مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1182|ئىنكاس: 17

رەھىمسىز تەغدىر-ھىكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رەھىمسىز تەغدىر

ھىكايە

تۇنجى ئۇچرىشىش

ھەممە كىشىلەر ھايات شۇنچە گۈزەل دەپ قارايدۇ،نىمە ئۈچۈن بىلمىدىم

ماڭا بۇ دۇنيا شۇنچىلىك ،رەزىل،سۇغۇق بىلىنىدۇ.كاللام ھازىرلا پارتىلايدىغان بومبىدەك شۇنچىلىك گاراڭ...

نىمە ئۈچۈن بۇرەزىل دۇنياغا تۇغۇلغاندىمەن.ئۇلۇغ ئاللاھىم ماڭا بۇ

بۇ قىسمەتلەرنى بەرگۈچە جىنىمنى ئالساڭ بۇلمامدۇ؟ ئۆز-ئۈزۈمگە

خىتاپ قىلاتتىم. چاچلىرىم چۇۋۇلغان،كۆزلىرىم يىغىدىن مۇشتەك

ئىشىپ قىزارغان.پۈتكۈل بەدىنىم خۇددى بىرسى پىچاق بىلەن قۇچۇۋاتقاندەك ئاغرىتتتى. كىتىۋاتىمەن كىتىۋاتىمەن.نەگە بىرىپ ،نەدە توختىشىمنى،بۇ شەھەرنى قانچە قىتىم ئايلىنىپ بولغانلىقىمنى بىلمەيمەن.

گادىرماچ خىياللار بىلەن بىر چاغلاردا شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى خەلق

باغچىسىغا كىلىپ قاپتىمەن. بۇ باغچىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل ھەم

بىرخىل ئورمانلىق بىلەن تاغ گىرەلەشكەن بۇلۇپ دەم ئېلىش كۈنلىرى

بۇ باغچىا باشقىچە ئاۋات بۇلۇپ كىتەتتى.شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كىسىپ ئۈتىدىغان دۇلان دەرياسىمۇ مۇشۇ باغچىغا باشقىچە تۈس قۇشۇپ

يانداپ ئۈتەتتى.ئايلىنىپ ئايلىنىپ بىر چاغلاردا دەريانىڭ باغچا تەرەپتىن كىسىپ ئۈتىدىغان شارقىراتمىدەك بىر بۈلىكى  بۇلىدىغان،ئەتراپتا قاتار –قاتار ئۇرۇندۇق قۇيۇلغان.ھاردىممۇ قانداق دەريا بۇيىدىكى بىر ئۇرۇندۇقنى تاللاپ ئولتۇردۇم. كۈزلىرىم ئىختىيارسىز تار يولنىڭ ياقىسىدا  ئويناۋاتقان 3-4 ياشلار چاممىسىدىكى قىزچاققا چۈشتى.قىزنىڭ چۈچۈك تىللىرى باللىلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلىتىپ قۇيغانىدى.تۇساتتىن يىراقتىن بىر

مۇتۇسىكىلىتنىڭ ئۇچقاندەك كىلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قالدىم.چاقچاق تىزلىكىدە قىزنى چىملىققا ياتقۇزۇپ ئۈلگۈردۈم.مۇتۇسىكىلىت ھەيدىگەن

يىگىت چالۋاقاپ:

-قانداق نىمىسەن؟بالاڭغا ياخشى قارىماي يولغا قۇيۇپ بىرىپ مىنى

قەستەن پوققا تىيىلدۇرۇپ ،يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۈلىتەي دىگەنمىدىڭ؟ساراڭ ....-دىگىنىچە ئۈتۈپ كەتتى.دەرت ئۈستىگە ئاڭلىغان بۇ

ھاقارەتتىن كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ،ياشلىرىم توختىماي قۇيۇلاتتى.

كىمدۇ بىرى  ئورمانلىق ئارىسىدىن چىقىپ:

-گۈلگىنە .قىزىم ،نەگە يۇقالغانكى دېسەم بۇ يەرگە كىلىۋالغانمىتىڭىز،

چىقىرغان ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ يۈگرەپ كىلىشىپ ،ئاكىڭىزنىڭ نۇرغۇن

دوسلىرى كەلدى ئاۋۇ يەردە بىللە ئويناڭلا- ئايال ماڭا قاراپ :

ماۋۇ ساراڭ سىزنى قۇرقۇتىۋەتتىمۇ ،مەن با بالام مىڭە...-دىگىىنىچە

ماڭا سەت بىرنى ئالىيىپ شالاقىقىدە تۈكۈرۈپ قىزنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى.قايتا –قايتا ئۇچرىغان زەربىدىن

ئەجەبا بۇ دۇنيادىكى ھەممە مەندىن يىرگەنگەنمىدۇ دەپ ئۆز ئۈزۈمگە

خىتاپ قىلاتتىم.ئاستا-ئاستا قەدەملىرىنى يۈتكەپ دەريا بۇيىغا يىقىنلاشتىم.سومكام بىلەن يانفۇنۇمنى پاققىدە چىملىققا ئاتتىمدە، بىربېسىپ ،ئىككى بىسىپ سۇ ئىچىگە قادەم ئالدىم.ھۇجۇدۇمنى ئۆرتەۋاتقان ئازاپ

بىلەن تەڭ مۇزدەك سوغۇق سۇ بەدىمنى تىترەتمەكتە ئىدى.سۇ ئىچىگە

شۇڭغۇۋاتىمەن.ئۇشتۇمتۇت كىمدۇ بىرىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ

ئارقامغا ئۆرۈلدۈم.

-ۋۇي،قىزچاق جاندىن تويدىڭىزمۇ؟نىمىشقا ئۈلىۋالماقچى بۇلىسىز؟

-دىگەچ ماڭا يىقىنلىشىپ بىلىكىمنى كۈچەپ تارتتى.

