ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ئاللاھنىڭ سالىمى سىلەرگە بولسۇن .
سەن زامانغا باقما زامان ساڭا باقسۇن،ئەگەر زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق.
A ئۇيغۇر B مۇسۇلمان .
B دىن نىA كەلتۈرۈپ چىقرىشقا بولىدۇ .
B>Aبولىدىغىنى ھەممىگە ئېنىق . بىراق Aدىكى B _ دا A> B .
Aنى ھازىر ھەممە ئادەم ، بولۇپمۇ مىسرانىمدا a،bدەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش . دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تالاش -تارتىش نىڭ ئاخىرى چىقمىدى.
bنىڭ نەزىرىدە aپەقەت مىللەتنى سۆيىدۇ ، ئىسلامغا مۇخالىپ ئىش قىلىدۇ دەپ قارايدۇ .
aنىڭ نەزىرىدە bساختا موللا دىننى قالقان قىلىۋالغانلار ،مىللەت سۆيمەيدىغانلار .
ئەمەلىيەتتە aنى a1ۋەa2 دەپ ئىككىگە بۆلۈش كېرەك .
ئەمەلىيەتتە bنى b1بىلەن b2 گە بۆلۈشكە كېرەك .
a1 بولسا قەلبىگە ئاللاھنى پۈككەن ، ئەمما نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ، ئىسلامدىكى پەرىزلەرنى ئادا قىلشقا ئامالسىز قالغانلار ، بىر تەرەپكە قارسا كۈندىن كۈنگە قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مىللىتى، يەنە بىر تەرەپكە قارسا ئىككى دۇنيالىقى بولغان ئىسلام . ئوڭغا ھەم سولغا داجىپ-داجىپ مېڭىپ كېتىپ بارغان كىشىلەر .
a2 بولسا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈنلا كۆرەش قىلدىغان ، ئاغزىدا ئىسلام بار ،ئەمما دىلىغا سالالمىغان كىشىلەر ،جەمئىيەتنىڭ ئەخلەتلىرى . ئۆز خاسلىقىنى شۇنداقلا ئىسلام نۇرىدىن يىراقتا يەنى قاراڭغۇدا قالغان ،پەقەت بۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن قەدەم ئالغان ھەتتا ئۆز نىشانىنىمۇ بىلمەي مېڭىپ كېتىپ بارغان كىشىلەر .
b1 بولسا قەلبىگە ئاللاھنى پۈكۈپ ، پەرىزلەرنى ئادا قىلىپ ، ئۆز دىنى ئۈچۈن مىللىتى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا كۈچ چىقرىۋاتقان ، ئۆز قەۋمىنى ئويغىتىشقا ئاتلانغان ،ھەقنى يەتكۈزۈش يولىنى ،پەيغەمبەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ ،ئىسلام دىنمىزغا ھەسسە قوشۇۋاتقان كىشىلەر .
b2 بولسا ئاللاھ قەلبىدە ئەمەس بەلكى ئاغزىدا ، ئىسلامنىڭ نۇرىنى دەستەك قىلىپ باشقىلارغا ياخشى كۆرنۈشنى ،ئۆزىنى ياخشى كۆرسۈتۈپ، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ، ئاغزىدا ئىسلام چۈشمىسىمۇ ئەمما دىلى بەكمۇ قورقۇنۇشلۇق قاپقارا بولغان ، ئىسلام دىنمىزدىكى كىشىلەرنىڭ يامان ئاتقا ئىگە بولۇپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان كىشىلەر .
دېمەك ، مۇنبەردەشلارa بىلەن b غا بۆلۈنۈپ مۇنازىرلەشمەكتە .
b تەرەپتىكىلەر پەقەت a2 نىڭ ئىش ئىزلىرى ، يۈرۈش تۈرشى ئارقىلىق پۈتۈن a غا ھۇجۇم قىلىدۇ .
a تەرەپتىكىلەر بولسا b2 نىڭ ئىش ئىزلىرى ،ھەم دىننى قالقان قىلۋالغاننىڭ خاتالىقى تۈپەيلى پۈتۈن b غا ھۇجۇم قىلىدۇ .
1.مۇنازىرە: a بىلەن b يەنى (a1a2 بىلەن b1b2) دىن چىقىدىغان نەتىجە- ئۇرۇش ۋە تىللاش .
2.مۇنازىرە:a1 بىلەن b1 دىن چىقىدىغان نەتىجە -ئىسلام ۋە مىللەت گۈللۈنىشىگە سېلىنغان ئاساس .
3.مۇنازىرە a1 بىلەنb2 دىن چىقىدىغان نەتىجە- ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈش .
4.مۇنازىرە a2 بىلەن b1 چىقىدىغان نەتىجە- مىللەت ئوبرازىنى چۈشۈرۈش.
5.مۇنازىرە: a2 بىلەن b2 دىن چىقىدىغان نەتىجە -ئەخلەت .
باغراش كاككۇكى...
2013.04.04
شەھىرى-كورلا
ئەسكەرتىش: مۇنازىرىنىڭ ئىلمى بولۇشىنى مەن ئەمەس ھەممە تورداشلارنىڭ ئۈمۈد قىلىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان...
مۇنبەرداشلارنىڭ بۈگۈنكى ئىسلام دىنىمىز ھەم مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ،كېلەچەككە نەزەر تاشلاپ ، قانداق قىلغاندا پارلاق ئەتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. دېگەن نۇقتىنى يارقىن يارتىپ مۇنازىرلىششىنى ئۈمۈد قىلىمەن.