مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1527|ئىنكاس: 31

پالاكەت ئوغرى-ئەلناز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 06:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               پالاكەت ئوغرى

                                                 (ھىكايە)

يىرىم كىچە
تۆت ئەتراپ جىمجىت،ئەتراپتائادەم زاتى يوق .يىراقتىن ھۇقۇشلارنىڭ ئاۋازى،ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يول ياقىسىدىكى ئورمانلىقلار ئارىسىدىن بىرى ئاستا-ئاستا ھۇدۇققىنىچە چىقتى.ئەتراپنى ئوبدان كۈزەتكەندىن كىيىن بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى بولغاي ئۈزى كۈزلەپ قويغان ئولجىنىڭ قوروسى ئالدىغا كىلىپ توختىدى. يىنىككە قەدەملەر بىلەن پاققىدە قىپ قۇرۇ تىمىغا چىقىشقا ئۇرۇندى. لىكىن يامىشا ياماشمايلا تامغا چۇقۇقلۇق ئەينەكلەر ئىشتان پۇشقىقىغا ئىلمىشىپ قىلىپ جەرتىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پوكلا قىپ ئوڭدىسىغا يىقىلدى.ئاستا كۈزلىرىنى ئېچىپ ،ئاغرىپ كەتكەن بەللىرىنى تۇتقاچ رەزىل نىيەتلەرنىڭ تىپچەكلىشى ئارقىسىدا يەنە يامىشىشقا باشلىدى.بۇ قىتىم تەلىيى ئوڭدىن كەلدى بولغاي ئوڭۇشلۇق قورۇ تىمىغا ياماشتى.باماقلىرى ئارىسىدىن بىر نەرسىنىڭ سىرغىپ چىقىۋاتقىنىنى كۈڭلى تۇيۇپ قالدىمۇ قانداق قول تېلفۇننىڭ غۇۋا يۇرۇقىدا قوللىرىنىڭ قانغا بۇيىلىپ كەتكىنىنى كۆردى.ئەسلىدە ھويلا تىمىنىڭ ئۈستىگە قاتار-قاتار ئەينەك چۇقۇقلۇق ئىدى.بۇ ھاماقەت ئوغرى تامغا يامىشا-ياماشمايلا ئارقا-ئارقىدىن ئۇچرىغان بالا- قازالاردىن ئاچچىقىدا قۇيۇق چىچى تىك تۇرۇشقا باشلىدى. كىيىملىرى توپا،ئىشتانلىرىنىڭ پۇشقاقلىرى بايراقتەك لەپەڭشىپ قالغان ....
ئاخىرى قەتتى نىيەتكە كەلگەن ئوغرى يەنە چاققانلىق بىلەن ھويلا ئىچىگە كىرىش نىيىتىدە پاچاقلىرىنى تام ئارلىقىدىكى خىش پارچىلىرىغا تىيىدى.ئەمدىلا پۇتىنى قىستۇرۇشىغا يەنە تۇيمايلا قالدى بولغاي گۈپلا قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھويلا ئىچىدىكى ساقچى ئىت ئەپەندىم بىلەن سۆيۈملۈك رەپىقىسى كۈچۈك خانىمنى شىرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇپ چىرايلىق سىلىنغان كىچىككىنە كەپىسىگە سىيرىلىپ چۈشۈپ يەرگە يىقىلدى. بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن ساقچى ئىت ئەپەندىم رەپىقىسى كۈچۈك خانىمنى ئويغۇتۇپ بۇ ناتۇنۇش شەخىسكە غەزەپلىك كۈزلىرىنى تىكىپ زەردە بىلەن قاۋاشقا باشلىدى. ھويلا قاراۋۇللىرىدىن توخۇ،ئۆردەك .غاز قاتارلىق نەۋقىران يىگىت-قىزلار غاقىلداپ،قىشقىرىشىپ ھويلا تىنىچلىقىنى بۇزۇشقا باشلىدى. بۇلاردىن قۇرقۇپ كەتكەن ئوغرى ئۆزىنى چەتكە ئېلىش مەقسىتىدە يان تەرەپتىكى قوتانغا قاراپ چاپتى. ئۆي ئېگىسىنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن قۇرقۇپ كەتكەن ئوغرى قوتانننىڭ بۇلۇڭىدىكى ئۇقۇرنى بويلاپ مىڭىپ پاخال -چۇگالار تۇرغان يەرنى يۇشۇرۇنۇش نىشانى قىلىپ ئەمدىلا ئولتۇرشىغا لۆم -لۆم كارۋاتقا ئولتۇرغاندەك ۋاققىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