-قۇيۋېتىڭ مىنى ،نىمە كارىڭىز؟ئىشىڭىزنى قىلىڭ،ئۆلسەم سىز بىلەن نىم ئالاقىسى،ساراڭمۇ يە سىز ...-قوللىرىنى سىلكىپ،ۋارقىرىدىم.

بويلىرى ئېگىز،قارا قاش ،بۇرۇتلۇق ،سۇمباتلىق بىر يىگىت يىنىمدا زايىر بولغانىدى.

-ئالدى بىلەن قىرغاققا چىقىڭ ئاندىن پاراڭلىشايلى-يىگىت شۇنداق

دىگەچ قوللىرىمنى قاماللاپ تارتقىنىچە ئېلىپ ماڭدى.

  يىگىتنىڭ بازغاندەك قوللىرى ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ بۇلالماي

بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولدۇم.بىز قارشى تەرەپتىكى ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇق.

-قاراڭ قىزچاق ،سىزئۈلىۋېلىپلا ھەممە ئىشتىن قۇتۇلماقچىمۇ؟ ئاتا-ئانىڭىزنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ سىز ئۈلۈپ كەتسىڭىز ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟

تۇرمۇشتىكى ئانچىكى كۆڭۈلسىزلىك تۈپەيلى ئۈلۈم يۇلىنى تاللاش سىزچە

ئاقىلانىلىقمۇ؟ ئەرزىمدۇ....- يىگىت قارىماققا ئەستايىدىللىق بىلەن

سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى.

-بۇنداق دېسەم خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ،مەن ئاكىڭىز ئورنىدا سىزگە

نەسىھەت قىلۋاتىمەن.ھەر قانداق كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەن ئىشلار بولسا

ماڭا دەپ ئىچىڭىزنى بۇشىتىۋېلىڭ،بەلكىم ياردىمىم تىگىپ قالسا ئەجىپ ئەمەس-يىگىت شۇنداق دىگەچ يانچۇقىدىن بىر قۇلياغلىقنى ماڭا سۇندى.

-مەڭ يۈزىڭىزنى سۈرتىۋېلىڭ قاراڭە كۈزلىرىڭىزنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى،سىزدەك ئۇماق ،بەرنا قىزلارغا يىغا ياراشمايدىكەن،ۋۇي توغرا گەپ بىلەن بۇلىۋېرىپ سىزگە ئۈزۈمنى تۇنۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.ئىسمىم

جۈرئەت ،شەھەرلىك تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى.              يىڭىدىن  ئىشقا

چۈشكەن ئۇقۇتقۇچى سىزنىڭچۇ-يىگىت ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلىپ قارايتتى.ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدىم:

-پەرىزات،-يىگىت كۈلۈمسىرىگەچ.چىملىقتا تۇرغان سومكام بىلەن يانفۇنۇمنى ئەكىلىپ ماڭا تۇتقۇزدى.

-خالىسىڭىز،سىزنىڭ ئۈلىۋېلىشىڭىزغا سەۋەپ بولغان شۇ كەچمىشلىرى

ڭىزنى ئاڭلاپ باقسام بۇلارمۇ؟ ئادەتتە كىشىلەر ئاسانلىقچە ئۈلۈم يۇلىنى تاللىمايدۇ،بولدى خىجىل بولماڭ ،شۇنداق تەقەززا مەن ھىكايىڭىزنى ئاڭلاشقا.يىگىت شۇنداق دىگەچ قوللىرى بىلەن چۇۋۇلغان چاچلىرىمنى تاراپ ،قۇلۇمدىكى قۇلياغلىق بىلەن يۈزۈمدىكى ياش يۇقىنى سۈرتۈشكە باشلىدى.

-جۈرئەت بولدى ،ئۈزۈم قىلاي،باشقىلار قاراۋاتىدۇ.-خىجىللىقتىن مەڭزىلىرىم ئاناردەك قىزىرىپ كەتتى.

-قارىسا قارىمامدۇ ،ئوغۇل دوستى ئوخشايدۇ دەپ قالمامدۇ؟

-قېلىن .كىم سىزنىڭ قىز دوستىڭىزكەن-جۈرئەتنىڭ مۆرىسىگە يىنىككىنە شاپىلاقلىغاچ مىيىقىمدا كۈلۈمسىرىدىم.

-ھاھاھا... ما قىزنى كۈلۈمسىرىگەن قىياپىتىڭىز نىمانداق ئۇماق،

مۇشۇنداق ناتىۋان قىز كېتىپ قالسا زىمىن يىغلايدۇ جۇمۇ، قىنى باشلاڭ

شۇ تاپتا ئېغىزىڭىزنى تاتلاپ دىگۈدەك قەلىپ قەسرىڭىزدىكى ئالتۇن قۇلۇمنى چېقىپ تاشلاپ دەرتلىرىڭىزنى تىڭشىسامكەن دەيمەن.-يىگىتنىڭ

ئوتلۇق كۈزلىرى ماڭا قاراپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى.

-بۇلىدۇ ،دەپ بىرەي،بەرىبىر ئىچىمدە سېسىتىپ نەگە باراي..-دىدىميۇ ئۆركەشلەۋاتقان دەرياغا قاراپ ئۇھسىندىم.

ئاجايىپ قىسمەت

بىزنىڭ ئۈي شەھەرنىڭ غەربىدىكى قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ئائىلىكلەر قۇرۇسىدا بۇلۇپ، دادام قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى،ئاپام بولسا ئائىلە ئايالى ئىدى.ئەينى ۋاقىتلاردا دادام ئاپامغا ئانچە ياخشى قارىمايتتى  ئۇيۇنچى بولغاچقا خزمەتنى بانا قىپ كىچە –كىچىلەپ

ئۆيگە كىرمەيتتى.قايتىپ كەلگەن چاغلىرىدا بولسا بىچارە ئاپامنى ئۇرۇپ تىللاپ خارلايتتى.مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادامدىن ئاجرىشىپ  كىتەي دەپ تۇرشىغا مەن ئاپامنىڭ قۇرسىقىدا قاپتىمەن.  ئاپام مىنى

دەپ مۇشۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق بىرىپ كەپتىكەن.مەن 6 ئايلىق بولغان چاغدا دادام ئاپامنى شۇنداق قاتتىق ئۇرۇپتىكى ھەتتا قۇلىنى سۇندۇرۋېتىپتۇ. قۇشنىلار كىرىپ دادامنى تارتىپ ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ

.ھىلىمۇ خۇدا ساقلاپ مەن ساق قاپتىمەن. ئاپام خىلى ۋاقىتلارغىچە قوللىرىنى مىدىرتالماي يىتىپتۇ.دادام بولسا تىخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ

ئۆيگە ئاپامنى قارىتىپ تۇرۇپ يات ئاياللارنى ئەكىرىپتۇ.ئاپام چىشىنى

چىشلەپ مىنىڭ تۇغۇلىشىمنى كۈتۈپتۇ.ئاخىرى مەنمۇ تۇغۇلۇپتىمەن.

ئەمما ئاپامنىڭ قۇرسىقى ئاغىرغاندا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپارمىغاچقا

قانسىراپ كىتىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي تۇغۇتىدا تۈگەپ كىتىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ دادام مىنى سىڭلىسىغا تاشلاپ بىرىپ بىركىچىدە

ئۆيلەرنى سېتىپ غايىپ بوپتۇ. مەن ھەدەمنىڭ  ئۈيى ئانچە باياشات

بولمىسىمۇ يوللدىشىنىڭ ئالدىدا تاپا-تەنىلەرگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ مىنى بىقىۋاپتۇ.ھەدەمنىڭ دەپ بىرىشىچە مەن باشقا بالىلارغا قارىغاندا كىچىكىپ ئايىقىم چىقىپ مىڭىپتىمەن.2 ياشقا كىرگەن يىلىم دادام بىر

ئايال بىلەن قايتىپ كەپ مىنى ھەدەمنىڭ يىغلاپ قاخشىشىغا قارىماي

مەجبۇرى تارتىۋېلىپ ئەكىتىپتۇ.ئېچىنىشلىق قىسمىتىم دەل ئۆگەي

ئاپامدىن باشلانغانىدى.ئىسىمنى بىلسەم تۇيۇپ بىرەر ۋاخ تاماق يەپ

باققىنىمنى بىلمەيمەن.كىيىملىرىممۇ قۇشنىلارنىڭ باللىرىدىن ئاشقان كىىيىم .ھەدەم يۇشۇرۇن بەرگەن پۇللارنىمۇ خاتىرجەم خەجلىيەلمەيمەن.

6 ياشتىن ئاشقان بىر ۋاقىتقۇ دەيمەن .بىر قىتىملىق بالىلار بايرىمىدا

دادام بىزنى باغچىغا ئاپاردى. بىز باغچىنىڭ ئاۋات يىرىدىكى چىملىققا

ئەدىيال سېلىپ ئولتۇردۇق.داستىخانغا تىزىۋەتكەن ئىسىل تائام ،قۇرۇمىلار،تەخسىدىكى مەززىلىك كاۋاپلارغا قاراپ شۈلگەيلىرىم ئىقىپ كەتتى.

ئەمدىلا بىر زىخ كاۋاپقا قۇلۇمنى ئۇزىتىشىمغا قۇلۇمغا  پاققىدە قۇيۇلغان

بىر شاپىلاقتىن قۇرقۇپ كەتتىم .ئۈگەي ئاپام سەت بىرنى ئالىيىپ:

-ئاشپاقا،تەربىىيە كۈرمىگەن شۇم،تايىقىڭ كام سىنىڭ ،خەپ ئۈيگىمۇ

بارامىز-دىمەسمۇ كۈزلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياشلار سىرغىپ چۈشتى. ھەدەمنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ قۇلۇمدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭدى.باغچىدىكى خۇشال ھالدا ئاتا-ئانىسىغا ئەركىلەۋاتقان،ئۇيۇنچۇق ئويناۋاتقان بالىلارغا قاراپ بىر خىل ھەۋىسىم كىلەتتى.

-ھەدە ،مەنمۇ ئاۋۇ بالىلاردەك ياغاچ ئاتقا مىنەيچۇ؟-ھەدەمگە ئەركىلەشكە باشلىدىم.ھەدەم بىر دەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن بىشىنى لىڭىشتىپ .مىنى ياغاچ ئات با يەرگە يىتىلەپ ئاپىرىپ ئالدىنقى ئۇرۇندى ياغاچ ئاتقا مىندۈرۈپ قۇيدى.ياغاچ ئاتنىڭ ئىككى  پىرقىرىغىنى بىلىمەن.

بىر ۋاقىتلاردا:

-ئا..ئاپا،ئاپا، مىنى تاشلاپ كەتمەڭ ،مەن ئەمدى سىزنى قەتتى

خاپا قىلمايمەن .ئاپا !!!-دەپ ئىڭرىغىنىمچە كۈزۈمنى غۇۋا ئاچتىم.

قارسام دادام ،ھەدەم بىشىمدا قاراپ تۇراتتى.ئۆگەي ئاپام بولسا

توڭلاتقۇدىكى گۆشتەك چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ماڭا چەكچىيۋاتاتتى.

-ھۇشىغا كەلدى ،ئاكا قارا ھۇشىغا كەلدى.دوختۇر!!1! دوختۇر

جىنەن قىزىم ھۇشىغا كەلدى...-كۈچەپ ۋارقىرىدى.دوختۇر كۈز

قارچۇقلىرىمنى قايرىپ قاراپ باققاندىن كىيىن دادامغا نىمىلەرنىدۇر

خەنزۇچە دېگەچ سىرتقا ئىشارە قىلدى.

ئارىدىن ئۇزاق ئۈتمەي  دوختۇرلارنىڭ ،ھەدەمنىڭ يالۋۇرشىغا قارماي دادام مىنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقتى.كۈندىن كۈنگە خامۇش يۈرۈيدىغان بوپ قالدىم.بەدىنىمدە كۈچ يوق .كىيىن دادامنىڭ رەھمى كىلىپ

قالدىمۇ مىنى يىقىن ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بەردى.مەكتەپتىكى يىڭى ھاياتىم بىلەن بالىلىق ئەسلىمەمدىكى خۇنۇكلۈكنى بارا بارا

تۇرمۇشۇمدىن يۇقاتتىم.تۇللۇقسىز ئوتتۇرىغا ئەمدىلا چىققان چاغلىرىمغۇ

دەيمەن. بىر كۈن ىدەرىستىن چۈشۈپ بالدۇرلا ئۆيگە قايتتىم.ئەمدىلا

ئىشىكنى شۇنداق ئېچىشىمغا ئۆيدە بىر توپ كىشىلەرنىڭ قىيا-چىيا

قىلىشىپ ئۇسۇل ئويناپ ،دۇتار چېلىشىۋاتقانلىقىنى كۈردۈم.ئۆگەي ئاپام بولسا بىر پور كۈتەك ،خامسىمىز ، بومبا ساقال ئەركىشىنىڭ قۇچىقىدا

نايناقشىۋاتاتتى. بىر چوكاننىڭ مىنى كۈرۈپ:

-ۋۇي ئايگۈل ئاداش قارا،ئاۋۇ تۇمۇچۇق قىزىڭ ئوخشىمامدۇ؟-دىدى.سورۇندىن سەت كۈلكىلەر كۈتۈرۈلدى.ئۆگەي ئاپام بىر قىزىرىپ، بىر تاتىرىپ.سەت بىرنى ئالىيىپ:

-توۋا بىي دىيە ئاداش، ئىسكەتىنىڭ تايىنى يوق پىتۋاش قاسماقنىڭ

قىزىم بۇلۇپ قىلىشىدىن خۇدايىم ساقلىسۇن.ئاۋۇ ئەكپەر دىگەن لامزەللىنىڭ يۈرەك كىسەل قانجۇقى،كۈزۈمدىن يە يۈتمىدى ،يە ئاپىسىدەك ئۆلمىدى. بۇ كۈزۈمنىڭ سەتى پاسكىنا رەسۋا-دىمەسمۇ .كۆزلىرىمدىن ئىقتىيارسىز قار ياممغۇر ياشلار تۈكۈلدى.جايىمدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قاپتىمەن.

-ھەي شورى قۇرغۇر قانجۇق ،تۇلا  كۈزۈڭنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ كۈزۈمگە سەت كۈرۈنمەي ئاۋۇ ئۆيگە

كىرە،كىسەل كۈرپىسى ،ئۈلۈك تۇخا رەزگى قاسماق..-ئۆگەي ئاپام

ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللىغىلى تۇردى.بىقىنىمغا نۇقۇپ،

قوللىرىمنى چىمدىدى.يان ئۈيگە سۈرەپ دىەۈدەك ئەكىرىپ:

-ھەي قاسماق نىمە مىھمانلار ئارىسىدا يۈزۈمنى قىلمايسەن؟ئاڭلاپ قۇي بۈگۈنكى ئىشنى داداڭغا دەيدىغان بولساڭ ئۈلۈكۈڭ چىقىدۇ.مۇشۇ ئۈيدە مىدىرماي ئولتا،ئەگەر مىھمانخانىغا چىقىدىغان بولساڭ كۆرگىلىكىڭنى كۈرسىتىمەن.-ئاپام شۇنداق دىگەچ يۈزۈمگە شاپىلاق بىلەن بىرنى

قويدى. يۈزلۈرۈمدىن ئوت يىنىپ كەتتى.يىغلاشقىمۇ پىتىنالماي يۈتقاننى

چىڭ چىشلىگىنىمچە ئۈنسىز يىغلاپتىمەن.قىزىتمام ئۆرلەپ كىتىپتۇ.نەچچە كۈندىن كىيىن ھەدەم مەكتەپ ئالدىغا مىنى ئىزدەپ كەلدى:

سىڭلىم ئىيتە ئاۋۇ خوتۇننىڭ ئاشنىسى بارما.ئاكامنىڭ ئۆيدە يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاشنا ئويناۋاتامدۇ ،بايا ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ باھادىر تىز تاماقخانىسىنىڭ ئايرىم خانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن  بىر ئەركىشى بىلەن ئىتلاردەك يالىشىپ ئولتۇرغىنى كۈردۈم- دىدى ھەدەم قۇشۇمىلىرىنى تۈرۈپ.

-مەن بىلمەيمەن ،ئۈيدە بالدۇرلا ئۇخلاپ قالىمەن.ھەدە مەن سەندىن

بىر گەپ سوراي ماڭا راسچىللىق بىلەن جاۋاپ بەر،مەن يۈرەك كىسىلىمۇ؟-تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالىمدىن ھەدەمنىڭ چىرايى ئۈزگىرىپ :

-كىم،كىم شۇنداق دەيدۇ،شۇنداق دىگەنلەر پۇقنى يەپتۇ، سەن شۇنداق ئۇماق،چىرايلىق تۇرساڭ ئۇنداق ئاغزىڭنى ئۈشتمىگىن ماقۇلمۇ؟-ھەدەم بىرخىل دۇدۇقلاپ كەتتى.

