|
|
|
|
تەكلىماكان باغرىداياڭرىغان پۇتبول مارشى خوتەن ناھىيە تەۋەككۇل يېزا ئۇتتۇرا مەكتىۋى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ،بەدەن چىنىقتۇرۇپ تەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۇرۈش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۇتۇرۇش ھەم يېزا قىشلاقلاردىكى ياش پۇتبول مايسىلىرىنىڭ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىپ رايۇنىمىزنىڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرىغا پۇختا ئاساس سېلىش مەخسىتىدە بۇيىل 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە تەۋەككۇل ئوتتۇرامەكتىۋىىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ياش –ئۆسمۈرلەر ‹‹توغراق لوڭقىسى ››نى تالىشىشش پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.مۇسابىقىگە تۇلۇقسىز قىسىمدىن جەمئى 17كوماندا قاتنىشىپ بىر ئاي كەسكىن مۇسابىقەلىشىش ئارقىلىق 9-يىللىق 1-سىنىپ كوماندىسى بىلەن 8-يىللىق 3-سىنىپ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ ئاخىرى 9-يىللىق 1-سىنىپ كوماندىسى 2گە قارشى 4نەتىجە بىلەن رەقىبى 8-يىللىق 3-سىنپ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئاخىرى تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹توغراق لوڭقىسى››قولغا كەلتۈردى.بۇرايۇنىمىز يېزا –قىشلاقلىرىدىكى پۇتبول قىزغىنلىقىنىڭ يەنىمۇ بىربالداق يۇقىرى كۈتۈرۈلگەنلىكىنى،ھەم چەت يېزا-قىشلاقلاردىمۇ پۇتبول ھەركىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تامامەن مۈمكىن ئىكەنلىكىنى تېخىمۇگەۋدىلىك ئىسپاتلاپ بەردى. تۈۋەندە مۇسابىقە جەريانىدىكى بىر قىسىم نادىر كۇرۈنۈشلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق .
مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بۇلغان 9-يىللىق 1-سىنىپ كوماندىسى
مۇسابىقە جەريانىدىكى رەسىملەر
تاڭنۇردىن --- پۇتبول تىنىچلىق ئۇرىشى ، پۇتبول بىلەن قېرىنداشلىق يۇرتداشلىق مىھرىنى باغلاپ ئۆز ئار چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ تەنتەربىيە جەھەتتىن ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلەپ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقغا ئاساس سالغىلى بولىدىغان ئىس تۈتەكسىز جەڭدۇر .
ھەر جايلاردا پۇتبول ھەركىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ھە قەلىپەرلەرنى لەرزىگە سالغۇسى ، پۇتبول ھەركىتى بىلەن ياشلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ ، ئۇيۇن تاماشادىن كەيىپ ساپادىن يىراقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان بىر خىل تەنھەركەت تۈرىدۇر ،مىنىڭچە بىر يۇرۇتتا تەنتەربىيە ئەۋىج ئالسا ، ئىناقلىق ، مىھىر مۇھەببەت بىر بالداق چاقنىغۇسى ،
پۇتبول ھەركىتىنىڭ ھەر جايلاردا شەكلىنى ئۆزگەرتىمىگەن ھالدا ساغلام راۋاجلىنىشىنى ، ياشلارنىڭ چوڭلارنىڭ ، ئىدارە ئورگانلارنىڭ ، يېقىندىن ياردەملىشىشى ئاستىدا تېخىمۇ پارلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
پۇتبولنىڭ نەتىجىسى ئەمەس جەريانى مۇھىم بولغان مۇسابىقە تۈرىدۇر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-4 12:45 PM
|
|
|
|
|
|