ئەسكەرتىش : بۇ يەردىكىسى يۇرت ئايرىمىچىلىقى ئەمەس ، ھەم يۇرتنىڭ ئجتىمائىي تۇرمۇشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خوتەندىكى بۇرادەر ،
زىرىكتىم مەن زىرىكتىم ، باراي دەيمەن خوتەنگە .
سۇلىرىنى يۈرەككە شەربەت قىلىپ يار قىلىپ ،
ھاۋاسىنى سۈمۈرۈپ داۋا قىلاي بۇ تەنگە .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىزمۇ ياخشى تۇردىڭىز ،
مىھمان قىلاي كەلسىڭىز گوشگىردىدە ، كۆمەچتە .
باغ - ۋارانلىق ئۆيىمىز خىلى كەڭرى ھويلىمىز ،
كەچتە يەيمىز لەغمەننى قالاپ ئوتنى تەمەچتە .
تەمەچ قالاپ يۈرەمسىز نە زامان ئۇ كەتكىلى ،
تۇتۇش قىلماي تەبىي گاز ، گاز ئوچاقلار يوقمىدى ؟
مۇھىت بۇلغاش ئېڭىڭىز سەل تۆۋەنمۇ دوسلىرىم ،
بېغىڭىزدا ئوتۇنلار كەڭرى ، كۆڭۈل توقمىدى ؟
گاز بولمىسا ئۆيۈمدە ، گاز ئوچاققا نە ھاجەت ؟
مۇھىت بۇلغاپ ئۆتىمىز ، ئامال يوقكەن بۇنىڭغا .
مورىمىزدىن ئىس چىقسا ھالاۋەت دەپ بىلىمىز ،
سوراپ باقاي نە سەۋەپ ھەيران قاپسىز شۇنىڭغا ؟
مەن دەيمەنغۇ خەۋەردە كۆرگەن ئىدىم ئۇچۇرنى ،
تەبىي گازنىڭ تۇربىسى قەشقەر - خوتەن تورلاشتى .
ئوچاقكەشنىڭ بازىرى چىقتى تازا قىززىغاچ ،
خۇشال بولغان ئاممىسى گاز ئوچاققا ئولاشتى .
چۈشەكەپسىز بىزنىڭ ئۆي شەدە ئەمەس يېزىدا ،
قورۇيىمىز شۇڭىمۇ بىتون ئەمەس كىسەك تام .
خىروستالدىن نېرى بىز لەغمەن يەيسىز بەھوزۇر ،
پىيالىمىز مىسلاردىن ، قاچىلىرىمىز ياغاچ جام .
لازىم بولسا تەبىي گاز ئىمپورت قىلىڭ بىزلەردىن ،
سېلىپ بىرەي پوچتىدىن بودەك تۇڭغا تولدۇرۇپ .
پوچتا ھەققى ناۋادا ئېغىر چۈشسە مالدىنمۇ ،
ئالغاچ باراي ۋە ياكى پويىزلارغا ئولتۇرۇپ .
يەتتى ئەنە كۆڭۈللەر بولدى قۇرۇق كەلسىلە ،
ئىناقلىقتىن سۆيۈنەر ، يايراپ كىتەر بۇ جانلا .
كىرەك بىزگە ياخشى سۆز ، ياخشى گەپلەر كۇپايە ،
تەگدى بىزگە كۆڭۈللەر شۇنىڭغا دەي ھەشقاللا .
بوپتۇ ئەمسە ۋە لىكىن چۈشەنمىدىم بىر ئىشنى ،
نە سەۋەپتىن تاملىرى كىسەك بولدى بۇ كۈندە ؟
زەي تارتىدۇ تىگىدىن قۇچقاچ ئۇۋلاپ قېتىدا ،
بولمامدۇ ئۇ خەتەرلىك كىيىن ، ئەتە ئۆگۈندە ...
زەي تارىتقىلى تاملارغا يامغۇر نەدە سۇ نەدە ؟
چۈشسە يامغۇر شارقىراپ سىڭىپ كىتەر شۇ ھامان .
شۇڭىمىكىن ئۆي تاملار تۇرىۋىرەر شۇ پېتى ،
بۇ كەمگىچە قالدىغۇ ئۇ كۈنلەردىن تىچ - ئامان .
ياردەم قىلدى پارتىيە بىتون تامغا ھەسسىلەپ ،
سالمىغانمۇ تاملارنى يەر تەۋرەشكە چىدامچان .
خوتەن خەلقى ئەزەلدىن ئىشچان ئىدى پۇختا ھەم ،
كەلگەندە گەر بۇ ئىشقا بولمىدىمۇ ئىجاتچان ؟
قوللاش ياخشى يۇقىردىن ياردەممۇ ھەم بىرىلەر ،
سالالمىدۇق بىتون تام بىزگە نۆۋەت كەلمىگەچ .
ياقىسىدىن سىققىلى بولمايدىكەن بىراۋنىڭ ،
ئۈمۈت كۈتۈپ ئولتۇردۇق بىزگە نۆۋەت بەرمىگەچ .
كىلىپ قالار نۆۋەتلەر ، ئۈمۈد يانسۇن كۆزلەردىن ،
گېپىمىزگە كىلەيلى بارسام قانداق قارايسىز ؟
سىز خەلققۇ مىھماندوست كىرپىك قاپاق تۇرمەيسىز ،
شۇڭىمىكىن ھەممىگە ياخشى بولۇپ يارايسىز .
كەسلە ھەپتە ئون كۈندەك كەتمەي تۇرۇپ قالارسىز ،
قارشى ئالماي قالدى دەپ ئويلاپ قالماڭ نەپرەتتە .
دەپ قويايكى ۋەلىكىن ئالۋاڭ ، ياساق ھەم شۇنداق ،
بۇ كۈنلەردە ھاشار بار مەھەللىدە ئەترەتتە .
نىمە ھاشار ،ئالۋاڭ ئۇ بۇ كۈنلەردە تۈگىمەس ،
ئەتىيازدا ئالدىراش تۇرسا ئىشتىن تالغانلار .
نىمە ئويلاپ سالىدۇ ، ھاشار سېلىق ، ئالۋاڭنى ؟
تېرىقچىلىق ، كۆكلەمدىن ئۈستۈن كۆرۈپ سالغانلار ...
دىسەم گەپ جىق تۈگىمەس قاپىيەدە ، شىئىردا ،
سۆھبىتىمىز چىرمىشار ئۈزۈم بىلەن باراڭدەك .
ساراڭ ئەمەس بىز لىكىن ھۇش كاللىمىز جايىدا ،
بوپ قالىمىز بەزىدە ئۆينى بىلمەس ساراڭدەك .
بولدى ئەمىسە سورىماي ئۇلغايمىسۇن پاراڭلار ،
بارماي قوياي خوتەنگە ئالدىراشتەك قىلىسىز .
تەكلىپ قىلاي مەنلا بۇ ، كىچككىنە شەھەرگە ،
جاپالاردىن قۇتۇلۇپ قايسى چاغدا كىلىسىز ؟
نىمە دەيسىز ئەمدى سىز يالتايدىڭىز سەپەردىن ؟
دەپلا قويدۇم بۇ گەپنى سىزنى بىلىپ قالسۇن دەپ .
تەتۈر قىلىپ چۈشەنمەڭ ، كىلىڭ دەيمەن يەنىلا ،
كەلمىسىڭىز رەنجىيمەن ، بىز ئەمەسمۇ ياخشى ئەپ .
كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم ، نىيىتىڭىز دۇرۇسكەن ،
بارسام سەيلى قىلغىلى سىز بولسىىز ئاۋارە .
ھاشار - سېلىق تولىكەن بۇنى قانداق قىلىسىز ،
قىلماي تۇرۇپ سەيلىگە سىزدە بارمۇ بىرچارە ؟
چارىسى شۇ پۇل ئۇنىڭ ، پۇل تۆلىسەك ساقىيار ،
غەم قىلماڭ سىز ئۇنىڭدىن ۋاقىت دىگەن چىقىدۇ .
ئارتۇق كەلمەس پۇل دىگەن يانجۇق كەڭرى بىراۋدا ،
بىرسى توشسا ، بىرسىگە يىڭىباشتىن تىقىدۇ .
بولدى ، بولدى بارمىدىم تەڭلىك بولۇپ يۈرمەڭسىز ،
ۋاقىت چىقسا سىز كىلىڭ قويۇپ بىردەم ئۇياقنى .
ياشاپ بېقىڭ راھەتتە بىر - ئىككى كۈن بولسىمۇ ،
باققاچ تۇرسۇن ئۆيدىكى توخۇ ، كەپتەر ، تۇياقنى ...
ئۇدۇم قالغان ئاتامدىن ئېتىز ، تالا ئىشلىرى ،
ئۈنچىكى ئىش ، جاپالار تالدۇرالماس ھەم بىزنى .
گەپ دىگەننى بىر قىلار ، ئىككى قىلماس ئەركەكلەر ،
خوتەنلىك دىمەڭ بىزنى ، ئوڭدا قويىمىز سىزنى .
ئۇف ، بۇ نىمە گەپ بىلمىدىم ، مەنىسىنى كېڭەيتىڭ ،
ئوڭدا قويۇش مەن ئۈچۈن ۋاجىپمۇ يا بىلمىدىم .
نىمە ئويدا دەيسىزكىن ماڭا ئەمدى بۇ گەپنى ،
يامان سۆز ۋە ئىشلارنى سىزگە ئەسلى قىلمىدىم .
چاق - چاق قىلدىم ھەي بالا بۇنى تەتۈر چۈشەنمەڭ ،
دوسىتلار ئارا بۈنچىلىك گەپلەر بولار بىلەرسىز .
بىرنى بىر دەپ كۆنگەن مەن گەپمۇ شۇنداق مەن ئۈچۈن ،
ئىككى دىمەي جاۋاپقا ، بىرنى ئېلىپ كىلەرسىز .
خوش ، بولىدۇ ماقۇلە ئىلىك ئالاي ئەمدى مەن ،
دوست ، قېرىنداش ھىساپتا تۇنجى يولنى قۇرغىنىم .
بىرنى ئىككى دەۋىرىپ سەۋەپ تاپسام ئۆزۈمگە ،
سەت ئەمەسمۇ يالتىيىپ سۈكۈت قىلىپ تۇرغىنىم .
كۈنلەر ياخشى ئىشقىلىپ توقچىلىقتا ياشايمىز ،
سىزنى مىھمان قىلىشقا پۇرسەت ، ۋاقىت يىتىشەر .
بىر كەلگەنلەر خوتەنگە يېقىپ قالغاچ ماللىرى ،
گىلەم ، ئەتلەس شايىدىن خوجۇن قىلىپ كىتىشەر .
دەۋىر بولغاچ ئازادە ، كۈنلەر خىلى ياخشىدۇر ،
شۇڭىمىكىن ئىزدەشتۇق سىزمۇ ياخشى مەنمۇھەم .
دوسىتلار بولسا ھەر يەردىن ، ئىتتىپاقلىق كۈچىيىپ ،
بولسا ئىكەن ھەر كۆڭۈل مانا شۇنداق خاتىرجەم .
ساپ سەمىمىي تىلەكلەر بولسا ئارا ئارلىقتا ،
مىھمانچىلىق ، دوستچىلىق جانۇ - تەنگە تارىشار .
يامان سۆزدىن غەيۋەتتىن نېرى بولۇپ دوسلۇرۇم ،
ئۆتەيلى بىز ئىتتىپاق بىزگە ئاشۇ يارىشار .
2013 - يىلى 3 - ئاپرىل . ئۆز خىياللىرىم ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-4 01:07 AM