-بولدى يۇشۇرمىغىن مەن ھەممىنى بىلدىم .مىنىڭ كىسىلىم بار،ئۇزاق ياشىيالمايمەن شۇنداقمۇ،قايسى كۈنى مالىم دەرس ۋاقتىدا دەپ بەرگەن.بۇخىل كىسەل ساقايمايدىكەن –بۇ گەپللىرىمنى ئاڭلاپ ھەدەم مىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.

-سىڭلىم ئۇنداق دىمە سەن ياشايسەن ،ئۇزاق ئۈمۈر كۈرىسەن ،بۇنداق

دىمىگىن...-دەپ ماڭا تەسەللىي بەرگەن بولسىمۇ مەن جەزىملەشتۈردۈم.چۈنكى يىقىندىن بۇيان تۇلا نەپسىم سىقىلىدىغان ،بۇرنۇمدىن پات-پات قان ئاقىدىغان بۇلۇپ قالغانىدى.ھەدەم ئاخىرى بۇ ئىزگۈ سىرلارنى ماڭا دەپ بەردى.ئەسلىدە دادام ئاپامنى بەك ياخشى كۈرىدىكەن .ئاپامنىڭ ئۈلىمىگە بەرداشلىق بىرەلمەي يۇرتنى تاشلاپ كىتىپتىكەن.كىيىن قايتىپ كىلىپ ماڭا قارىغىنىدا ئاپامنىڭ سىماسىنى كۈرگەندەك بوپتۇ.

مەن چوڭ بولغانسىرى چىرايىم ئاپامغا ئوخشىغاچقا شۇڭا دادام ئاپامنىڭ ئۈلىمىنى مەندىن كۈرۈپ ماڭا ئۆچ بۇلۇپ ھەتتا چىرايىمغىمۇ قارىمايدىغان  بۇلۇپ قالغانىكەن. چىگىش سۇئاللارنى ھۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان پارازىت قۇرۇتلار مىنى غاجىلىماقتا ئىدى.

بىر كۈنى دادام 20 كۈنلۈك كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مىنىڭ پىشانەمگە تۇنجى قىتىم دادالىق مىھرى بىلەن سۈيۈپ قۇيدى.شۇنچىلىك خوش بولغانىدىم .چۈنكى تۇغۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق مىھىرنى

تىخى ھىس قىپ يىتەلمىگەنىدىم. دادام كىتىپ ئۇزاق ئۈتمەي بىر شەنبە كۈنلىكى ئاپام سىرتتىن نان ،مىۋە، قۇرۇق يىمىشلەرنى ئەكىرىشنى بۇيرۇپ 100 يۈەننى قۇلۇمغا تۇتقۇزدى. مەن ھايال قىلمايلا نەرسىلەرنى كۈتۈپرۈپ ئۆيگە كىردىم .ئۆيدە ھىلىقى بىر چاغلاردا كۈرگەن خام سىمىز،

بومبا ساقال سەت ھىجايغىنىچە ئولتۇراتتى.

-پەرىزات ،ماڭە ماۋۇ مىۋىلەرنى يۇيۇپ ئەكىرگىن ،مەن چاي دەملەي –دىدى. مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ مىۋېلەرنى يۇغاچ ئۇلارنىڭ نىمىلەرنىدۇر پىچرلىشىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. يۈركۈم گۇمان ۋە تەشۋىشلەر ئىچىدە

ئەنسىز سۇقۇپ تۇراتتى. مەن تەييار بولغان مىۋېلەرنى تەخسىگە تىزىپ

دەستۇرخانغا قۇيدۇم.

-پەرىزات،كىلىڭ قىزىم ،يىنىمىزدا ئولتۇرۇڭ-دىدى.مەن نىمە قىلارىمنى

بىلمەي داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدىم.

-ۋۇي ،ھاڭۋاقتى ئادىلكام سىنى ئولتۇر دەيدۇ،قۇلىقىڭ گاس بۇلۇپ قالدىمۇ؟-ئاپامنىڭ ھىرى چاققان تەخەيدەك سەت چىقىراشلىرىن چۆچۈپ ئىسيادىمنى يىغدىم.

-كىلىڭ پەرىزات ،يىنىمدا ئولتۇرۇڭ ،مۇشۇ ئورۇننى سىزنى دەپلا ئەپ قۇيغان . بارغانسىرى چىرايلىق بوپ كىتىۋاتىسىز جۇما نازىنىن قىز-ھاراق پۇراپ كەتكەن سېسىق ئېغىزلىرىن چىققان پۇراقتىن بېشىم ئايلىنىپ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم.

-قىنى پەرىزات سىزگە بىر قەدەھ تۇتتۇم-خام سىمىسز ماڭا پىۋىدىن

بىر رومكا قۇيۇپ تەڭلىدى.

-ھەي بىغەرەز، ئادەلكام ساڭا مېۋە شەربىتى سۇنسا،نىمە پاقا تەشكەن

سويمىدەك قاراپ تۇرسەن،ئالە- ئاپام  بۇ قىتىم خام-سىمىزنىڭ

قۇلىدىكى رومكىنى ئېلىپ ماڭا ئىچمەيمەن دىگىنىمگە قويماي زورلاپ

ئىچۈرمەكچى بۇلىۋېدى، بىرلا سىلكىپ ئىتتىېرۋەتىم . رومكىدىكى پىۋا  ئۆگەي ئاپام بىلەن خامسىمىزنىڭ كىيىملىرگە چاچرىدى .گاللىرىم ئېچىشىپ، قېقىلىپ ھۈتىلىپ كەتتىم.

-ھەي .قانجۇق نىمە قىلىق بۇ؟ سەن تىخى ئاپاڭنى سىلكىگىدەك بولدۇڭما،مەن سىنى باقىمەن دەپ داداڭ دىگەن ھەزلەكنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم.يۇنداڭنى تۈكۈپ ،قانىڭغا تاماق ئەتتىم.بىقىپ قويسام ئەمدى مىنى

سىلكىگۈدەك بولدۇڭما مۇنا ساڭا-ئۆگەي ئاپام يۈزۈكمگە بىر قانچە تەستەك سالدى.تاياق زەربىسىدىن بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان ئېتىلىپ چىقتى.

بۇ كىسەل كۈرپىسى قانجۇقنىڭ كونا كىسىلى قوزغالدى ،ئاپىسى رەسۋانى دورايدۇ بۇمۇ-دىمەسمۇ ئۈستەل ئۈستىدىكى پىۋىنى كۈچەپ ئاتتىم.

ئۆگەي ئاپام يەن ئۇردى . كۈچ مادارىممۇ قالمىغانىدى.

-ھاي، ھاي ئايگۈل كىچىككىنە قىز بالىنى بۇنداق ئۇرمايدىغان-ھىلىقى خام-سىمىز مىنى ئارقىسىغا يۇشۇرۇپ ئۆگەي ئاپامغا بىر نىمىلەرنىدۇر ئىشارە قىلدى. بىر ھاجادىن كىيىن ئاپام يوق .خام-سىمىز بولسا يۈزلىرىمنى سىلاپ ،شالىسىنى چاچىرتاتتى.

-جىنىم پەرىزات مەن ساڭا كۈيۈپ قالدىم .خالىساڭ مەن ساڭا دادا بۇلاي.چۇقۇم ساڭا ياخشى قارايمەن ،ماقۇل دە جىنىم-ماڭا يىقىنلاپ باغرىغا باستى.مەن يولۋاسقا تۇتۇلغان قۇزىچاقتەك شۇنچە كۈچەپمۇ ئاجرىلىپ چىقالمىدىم. يىغلاۋېرىپ ئاۋازىممۇ بۇغۇلۇپ كەتكەنىدى.ئۇ مىنى تارتىپ ياتاق ئۈيگە ماڭغاندا ئىشىك جالاققىدە ئېچىلىپ دادام كىردى.

-ۋو پاسكىنا بۇزۇقلا نىمە قىلىشىۋاتىسەن...-دادام ھىلىقى خام سىمىزنڭ قۇرسىقىغا  ئىككى پەشۋا سالدى. كەيدىدىن ئارقا –ئارقىدىن يىگەن مۇشقا چىدىمىدىمۇ سىرتقا قاراپ بەدەر قاچتى.

-توختا.قىرى ئوغرى توختا دەيمەن -دادام كەينىدىن قوغلاپ تۇتالماي ئۇزاق ئۈتمەي كىردى.

-ھەي قانجۇق مەن سىنى باققىنىمغا رازى ئەمەس.مەھەللە يۇرت ئالدىدا يۈزۈمنى پوق قىلدىڭغۇ ،ئىسىت سىنى باقىچە ھايۋاننى باقسامچۇ....- ھىچقاچان دادامدىن بۇنداق تىل ئاڭلاپ باقماپتىمەن.دادام مۇش بىلەن دۈمبەمگە بىرنى سالدى ،قۇرسىقىمغا بىرنى تەپتى.ئاغزى،بۇرنۇمدىن چىققان ئوقتەك قان يۈز-كۈزۈمنى قانغا بۇيىۋەتتى. دادام سەل توختىغاندىن كىيىن .كىيىملىرىنى رەتلەپ چامدىدىنىنى ئېلىپ خوشمۇ دېمەي چىقىپ كەتتى. مەن ئۇچرىغان بۇ تۈھمەتكە پەقەت چىدىمىدىم.

مۇزدەك سۇدا يۈزۈمنى يۇيۇپ بۇلۇپ ئۈلىۋالماقچى بولۇپ سىرتقا ماڭدىم.ئاندىن  باغچىغا كىلىپ سىزگە يۇلۇقتۇم.

-ھايۋان ،توۋا ھىلى ئادەم سۈپەت تۈلكە بىلەن پور سىمىز بىرلىشىپ

سىزنى قاماققا ئېلىندۇرماقچى بولماپتىكەندە،يىغلىماڭ، تەغدىر بەزىدە

شۇنداق رەھىمسىز ئادەمنى ئاجايىپ قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ.رەھمەت

پەرىزات ھىكايىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم،ئاللاھ ىالىسا ئۇ ئىككى مەلئۇننى قانۇن تورىغا چۈشۈرۈپ تىگىشلىك جازا بىرمىز.مۇنداق قىلايلى بۈگۈن سىز ھەدەمنىڭ ئۈيىدە تۇرۇڭ ،بەرىبىر قايتسىڭىزمۇ ئۇ چىشى بۆرە سىزنى بوش قويمايدۇ.مەن سىزنى ئاپىرىپ قۇيۇپ ئاندىن چوڭ ئۈيگە باراي،قورقماڭ ،مەن سىزگە ياردەم قۇلۇمنى سۇنسامكەن دەيمەن.باشقىچە

مەخسىتىم يوق-يىگىت شۇنداق دىگەچ مىنى يۈلەپ تۇرغۇزدى.

