يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى نورۇز سەنئەت پائالىيىتى بۇ يىلمۇ دەل مەكتەپ ھويلىسى باھار ھىدىغا چۆمۈلۈپ، ھەممە يەردە نورۇز گۈلى ئېچىلغان گۈزەل مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى ھەم خوشنا مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم قىزغىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەشرەپنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.
شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىڭ نورۇز پائالىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىئەندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى . بۇ يىل پائالىيەتنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم كەسپىي ئۇيغۇر سەنئەتكارلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بۇ يىلقى يارقىن نۇقتا ۋە ئەڭ مۇھىم يېڭىلىق ھىساپلىنىدۇ.
نورۇز تەشكىلى ھەيئىتى بۇ يىلقى ئالاھىدە ۋاقىتنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قېتىمقى نورۇزنى يېڭىچە قىياپەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، پائالىيەت ئىسمىنى نورۇز ساياھەت مەشرىپىگە ئۆزگەرتتۇق. شۇنى مۇراجەت قىلىمىزكى، شىئەندە ئوقۇۋاتقان، تۇرىۋاتقان، ئىشلەۋاتقان بىزنى قوللايدىغان سەنئەتكار ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ ئېسل نادىر نومۇرلىرىنى مەشرىپىمىزگە سوۋغا قىلىپ، بۇ قېتىمقى مەشرەپنىڭمۇ يىللاردىكىدەك يۇقىرى سەۋىيلىك مەشرەپ بولىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى نورۇز مەشرىپى تەشكىلى ھەيئىتى
ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش تېلېفون نومۇرى: 18691488357
(مەشرەپنىڭ باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يوللىنىدۇ)