|
|
|
|
«ئانا قەدرى» تىلۋىزىيە تىياتىرى توغرىسىدا
سىنارىست-گۈلباھار ياسىن. رىژىسۇر-بەختىيار نىياز. ئاساسلىق روللاردا: سارىخان-ھەمرا مەخسۇم.ئەخمەت-مەۋلان مەمەت. ھەلىمە-رەنا شەۋكەت. ئاسىمگۈل-مىھرىگۈل ئابلىز. قىسقىچە مەزمۇنى: مىھنەتكەش سارىخان ئانا ئوغلى-ئەخمەت بىلەن تەسلىكتە تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ خوشنىسى-ئاسىمگۈلنىڭ ئەخمەتكە مەيلى بار بولۇپ، ئۇ دائىم سارىخان ئانىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا يارىدەملىشىپ، ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدۇ. سارىخانمۇ ئاسىمگۈلنى ياخشى كۆرىدۇ. لىكىن ئەخمەت ئاسىمگۈلنى ياراتماي، بىر قىتىملىق ئولتۇرۇشتا ھەلىمە بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ. ئەخمەت دائىم كوماندىرۇپكىغا چىقىدۇ. بۇ جەرياندا سارىخان ئانا ياسانچۇق كېلىنى-ھەلىمىدىن نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىدۇ. شۇ جەرياندا كېلىنىنىڭ بىنورمال ئىشلىرىنى بايقايدۇ. لىكىن ئانا بۇ گەپلەرنى ئوغلىغا دېيىشكە پىتنالمايدۇ. ھەلىمەمۇ ئەخمەت يوق بولسىلا، سىرىتلارغا چىقىپ كېتىدۇ.ئانا قېرىلىقتىن، ئاچلىقتىن بارا-بارا ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بىر كۈنى ئانا ئوغلىغا ئايالى توغۇرلۇق گەپ قىلغاندا ئوغلى ئانىسىغا زەھەرخەندە ئاچچىق سۆزلەر بىلەن رەددىيە بېرىپ،مىھرىبان ئانىنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ.بىر كۈنى كېچىسى ئەخمەت كوماندىرۇپكىدىن قايتىپ كېلىپ، ئايالىنىڭ باشقا بىر يىگىتنىڭ قوينىدا ياتقانلىقىنى كۆرىدۇ. نەتىجىدە ئەخمەت ئۇ يىگىتنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. ئۇنداقتا ئەخمەتنىڭ كىيىنكى تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ ھەلىمىنىڭچۇ؟ئۇنداقتا بۇ فىلىمگە قىزىقسىڭىز «ئانا قەدرى» فىلىمىنى كۆرگەيسىز. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
|
|
|
|
|
|