ئاللاھ خالىسا سىزنىڭ كۈلىدىغان كۈنلىرىڭىزمۇ ئالدىڭىزدا ،خاتىرجەم بۇلۇڭ،جۈرۈڭ تاماق يەڭ كىلەيلى ،شۇ تاپتا قۇرسىقىڭىز ئېچىپ تارتىشىپ

كەتكەندۇ .بىز تاماق يەپ بوپ ئاندىن سىزنى ھەدەمنىڭ ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇياي- شۇنداق قىلىپ جۈرئەت بىلەن بىرگە ماڭدۇق.

ۋىسال دەقىقىلىرى

شۇنداق قىلىپ مەن بىر قانچە كۈن جۈرئەتنىڭ ھەدىسىنىڭ ئۈيىدە تۇردۇم. ئۇلارمۇ ماڭا شۇنداق ياخشى قارىدى. بۇ ئۆي مىنىڭ ئىككىنچى ئائىلەم بۇلۇپ قالغانىدى .كىيىن جۈرئەت پات-پات

تېلفۇن قىلىدىغان ،مىنى سىرتلارغا چاقىرىدىغان بۇلۇپ قالدى. بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كىيىن جۈرئەت قۇرۇنىڭ گۈللۈكىگە ئايلانغىلى تەكلىپ قىلدى.بىز قۇرۇنىڭ گۈللىكى ئارسىدىكى تاش ئورۇندۇقتا ياندىشىپ ئولتۇردۇق.

-پەرىزات ،قانداق بۇ ئۆي بۇلامدىكەن.قانداق نەرسە لازىم بولسا

تارتىنماي دەڭ ،مەن ئەكىرىپ بىرمەن-جۈرئەت ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي

سۈزلەۋاتاتتى.

-ئۆيدىكىلەرگە سىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىڭىزنى دىدىم .ئۇلارمۇ بەك قايغۇردى.تىخىمۇ بەك ياخشى قارىشىمنى ئېيتتى.راس سىز ئۈچۈن يەنە بىر خوش خەۋەر ،ئىستانسىمىزغا ئاۋاز ئارتىسى ئالماقچىتۇق ،سىزمۇ سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. مەن سىزنى تىزىملىتىپ قۇيدۇم.باشلىقىمغا ئالاھىدە تاپىلاپ قۇيدى .بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئىمتىھان بەرسىڭىز بۇلىدۇ-جۈرئەت بىر خىل شوخ،خۇشچىراي بالا بۇلۇپ .بەك كۈيۈمچان ئىدى.

-رەھمەت ھىلىمۇ سىلەرنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم.بۇ ياخشىلىقىڭلارنى قانداقمۇ قايتۇرۇپ بۇلارمەن-خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكىلى تاسلا قالدىم.

-پەرىزات،ئۇزۇندىن بىرى سىزگە دىيەلمەي كىلىۋاتقان بىرگىپىم بارتى ،ئىيتسام رۇخسەتمىكىن-كۈلۈمسىرىدى ئۇ ماڭا قاراپ:

-قانداق ئىش بولسا دەۋىرىڭ ،ھىلىمۇ بەك خىجىلمەن ئالدىڭلاردا...

-دىدىم.

-پەرىزات مەن قەلىپ رۈجەكلىرىڭىزنى چىكىپ دەرت –ئەلەملەردىن

لەختە بولغان يۈرىڭىزگە شام ياندۇرسام بۇلارمۇ-دىدى ئۇ ماڭا تىكىلىپ،-جۈرئەت،مىنىڭ يۈرىڭىم بولسا ئۈلگەن ،ئالتۇن قۇلۇپ سېلىقلق،

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزمۇ بىلىسىز،مەن پىلىلداپ تۇرغان نۇرى قالمىغان،

شام ،قاچان ئۈچۈپ قالىدىغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىز

گە ماس كەلمەيمەن.ياخشىسى بولدى قىلايلى-دىدىم مەن كەسكىنلىك بىلەن.

-پەرىزات مىنى ئۇنداق قىينىماڭ،ھىلىمۇ تۇنجى كۈرۈشكەن ھىلىقى كۈندىن باشلاپ قەلبىمگە ئىشىق ئۇتى تۇتاشقان.ئالتۇن قۇلۇپنى ،مۇھەببەت ماركىلىق شاھانە ئاچقۇچ بىلەن ئېچىش قىيىن ئەمەس.مەن پاك

سۈيگۈم ئارقىلىق گۈلخان ياقسام ئۈچەي دىگەن شاملارمۇ قايتا يالقۇنجايدۇ ئەمەسمۇ. ئاشىقلىق كىسىلىگە مۇپتىلا بوپ بىتاپ بولغىلى خىلى كۈنلەر بولدى .ئۈزىڭىز تىۋىپ بولغاندىن كىيىن تۇمۇر تۇتۇپ مەلھەم بولغىدەك دورا بىرەسىز-جۈرئەتنىڭ بۇ گەپلىرىدىن كۈلگۈم كىلىپ؛

-ھاھاھاھا...ساراڭ ،كىيىن سەن بىر كىسەل كۈرپىسى دەپ مىنى بۇزەك قىلسىڭىزچۇ؟

-سىزنى بوزەك قىلدىغان بولسام مىنى يەر يۈتسۇن،ماشىنىغا مىجىلىپ

ئۈلەي،توك سۇقىۋەتسۇن...-بىر قۇلۇم بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالدىم.

-ئۇنداق ئاغزىڭىزنى ئۈشمەڭ ،ئۈلۈم مەن بىلەنلا كەتسۇن .سىز بولسىڭىزمۇ كۈننىڭ سىرىقىنى كۈرۈپ خوشال ياشاڭ-دىيىشىمگە گىپىمنى تارتىۋېلىپ .

