«ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟»تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىم پەرھات ئىلياسنىڭ: ‹مەندە نىمە گۇنا؟›ناملىق پوۋىستىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن.)
رىژىسۇر-شىرزات ياقۇپ.ئاساسلىق روللاردا:
ئالىمجان-خالمۇرات ئۆمەر.ئانىسى-زۇنۇنقىز ھىلاخۇن
ھوشۇر قارى، دىلشات سابىت قاتارلىقلار
فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
«ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟»ناملىق ئىككى قىسىملىق كومىدىيىلىك تىلۋىزىيە تىياتىرىدا ئاقكۆڭۈل ئالىمجاننىڭ ھەر قانچە زىيان تارتسىمۇ
يەنىلا ئۆز سەمىمىلىكىنى يوقاتماي، ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاپ كەلگەنلىكىنى،شۇنداقلابىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇنى «گومۇش»
« بولۇمسىز» دەپ ئەخمەق قىلىپ،تۈرلۈك سۆز-چۆچەكلەرنى تارقاتقانلىقى، ئالىمجان بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۆزىنىڭ بولۇمسىز ئەمەسلىگىنى، ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس جىگەرلىك
يىگىت ئىكەنلىگىنى كۆرسۈتۈپ قويغانلىقى، ئۇنىڭغا تۈرلۈك بەدناملارنى چاپلىغانلارنىڭ ساختا قىياپىتىنى ئاشكارىلىنىپ، ، كىشىلەر ئالدىدا رەسۋا بولغانلىقى، ئالىمجان بولسا، ئاقكۆڭۈللىگى راسچىللىقى،ۋە قورقۇمسىزلىقى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ئۇتۇپ، سۆيۈملۈك بىر ئوبرازغا ئايلانغانلىقىدەك، ۋەقەلەر قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان.فىلىمدە يەنە جەمىيىتىمىزدىكى بەزى قۇۋلۇق،شۇملۇق، يالغانچىلىق بىلەن ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈدىغان، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان،رەزىل كىشىلەرنىڭ ساختا قىياپەتلىرى ئېچىپ تاشلانغان. فىلىم كۈچلۈك كومىدىيىلىك تۈسكە تولغان بولۇپ،ئادەمنى ئۆزىگە قىزغىن ھالدا جەلپ قىلالايدۇ.
تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 12:26 PM