مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5690|ئىنكاس: 31

ئىران تىللىق خەلىقلەردىن ﭘﺎﺭﺱ،ﺗﺎﺟﯩﻚ،ﭘﻮﺷﺘﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 690
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:30:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىران تىللىق خەلىقلەردىن ﭘﺎﺭﺱ،ﺗﺎﺟﯩﻚ،ﭘﻮﺷﺘﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ
پارسلار







پارسلار ئىراندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ <پېرسيىلىكلەر>،<ئىرانلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى ئىراندا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 70 مىليون 400 مىڭ. پارسلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 66 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئىراق، پارس قولتۇقى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكىدىمۇ تەخمىنەن 300 مىڭدىن كۆپرەك پارس تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
پارسلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران (پارس) تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي تىللار تارمىقىغا تەۋە دەرى (پارس) تىلىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل ئىراندا دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
پارسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (90 پىرسەنتى) ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
پارسلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شەھەر نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 46 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىراندا دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە مەدەنىيەت چوڭ ھوقۇقى ئاساسەن پارسلارنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، بۇساھەلەردە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
پارسلار ئىراندىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇپ، پارس قەبىلىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩ ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا، كافكاز ئەتراپىدىن ھازىرقى ئىران تەۋەسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا زېمىنىدىن ھالقىغان پېرسىيە (ئىران) ئىمپېرىيسىنى بەرپا قىلغان. بۇ دۆلەت جۇڭگۇ تارىخنامىلىرىدا <ئارساك> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن تارتىپ <يىپەك يولى> ئارقىلىق جوڭگۇ بىلەن باردى - كەلدى قىلىپ كەلگەن.
پارسلار بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان غىزالارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، سۈت، قايماق، قوي، توخۇ گۆشلىرىنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ.
پارسلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كۆپىنچە تىزىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان كەڭ يەكتەك ياكى پەرىجە، ئىچىگە ياقىسىز كۆڭلەك كېيىۋالىدۇ، بېشىغا يىپەك رەختتىن سەللە ئورىۋالىدۇ؛ ئاياللىرى بېشىدىن تارتىپ پۇتىغىچە پۈتۈن بەدىنىنى <چادۇل> دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇن قارا پەرەنجە بىلەن يېپىپ يۈرىدۇ، ئادەتتە قولى بىلەن يۈزىدىن باشقا جايلىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەيدۇ، خوتۇن - قىزلىرى بېشىغا ياغلىق چېگىۋالىدۇ.
پارىسلارنىڭ روزى ھېيىت، قۇربان ھېيت ۋە قەدىر قاتارلىق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا، نورۇز (باھار) بايرىمى، <ساددا> بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرىمۇ بار.
پارسلار پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپلا قەيسەر، سەمىمىي، ئوچۇق - يورۇق، ئەدەپلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ، پەرزەنتلىرىمۇ ئاتا - ئانىلىرنى بەك ھۈرمەتلەيدۇ، ئۇلار بار يەردە ئەسنىمەيدۇ، كېكەرمەيدۇ، مىشقىرمايدۇ.
