سىرلىق قاتىل
كەچ سائەت 12:30 مەلۇم دوختۇرخانا.
پۇتۇن قەۋەت تولىمۇ جىمجىت ئىدى، نۆۋەتچى سىستىرا بۇ زىركىشلىك كىچىنى كومپىيۇتىر ئالدىدا ئويۇن ئويناش بىلەن ئوتكۈزىۋاتقان ئىدى. كومپىيۇتىرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆچۇپ قىلىشى ئۇنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىۋەتتى.
-ئۆلگۇر كومپىيۇتىر، يەنە بۇزۇلدى –دېدى ئۇ باش ئاپىراتنى يىنىككىنە تىپىپ قويۇپ.
ئۇ تارتمىسىدىن بىر نەچچە تال قەغەز ئىلىپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . تۇيۇقسىز ئىچىلغان ئىشىك ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى ، بىر دەم جىمجىت تۇرۇپ ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلىمىغاندىن كىيىن غەلىتىلىك ھىس قىلىپ تولاشقا باشلىدى.
-كىم ؟ كىرگەن قايسىڭلار ؟
ئۇ ئوچاقتىن ئاستاغىنە قويۇپ تىشىغا چىقتى، لىكىن تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىچىدە ھىچكىم يوق ئىدى .بۇخىل غەلىتىلىك ئۇنى بىر ئاز جىددىيلەشتۇرۋەتتى بولغاي قولىنىمۇ يۇيماي چىقىپ كەتمەكچى بولدى ، لىكىن ئىشىك ئىتىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىشىكنى كۈچەپ سىلكىپ تارتىش بىلەن تەڭ توۋلاشقا باشلىدى:
-قايسىڭلار بار ؟! ئىشىكنى ئىچىۋىتىڭلار !
بىراق تىشىدىن ھىچ بىر سادا كەلمىدى، دەل شۇ چاغدا ئارقا تەرەپتىن بىرسىنىڭ ئۆزى تەرەپكە يىقىنلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئۇ قورققىنىدىن لاغىلداپ تىترەپ كەتتى ، سايە ئۇنىڭغا بارغانسىرى يىقىنلاپ كىلىۋاتقان ئىدى . ئۇ مىڭ بىر تەستە كەينىگە بۇرلۇپ قارىدى.
-ئا~~~~!
ئۇنىڭ ئىچىنىشلىق چىقىرغان ئاۋازى پۇتۇن دوختۇرخانىنى بىر ئالدى .
-ئا~~~!
ئامىنە قورققىنىدىن ۋاقىرغىنىچە چۆچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتى. ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋەتكەندىن كىيىن ناشتا قىلىپ دوختۇر خانىغا كەلدى . دوختۇر خانىنىڭ ئالدى ساقچى ماشىنىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى . ئىشقا كەلگەن دوختۇر ۋە سىستىرالار ئىچىگە كىرەلمەي تىشىدا بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ، بىر-بىرى بىلەن كۈسۇلدىشىپ تۇراتتى . ئامىنە ئۇلارنىڭ يىنىغا كەلدى دە ئالدىدا تۇرغان تۇرسۇن دوختۇردىن ئەھۋال سورىدى .
-ياخشىمۇ سىز دوختۇر ...
تۇرسۇن دوختۇر ئامىنەگە بىر قۇر سەپ سىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن جاۋاب سالام قايتۇردى.
ـ ياخشىمۇ سىز ئامىنە ، بۇگۇن ياخشى ئۇخلىيالمىدىڭىزمۇ نېمە ؟ چىرايىڭىز باشقىچىلا بوپ قاپتۇ .
-شۇنداق ، يامان چۈش كۆرۇپ قاپتىمەن ، ساقچىلار يۇرىدىغۇ ؟ ئىچىدە بىرەر ئىش بولدىما ؟
-ھە ، ئۇچىنجى قەۋەتتىكى بىر سىستىرا قىز ئۆتۇرلۇپتۇ .
-ئولتۇرلۇپتۇ ؟...
-شۇنداق ، يىرىم كىچىدە تازىلىق ئۆيىدە ئۆلتۇرلۇپتۇ ، شۇنداق ئىچىنىشلىق . قاتىلمۇ بەك رەھىمسىزكەن ، ئۇنى ئۆلتۇرگەننى ئاز دەپ سول كۆزىنى ئويىۋاپتۇ .
غەلىتە ئىش، شۇنداق ئىش يۇز بەر سىمۇ باشقا نۆۋەتچى دوختۇر ياكى بىرەر بىمارمۇ بۇ ئىشنى سەزمەپتۇ . بەكمۇ غەلىتە شۇنداقمۇ ؟
ئامىنە جاۋاب قايتۇر مىدى ، تۇرسۇن دوختۇر كەينىگە بۇرلۇپ ئامىنەگە قارىدى .
