بۇرۇنىسدا،ھىندىستاندا ئۇيۇنغا ئامراق بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن بىر كۈنى ئۇ ۋەزىرلىرىگە مۇنداق دەپتۇ:مەن كىشىنى زىرىكتۈرمەيدىغان بىر ئۇيۇنغا ئىگە بولسام دەپ ئويلايمەن،كىمكى ئاشۇنداق بىر نەرسىنى تەقدىم قىلىدىغان بولسا،ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ ئىنئام بىرىمەن.
ئارىسىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئەقىللىق بىر ۋەزىرى ئۇنىڭغا بىرخىل شاھمات تەقدىم قىپتۇ،شاھمات تاختىسىدا 64 كاتەكچە بار ئىكەن.شاھمات ئۇرۇقىغا‹‹شاھ››،‹‹گەردە››،‹‹ھارۋا››.‹‹ئات››،‹‹توپ››دىگەنگە ئوخشاش خەتلەر يىزىلغانىكەن.بۇشاھمات بىلەن تۈرلۈك ئۇيۇنلارنى ئوينىغىلى بۇلىدىكەن-دە،كىشى ھەرگىز زىرىكمەيدىكەن.پادىشاھ بۇنى ئالغاندىن كىيىن ئەقىللىق ۋەزىرگە:
-مەن ساڭا كۆپ ئىنئام بىرىمەن.ئۆزۈڭ ئېيىت،ساڭا نىمە كېرەك.نىمە دىسەڭ بىرىمەن،-دەپتۇ.
-ماڭا ئازراق بۇغداي دانچىسى كېرەك،-دەپتۇ ھېلىقى ۋەزىر.
-بۇغداي دانچىسى؟بەللى،بەللى،قانچىلىك كېرەك؟
-شاھ ئالىيلىرى،سىز شاھماتنىڭ بىرىنچى كاتەكچىسىگە بىر تال،ئىككىنچى كاتەكچىسىگە ئىككى تال،ئۈچنچى كاتەكچىسىگە تۆت تال،تۆتىنچى كاتەكچىسىگە سەكىز تال...قۇيۇپ،مۇشۇ تەرقىدە شاھماتنىڭ 64 كاتەكچىسىگە قۇيۇپ چىقسىڭىز بولدى.
پادىشاھ ئويلاپتۇ:بۇنىڭغا قانچىلىك كىتەتتى،ناھايىتى كەلسە بىر نەچچە يۈزجىڭ كىتەر،بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،ئۇ ئاشلىق باشقۇرىدىغان ۋەزىرىگە:
-ئامباردىن بىرنەچچە تاغار بۇغداي ئېپچىقىپ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلىپ بەرگىن،-دەپتۇ.
ئاشلىق ۋەزىرى ھىساپلاپ كۈرۈپ ۈىردىنلا چۈچۈپ كىتىپتۇ-دە،ئالدىراپ بېرىپ پادىشاھ ئاليلىرىغا مەلۇم قىپتۇ:
-مۇشۇ بۇيىچە ھىساپلايدىغان بولساق،دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئاشلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بەرسەكمۇ،تېخى يەنە گەدىنىمىزدە ناھايىتى نۇرغۇن قەرز قالىدىكەن.
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا ھىساپلاش يولىنى شاھقا كۆرسىتىپتۇ:
=263+... 1+2+22+23
18,446,744,073,709,551,615 (دانە بۇغداي)
بىر كۇپ مىتىر بۇغداي دانچىسى 15مىليون دانە چىقىدۇ،مۇشۇ ھىساپ بۇيىچە بولغاندا،ئۇ ۋەزىرگە بىر تىرلىيون 200مىليارىت كۇپ مىتىر بۇغداي بەرسەك بۇلىدۇ،بۇ بۇغداي پۈتۈن دۇنيانىڭ 2000يىل ئىشلەپچىقارغان بۇغدىيىنىڭ ئۇمۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ.
پادىشاھنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ،ئۇ ئالدىراپ ئاشلىق ۋەزىرىدىن سوراپتۇ:
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ماقۇل بىرەي دىسەم،ئۇنىڭغا ئۆمۈرۋايەت قەرىز بۇپ قالىدىكەنمەن،بەرمەي دىسەم،گىپىمدە تۇرمىغان بۇلۇپ قالىمەن،ئەمدى سەن بىر ئامال ئويلىغىن.
ئاشلىق ۋەزىرى ئويلاپ كىتىپ مۇنداق دەپتۇ:
-بىرلا ئامال بار،سىز چۇقۇم گىپىڭىزدە تۇرىشىڭىز كېرەك،شۇنداق قىلسىڭىز پۈتۈن خەلق سىزنىڭ ياخشى پادىشاھ ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ.
-مەندە ئۇنچە كۆپ بۇغداي بولمىسا قانداق قىلىمىز؟
-بۇيرۇق بىلەن ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئاچتۇرۇڭ،ئاندىن سىزگە شاھمات تەقدىم قىلغان ھېلىقى ۋەزىرنى تەكلىپ قىلىڭ-دە،ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك بۇغداينى بىر-بىرلەپ سانىۋالسۇن.
-بۇنىڭغا قانچىكىك ۋاقىت كىتىدۇ؟
بىر سىكۇنىتتا ئىككى تالدىن بۇغداي سانىسۇن دەيلى،-دەپتۇ ئاشلىق ۋەزىرى ھىساپلاپ كۈرۈپ،-كۈنلۈكى 12 سائەت بۇغداي سانىسا،43مىڭ 200سىكۇنىت بۇغداي سانايدۇ،مۇشۇ سۈرئەت بۇيىچە ئون يىل بۇغداي سانىسا،ئاران 20 كۇپ مىتىر بۇغداي سانيالايدۇ،ئەگەردە ھېلىقى ساندىكى بۇغداينى ساناپ بۇلىمەن دىسە،بۇنىڭغا 290مىليارت يىل كىتىدۇ.ئۇ قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە زىرىكىشلىك تۇرمۇش كىشىنى ئازاپلايدۇ،مۇشۇنداق بۇلىۋەرسە،ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقارمامدۇ؟شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئويلايمەنكى،ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئىرىشىش مۇمكىن بولمايدىغان ئۇنچىلىك كۆپ بۇغداي دانچىسى ئەمەس،پەقەت بۇ دۆلەتتە ئۆزىدىنمۇ ئەقىللىق ئادەمنىڭ بار يوقلىغىنى سىناپ كۈرۈشتىن ئىبارەت.
پادىشاھ خوشال بولغان ھالدا ئۇنى ماختاپ:
-قارىغاندا،ئۇنىڭدىن ئەقىللىق ئادەم سەن ئىكەنسەن،دۆلەتنى ئەقىللىق ئەربابلار باشقۇرسا،دۆلەت روناق تاپىدۇ.مەن ئىككىڭلارنى ئوڭ،سول قول ۋەزىر قىلىپ ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدىم،-دەپتۇ.
(1+2+22+23+...263 ماۋۇ يەر 2 نىڭ كۇۋادىراتى،2نىڭ ئۈچۈنچى دەرىجىسى،2نىڭ 63-دەرىجىسى دىگەن گەپ ئىدى يازغاندا پەقەت چىقىرالمىدىم توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن).
مەنبە:‹ئەقىل-پاراسەتكە دائىر ھىكايىلەردىن ئېلىندى›