پارسلارنىڭ تۇرمۇشتىكى پەرھىزلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ. پارسلار ھاراق ئىشلەشنى، ھاراق سودىسى قىلىشنى ۋە ھاراق ئىچىشنى، ئوغرلىق قىلىشنى، زىناخۇرلۇقنى مەنئىي قىلىدۇ؛ ئاياللارنىڭ بولۇپمۇ چۈمبەل تارتقان ئاياللارنىڭ ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ سودا ماركىسى ئىشلەشنى مەنئىي قىلىدۇ؛ گىلەم، كەشتىلەرگە ئادەم سۈرىتىنى چۈشۈرمەيدۇ، قىسقىسى شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلار قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.
پارسلار سۇ، ئوت، تۇپراق، ئاق ئۇننى مۇقەددەس بىلىدۇ؛ ئاق نەرسىنى، ئاق ۋە قىزىل رەڭنى پاك - ساپلىقنىڭ، بەخىت - سائادەت ۋە شاد - خوراملىقنىڭ سىماسى ياكى سىمۋولى دەپ ھېسابلايدۇ، سېرىق رەڭنى يامان كۆرىدۇ، شۇڭا كىشلەر ئۆز - ئارا سېرىق رەڭلىك گۈل تەقدىم قىلمايدۇ.
پارسلار <7> رەقەمنى خەيرلىك، بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئەدەبىيات تەسۋىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بۇ رەقەمنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ.
پارسلار كۆركۈم گۈلى بىلەن ئەتىرگۈلنى مىللەت گۈلى دەپ قاراپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ.
پارسلار <13> رەقەمنى يامان كۆرىدۇ، شۇڭا نورۇز بايرىمىنىڭ 13 - كۈنى ھەممە كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى بىر كۈن تاشلاپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار شۇ كۈنى جىن - ئالۋاستى، شاياتۇنلار يەر يۈزىگە چۈشۈپ، كىشلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.
پارسلار قىزلچىنى پېشكەللىك ۋە يامانلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ، شۇڭا پارسلاردا يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە قىز سوراپ بارغاندا، قىز تەرەپ قىزىنى بېرىشنى خالىمىسا قىزىلچا شورپىسى بىلەن يىگىت تەرەپنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ، يىگىت تەرەپنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پارسلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. پارس خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەپسانە، رىۋايەت، داستان، ماقال - تەمسىل، ناخشا - قوشاق، ھېكايە - چۆچەك قاتارلىق كۆپ خىل ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق قەدىمكى ئېپىك داستان <ئاۋېستا> ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ داستان مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن بولۇپ، مىلادى Ⅲ - Ⅳ ئەسىرلەرگە كەلگەندە رەتلىنىپ، كېيىن زەردۇشت (ئوتپەرەسلىك) دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرىغا ئايلانغان؛ ئۇنىڭ مەزمۇنى مول، كۆلىمى چوڭ بولۇپ، جەمئىي 21 توم كېلىدۇ. بىراق كۆپ قىسمى زامانىمىزغا يېتىپ كەلمىگەن.
پارس-تاجىكلارنىڭ مەشھۇر شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى (941 - 1020) تەرىپىدىن رەتلەنگەن، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3200 - يىلدىن 650 - يىلغىچە 50 نەچچە پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھلىرى، سەركەردە - پالۋانلىرى، دانىشمەنلىرى ۋە ئاددىي خەلقلەرنىڭ ئوبرازىنى ئاساس قىلغان 120 مىڭ مىسرالىق ئىپىك داستان - <شاھنامە> كىشلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن خەلق ئەپسانە - رىۋايەتلىرى مۇجەسسەملەشكەن.
پارس-تاجىك خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىدا، پارس-تاجىك خەلقىنىڭ تەبىئەت ، جەمىئىيەت، كىشىلىك تۇرمۇشى، پاك سۆيگۈ - مۇھەببەت، ئادالەتپەرۋەرلىك ۋە خەلقچىللىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى ئوبرازلار ئارقىلىق جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن.
ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، تىلى راۋان، قۇرۇلۇشى پۇختا كېلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە راۋاجلىنىپ يۈكسەك سەۋىيىسگە يەتكەن، بولۇپمۇ Ⅹ - ⅩⅤ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىل پارس-دارى تىل - يېزىقى بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان بىر مۇنچە كلاسسىك يازغۇچى شائىرلار دۇنياغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە <شاھنامە> ۋە <يۈسۈپ - زىلەيخا> ناملىق داستانلىرى بىلەن داڭ چىقارغان ئۇبۇلقاسىم فىردەۋسى (934 - ياكى 941 - 1020)، ئالتە توملۇق شئېرلار توپلىمى <مەسنىۋى> سى بىلەن شۆھرەت قازانغان جالالىددىن مۇھەممەد رۇمى ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئاپتورى شەيىخ سەئىدى شېرازىي (1184 - 1291)، <رۇبائىلار> بىلەن شۆھرەت قازانغان ئۆمەر ھەييام (1049 - 1123) ۋە كىلاسسىك شائىر مۇھەممەد شەمشىدىن ھافىز شىرازىي (1320 - 1391) قاتارلىقلار دۇنياغا مەشھۇر.
پارس-تاجىك ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما ئەدەبىياتى شەرق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. پارسلاردا تارىخشۇناسلىق ۋە تەزكىرىچىلىك ئىلمىمۇ بىر قەدەر راۋاجلانغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر تارىخچى ئالاۋىددىن ئاتتامۇلك جۇۋەينى (1283 - يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى <تارىخىي جاھانكۇشاي> (دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ تەرجىمىھالى)، راشىددىن (1247 - 1318) ۋە ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى - <جامئۇل تەۋارىخ> (تارىخ توپلىمى) ۋە نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان <ھۇدۇدۇلئالەم> قاتارلىقلار بار. بۇئۈچ ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىر، بولۇپمۇ مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى، تۈرك، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
پارسلار تارىختا ئاۋېستا كونا كالېندارى، ئاۋېستا يېڭى كالېندارى، ئىسلام قۇياش كالېندارى، ئىسلام قەمەرىيە كالېندارى قاتارلىق كۆپ خىل كالېندارنى قوللىنىپ كەلگەن.
پارس ئىسلام قۇياش كالېندارى ھىجرىيە شەمسىيە كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كالېندار بويىچە 622 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (نورۇز) يىل بېشى قىلىنىدۇ، ئۇ مىلادىيە ھېسابىدا 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇخىل كالېندارنى پۇشتۇلار ( ئاففانلار) مۇ قوللىنىدۇ.
پارس ئىسلام ئاي كالېندارى ھىجرىيە شەمسىيە كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كالېندارنى ھىجرىيە شەمسىيە كالېندارىغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 11 كۈن كەم بولىدۇ. شۇڭا مىلادى 1987 - يىلى ئىسلام قۇياش كالېندارى بويىچە 1366 - يىلى بولسا، ئىسلام ئاي كالېندارى بويىچە 1408 - يىلغا توغرا كېلىدۇ؛ مىلادى 1990 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئىسلام قۇياش كالېندارى بويىچە 1369 - يىلى بولسا، ئىسلام ئاي كالېندارى بويىچە 1411 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
پارسلارنىڭ گىلەمچىلىك، كەشتىچىلىك، توقۇمىچىلىق، زەگەرلىك، مىسكەرلىك ۋە نەققاشلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئىتى تەرەققىي قىلغان؛ بولۇپمۇ پارس (ئىران) گىلىمى خام ئەشىياسىنىڭ ياخشىلىقى، ھۈنەر سەنئىتىنىڭ نەپىسلىكى، تۈرىنىڭ كۆپلىكى، نۇسىخىلىرىنىڭ چىرايلىق - سەرخىللىقى، رەڭگارەڭلىقى ۋە جۇلالىقى بىلەن دۇنياغا داڭقى بار. پارسلار ئەزەلدىن گىلەمنى دۆلەت بايلىقىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
پارسلاردا بۇرۇن ئىسىملا قوللىنىپ، فامىلە قوللىنىلمىغان. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەرنىڭ تەسىرى بىلەن فامىلە قوللىنىشقا باشلىغان. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىسىم تەرتىپى - ئۆزىنىڭ ئىسمى، فامىلىسى ۋە ئاتىسى ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، ئىسىمنىڭ ئالدىغا <ئەبۇ> (پالانىنىڭ ئاتىسى مەنىسىدە) <ئىبىن> (پالانىنىڭ بالىسى مەنىسىدە) قاتارلىق قوشۇمچىلارنى قوشۇپ ئاتايدۇ.



تاجىكلار

http://v.youku.com/v_show/id_XNTE5ODI3MzYw.html


تاجىكلار ئاففانىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 28 مىليوندىن كۆپرەك.
تاجىكلارنىڭ 10 مىليوندىن كۆپرەكى ئاففانىستاننىڭ ھېرات بوستانلىقى، بەدەشقان ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي باغرىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ 5 مىليون 800 مىڭى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 79 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. 10 مىليوندىن كۆپرەكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان، قالغان قىسمى قىرغىزىستان (40 مىڭ)، روسىيە(5 يۈز مىڭ)، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (41 مىڭ)، پاكىستان( 1 مىليون 2 يۈز مىڭ)، ئىران ( 1 مىليون 7 يۈزمىڭ)، گىرمانىيە (120 مىڭ)، قاتار (87 مىڭ)، ئامرىكا (52 مىڭ)، كانادا(15مىڭ) ھىندىستان، كەشمىر، بېنگال قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
تاجىكلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرىقى ئىران تىلى تارمىقىغا تەۋە تاجىك تىلىنىڭ تۆت چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بۇتىل دەررىي (پارس) تىلىغا يېقىن. ئېلىپبەلىك مىللىي يېزىقى بار.
ئاففانىستان تاجىكلىرى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى شىئە مەزھىپىگە، ئاز قىسمى ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، تاجىكلاردا دىنىي پائالىيەت ناھايىتى كۆپ..
تاجىكلارنىڭ تۈزلەڭلىك - بوستانلىقلاردىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تاغلىق جايلىرىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
تاجىكلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅹ ئەسىرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن شەرىقى ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئارىئان قەبىلىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى سۇغدىلار، توخارلار، خارەزىملەر، فەرغانىلار، ساكلار، باكتىرىيىلەر ۋە تۈركلەر قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارنىڭ قىسمەن ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدىنپەي Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە دۆلەت قۇرغان.
ئومۇمەن تاجىكلار ئادەتتە قېتىق، پىشلاق، قۇرت، قېمىز، قايماق ۋە سېرىق ماي قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۈچ ۋاق ئەتكەن چاي ئىچىدۇ.
تاجىكلار خۇشخۇي ۋە چاقچاقچى كېلىدۇ؛ ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالام سائەتتىن كېيىنلا گەپنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەننىۋاسى نەغمە - ناۋا ۋە چاقچاق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
تاجىك يىگىت - قىزلىرىنىڭ تويى ئادەتتە ئاتا - ئانىلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشى، مەسلىھەتى ۋە رازىلىقى بىلەن بولىدۇ.
تاجىكلاردا ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
تاجىكلارنىڭ ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، روزا ھېيىت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي ھېيىت - بايراملىرىدىن باشقا شاۋگۇن باھار (نورۇز)، پىلىك ھېيت (بارات)، تېغىم زوۋاسىت (تېرىلغۇ)، زۇۋۇر (سۇ باشلاش) ۋە مەھۇرگان (مول ھوسۇل) قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
تاجىكلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت بولۇپ، مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە. تاجىكلار تارىخىدا جەپپار رۇداكى، ئىبنى ئەھمەد بىرونى، سەئدى، ئىبنىسىنا، ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسى، جالالىدىن رۇمى، ئەبۇ سەئىد گەردىزى، ناسىرخىسراۋ، جالالىدىن نۇرىددىن، ئابدۇراخمان جامى، كامال خوجەندى ۋە جۇۋەينى قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپپەككۇرلار ۋە ئەدىبلەر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار دەرى يەنى پارس - تاجىك تىل - يېزىقى بىلەن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ تاجىك يازما ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان.
تاجىكلار ئاق ئۇننى ۋە تۇزنى بەكمۇ ئەزىزلەپ، ئۇنى پاك - ساپلىق ۋە بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ.
تاجىكلار ئەدەب ئەخلاقلىقنى ۋە قائىدە يوسۇنلۇقلىقى بىلەن داڭلىق. تاجىكلاردا ئادەتتە تەڭتۇش ئەرلەر ئۇچراشقاندا بىر - بىرىگە قول بېرىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن قولىنىڭ كەينىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ تەڭتۇش ئاياللار ئۇچراشقاندا بىر - بىرى بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ كىچلەر چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا چوڭلارنىڭ ئالقىنىغا سۆيۈپ قويىدۇ، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ مەڭزىگە ياكى پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ بىراق ياتلىق بولغان قىزلار بىلەن كېلىنچەكلىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە بولمايدۇ.
تاجىكلار چوڭلارنى، ئاتا - ئانىلىرىنى بەكمۇ ھۈرمەتلەيدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، سۆزىنى بۆلىۋەتمەيدۇ، تۇرمۇشتا ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ كىشلەر ئارا جېدەل - ماجرا ۋە غەيۋەت - شىكايەت كەم ئۇچرايدۇ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ.
تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىچىدە، ھەرخىل پۇرۇچ - قوراقلاردىن تىكىلگەن يوتقان - كۆرپە پەردىلىرى، ياستۇق، قاچا - قۇچا قېپى ۋە ھەر خىل كەشتىلىك كىيىم – كېچەكلىرى، ھەرخىل سازلار،  قويۇق يەرلىك مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، بۇنى ئاساسەن ئاياللار قىلىدۇ.
تاجىكلاردا بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى زور خوشاللىق ئىش دەپ بىلىدۇ، ئوغۇل تۇغۇلسا ئۈچ پاي ئوق ئېتىپ بۇۋاقنىڭ باتۇر، قەيسەر ئادەم بولۇشىنى تىلەيدۇ، قىز تۇغۇلسا بېشىغا بىر سۈپۈرگە قويۇپ، قىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كېلىپ، بۇۋاقنىڭ بەدىنىگە ئاق ئۇن چېچىپ بەخت تىلەيدۇ.


