رەھمەت ئىيتىش خېتى
جېنىم ئانا،بۇ خەتلەرنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا بەلكىم ئېتىزداھېرىپ-چارچاپ ئىشلەۋاتقانسىز ياكى چۈشلۈك تاماق ئىتىشكە ئېرىنىپ نان بىلەنلا چاي ئىچىپ ئولتۇرغانسىز.چۈشتە كىر يۇيىۋېتىپ ئۆزۈمنىڭمۇ 25ياشقا كىرەي دەپ قالغانلىقىمنى ئويلۇدۇم.ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن-ھە!،بۇنىڭدىن 25يىل بۇرۇن قىرىقتىن ئاشقان سىز مىنى قانچىلىك قىينىلىپ تۇققان بولغىيتتىڭىز؟يېنىڭلاردا ئاتا-ئانا مىھرىگە تويۇنغان 14يىلنى،ھاياتىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك 14يىلنى ئۆتكۈزدۈم.ئويلاپ قالىمەن،شۇ يېنىڭلاردىكى ۋاقىتلاردا سىز ئەزەلدىن "بالام ئۇنداق قىلماڭ،بۇنداق قىلىڭ"دېگەندەك گەپلەرنى قىلمايسىز،لىكىن سىزدىن ئۈگەنگەنلىرىم 20يىللىق مەكتەپ ھاياتىمدا ئۈگەنگەنلىرىمدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ.
يازدا ئېتىزدا ئىشلەپ ئۆيگە قايتىشقا كۆزۈم تۆت بۇلىدۇ،سىز بولسىڭىز ئېتىزدىكى ئىشنى تۈگەتكەندىن كىيىن باغدا قىلىدىغان يەنە بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى دەيسىز،"ياش بولغان بولسىڭىز مۇشۇنداق توختاۋسىز ئىشلەيدىغان روھىڭىز بىلەن جوڭگۇنى ئۆزگەرتىۋىتەتتىڭىز "دەيمەن چاقچاق ئارىلاش.لىكىن قەلبىمدە سىزگە بولغان قايىللىق چوقان سالىدۇ،ھەم ئۆزۈمنىڭ تەييارتاپلىقىدىن خىجىل بۇلىمەن.ئاتمىشتىن ئاشقان،تىنىم تاپماي ئىشلەۋاتقان سىزگە قاراپ ئۆزۈمگە چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەتلەر تاپىمەن.بۇ ساناقسىز ئىشلەشلەر جەريانىدا سىز ماڭا بىر قېتىممۇ دەپ باقمىغان چىدامچانلىق،ھەرىكەتتە بەرىكەت،جاپانىڭ تىگى ئالتۇن دېگەندەكلەرنى چۈشەنگەندەك ھەم ئۈگەنگەندەك بولىمەن.
يازلىق تەتىلدە كۈندە قىلىدىغان ئىشىمىز ئەتتىگەندە يىراقتىكى ئېتىزىمىزغا بېرىپ قويلارغا ئوت ئېلىش،رەھمەتلىك جان دادام ئۈچىمىز سەپ بۇلۇپ ماڭاتتۇق.ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە ئۇنىمىغىنىڭلارغا قارىماي بىر خالتا ئوت يۈدىۋالاتتىم.دادام شۇنداق دىسەممۇ ئۇنىماي بەك بولمىسا ئاچچىقلاپ تۇرۇپ ئەڭ يىنىكىنى ماڭا يۈدكۈزەتتى.نەچچە ئاي ئەقلى ئەمگەك بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن ماڭا نىسبەتەن ئەڭ يىنىكىمۇ خېلى ئېغىر بىلىنەتتى،بىراق شۇ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكۈچە ئۆزۈمچە ئېغىر بىلىنگەن ئوتنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ سىزگە،دادامغا سەپ سالاتتىم.توۋا،ئىككىڭلار مۇشۇ يېرىم سائەتلىك يولدىن بېرىپ كېلىپ تېرىقچىلىق قىلىۋاتقىنىڭلارغا 30يىللاردەك بوپتۇ،ھەركۈنى شۇنداق ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە قايتىسىلەر،شۇ يەر تېرىش جەريانىدا نۇرغۇن جاپالارنى تارتىسىلەر،لىكىن سىلەرنىڭ يۈرەك پارەڭلەر بولغان مەن شۇ جاپايىڭلارنى ئازراقمۇ يىنىكلىتەلمەيمەن.شۇلارنى ئويلاۋېتىپ يۈدىۋالغان ئوتنىڭ ئېغىرلىقى يۈرەككىلا چۈشىدۇ.كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار ئەگىيدۇ.مىنىڭ قىلالايدىغىنىم مۇشۇمۇ دەپ ئۆزۈمگە نەپرەتلەر ئۇقۇيمەن.