-بۇ نىمىدۇ؟ توۋا.....-دىگىنىچە ئاستا قوللىرىدا مىجىقلاپ سېسىقلا پۇراپ لايدەك پۇراپ كەتكەن كالا تېزەكلىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ تۇرۇپلا كەتتى. توپا-چاڭ ئارلاش يىرتىق ئىشتانلىرىغا لىققىدە چاپلاشقان قوي-كالا پوقلىرىغا قاراپ:« خەپ ،بوزەك قىلمىغان سەن قالغان مىنى !!!» دەپ يىنىدىكى كۈچەپ بىرنى شۇندالا تىپىۋېدى ،يىنىدا ياتقان قارا قۇندۇز ئۈكۈزنىڭ ساغرىسىغىلا تەگدى.ۋۇي دەپ ھۇشىنى يىغىپ بولغىچە ئۈكۈزنىڭ قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ بىر پەشۋالىرى بىلەن يۇتىسىغا يەپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى.ھالى قالمىغان بىچارە ئوغرى ئاغرىق ئازابىدىن ئىڭىرغاچ ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەپ ئاستا-ئاستا ئېغىل ئىشىكىدىن چىقاي دەپ تۇرىشىغا « ئۆھۈ » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك ئارقىسىغا يۇشۇرۇنۇشقا باشلىدى.يۈرىكى ئەنسىز دۇمبۇقلاپ سۇقاتتى.
-ھويلىدا قايسىڭ بار؟- قاتتىق ۋارقىرىدى بىرى.كەينىدىن بىر ئايال چىقىپ:
-جۈرىڭە جىنىم بۇ يىرىم كىچىدە كىم بولماقچىدى ؟ ئىشىك قۇلۇپلاغلىق تۇرسا نەدىن كىرىدۇ؟-دىگىنىچە ئەرنىڭ پىشىدىن تارتىشقا باشلىدى.ئەر
-ۋاي سەن ياغاچ قۇلاق خۇتۇن ھىچنىمىنى ئاڭلىمايسەن، ئاڭلىمىدىڭما بايا بىزنىڭ تايغانلارنىڭ ئەنسىز قاۋىشىنى ؟
-ۋۇي بۇ بىر جۈپ تايغانلىرىڭىز ئاۋۇ غاز-ئۆردەكلىرىڭىز غاقىلداپ بولغىچە قاۋايدىغان تۇرسا كىممۇ كىرە بۇ كىچىدە؟
- ئاسمان ئۆرلۈپ چۈشسە تىگىدىن مانتا يەيدىغان خوتۇندە سەن، ھارام بوپ قالغان كالىدەك كۈزۈڭنى چەكچەيتىپ قارايسەنغۇ ؟ماڭە كىرىپ ئۇيقۇڭنى ئۇخلا!!!! ئۈلۈكتەك ئۇخلاشتىن باشقىنى بىلمىگەن.....
-دېدى ئەر قاتتىق ۋارقىراپ:
-قانداق قىلسىڭىز قىلمامسىز؟چىۋىنلەر غىڭشىپ بولغىچەيۈگۈرۈپ چىققان ئاپشاركىدەك تىمىسقىلاپ-ئايال شۇنداق دىگىنىچە ئىشىكنى جاققىدە ياپتى. ئەر ھويلا ئىچىنى بىر قۇر كۈزەتكەندىن كىيىن ئەتراپنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا تىنىچ ئىكەنلىكىنى بىلدىمۇ قانداق ئارقىسىغا يىنىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. تاڭمۇ سۈزۈلەي دەپ قالغانىدى.
-ئۇھ ... تاس قالدىم تۇتۇلغىلى -دىگىنىچە ھىلىقى ئوغرى ئېغىل ئىشىكىدىن چىقتى-دە تام ياقىلاپ مىڭىپ چىقىش ئېغىزىغا نەزەر تاشلىدى.ئاخىرى ھويلىنىڭ چىتىدە تۇرغان پاكار ئۆيدىن ھويلا تىمىغايامىشىپ چىقىپ كىتىشنى پىلانلاپ تۇرغان ئوغرى پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئەمدىلا كىچىك ئۆينىڭ تېمىغا يامىشاي دەپ تۇرۇشىغا چاپان يانچۇقىدىن سايرىغان يانفۇن ئاۋازىدىن قورقۇپ جېنى چىقاي دىدى. ئاستا قان ۋە كالا پوقى ئارلاش قوللىرى بىلەن ئىشتان چاپان يانچۇقلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى.ئارقىسىدىن تەگكەن بازغاندەك بىر مۇشنىڭ تەسىرىدە ئارقىسىغا سەنتۈرۈلۈپ ئوڭشاپ بولغىچە كالتەك بىلەن نەچچە قىتىم يىگەن تاياق دەستىدىن پوكلا قىپ يەرگە يىقىلدى.
-ۋۇت،دە يۈز ،قىغ پۇرايدىغان ئوغرى !!! ھويلامدا يىرىم كىچىدە تىمىسقىلاپ پوق بارما ساڭا ،نىمىنى ئالماقچىتىڭ ؟-دىگىنىچە قوللىرىنى كەينىگە قايرىدى.
-ۋۇيت ھاماقەت خوتۇن ئارغامچا ئەچىقە ماڭە ،قوللىرىنى باغلاپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بىرەي بۇ يۈزى قىلىن دەيۈز ئوغرىنى، نىم كىچىدە بەزمارىغان مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ ئۇخلاتماي ئادەمنى،تىزەك پۇرايدىغان كىر پاتتاڭ ئوغرى-دىگىنىچە ئايالى ئەپ چىققان ئارغامچىدا باغلاپ ساقچىخانىغا يۈرۈپ كەتتى...