ئاففانلار


ئاففانلار ئاففانىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئاففانلار ئەمەلىيەتتە پۇشتۇلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسەن ئاففانىستاننىڭ شەرقى يەنى ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاففانلار ئومۇمىي نوپۇسى 12 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 47 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر پاكىستان تەۋەسىدە 1 مىليوندەك ئاففان بار.
ئاففانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە دەرى (ئاففان) تىلىنى قوللىنىدۇ.
ئاففانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى (ئاساسەن تۆرىلەر) شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاففانلارنىڭ 71 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن، 20 پىرسەنتى يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا بۇغداينى ئاساس قىلغان ھالدا، ئارپا، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا ۋە پۇرچاق تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئات بېقىلىدۇ.
ئاففانلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى نەچچە ئەسىر داۋامىدا سۇلايمان تاغلىق رايونىدىن ھىندى دەرياسى ۋادىلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر ئىدى. ئۇلار دەسلەپ سۇلايمان تاغلىق رايونىدا ياشاپ، Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەرگە كەلگەندە، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي تېرىقچىلىق تۇرمۇشىغا كۆچكەن ھەمدە ھازىرقى ئاففانىستاننىڭ غەربىي شىمالىي ۋە شەرىقى جەنۇبىي رايونىغا كېڭەيگەن، ئۇلار تەرەققىيات داۋامىدا، تاجىك، ھىندى، ۋە تۈرك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلىپ، ئاففانىستاندىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئاففانلار ئاساسەن دۇرانىنلار ۋە غىلزايلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنىدۇ.
ئاففانلار بۇغداي بىلەن كۆممىقوناقنى ئاساسىي ئوزۇق، قوي گۆشى بىلەن كۆكتاتلارنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مىللىي غىزالىرىدىن - شورپا بىلەن تونۇر كاۋىپى بىر قەدەر مەشھۇر.
ئاففانلار مەۋلۇد، قۇربان ھېيىت، روزا ھېيىت، ۋە ئاشۇرا، مىراج، قەدرى كېچىسى قاتارلىق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا يېڭى يىل يەنى باھار بايرىمى (نورۇز) نى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ، ئادەتتە بۇ بايرام مىلادى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى باشلىنىپ 15 كۈندەك داۋام قىلىدۇ. ھېيىت - ئايەم كۈنلىرى تېكە (ئۆچكە) ئۈسۈشتۈرۈش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، كۈچ سىنىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
ئاففانلار مەرد، مېھماندوسىت كېلىدۇ. ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى ئاۋۋال چاي، ئاندىن چىلىم (تاماكا)، ئاخىرىدا غىزا بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.
ئاففانلارنىڭ چىلىمى ئادەتتە مىس ياكى ئەينەكتىن ياسىلىدۇ، بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە 4 - 5 ئادەم تاماكا تارتىشقا بولىدىغان نەيچىلىرى بولىدۇ.
ئاففانلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا <ئەسسالامۇ ئەلەيكوم>دەپ سالام بېرىدۇ، بەزىدە ئوڭ قولىنى ماڭلىيىغا تەككۈزۈپ تازىم قىلىشىدۇ.
ئاففانلار ئاق رەڭنى مۇقەددەس، ئۇلۇغ بىلىدۇ، شۇڭا ھەر يىلى تۇنجى قار ياغقان چاغدا ئۇنى <قۇتلۇق قار>، <خاسىيەتلىك قار> دەپ قاراپ، قارلىق تاشلاش (ئاففانچە <بارخى>دەپ ئاتىلىدۇ) ئادىتى بار.
ئاففانلار مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى ئانچە راۋاج تاپمىغان بولۇپ، ساۋاتسىزلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.