جان دادام كىتىپ قالدى،شۇ كۈندىن باشلاپ يۈرۈكىمگە بىر ئاغرىق،ياق،پۈتۈن جىسمىمغا،ۋۇجۇدۇمغا بىر ئاغرىق كىرىپ قالدى.سىزگە قارىدىم،بىر كۈن ئىچىدىلا باشقىچە بىر ئادەم بۇلۇپ قاپسىز.بېشىڭىزدىكى ئاق چاچلار يۈرەككە نەشتەر بۇلۇپ سانجىلدى. گەرچە ئازاپنىڭ ئېغىر يىنىكىنى ئۆلچەيدىغان تارازا بولمىسىمۇ، لىكىن، بىلىمەن جېنىم ئانا بۇ ئىش ھەممىدىن سىزگە بەك ئېغىر كەلدى.49يىل بىرگە ئۆتكەن ئادىمىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز.دادامنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى رەھمەتلىكنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىدە ھىس قىلالايتتىم.شۇنچە قاتتىق ئاغرىپ ياتسىمۇ ئۆيدە قالايدىغان ئوتۇن قالماپتۇ دەپ سوغۇق قىشتا سىرتتا تۇرۇپ ئوتۇن يېرىپ بەرگىنى شۇ غەمگۈزارىڭىز ئىدى؛سىزنىڭ يۈرەك كىسىلىڭىز تۇتۇپ قالغاندا كېچىنى كېچە دىمەي يۈگرەپ يۈرۈپ دوختۇر چاقىرغان 70ياشلىق بوۋىيىڭىز شۇ ئىدى؛ ئېتىزغا ئوت ئالغىلى كەتسىڭىزسىزنى ئەكىلەلمەيدۇ دەپ ئالدىڭىزغا بېرىپ ئېغىر خالتىلارنى قولىڭىزدىن ئالىدىغان شۇ ھارماس ئەر شۇ ئىدى؛ھەر بازارغا بارسا سىز ئامراق نەرسىلەرنى ئالغاچ كېلىپ سىزنى قۇرۇق قولىغا تەمۈرۈتمەيدىغان كۆيۈمچان كىشىڭىز شۇ ئىدى....يەنە قايسى بىرىنى يازاي،مىنىڭچە ھەممىسى سىزنىڭ قەلىب تۆرىڭىزگە يېزىلغان دەپ ئويلايمەن.جېنىم ئانا سىز شۇنداق كۈيمچان،خۇشچاقچاق،قەيسەر سىزگە تۆۋرۈك باش پاناھىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز،لىكىن بىز پەرزەنىتلەر ئالدىدا بىرەر قېتىممۇ دادامنىڭ گېپىنى قىلىپ ياش تۆكۈپ باقمىدىڭىز،شۇ كۆز ياشلىرىڭىزنى پەقەت ئەتتىگەن سائەت ئىككىلەردە تۇرۇپ ياراتقان ئىگىمىزگە تۆكتىڭىز.سىزگە قايىلمەن،سىزنىڭ ئىتىقادىڭىزغا قايىلمەن،شۈكۈر-قانائىتىڭىزگە،سەۋىرچانلىقىڭىزغا قايىلمەن.سىز بۇ ھەرىكەتلىرىڭىز بىلەن ماڭا ئېتىقادنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئۈگەتتىڭىز ھەم مەڭڭۈ يىمىرىلمەس ئىتىقاد نۇرىنى قەلبىمگەسالدىڭىز.
"ئانا،دوكتۇرلۇقتا ئۇقۇسام قانداق بۇلار؟"دېدىم سىزدىن مەسلىھەت سوراپ،"بولدى بالام ئۇقۇماڭ،مەنمۇ سىزنىڭ تويىڭىزنى،بالىڭىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كىتەي،ھازىر پۇت قولۇمدا خېلى ماغدۇر بار چاغدا بالىڭىزنى مەن بېقىپ بەرسەم،سىز بارغۇڭىز بار يەرلەرگە بېرىپ ئۆز ئىشىڭىزنى ياخشى قىلمامسىز."دېدىڭىز كۈلۈپ تۇرۇپ،مەن"ماقۇل،ئۇقۇماي"دېيىشتىن ئارتۇق گەپ قىلالمىدم.ئۇقۇش ياكى ئۇقۇماسلىق توغرىسىدا نەچچە كۈن ئويلاشغان ئىدىم،ئويلاپ باقسام دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىدىن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئالغان دۇئالىرىمنىڭ،رەھمىتىمنىڭ ئەھمىيىتى زور بۇلىدىكەن.قىززىق يېرى مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلايمۇ ياكى ئۇقۇيايمۇ دەپ ئويلاشسام،سىز ئۆزىڭىزنىڭ مىنىڭ بالامنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇڭىز بارلىقىنى دەپ مىنى يەنە ئۇقۇشتىن توستىڭىز،جېنىم ئانا بالامنىڭ خىزمىتىنى قىلمىسىڭىزمۇ مىنى دەپ جېق رىيازەتلەر چەككەن ئىدىڭىزغۇ-ھە؟! ئانا سىزنىڭ بىز پەرزەنىتلەر ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىڭىزنى،تارتقان جاپايىڭىزنى يازاي دەپ تەرەددۇت قىلىپ كىتابلاردا دائىم دىيىلىدىغان"ئىپادىلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلدى"دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
رەھمەت جېنىم ئانا،ماڭا سۆزسىز ھەركىتىڭىز بىلەن ئىمانلىق،ئېتىقادلىق،شەرىم-ھايالىق،قەيسەر،چىدامچان،شۈكۈر-قانەئەتچان بۇلۇشنى ئۈگەتتىڭىز.قىسقىسى ئادىمىيلىكنى جېنىم دادام(ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن)بىلەن ئىككىڭلار ئۆز ھەركىتىڭلار ئارقىلىق ئۈگەتتىڭلار.سىلەرنىڭمۇ دوكتۇر،ئاسپىرانىت ئۈنۋانىڭلار يوق،ئاددىي جاپاكەش دېھقان،ئەگەر ئادىمىيلىككە ئۇنۋان بەرگىلى بولسا بۇ ئۇنۋاننىڭ ئەڭ ئالىيسى سىلەرگە مەنسۇپ بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن.خاتالاشتىم بىزلەرگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان بار،ياراتقۇچىمىزدىن سىلەرگە ئىنسانىيەتكە بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ بەخىتنى بىرىشنى چىن قەلبىمدىن تېلەيمەن.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن،تىنىنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى، ئىككى دۇنيالىق بەخىتكە نائىل بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 07:12 PM