ئامىنە تۇرسۇن دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
-مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە ؟ چىرايىڭىز بەكمۇ تاتىرىپ كىتىپتۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئارام ئالغىنىڭىز ياخشىدەك قىلىدۇ ، بۇ يەردە تۇرغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق ، ساقچىلار ئىچىدە ئەھۋال ئىگەللەۋىتىپتۇ. مىنىڭچە بۇگۈن كىرەلمەيدىغاندەك قىلىمىز ، ئەڭ ياخشىسى قايتىپ ئارام ئىلىڭ .
ئامىنە گەپمۇ قىلماي كەينىگە بۇرلۇپ قايتىپ كەتتى . ئۇ يىقىن دوستى زۇلھاياتننىڭ ئۆيىگە كەلدى .
-دوختۇرخاناڭلاردا بولغان ئىشنى ئاڭلىدىم، ئۇ قىزغا بەك ئىچىم ئاغرىدى –دېدى زۇلھايات ئامىنەگە چاي قۇيغاچ .
-سەن قانداق بىلدىڭ ؟-سورىدى ئامىنە ھەيران بولۇپ.
-بايىلا تېلېۋىزوردا خەۋەر قىلدى ، مىجەزىڭ يوقمۇ نېمە ؟ چىرايىڭ تاتىرىپ كىتىپتۇ .
ئامىنە بىر ئوتلام چاي ئىچىۋىلىپ ، بىردەم جىم بولىۋالغاندىن كېيىن :
-ئاخشام بىر چۈش كۆرۇپتىمەن ، چۈشۇمدە قاپقارا يامغۇرلۇق چاپاننى كىيىپ دوختۇرخانىغا باردىم ، ئاندىن ئۈچىنجى قەۋەتكە چىقىپ بىر سىستىرا قىزنى كۆردۇم ، ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كىتىۋاتقان ئىكەن ، پۈتۇن قەۋەت بەكمۇ جىمجىت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، بىراق كىرەلمىدىم ئىشىك تاقاق ئىكەن، بىر چاغدا قىزنىڭ ئىشىكنى ئىچىڭلا دەپ ۋاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ناھايىتى ئىچىنىشلىق ۋاقىرىدى ، مەن ئىشىكنى ئىچىپ كىرمەكچى بولدۇم ،ئەمما يەنىلا ئاچالمىدىم، قولۇمغا نەم بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك قىلدى ، ئالقىنىمنى ئىچىپ قارىسام قولۇم قانغا بويۇلۇپ كىتىپتۇ. ئىشىكنىڭ ئاستىدىن قان ئىقىپ چىقىۋىتىپتۇ، تۇيۇقسىز ئىشىك ئىچىلدى، قاپقارا يامغۇرلۇق چاپان كىيىۋالغان بىرسى ئىچىدىن چىقتى ، ئۇنىڭ كىيمىدىن تارتىپ بوي تۇرقىغىچە ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن ، پەقەت بويى مىنىڭدىن بىر ئاز ئىگىزكەن . مەن بەكلا قورقۇپ كەتتىم ، لىكىن ئۇمىنى خۇددى كۆرمىگەندەك پىسەنتمۇ قىلماي چىقىپ كەتتى .شۇچاغدا تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ قارىسام ئۇ سىستىرا قانغا مىلەنگەن ھالدا يەردە يىتىپتۇ، دەل شۇچاغدا چۆچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم .
زۇلھايات بۇ سۆزنى ئاڭلاپ جىددىيلەشكىنىدىن قولىدىكى چاينى تۆكىۋالدى .
-ۋايجان ~!
-ئېھتىيات قىل ، بىرەر يىرىڭ كۆيۇپ قالمىغاندۇ ؟-سورىدى ئامىنە قولىدىكى ياغلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىتىكىنى سۇرتكەچ .
-ياق، ھىچنىمە بولمۇدۇم. سەن...سەن ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرەلىدىڭمۇ ؟-دەپ سورىدى زۇلھايات سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ .
-ياق ، مەن باشتىن –ئاخىر پەقەت گەۋدىسىنىلا كۆرەلىدىم ، چىرايىنى پەقەتلا كۆرەلمىدىم. لىكىن....
دەل شۇ چاغدا ئامىنەنىڭ يانفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى ، ئۇ گىپىنى توختۇتۇپ تېلېفۇننى ئالدى .
-ماقۇل، ھازىرلا باراي .