پۇشتۇلار


پۇشتۇلار پاكىستان بىلەن ئاففانىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <پاتانلار>،<پاكتۇنلار> ۋە <ئاففانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 24 مىليون 500 مىڭ. ئۇلارنىڭ 6.60 پىرسەنتى (12 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، پاكىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ) پاكىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھىندى دەرياسى ۋادىسى بىلەن سۇلايمان تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چېگرا ئۆلكىلىرى، بېلۇجىستان ۋە قەبىلىلەر رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ پۇشتۇلارنىڭ 39 پىرسەنتى (تەخمىنەن 9 مىليوندىن كۆپرەكى) ئاففانىستاننىڭ شەرىقى قىسمى يەنى ھىندۇقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئاففانىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 9.52 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.پۇشتۇلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى (بەزىلەر ھىندى - ئارىئان تىللىرى گۇرۇپپىسى دەيدۇ) نىڭ شەرىقى تىل تارمىقىغا تەۋە پۇشتۇ تىلىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ پارس ۋە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. پۇشتۇ تىلى ئاففانىستاندا ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.
پۇشتۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
پۇشتۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسىم ئاھالىلىرى سودا - سانائەت، بىناكارلىق تارماقلىرىدا ئىشلەيدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، تېرىق، كېۋەز ۋە مېۋە - چېۋە يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىچىلقتا قوي، كالا ، تۆگە بېقىلىدۇ.
پۇشتۇلار قەدىمكى زاماندا بۇ يەرنى ئىگىلىگەن ئارىئانلار بىلەن بۇ يەرگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆچۈپ كەلگەن گرېك، پارس، موڭغۇل قاتارلىق قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلۇشىدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
پۇشتۇلار پاكىستان بىلەن ئاففانىستانغا بۆلۈنۈپ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، تۇرمۇش ئادەتلىرى جەھەتتە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، بولۇپمۇ ئاففانلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ (ئاففانلارغا قاراڭ). ئومۇمەن پۇشتۇلار بۇغداي ئۇنى بىلەن گۈرۈچنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ئاچچىق - چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆكتاتلارنى قورىماي خام ئىستېمال قىلىدۇ، چاي (ئەتكەن چاي) نى كۆپ ئىچىدۇ.
پۇشتۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا ئۇزۇن، كەڭ يەڭلىك يەكتەك بىلەن شالۋۇر كېيىپ، بېلىنى باغلىۋالىدۇ، بېشىغا ئورومال ياكى سەللە ئورىۋالىدۇ؛ ئاياللىرى كەشتىلەنگەن كوپتا ياكى يوپكا كېيىپ، ئۇچىسىغا سارى ئارتىپ، بېشىغا قارا چۈمبەل سالىدۇ، زىننەت بۇيۇملىرى تاقايدۇ. ئاياللار ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتسە ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە قولىدىكى بىلەيزۈكنىمۇ ئېلىۋېتىدۇ.
پۇشتۇلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا نورۇز (يېڭى يىل) نى داغدۇغىلىق قارشى ئالىدۇ.
پۇشتۇلار بايرام ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرى تۆگە بەيگىسى، ئات بەيگىسى، ئات ئۈستى توپى، چېلىشىش، بۈركۈت قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
پۇشتۇلارنىڭ مېيتنى ئۇزىتىش ئادىتى ئالاھىدە بولىدۇ، ئۇلاردا بىرەيلەن قازا تاپسا، ئۆز جەمەتىدىكىلەر داد - پەريات ئېيتىپ يىغلاشتىن باشقا، بەزى كەسپىي ئۆلۈم ئۇزاتقۇچى ئاياللار ئەترىتىنى ياللىۋېلىپ مېيىتنى ئۇزىتىش ئادىتى بار. بۇنداق ئەترەت ئادەتتە 25 - 30 ئايالدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يۇرت ئارىلاپ، مېيتنى ئۇزىتىش ئىشىنى ھۆددىگە ئالىدۇ.
پۇشتۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى پەرھىزلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. چارۋىچىلىرى ئادەتتە ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ سالاھىتى ۋە شەخسىي ئىش - ئوقىتىنى ئۈچ كۈنگىچە سۈرۈشتۈرۈشنى يامان كۆرىدۇ ھەمدە مېھماننىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە باشقا جايغا يۆتكىلىپ كېتىشىنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارايدۇ.
پۇشتۇلاردا ئوتنى ئۇلۇغلاش ئادىتى بار. شۇڭا ئۇلار نورۇز ھارپىسى ئاخشىمى، بالا - قازا ۋە ئاغرىق - سىلاقتىن خالىي بولۇشنى تىلەپ، ئوتقاش (گۈلخان) سېلىپ، ئۇنىڭدىن ھەممە كىشى سەكرەپ ئۆتىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئوتقا چوقۇنۇش، ئوتنى ئۇلۇغلاش ئادىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا كېرەك.



(ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻘﯘﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ ﻟﻮﻏﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﻯ. ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﯩﺘﺎستىكا ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺳﺎﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺯ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭙﺘﯘ) تاجىكام مۇنبىرىدىن.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salman888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 05:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92463
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 05:15:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى تاجكلارنى تۈركى تىللىق مىللەتمىكىن دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74967
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 11:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجىكىستاندىكى تاجىكلاردىن سىرىتتىكى تاجىكلار كۆپمۇ نىمە.

سەن ئۈلۈمنى ئۇنۇتسانڭمۇ ئۈلۈم سىنى ئۇنۇتمايدۇ.   بۇنىمۇ ئويلۇنۇپ قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 12:03:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خيلى ممنونيم، با تشكر  از شما.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 12:12:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭدىكى تاجىكلار بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردا، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرمەي ئۇرۇشتىن قىچىپتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 12:59:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارىس،تاجىك،ئافغان ....مىللىتى توغرىسىدايەنىمۇتەپسىلى چۈشەچىگەئىگەبولدۇم،تېمايوللىغۇچى قېرىندىشىمنىڭ ئەجرىگەتەشەككۈر.
بىزنىڭ يۇرىتتىمۇتاجىكلاربار،ئۇلارئۇيغۇرچەتىل يېزىق ئىشلىتىدۇ،ئاڭلىشىمچەئۇلارنىڭ ياشقاچوڭلىرى ئۆزىنىڭ تىلىنى بىلەرمىش،لىكىن مەن تاجىك بالىلاربىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇپ ھەتتائۇلاربىلەن بىرپارتىدائولتۇرۇپ تۇرۇپمۇئۇلارنىڭ ئۆزتىلى توغرىلىق بىرەرنەرسەبىلدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم،مەن تۇنجى قىتىم مەكتەپكەكىرگەندەبىرتاجىك مۇئەللىم ئوقۇتقان،ساۋادىممۇشۇتاجىك مۇئەللىمدىن چىققان ئېدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   awatbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-4 01:18 AM  


ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 01:12:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىغامۇناسىۋەتسىزبىرئىنكاس يازىدىغا بولدۇم،ئەپۇقىلىڭلارمۇنبەرداشلار.مەن بۇمۇنبەرگەئەزابولغىلى خېلى بولغان بولسىمۇتېىخىچەسىن يوللاشنى ئۈگىنەلمىدىم،خالىغان قېرىنداشلارنىڭ ماڭاچۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمۈدقىلىمەن،بەش ياشلىق بىرئوماق قىزنىڭ دارۋازلىق ماھارىتىنى تېلىفۇنۇمداسۈرەتكەئالغان ئېدىم،يوللىسام باشقاقېرىنداشلارمۇكۆرۈپ باقسادىگەنتىم.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 10:15:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجىكلارنىڭ 10 مىليوندىن كۆپرەكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان،
ماۋۇ گەپ ئىشىپ كىتىپ قاپتۇ ، ئۆزبېكىستان ئۆزىنىڭ نوپۇسى 20 نەچچە مىليۇن تۇرسا ، نەدىمۇ 10 مىليون تاجىك بولسۇن .



دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 11:09:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجىكلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى نۇپۇسى 20 مىليۇندىن 23 مىليۇنغىچە.
8,213,380 (2012)  ئافغانىستان تاجىكلىرى
6,206,939 (2012)  تاجىكىستان تاجىكلىرى

   ئۆزبېكىستان 1مىليۇن 500 مىڭ

357,000 ئىران
  
200,303  رۇسىيە
52,000  ئامېرىكا
47,500  قىرغىزىستان
41,028  جۇڭگۇ
24,300  پاكىستان
15,870  كانادا
4,255 ئوكرائىنا
مەنبەسى : http://en.wikipedia.org/wiki/Tajik_people

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 12:14:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sabir786 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-3 05:15 PM
مەن تېخى تاجكلارنى تۈركى تىللىق مىللەتمىكىن دەپ ئويلا ...

ئۆتكەن ئايدا تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسدا مۇشۇنى سۇئال قىلىپ چىقارغان ئىكەن بىلىۋالغان ئىدىم ، مەنمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى تۈركى تىل قەرمىگە تەۋە دەپ بىلەتتىم .
كىيىن ناخشا ۋە كىنولىرىدىكى ئاۋازنى  ئاڭلاپ باقسام ئىران بىلەن  تاجىىستان تىلىنىڭ بەزى تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭدارلىقى ئوخشىشىپ كىتىدىكەن .

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش