...جانابى ئاللاھ بوۋىلىرىمىزغا ئەينى زاماندا مۇنداق خىتاپ قىلغان ئىدى:

ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) اﷲ قا خاستۇر. اﷲ نىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! اﷲ نىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا اﷲ تىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، اﷲ ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ» [26].

دەر ھەقىقەت ، ئۇزۇن تارىختا ياپەس ئەۋلادىغا جانابى ئاللاھتىن باشقا ھىچقانداق ياردەمچى بولمىغان!...بۈگۈنمۇ ۋەكەلگۈسىدىمۇ  ياپەس ئەۋلادى 9 ئۇيغۇرلارغا جانابى ئاللاھتىن باشقا ھىچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ!...

ھەر بىر ئۇيغۇر نەسلى بۇ ئىلاھىي ھۆكۈمنى ئەستايىدىل ئويلۇنۇشى ۋە مۇشۇ ئىلاھىي ھۆكۈمگە ئاساسلىنىپ ئۆز مىللىي مەنپەتى ھەققىدىكى مۇھىم ئىشلارنى قارار قىلىشى كىرەك!...

"دۇنيا شاھمات تاختىسىدىكى قۇربانلىق پىچكا" بولۇپ كىلىۋاتقان يۇرتىمىزنىڭ قان-ياشقا تولغان تارىخىي قىسمىتى دەل شۇ ئىلاھىي تەقدىردىندۇر!...

بىزگە جانابى ئاللاھتىن باشقا دوست يوقتۇر!....

9 ئۇيغۇرلارنىڭ 9 تاشقى قەبىلىسى ئىچىدىكى ھەر بىر قەبىلىنىڭ 5 تىن جەمئى45 ئىچكى قەبىلىسى ۋە 225 ئۇرۇقلىرىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە بۇ يازمىدا توختالمىدىم.جانابى ئاللاھ خالىسا كىيىنچە توختالغۇم، ئىنشائاللاھ......

بۇ يازما "ئۇيغۇر" نامى ھەققىدە كەمىنەگە سۇئال تاشلىغان مىللەتداشلىرىمغا ۋە ھەق سۆيەر قىرىنداشلىرىمغا مىللىتىمىز ھەققىدە تارىخىي تىز سىزما بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن ئالدىراشلا يىزىلدى .

خاتالىقلار بولسا رەببىم كەچۈرگەي، ئاگاھلار ئۆچۈرگەي!...

ھەقىقەتكە باش ئەگكۈچىلەرگە سالاملىرىم ۋە ئىھتىراملىرىم يەتكەي!...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!...



2013-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى . شەپەرەڭ.

                                                                                                




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shepereng تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-4 09:22 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
فائزە + 111 اللاھ رەھمەت قىلسۇن
zumrettash + 20 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 131   باھا خاتىرىسى

پادىشاھ ئەيتار:
شەپەرەڭ نۇردىن قورققاچقا تۈندە ئۇچار.
پاشا ئەيتار:
شەپەرەڭ مەندەكلەرنى تۈندە تۇتار.
شەپەرەڭ ئەيتار:
جاھالەتتەك تۈننىڭ ماھىيىتىنى ھىدايەتلىك قەلبىمدە كۆرەلىگەچكە تۈندە ئۇچارمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 11:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،، تىما ئىگىسى سىز تىمىنى يوللايسىزيۇ تىمىغا قارىتا چۈشىنىكسىز بولغان سۇئال ، مۇنازىرىلەرگە ئازراقمۇ چۈشەنچە ياكى ئىتىراز بىلدۈرمەيسىز .
ھەر بىر تىمىڭىزنى مۇشۇنداق يوللاپ بولۇپ ئۈنتىنسىزلا يوقاپ كىتىسىز ، ئاقىۋەت تىمىلرىڭىزدا بىرلىككە كىلەلمەسلىك ۋە ئېنىق بولمىغان كۆز قارازلار ئەۋىج ئېلىپ كىتىدۇ .
بەلكىم سىز ئالدىراشتۇرسىز شۇنداقتىمۇ تىما يوللىغاندا بولۇپمۇ مىللەت ، دىن تۈسىنى ئالغان تىمىلاردا تىما مەزمۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ، پايدىلانغان ماتىرياللار قاتارلىقلارنى ئىزاھلاپ قويسىڭىز ، سىزگە ۋە تىمىڭىزغا بولغا ئىشىنىش كۈچى ، قايىل قىلارقى تېخىمۇ ئېشىپ ، تمىڭىزدىكى توقۇنۇش ، بىرلىككە كىلەلمەسلىك ئازايغان بولاتتى .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 11:10:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقىسى ئالدىنقى تىمىلىرىڭىزغا بىرىلگەن ئازراق تەكلىپىم ، بۇ تىمىڭىزدىكى 9 ئۇيغۇر ھەققىدىكى بايانلارنى ئەمدى ئوقۇيمەن ، قارىسام بۇ تىمىڭىزدا پايدىلانغان كىتاپ ، يازمىلارنى شەرھىلەپ مېڭىپسىز .
بۇ ياخشى چۈشەنچە ، ياخشى ئېنىقلىما بوپتۇ .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10808
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 11:16:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم شەپەرەڭ!  مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن!  ئاللاھ بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ مول،  تەپەككۇرىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86278
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-10-20
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 11:27:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبە ئېنق ئەمەس !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69563
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3656
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 12:45:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ   پاھ   بۇنىڭعا  نىمە دەي ؟؟؟؟  سىزگە كۆپ رەھمەت    بۇنى  ساقلىۋءلىپ  ئالدىرماي  ئانالىز قىلاي،  ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !!!

قېرىندىشىم:www.baghrax.com سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا مۇھتاج!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14923
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10154
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1206 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 02:12:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم

مىنى مۇسۇلمان تۇغۇلۇپ ئۇيغۇرلۇقۇمنى تۇنۇتقان ئاللاھقا كۇرمىڭ شۇككۇرلەر بولسۇن

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 02:35:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئەسسالام شەپەرەڭ ئەپەندى! ئاللاھنىڭ كىتابى...بىلەن،ئالەمنىڭ سىر-ھىكمەتلىرى...
سىتات قىلىنىپ،تەبىئەت قانۇنلىرى ۋە روھىيەت ئامىللىرى چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ...بايان
قىلىنغان بۇ قىممەتلىك يازمىڭىز(ئۇچۇرىڭىز)_ئۇيغۇرنامە بىلەن يۈز كۈرىشەلىگەنلىگىمدىن
ئالاھىدە خۇرسەن بولدۇم...كۆپ ئىزدىنىپسىز،ئاللاھ سىزگە مەدەتكار بولسۇن!..

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8800
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4802 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 03:42:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مەن ئىنكاس سۈپىتىدە ساقلىۋېلىپ، ۋاقتىم يەتكەندە ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئۇقۇپ چىقاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 08:22:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش