شائىر رۇقىيە ئابدۇللاغا بىلەت تاشلاڭ
شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بىلەن ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپى بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئانىلارنى باھالاش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش پائالىيىتىدە بىزنىڭ سۆيۈملۈك شائىرە دوستىمىز، كۇسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەرىرى، شائىر رۇقىيە ئابدۇللا خانىممۇ نامزاتلار قاتارىدىن شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالدى. ئالدى بىلەن بىز بارلىق يازغۇچى ـ شائىر قەلەمكەشلار قەۋىمى رۇقىيە ئابدۇللا خانىمنىڭ بۇ شان ـ شەرىپىدىن ئىپتىخار ھېس قىلىمىز. ئارقىدىن رۇقىيە ئابدۇللا خانىمنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق ئۆتكەلدىن يەنە بىر قېتىم مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ <<مېھرىبان ئانىلار>> ۋەكىلى بولۇپ تاللىنىپ چىقىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي بۇرچى بىلەن ياردەمدە بولۇشقا تىرىشىمىز.
رۇقىيە ئابدۇللا خانىم، بىز بارلىق قەلەمكەش ئاكا ـ ھەدە، ئىنى ـ سىڭىل، دوست ـ بۇرادەرلەر سىزنىڭ يېنىڭىزدا. يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ!
رۇقىيە ئابدۇللا خانىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
رۇقىيە ئابدۇللا خانىمنىڭ خىزمەت ھاياتى
رۇقىيە ئابدۇللا 1972-يىلى5- ئاينىڭ 27-كۈنى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1991-يىلى خوتەن ئالىي سىفەن تېخنىكومىنىڭ جۇغراپىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۇچا ناھىيىلىك ئۈچئۆستەڭ ئوتتۇرا مەكتەپ، كۇچا ناھىيىلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2000-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ 2002-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكولتىتىدا تولۇق كۇرس سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان. ھازىر كۇچا ناھىيىلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، نۆۋەتتە <<كۈسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلى>>نىڭ تەكلىپلىك مۇھەرىرىلىك خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ.
رۇقىيە ئابدۇللا خانىم 1996-يىلى جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت ھاياتىدا مەكتەپ ۋە ناھىيە تەرىپىدىن «ئىلغار ئوقۇتقۇچى»، «ئۈلگىلىك سىنىپ مەسئۇلى»، «ئىلغار دەرس ئوقۇتقۇچىسى»، «مۇنەۋەر پارتىيە ئەزاسى»، «8-مارت قىزىل بايراقدارى»، «تۆھپىكار ئانا»... دەپ مۇكاپاتلانغاندىن سىرت، 2006-يىلى جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى كۇچا ناھىيەلىك كومىتېتى 11-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇ ئاخىرى ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن كۇچادىكى تۇنجى « مېھرىبان ئانىلار ئۇيۇشمىسى»نى قۇرغان.
رۇقىيە ئابدۇللا خانىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى
رۇقىيە ئابدۇللا خانىم 1990- يىللاردىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «ھەسرەتلىك تىنىقلار»، «سۈۋەرەك»، «ئەقىدە»، «قايسىمىز مەست؟»، «ئاخىرقى مەكتۇپ»... قاتارلىق ھېكايە-نەسىرلىرى، «ئۆزۈمنى دوئېلغا چىللايمەن ھەردەم»، «ئايال»، «تۇمارىس»، «مۇھەببەت»، «زېمىننىڭ چۈشى»، «نىساخان ئانا»، ... قاتارلىق داستان-شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا يەنە ئۆزى ۋە پاتىگۈل نىياز بىلەن بىرلىشىپ يازغان «يېڭى دەرس ۋە ئىستېتىك تەربىيە»، « بۈگۈنكى ياپونىيە جەمىيىتى، ئۈرۈمچى ۋە كۇچا...»، « تارىخ ۋە يىلتىز» ، «مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشىشى ۋە زىيالىلارنىڭ سەمىمىيىتى»، « مۇھەببەت چەكسىزلىكىدىكى ئاياللار ئۆزلۈكى»، «روھىيەت يىلتىزىدىكى ئەركەكلىكنىڭ جۇلاسى» «مائارىپ ئامىلىنىڭ چەكسىزلىكى بىلەن خاراكتىر ساپاسىنىڭ مۇناسىۋىتى» ... قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2009-يىلى «تۇمارىس» ناملىق داستانى «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن چىمەنزار ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2010-يىلى «فېۋرالنىڭ چۈشى»ناملىق داستانى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» تەرىپىدىن «تارىم باھارى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 2007-يىلى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «مۇنەۋەر ئاپتور» مۇكاپاتىغا، 2010-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «تۆھپىكار ئەدىپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2009-يىلى كۇچالىق ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن «زېمىننىڭ چۈشى» ناملىق ئەدەبىي مەجمۇئەنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە مۇھىم رول ئوينىغان. 2012-يىل 2-ئايدا «فېۋرالنىڭ چۈشى» ناملىق شېئىر–داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. نۆۋەتتە «ساڭا خوش دېيەلمەيمەن» ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى نەشردىن چىقىش ئالدىدا. پاتىگۈل نىياز بىلەن بىرلىشىپ يازغان «مەدەنىيەت قىرغاقلىرىنى بويلاپ» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشرگە سۇنۇلدى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، كۇچا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنڭ باش كاتىپى.
<<تۆۋەندىكىسى مېھرىبان ئانىلار نامزاتىغا بېلەت تاشلاش تور بېكىتى بولۇپ، دوستلارنىڭ رۇقىيە ئابدۇللا خانىمنى بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن قىزغىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بېلەت تاشلاش ۋاقتى: 4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىگىچە.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 2833769 – 0991
ئېلخەت ئادرېسى: 415517270@qq.com
تور بېكەت ئادېرىسى: http://new.barmu.cn/vote/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 06:19 PM