ئۇ تېلېفۇننى قويۇپلا سومكىسىنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇردى .
- كەچۇرگىن قايتمىسام بولمىدى، دوختۇرخانىدىن چاقىرتىپتۇ.
-ھېچقىسى يوق ، بىرىۋەرگىن ، ئەمما كەچتە دۇككانغا كىلىشنى ئۇنتۇپ قالما،سىنى ساقلايمەن .
-بولىدۇ ، چوقۇم بارىمەن .
ئامىنە بولۇم باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى ، ئىشخانىدا بولۇم باشلىقى بىلەن ئىككى ساقچى ئولتۇراتتى .
-ھە ، كېلىڭ دوختۇر ، سىلەنى تونۇشتۇرۇپ قوياي ، بۇياق جىنايى ئىشلار ساقچىسى رەيھان ، بۇياق ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئېھرام .
-ياخشىمۇ سىز ؟
-ياخشىمۇ سىز ؟
-بۇياق سىلەر ئىزدىگەن دوختۇر ئامىنە بولىدۇ . مىنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى .سىلەر ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋىرىڭلار .-بولۇم باشلىقى خالاتنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى . ئامىنە بۇ ئىشتىن سەل ھەيرانلىق ھىس قىلدى ، ئەمما بۇ ئىككى ساقچىنىڭ ئۆزىنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدىگەنلىكىنى ئاز-تولا بىلگەندەك قىلاتتى .
ساقچى قىز ئامىنەگە بىر قۇر سەپ سىلىۋەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى .
-جىددىيلەشمەي ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويىۋىتىپ ئولتۇرۇڭ.
-ئىن ، بولىدۇ ...
-ئاخشام سائەت 12 دىن 1:30 گىچە بولغان ئارلىقتا نەدە ئىدىڭىز ؟
-ئۆيۇمدە ئۇخلاۋاتقان ئىدىم .
-پۇتۇن بىر كېچە سىرىتقا چىقمىدىڭىزما؟
-شۇنداق ، بەك چارچاپ كەتكەچكە بالدۇر ئارام ئالغان ئىدىم.
-بىرەر گۇۋاھچىڭىز بارمۇ ؟-سورىدى ئەر ساقچى گەپ قىستۇرۇپ .
-ياق ، چۈنكى مەن يالغۇز تۇرىمەن ، ئۆزۇمدىن باشقا گۇۋاھچى يوق.
-بۇ يامغۇرلۇق چاپان سىزنىڭمۇ ؟-سورىدى ساقچى قىز يىنىدىكى سومكىدىن بىر قۇر خالتىغا ئورالغان قارا چاپاننى كۆرسۈتۇپ تۇرۇپ . بۇ دەل ئۇ ئاخشام چۈشىدە كېيگەن قارا رەڭلىك يامغۇرلۇق چاپان ئىدى . ئۇ چاپاننى كۆرۇپ چۈشىنى ئەسلىدى ۋە دەرھال ئىسىنى يىغىپ جاۋاب بەردى .
-كەچۇرۇڭ ، خالتىدىن چىقارسىڭىز بوپتىكەن. ئىنىقراق كۆرۇپ ئاندىن جاۋاب بىرەي.
ساقچى قىز خالتىدىن چاپاننى چىقىرىپ قولىدا ساڭگىلىتىپ تۇتۇپ تۇردى . ئامىنە ئورنىدىن تۇرۇپ چاپاننىڭ ئالدىغا كىلىپ سەپ سېلىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن جاۋاب بەردى .
-شۇنداق ، مېنىڭ چاپىنىمكەن .
-جەزىملەشتۇرەلەمسىز ؟
-ھەئە ، يىڭىدىكى بۇ كارتۇننى مەن چاپلاپ قويغان . شۇنىڭدىن تونۇدۇم .
-ئەمسە بۇ زەنجىرچۇ ؟-سورىدى ساقچى يېگىت يىنىدىن خالتىغا ئورالغان بىر تال زەنجىرنى چىقىرىپ .
ئامىنە زەنجىرنىڭ كەينىدىكى ئويۇلغان ئىككى ھەرىپنى كۆرۇپ ، بوينىغا قولىنى ئۇزاتتى ، ئەتىگەندىن تا ھازىرغا قەدەر بوينىدىكى زەنجىرنىڭ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلمىغانلىقىنى ئەمدى بىلدى . ئامىنەنىڭ بويۇنلىرىنى سىلاشلىرىدىن ساقچى يېگىت بىر ئاز گۇمانلاندى .
-دېمەك بۇ زەنجىرمۇ سىزنىڭكىكەندە ؟ ئامىنە بىشىنى لىڭشىتتى، ئۇ شۇ تاپتا نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدى. بۇ نەرسىلەرنىڭ قانداق بولۇپ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا ئەقلى يەتمەيلا قالدى .
-بۇ نەرسىلەر....
ئامىنەنىڭ تىلى كالۋالىشىپ ، سۇئالىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى.
-بۇ نەرسىلەر ئۇچىنجى قەۋەتتىكى بىمارلار ياتىقىدىن تىپىلدى . قۇرۇق بىر ياتاق ئۆيدىن ، بۇ زەنجىر بولسا ...
ساقچى قىز ئامىنەنىڭ جىددىيلەشكىنىنى كۆرۇپ سۆزىنى توختۇتۇپ ، ھەمرايىغا قارىدى .
-زەنجىر بولسا ئۈچىنجى قەۋەتتىكى تازىلىق ئۆيىدىن تىپىلدى . يەنى سىستىرا قىز ئۆلتۇرۇلگەن نەق مەيداندىن .
ئامىنە بۇ گەپنى ئاڭلاپلا چۈشىنى ئەسلەشكە باشلىدى. ئاندىن جايىغا كىلىپ ئولتۇرۋالماقچى بولدىيۇ ئولتۇرۇشقا ئۈلگۇرمەيلا ھۇشىدىن كەتتى. ئامىنە ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن ، ساقچىلار ئۇنى ۋاختىنچە بۇ شەھەردىن ئايرىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت چاقىرتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى . ئامىنە ئۆيگە قايتىپ كەلدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن چىگىش سۇئاللار بار ئىدى . ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇ نەرسىلەرنىڭ قانداق بولۇپ ئۇيەرگە چۇشۇپ قالغانلىقىنى زادىلا بىلەلمىدى .
كەچ سائەت 12:30 دوختۇرخانا
بۇگۇن كەچ نۆۋەتچى دوختۇرمۇ سىستىرالار پونكىتىدا تەڭ ئولتۇردى ، ئۇچ ئادەمنىڭ بىرگە نۆۋەتچىلىك قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى ئىدى . ئەنۋەر دوختۇر قىزلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن قەستەن ھىلىقى ۋەقە توغرىسىدا سۆز ئاچتى. ئۇ ، ئەمدى گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرىشىغا رۇقىيە گەپنىڭ بىلىگە تېپىۋەتتى .
- ۋىيەي ئەنۋەر ئاكا بولدى قىلىڭە ، قۇرقۇپ تۇرىۋاتقاندا بىز ئاران تۇرىۋاتىمىز جۇما مايەدە . شۇنداما ئاداش ؟
- شۇنى دەيمە ، بىكا تۇرسا ئاغزى قىچىشامدۇ بۇ ئادەمنىڭ -دېدى دىلبەر قوشۇمىلىرىنى تۇرۇپ.
دەل شۇ چاغدا سىستىرا چاقىرىش ئەسۋابى توختىماي چاقىرىشقا باشلىدى .
- ۋىيەي ..-دېدى دىلبەر رۇقىيەگە قاراپ .
- قاراپ باقا ئاداش ، بىرەر سىنىڭ كىسلى قوزغۇلۇپ قالدۇمۇ -دېدى رۇقىيە كومپىيۇتىرغا قاراپ ئولتۇرغىنىچە .
دىلبەر سىستىرا چاقىرىش ئۈسكىنىسىنىڭ كۆرسەتكۈچىگە قاراپ ھەيران قالدى .
- توۋا خۇدايىم ، 32 -كارىۋات چاقىرىپتا -دېدى دىلبەر ئۇلارغا قاراپ .
- توۋا خۇدايىم دەپ يۇرگۇچە ئىلىڭە ھە -دېدى ئەنۋەر دوختۇر .
- غوجام 32-كارىۋاتتا ئادەم بولمىسا يا
- ئادەم بولمىسا بىكادىن چىقىرامدا ئۇ ؟
- بىرەرسىنىڭ ئىچى پۇشۇپ كىرىپ بىسىپ قويدىمۇ يا ، ئۆتكەندىمۇ بىر بالا ئاشۇندا بىسىپ ئەخمەق قىلغان بىزنى -دېدى رۇقىيە .
- شۇنداق بولسىمۇ ئەپ بىقىڭە ، باشقا بالىلار ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن يەنە -دېدى ئەنۋەر دوختۇر.
دىلبەر كونۇپكىنى بىسىپ سۆزقىلدى .
-كىمۇ ؟ قايسىڭلار كونۇپكىنى باسقان ؟
ھىچقانداق ئاۋاز چىقمىغاندىن كېيىن دىبەر كونۇپكىنى بىسىۋەتتى . ئەمدى كەينىگە بۇرلۇپ ئىككى قەدەم مىڭىشىغا ئۈسكىنە يەنە چاقىرىشقا باشلىدى .
- ۋاي قايسىڭلا بىسىپ ئويناۋاتقان ؟ باكا بىرىپ قالسام ئۇكۇل سانجىۋىتىمەن جۇما ~! -دېدى دىلبەر ئاچچىغلاپ. لىكىن يەنە ھىچكىم جاۋاب قايتۇرمىدى . يەنە قايتاي دەپ تۇرشىغا يەنە چىلىندى .
- ئەنۋەركا بىرىپ قاراپ باقە ، ھىلى باشقىلار سۆزلەپ كەتمىسۇن يەنە -دېدى رۇقىيە .
ئەنۋەر دوختۇر ئورنىدىن تۇرۇپ 32 -كارىۋات بار ئۆيگە قاراپ كەتتى . ئۇ ياتاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىراغنى يىقىپ ئەتراپقا قارىدى ، ئاندىن تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىچىگە قارىدى ، ئىچىدە ھىچكىمنى كۆرمىگەندىن كىيىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى . ئەمدى چىراغنى ئۆچۇرۇپ ئىشىكتىن چىقاي دىيىشىگە كەينى تەرەپتىن بىرسى ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋالغىنىچە ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ كەتتى . خېلى بىر چاققىچە ئەنۋەر دوختۇر قايتىپ چىقمىدى ، رۇقىيە سائەتكە قارىۋەتكەندىن كېيىن دىلبەرگە :
- ما ئەدەم ئۇخلاپ قالدىمۇ يا ؟ ھېچ چىقاي دىمەيدىيا ~؟!
-بايا مۇشەدە مۈگىدەپ ئولتۇرغان ، ئوبدان كارىۋات بار يەرگە كىردى ، ئوبدان ئۆزىنى تاشلاپ ياتىدۇ دە ئەلۋەتتە -دېدى دىلبەر .
دەل شۇ چاغدا تېلېفۇن كەلدى ، رۇقىيە تېلېفۇننى ئالدى .
- ھە غۇجام ئۇخلاپ قاللىمۇ يا ؟ چىقسىيە مايەگە ، نېمە بولدى ؟ تېلېفۇندا دەۋەسە ھە ، ھە بىلدىم ، ھازىر كىرەيلى .
رۇقىيە تېلېفۇننى قويىۋىتىپ ئورنىدىن تۇردى .
- ماڭە ئاداش بىزنى چاقىرىۋاتىدۇ .
- نېمىگە ؟
- ۋايتاڭ ، سورىسام كىرسەڭلا بىلىسىلەر دەيدىغۇ ..
- بولدى كىرمەيلى ، بىزنى قورقىتىدۇ ھە قىچان .
- بىر بالا ھۇشىدىن كىتىپتۇ دەيدۇ ، قالغان گەپنى ئېنىق دىمىدى ، ئىككىمىز بولغاندىكىن نېمىدىن قورقىمىز ؟!
ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ ئاستا قەدەم بىلەن 32-كارىۋات بار ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى . ئۇلار كىرەيلا ئەنىۋەر دوختۇرنى چاقىردى .
- بىز كەلدۇق ئىشىكنى ئاچسىيە ، كىلىڭلا دەپ قويۇپ ئىشىكنى تاقىۋالىدىكەنيا ، ئاچسىيە ...
ئىشىك ئىچىلدى ، لىكىن دوختۇر كۆرۇنمەيتتى ، ئۇلار بىر -بىرىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىشىپ ، بويۇنلىرىنى سوزۇپ ئىچىگە قارىدى . دەل شۇ چاغدا ئەنىۋەر دوختۇرنىڭ « قاراپ تۇرىۋەرمەي كىرىپ ياردەم قىلىڭلار » دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى . قىزلار ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا چىراغ ئۆچۇرلۇپ ، ئىشىك تاقىلىپ قالدى . ئۇلارنىڭ ئىچىنىشلىق ۋاقىرغان ئاۋازى پۇتۇن دوختۇر خانىنى لەرزىگە سىلىۋەتتى . ئەمما بۇ ئاۋازنى يەنىلا ھىچكىم ئاڭلىمىدى .
- ئا~~~~~!
ئامىنە يەنە چۆچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتى ، سەھەردە دوختۇرخانىنىڭ ئالدى يەنە ساقچى ۋە مۇخبىرلار بىلەن توشۇپ كەتكەن كەتكەن ئىدى .
مەنبە : قەلەم
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 08:30 PM