بۇخەنچە«كىرمە سۆزلەر»لەرگە قانداق قارايسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
مەن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى (خەنچىدىكى كىرمە سىياسي سۆزلەر توغرىسىدا):浅谈政治术语的维汉问题 } توغرىسىدا يازماقچىتىم.توردا بىلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق بەزى كىرمە سىياسي سۆزلەرنى ئەسلى شەكلى بۇيىچە ئالىدىغانلار ھەم يېڭىدىن پەيدا بولغان سۆزلەر بىلەن ئېلىشنى قوللايدىغانلار ياكى قارشى تۇرىدىغانلار قانچىلىك ،مەن سىتاتسىتىكا قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.بولسا تورداشلارنىڭ،كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ،ئۇستازلارنىڭ،تەرجىمە ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەكلىپ -پىكىر بىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىت قىلىمەن.
مەن بېرىلگەن بىلەتلەرنى پايدىلىنىش سىتاتسىتىكا سۈپىتىدە ماقالەمدە ئىشلىتىمەن.
مەن توپلىغان خەنچىدىن كىرگەن سىياسي "كىرمە سۆزلەر"تۆۋەندىكىچە:
خەنچىسى بۇرۇندىن تارتىپ ئىشلىتىلگەن يېڭىدىن پەيدا بولغان مەنىسى
مەنىسى
1.国务院 گوۋۇيۈەن دۆلەت مىنىستىرلىقى،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى
2. 总理 زۇڭلى باش ۋەزىر،باش مىنىستىر
3. 总统 زۇڭتۇڭ پرېزدىنت،ئەلباش
4. 书记 شۇجى سىكىرتار،ئەلباش
5. 办公厅 بەنگۇڭتىڭ كاتىباتلىق نازارىتى
6. 书记处书记 شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى
7. 方针 فاڭجېن يول،مۇساپە،لىنىيە
8. 班子 بەنزە كوللىكتىپ
9. 路线 لۇشىيەن يۆنىلىش،يىتەكچى پرىنسىپ
--------------------------------------------------------------
مانا مۇشۇ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سۆزلەر ھازىر تېلىۋىزورلاردا،گېزىت-ژورناللاردا،رادىئولاردا بۇرۇندىن
تارتىپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن مەنىسى بۇيىچە ئىشلىتىلمەكتە.ئەمما زىيالىيلرىمىزنىڭ ،ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى
ئالغانلار،ئاناتىلىنى قوغداشنى بۇرچى دەپ بىلگەنلەر تورلاردا،گەپ-سۆزلەردە ئاساسەن يېڭىدىن پەيدا بولغان
مەنىسىنى ئىشلەتمەكتەۋە شۇنداق ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.
ئەمدىكى گەپ تورداشلار بىلەت تاشلاش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم سىتاتسىتىكا قىلساق دېگەن ئۈمىتتە مەن.قېنى
ئەمىسە بىلەت تاشلاشنى باشلاڭ.
=======
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار تىمامدىكى سۆزلەرنى رامكىغا ئالالمىدىم،بولسا قۇشۇلىمەن،قۇشۇلمايمەن دېگەن سۆزنى
تاللاش شەكلىدە قىلىپ بەرگەن بولساڭلار تۇلىمۇ مىننەتتار بولغان بۇلاتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zaghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-4 03:09 PM