|
|
|
|
باھار كىچىسى
چىللايدۇ يىراقتىن باھار شامىلى،
ئەپ كىلەر يارىمنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى.
قەدەمنى ئالدۇردى كىچە قوينىغا،
بول دىدى كىچىنىڭ پەرى مىھمىنى. قەدەمنى ئالدىممەن كىچە قوينىغا،
زىمىستان قاچىدۇ تىنماستىن ھۈركۈپ.
بەھۇزۇر ئوخچۇيدۇ دىللاردا شاتلىق،
باھارنىڭ قۇشلىرى كىلەر پۈركۈنۈپ . دەل شۇ چاغ يىراقتىن مۇڭلۇق بىر سادا، -
ئاڭلاندى تىترىتىپ ئوتلۇق يۈرەكنى.
سەپ سالدىم كىچىنىڭ قوينىغا شۇنچە،
زارىقىپ ئىنتىلدىم تىلەپ تىلەكنى.
كىچىلەر بولۇپتۇ يارنىڭ ئەلچىسى،
چىللاپتۇ بىمەھەل كىچىدە شۇڭا.
زارىققان يۈرەكنى تىنىۋالسۇن دەپ،
ۋىسالىم ئىشىكى ئىچىپتۇ ماڭا .
سۆيگۈگە شاھىتتۇر باھار كىچىسى،
شۇ كىچە ئۇرۇلدى ۋىسال تامغۇسى.
ياد ئىتىپ تىنماستىن ۋىلىقلار يۈرەك،
كىلىدۇ كىملەرنىڭ بۇندىن قاچقۇسى.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم!
|
|
|
|
|
|