    مەنبەسى :ئۆزۈم.


ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31856
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2704 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 07:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇرۇن  ‹‹سۆيۈملۈكۈم، بىز ھەممىمىز ئوغرى›› دەيدىغان بىر كىتابنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4462
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 07:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى  ھېكايە دەپ  كەتكىلى  بولمايدىكەن. لېكىن ۋەقەلىكى «ھېكايە»بوپتۇ. ئەمما  بۇ ئەسەرنى بىرەر قىسقا كارتون فىلىمنىڭ سىنارىسى قىلىپ پايدىلانسا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىققۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 07:29:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
forever1 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-4 07:19 PM
بۇنى  ھېكايە دەپ  كەتكىلى  بولمايدىكەن. لېكىن ۋەقەلىكى  ...

ھاھاھاھا....... شۇنداق دەيلى بولمىسا

چۈشەنمىسەڭ ئىشەنمە!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93631
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 388
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-3-20
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 07:35:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنو سىنارىيەسىدەك كۆز  ئالدىمغا كىلىۋىلىپ  ئەجەب تىلىقىپ تىلىقىپ  كۈلۈپ كەتتىما   ماۋۇ ئەسەرنى كۆرۈپ.
تىل ئىشلىتىشكە ھەقىقەتەن بايكەنسىز جۇمۇ ئەلناز....

ئــويغىنىــپ كــەتتى جــاھــان، مــەغــرىبى مــەشرىق تــامــان!
مــەن تــىـخى سـۈت ئــۇيـقــۇدا چــۈش كــۆرۈپ يــاتــارىمــەن!

چۈشەنمىسەڭ ئىشەنمە!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93631
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 388
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-3-20
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 07:46:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-4-4 07:18 PM
بۇرۇن  ‹‹سۆيۈملۈكۈم، بىز ھەممىمىز ئوغرى›› دەيدىغان ب ...

مەن كورتلار  ۋادىسىدا  شۇنداق ئاڭلىغان ئىسىمدە:


سۆيۈملۈكۈم بىز ھەممىمىز ئوغرى  دەپچۇ

ئــويغىنىــپ كــەتتى جــاھــان، مــەغــرىبى مــەشرىق تــامــان!
مــەن تــىـخى سـۈت ئــۇيـقــۇدا چــۈش كــۆرۈپ يــاتــارىمــەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94158
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 07:59:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك   ياخشې چېقېپتۇ                                                                                                      

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10503
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 08:05:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې ھې ھې نىمانداق قىززىق ۋوي بۇ ھېكايىڭىز، ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق پالاكەت ئوغرىكەن بۇ.........

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5730
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 08:13:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ.

دەردىم ئىچىمگە لىق تولۇق...

http://anana05.blogbus.com

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7972
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9510
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 09:09:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە ھىكايە سيۇژوتى بىرى مەجبۇرلىغاندەكلا داۋام قىلغان بولسىمۇ بوپتۇ ! تىرشىڭ ! ،،،

تېخمۇ نادىر تىمىلار ئەنئەنەبلوگىدا سىزنى كۈتىۋاتىدۇ: http://anana05.blogbus.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش