|
|
|
|
ئۇنداق قىلماڭ(قورقۇنۇشلۇق ھىكايە) ئەسكەرتىش :بۇ سەل قورقۇنۇچلۇق ھىكايە يۈرەك كىسىلى بارلار دەرھال چىقىپ كىتىڭ
تەرجىمە قىلغۇچى :ئىپار(سەلكىنئاي)
ئىنسان دىگەن غەلىتە مەخلۇق ،بىر ئىشنى قىلما دەپ تۇرسا ، ئاشۇ ئىشنى قىلغۇسى كىلىپ تۇرالمايدىغان .
شاۋيۈن بىر ئۇقۇغۇچى ،يەنە كىلىپ ئۇقۇغۇچىلار باشقارمىىسىدا مەكەتەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ،جازالانغانلىق توغىرىسىدىكى ئارخىپ ساقلانغان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچسى.
ئۇ بۈگۈنمۇ ئېغىزدىن شۆلگەي ئىقىپ كەتسىمۇ باش كۈتۈرمەي ئۇخلاپ چىقتى .ئاخىرى ئۇ يغىنىپ سىرىتقا قارىدى ،ھاۋا تۇتۇق ئىدى .ئۇ قوللىرىنى قاغىنىڭ قاناتلىرىدەك كىرىپ ئورنىدىن تۇردى ،دەل شۇ ۋاقىتتا ئەتتىگەن مومىسىنىڭ :- بۈگۈن ئالۋاستىلار بايرىمى ،مەكتەپتىن قۇيۇپ بەرگەن ھامان ،ئويناپ يۈرمەي بالدۇر قايتىپ كەل بولمىسا خەتەرلىك - دىگەن سۆزلىرى يادىغا يەتتى يۇ يەن كۈلۈمسىرەپ < چوڭلار ھەجەپمۇ خۇراپىي ،ئالۋاستى دىگەن مەۋجۇت ئەمەس ، تازىمۇ كۈلكىلىك گەپتە بۇ > دەپ خىيال قىلغاچ سىنىپتىن چىقتى .
-شاۋيۈن ، ئامىڭ يۈگۈرگىنىچە يىتىپ كەلدى ،- مەكتەپتىن قۇيۇپ بەردى ،بۈگۈن ھېلىقى يىڭى
ئېچىلغان قاۋاققا بارىمىزمۇ ؟-دىدى
-ئەلۋەتتە ، ماڭايلى !
نىمىشقىدۇر شاۋيۈننىڭ كۈڭۈل ئېچىش سورۇنىغابېرىشقا كۆڭلى تارتمىدى ، چۈنكى مومىسىنىڭ گىپى كاللىسىدا ئەكىس سادا بۇلۇپ يېنىۋاتاتتى.
-شاۋيۈن بۈگۈن نىمە بولدى ؟پەقەت ئىچىلالمىدىڭغۇ ؟
-ھېچنىمە ، ئامىڭ بۈگۈنچە بارمايلى ،چارچاپ قاپتىمەن ،ئۆيگە قايتىپ كىتەي .
- ھە مەيلى ، ئاپىرىپ قۇيايمۇ ؟
-ياق بولدى خوش !
-خوش !
شاۋيۈن مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىش يۇلىدا بىر قەبرىستانلىقتىن ئۈتۈشكە توغرا كىلەتتى ،ھەر كۈنى ئۆتكەندە ھېچقانداق ھىسياتتا بولمايتتى ،بۈگۈن نىمىشقىدۇر ئازراق قۇرقۇنۇچ پەيدا بولدى .
ئۇ ئىختىيارسىز يۈگرەشكە باشلىدى
تۇيۇقسىز يان تەرەپتىن بىر قىزنىڭ: -<جېنىمنى قايتۇرۇپ بەر > دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان شاۋيۈن چۆچۈپ كىتىپ ، يىقىلدى .
-ۋايجان ھەجەپ قوقتىما ، ئەسلى تېلفۇنغا ئۇچۇر كەپتىكەن ئەمەسمۇ !- شاۋيۈن بىر تەرەپتىن غۇدۇرغاچ تېلفۇننى قۇلىغا ئالدى .خېلى بۇرۇنلا ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا بۇ نى ئىشلەتمەسلىكنى ھەر قېتىم ئۇچۇر كەلسە ئادەمنى بىسەرەمجان بۇلىغانلىقىنى ئېيتقان ،بۇلۇپمۇ مومىسى بەكرەك تاپىلىغان بولسىمۇ ئەمما پەرۋا قىلمىغان ئىدى .
شاۋيۈن ئۇچۇرنى ئېچىپ ئۇقۇغاچ ماڭدى < ئۆيگە بەك كەچ قالما > ئۇچۇردا مۇشۇ نەچچە تاللا خەت ،نۇمۇرمۇ ھەم ناتۇنۇش بولغاچقا سەل غەلىتىلىك ھىس قىلغان شاۋيۈن < كىمدۇ ؟ ئەجىبا ئۆيدىكىلەرمىدۇ ؟بىراق ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇمىرى تېلفۇندا ساقلاپ قۇيۇلغان تۇرسا زادى كىمدۇ ؟> ئويلىدى ، < بولدىلا تىزراق ئۆيگە قايتاي ،كىم بولسا بولمامدۇ >دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ تىز تىز مېڭىپ ئۆيگە كەلدى -دە تىزلا ئۇخلاپ قالدى.
ئىككىنىجى كۈنى شاۋيۈن ھېلىقى ناتۇنۇش نۇمۇرغا تېلفۇن قىلدى ،ئەمما بىر قانچە قېتىم ئۇرغان بولسىمۇ ،تېلفۇندىن پەقەت :- كەچۈرۈڭ بۇ نۇمۇر مەۋجۇت ئەمەس ،- دىگەن گەپلا چىقىۋاتاتتى .
مۇمكىنمۇ ؟ تىلگىراف شىركىتىدىن چاتاق چىقماس؟ تېخىمۇ غەلىتىلىك ھىس قىلغان شاۋيۈن يەنە بىر قېتىم تېلفۇن ئۇرغان بولسىمۇ نەتىجە ئوخشاش چىقتى ، شاۋيۈن ئويلا - ئويلا < چۇقۇم نۇمۇرنى يۇشۇرۇش ھىيلىسنى ئىشلىتىپتۇ >دەپ يەكۈن چىقاردى . ئەمما بۇ نۇمۇردىن ھەركۈنى ئۈزۈلمەي ئۇچۇر كىلىپ تۇردى < ئانداق قىلما ، مانداق قىلما > دىگەندەك ....ھەركۈنى كىلىۋەرگەچكە ئۇ پەرۋا قىلمايدىغانلا بولدى . بۈگۈن يەنە شۇ ئۇچۇر كەلدى < مەكتەپكە بارما > ،ساۋيۈننىڭ بۇ قېتىم راستىنلا ئاچچقى كەلدى ،قايسى سولتەك بۇ مىنى ئەخمەق قىلىۋاتقان .شاۋيۈن ئېغىر زۇكام بوۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا ،مەكتەپكە بارمىسا بولمايتتى ، ئەمدى دەرىس قالدۇرسا مەكتەپتىن ھەيدىلىشى مۇمكىن ئىدى .كىلىپ خېلى سۈرۈشتەقىلغان بولسىمۇ ئۇيۇن ئويناۋاتقان ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىگەن شاۋيۈن چۈشتىن كىيىنكى ئىنگلىز تىلى دەرىسدە ئۇخلىماسلىققا تىرىشىپ ئولتۇرغان بولسىمۇ يەنە ئۇخلاپ قالدى ، ئويغانغاندا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ، ساۋاقداشلىرى كىتىپ بولغان ئىدى . ئۇ نەرسىللىرنى يىغىشتۇرۇپ ، سىنىپتىن چىقتى ئەمما بىنا ئشىكى ئاللىقاچان تىقىۋىتىلگەن ئىدى .< ھاجەتخانىغا بارما > يەنە شۇ نۇمۇردىن ئۇچۇر كەلدى . شاۋيۈن < مىنى چۇقۇم بىرسى كۈزىتىپ تۇرۇپتۇ ، ھەقاچان مىنى قۇرقۇتۇپ ئوينىماقچى . بېرىپ كىملىكىڭنى بىلىپ ئەدىبىڭنى بەرمەيدىغان بولسام خەپ !>دىگىنىچە ھاجەتخانىغا كەلدى ، ئشىكنى يوغان ئېچىپ چىراقنى ياندۇرۇپ تەپسىلىي قارىغان بولسىمۇ ھېچكمنى تاپالمىدى ،دەل شۇ ۋاقىتتا يەنە ئۇچۇر كەلدى <بېشىڭنى كۈتۈرۈپ تۇرۇسقا قاراپ سالما > .
ئىككىنجى كۈنى تازىلقىچى ئايال ھاجەتخانىدا شاۋيۈننىڭ جەسىتىنى بايقىدى .ئۇنىڭ بېشى يۇقىرغا قارىغان ،چىرايى ئىنتايىن بەتبەشىرە ، قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە ئىدى .
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز مۇشۇنداق ئۇچۇر تاپشۇرۋالسىڭىز ،سىزگە نەسىھىتىم چۇقۇم ئىشىنىڭ ! مەنبە:http://tieba.baidu.com/f?kz=1075582161
2011.8.27
|
|
|
|
|
|