ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى چوڭ –كىچىك،ئەر –ئايال،قىز –يىگىت مۇنبەرداش ئەزىزلەر، ھەممىڭلارغا مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن اللاھنىڭ سالامى بولسۇن، ھەممىڭلار تېنچلىق تۇردۇڭلارمۇ ؟مەنكى مۇسىلىنە سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ خاتىرجەم،ئائىلەڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك،ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ياراتقۇچى ئىگەمدىن ھەر ۋاقىت تىلەيمەن.ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولغاي....
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك:سىلەرگە مۇنداق بىر ئىشتا مۇراجەت قىلماقچىمەن ھەمدە ئۈمۈدۈم يەردە قالمىسىكەن دەپ تىلەيمەن ،
يەنى :
يۇقارقى مەقسەت –تەلەپلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ ‹‹خالىدەم ئىدرىس ›› قا بېلەت تاشلاپ قويسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن،چۈنكى:
(1) خالىدەم ئىدرىس خانىم مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدىغان 22 يىللىق خىزمەتدىشىم بولىدۇ .
(2) بۇ خانىم‹‹ئاقسۇ مېھرىبان ئاتا –ئانىلار جەمىيىتى››نىڭ رەئىسى، يېتىم –يېسىر ،ئاجىز –مېيىپ ،غېرىپ –غۇرۋانىلارغا ساخاۋەت قوللىرىنى سۇنغان ھەمدە ئاقسۇدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ ،ساخاۋەت قوللىرىنى سۇنۇشقا ئۈندىگەن،نۇرغۇن رەھمەتلەرگە ،ئالقىشلارغا نائىل بولغان ھەقىقىي مېھرىبان ئانىدۇر.
‹‹كۆڭۈل –كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر››دېگەن بۇ ھېكمەتلىك ماقال –تەمسىل ئۆزئارا قوللاش،كۆيۈنۈش،ياردەم بېرىشتەك ئېسل خىسلەتلەرنى بىزگە مۇجەسسەملىگەن ھېكمەتتۇر...
قېنى ،ھەممىڭلارنى تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ،خالىدەم ئىدرىس ئۈچۈن بېلەپ تاشلاپ
قويۇشقا تەكلىپ قىلىمەن...
خالىدەم ئىدرىس خانىمنىڭ سۆرىتى: