ئاشۇنداق يىگىتلىرىمىزگە
چېرايلىق بولسىلا " كۆيۈپ" قالامسەن ؟
ئەسلەپ باق قانچىگە "كۆيۈپ" يۈرگەنسەن؟
كۆيدۈم دەپ ئىشقىدا چېرايلىقلارنىڭ
قەيەردە ياش تۆكۈپ نەدە كۈلگەنسەن ؟
كۆزلىرىڭ قارىكەن ، چاچلىرىڭ سۇمبۇل..
ئىيىتقىنە ماختىغاندا نىمىنى دىمەيسەن ؟
"كۆيۈپ قالدىم ،يۈرىگىم قان،بىلمىدىڭ جانان"!!!!!
ئىيىتقىنە كۆيۈشنى نىچۈن بىلمەيسەن ؟
ياندا تۇرسا سىنى چىن سۆيگەن نىگارىڭ
ئەقىدىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ،كىمنى ئالدايسەن؟
تىللىسا بىرەرسى ئۈجمە كۆڭۈل دەپ
كىملەرنى پانى تىپىپ كىمگە قارىمايسەن ؟
ئەقىدە قىلمايسەن بىرىگە مەڭگۈ
كىملەردىن ھەقىقى سۆيگۈ ئىزلەيسەن ؟
ئەقىدەڭنى خار قىلغىنى ئەسلىدە ئۆزۈڭ
كىملەردىن ئاغرىنىپ كىمگە سۆزلەيسەن ؟
مۇشۇنداق قىزلىرمىزغا ......
ئالدىڭغا كەلسە بىرى مۇھەببەت سوراپ
سورىمايسەن چىن-سۆيگە ھەقىقىتىنى
قارايسەن قاش-كۆزى قامەتلىكىگە
قۇبۇل دەيسەن تارىتسا ئۇ دىققىتىڭنى
باشلىسا ئىسىل دۇككان رېستۇرانلارغا
ماڭىسەن زىرىكمەي كەينىدىن قالماي
ۋە ياكى كوچا ئايلنىپ مۇڭداشقۇ بولسا
ماڭمايسەن ،كەلسە بىر نەرسە ئالماي
قىيداپ قويىسەن بىرەر ئىش بىلەن
سىغىندىم ئاھ... دەپ ئىزدەپ تۇرمىسا
سىز بەك ئوماق دەپ ماختىسا يىپىشىپ
پەردە قايرىيسەن ماختاپ قويمىسا
چىقىشىپ قالساڭ باشقا بىرى بىلەن
ئانچە مۇنچە يۈرىسەن ئىزدىشىپ
ئىشلىرىڭ رېتىمسىز سورىسا نىگارىڭ
يۈرىسەن چاندۇرماي باھانە تىپىپ
بىشىغا كۈن چۈشسە بىر كۈنلەر
كۆرسەتمەيسەن ئۆزۈڭنى زىنھار
ئۇ زىمىستاندا يىغلىسا مۇزلاپ
باشقىسى بىلەن كۈتىسەن باھار
..............................
ياندا تۇرسا سىنى چىن سۆيگەن نىگارىڭ
ئەقىدىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ،كىمنى ئالدايسەن؟
تىللىسا بىرەرسى ئۈجمە كۆڭۈل دەپ
كىملەرنى پانى تىپىپ كىمگە قارىمايسەن ؟
ئەقىدە قىلمايسەن بىرىگە مەڭگۈ
كىملەردىن ھەقىقى سۆيگۈ ئىزلەيسەن ؟
ئەقىدەڭنى خار قىلغىنى ئەسلىدە ئۆزۈڭ
كىملەردىن ئاغرىنىپ كىمگە سۆزلەيسەن ؟
...........................
ئالدىراپلا يىزىپ قالدىم ، سەۋەنلىكلەر بولسا تۈزتىش تەس ئەمەس ... مەن دىمىسەممۇ بىلسىلەر ئەتراپىمىزدا بۇنداقلار يوق ئەمەس ، بەزىڭلارنىڭ يەنە قۇسۇر تىپىپ ، ماڭا ئارتىپ قويشۇڭلاردىن قورقىمەن ...ھى ھى.
مەنبە : ئۆزۈم