-قاراڭ پەرىزات،مەن ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتۈمگە سىزنى تاللاپ ،قەلبىمگە

ئىسمىڭىزنى تامغا قىلىپ ئۇيۇپ بولغانمەن. ھەر قانداق يىگىت ئۈزى

ياخشى كۈرگەن قىز ئۈچۈن جىنىنى ئايىمايدۇ .ھەتتا شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ مىنى تاشلاپ كەتسىڭىزمۇ تاۋۇتىڭىزنى كۈتۈرۈپ ،تۇپراق بىشىڭىزغا چىقىپ دۇئا قىلىدىغان ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشنى

خالايمەن قانداق ،مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن جىنىم،بۇ قانداقتۇر

سىزگە ھىستاشلىق قىلىش ئەمەس بەلكى بۈيۈك بىر ئارمان ،قەلىپ

باغچىڭىزدىكى بىر تال كۈچەت بولسام دەيمەن بۇلارمۇ؟-جۈرئەت

ئاستا مىنى تارتىپ مۆرىسىگە بىشىمنى قۇيغۇزدى.

-مىنى بۇنداق ئىشقىڭىزدا كۈل قىلماي ئازراق شەربەت بىرىڭ،

شۇ تاپتا ۋىسال دەقىقىلىرىنى كۈتۈپ ئۇسساپ ئۈلەي دىدىم.ماقۇل دەڭ بۇلامدۇ جىنىم..-ئۇ ئىككى قۇلى بىلەن يۈزلىرىمنى سىيلاپ تۇرۇپ سورىدى.مەن قىزىرىپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.چۈنكى ھىچقاچان

بۇنداق ئاتەش كەبى ئىللىق ھارارەتنى تۇغۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە ھىس

قىپ باقمىغانكەنمەن.

ماقۇل .جۈرئەت-ئاستا پىچىرلىىدىم.ئۇ خۇشاللىقىدا قىن-قىنىغا پاتماي

مىنى كۈتۈرۈپ قۇرۇ ئىچىدە ۋارقىراشقا باشلىدى.

-ۋويييييييييييييييييييييييييييييي بىز نىمە دىگەن بەخىتلىك ،ئاللاھ بىزنى مەڭگۈ ئايرىمىسۇن .پەرىزات مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن.....-جۈرئەت مىنى باغرىغا باستى .. بىز بىر ھازا شۇنداق شىرىن ھىسسياتلارنىڭ مۇڭلۇق كۈيىگە جۈر بۇلۇپ قۇچاقلىشىپ تۇردۇق.

شۇنداق قىلىپ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسلىق ئىمتىھانىنىدىن جۈرئەتنىڭ ياردىمى بىلەن غەلبىلىك ئۈتتۈم. بىز بىر يەنە بىر ئىدارىدە

خىزمەت قىلالايدىغان  بولدۇق. دادامنىمۇ ئىزدەپ تاپتىم .ئەينى ئەھۋالنى قايتا چۈشەندۈردۈم .شۇنداق قىلىپ دادام باش بۇلۇپ جۈرئەت بىلەن بەخىتلىك ھالدا تۇيىمىزنىمۇ قىلۋالدۇق. ئازاپلىق ئۈتمۈشۈم بارا-بارا

قەلىپ كارتىنامدىن يىراقلىشىپ كەتتى. بىز مۇھەبەتنىڭ ئابىھايات

شاراپلىرىدىن قانغۇچە ئېچىپ بەھىرلەنگەچ تۇرمۇشىمىزنىڭ زۇلال سۇلىرىدىن ئۇزۇق ئىلىپ بەخىت ناخشىمىزنى پەلەككە يەتكۈزدۇق...


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93622
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-3-20
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 03:06:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 03:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىمران

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13542
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 03:54:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىز يازدىڭىزما........قابىلىيىتىڭىز ياخشىكەن........داۋاملىق تىرىشىڭ...

ﻧﺎن ﺑﻪرﮔﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎلاﻳﻤﺎڭ، ﻛﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰ،ﺗﻮﻏﺮا ﺳﯚزﻟﻪڭ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ يۈزﯨﯖﯩﺰ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚپ ﻳﻮﻟﻠﯩﻤﺎڭ، ﮬﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﻳﯜزﯨﯖﯩﺰ،ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2849
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9143
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 04:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى ياخشى ئاخىر لىشىپتىغۇ ،بىرنى بەمىگەن خۇدايىم بىرنى بېرىدۇ ئاشۇنداق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2849
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9143
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 04:23:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز كۈيچى تورىدېكى ئەلناز كەنسىزدە؟؟؟؟؟؟؟؟

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23434
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3295 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 04:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى سەل يېغىنچاق چىقىپ قالدىمۇ قانداق ؟ ھېلىقى ئانىنىڭ كىيىنكى كۈنلىرى قانداق بولدى ؟؟؟؟؟؟

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8498
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 3873 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 04:32:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك ھىكايە بوپتۇ  . بىراق  مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى، ئۇنتۇپ  قالدىڭىزمۇ  قانداق؟؟

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85310
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-9-22
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 04:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇييۇ ئەلنازخان  ھىكايە يازىدىغان بولۇپ كەتتىم دەڭە تېخى،  تېخى  ھازىر كۈيچى مۇنبىرىدە كۆرگەنتىم  بۇ ھىكايىڭىزنى... داۋاملىق تىرىشىڭ، قارىسام يېقىندىن دائىم قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ قاپسز،تىرىشىڭ جانىم!

كۈيچى كۇلۇبى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىللىق  ئائىلىسى 语音yy   www.kuyqi.cc
:28277ID

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 07:18:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى سەل يىغىنچاق بولۇپ قاپتۇ. يەنە بىر تىرشىۋەتسىڭىز بولغىدەك.ياخشى يېزىپسىز.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش