مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 827|ئىنكاس: 12

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ئۆزگىچە ھېسابات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91820
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 07:49:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ئۆزگىچە ھېسابات
img_1297696411_23.jpg




    كىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى خالىمايدۇ؟ رىۋايەت قىلىنىشىچە 1000 يىل ياشاپمۇ ھاياتقا تويمىغان لوقمان ھەكىم، ئۆزىنى كىلۇنلاپ ئەزرائىلنى ئالدىماقچى بولۇپتىكەنمىش...
    ئامېرىكا ئالىمى بور ئۇزۇن مەزگىل ئادەم تېنىگە پايدىلىق پەرھىزلەر بىلەن ئادەم تېنىگە زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى تەتقىق قېلىش ئارقىلىق، تەتقىقات نەتىجىسىنى تېبابەت جەھەتتىكى كىلىنكىلىق تەجرىبىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆمۈرنىڭ ئۇزىراش ۋە خوراش فورمۇلىسىنى ئىجاد قىلغان. بۇنىڭ پىرىنسىپى شۇكى: ئەگەر سىز ئەر كىشى بولسىڭىز، ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئوتتۇرىچە يېشى بولغان 86 ياشنى ئاساس قىلىسىز؛ ئەگەر ئايال كىشى بولسىڭىز، ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈش ئوتتۇرىچە يېشى بولغان 89 ياشنى ئاساس قىلىسىز. ئاندىن تۆۋەندىكى 20 تۈر بويىچە ئۆزىڭىزنى قاتتىق باھالاپ چىقىسىز.
    1. توي قىلىش: توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى 3 يىل ئۇزارتالايدۇ، ئەمما ئاياللارغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
    2. زىيادە بىسىم: تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى زىيادە بىسىم ئۆمۈرنى 3 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
    3. يېقىنلىرىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇش: بۇ ئادەم ئۆمرىنى 0.5 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
    4. ھەر كۈنى 6 سائەتتىن كەم ئۇخلاش: ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا 1 يىل ئۆمرى قىسقىرايدۇ.
    5. خىزمەت تەلۋىلىكى: ھەددىدىن زىيادە خىزمەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان ھارغىنلىق 1 يىل ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدۇ.
    6. ئۆزىنى ئاغرىقچان ياكى قىرىپ كەتتىم دەپ ئويلاش: ئادەم ئۆمرىنى 1 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
    7. تاماكا چېكىش: ھەر كۈنى 10 تال چەكسىڭىز 5 يىل، ھەر كۈنى ئىككى قاپ چەكسىڭىز 15 يىل ئۆمرىڭىز قىسقىرايدۇ.
    8. ھەر كۈنى بىرئىستاكاندىن يېشىل چاي ئىچسىڭىز ئۆمرىڭىزنى 0.5 يىل ئۇزارتالايسىز، ھەر كۈنى تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىك ئىستېمال قىلسىڭىز ئۆمرىڭىز 0.5 يىل قىسقىرايدۇ.
    9. ئەگەر ھەر كۈنى 4 رومكىدىن ئوشۇق ھاراق ئىچسىڭىز ئۆمرىڭىز 7 يىل قىسقىرايدۇ.
    10. چىش تازىلىقى: چىشىنى پاكىز تۇتماسلىقتىن ئادەم ئۆمرى 1 يىل قىسقىراپ كېتىدۇ.
    11. ئۇزاق مەزگىل كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا تۇرۇش ئادەم ئۆمرىنى 1 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
    12. سېمىزلىك: نورمالسىز سېمىزلىك ئادەم ئۆمرىنى 5 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
    13. ھەر كۈنى گۆشلۈك تاماق يېيىش ئادەم ئۆمرىنى 3 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
    14. ئەخلەت يېمەكلىكلەر: دائىم ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئۆمرى 2 يىل قىسقىراپ كېتىدۇ.
    15. قورساققا ئامراق، ھەرىكەتكە قېرىق بولۇش ئادەم ئۆمرىنى 1 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
    16. ھەر كۈنى تاتلىق يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش ئادەم ئۆمرىنى 1 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
    17. تەنھەرىكەت: ئۇزاق مەزگىل ھەرىكەت قىلماسلىق ئۆمۈرنى 1 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ؛ ھەر كۈنى 30 مىنۇت چېنىقىش بىلەن شۇغۇللانسا ئۆمرىنى 5 يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
    18. ئەگەر ئادەم ئاز دېگەندە ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىشقا كاپالەت قىلالمىسا، 0.5 يىل ئۆمرى قىسقىرايدۇ.
    19. قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆسمە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغاندا ئۆمرىنى 1 يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
    20. قان بېسىمى ئازراق يۇقىرى بولسا ئۆمۈر 1 يىل قىسقىرايدۇ، يۇقىرى بولسا 5 يىل، بەك يۇقىرى بولسا 15 يىللىق ئۆمۈر قىسقىرايدۇ.
    يۇقىرىدىكى تۈرلەر بويىچە ئۆزىڭىزنى باھالاپ چىقىڭ، قانداق نەتىجىگە ئېرىشىسىزكىن؟ بۇ مۇتلەق ئۆلچەم ئەمەس، لېكىن ئىلمىيلىكى كۈچلۈك، ئاخىرقى نەتىجە بىزگە بەزى ئادەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش، بەزىلىرىنى تېزدىن ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەلەيدۇ.


يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:04:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپلا قويسا بولغىدەك گەپلەركەن . مانچە يىل قىسقىرايدۇ دەپتۇ لىكىن نەچچە ياش مۆلچەرلىگەنلىكىنى دىمەپتۇ . مەسىلەن نورمال بولغاندا 60 يىل ياشىيالايدىغان ئادەم كۈندە بىر قاپتىن تاماكا چەكسە ئۆمرى 7 يىل قىسقىرايدۇ دىگەندەك . لىكىنغۇ بۇ جان ھامان خۇدانىڭ ئىلكىدە . قاچان ئالىمەن دىسە ئالىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93933
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1615
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان تۇغۇلۇش قاچان ئۆلۈش خۇدانىڭ ئىلكىدىكى ئىش ،،،،تازا بىر ئەپقاشتى گەپلەرغۇ بۇ

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى بىلگۈچى   بىر  ئاللاھتۇر. بىز  پەقەت سەۋەپ قىلغۇچى خالاس!!!

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91820
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:25:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ARZUY يوللىغان ۋاقتى  2013-4-2 09:22 PM
ھەممىنى بىلگۈچى   بىر  ئاللاھتۇر. بىز  پەقەت سەۋەپ قىلغۇ ...

نادىر   ئىنكاس  بوپتۇ  

sumbulahan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

غەيرەتتىن قالما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 1470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4270
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 5673 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز تېخى بۈگۈنلا ئىشخانىدا مۇشۇ ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرۈش توغرىسىدا گەپ ئاچقان ئىدۇق.كەسىپدىشىمنىڭ دىيىشىچە ئادەم 60 ياشقۇچە نورمال ياشاپ ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالايدىكەن ،60 تىن ئاشقاندا قېرىلىق كىسىلى يىتىپ بالىلارغا يۈك بولۇپ قالدىكەن،شۇڭا پەقەت 60 ياشقۇچە ياشاش مۇۋاپىقكەن.

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

ئىللەت تۈزەلمىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12088
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8348
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1809 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 10:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى بىلگۈچى پەقەت بىر ئاللاھ......
ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاندىمۇ پەننى بىلىملەرنىڭ ئورنى تىلغا ئېلىنغان،دىننى بىلىم ۋە پەننى بىلىملەرنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ سۈپەتلىك ياشىغاننىڭ ھېچ بىر زىيىنى يوق....بۇلارنى كۈرۈپ ئۆزۈمدە نۇرغۇن ناچار ئادەتلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم.لېكىن ئەرلەرگە بىرىلگەن ئوتتۇرچە 86ياش ھازىرقى زاماندىكى سۈپەت ئۆلچىمىدىن سەل يۇقىرى بوپ قاپتۇ،كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئاڭلايىتتىم ئۇ ئادەم 90 ياشتا تۈگەپ كىتىپتۇ،بۇ ئادەم 80 ياشتا تۈگەپتۇ دەپ،،،چوڭ بولغاننىڭ ياقى 70 ياشقا كىرىپ تۈگەپتۇ دىگەن گەپنى ئىنتايىن ئاز ئاڭلايدىغان بولدۇق...مانا بۇ سان كۆپ ،سۈپەت ئاز جەمىيئەت تۇرمۇشىنىڭ مەھسۇلى،بىز يەۋاتقان ناچار يىمەكلىكلەرنىڭ مەھسۇلى....

كۈنلىشىمدۇر  ھەتتا  مىنىڭ  شامالمۇ، ئامرىغىمنىڭ گۈل مەڭزىگە سۆيدى دەپ. ۋە   بەزىدە   كۈنگە   پەشۋا   ئاتىمەن، ئاپتىپىدا  يارنىڭ  يۈزى  كۆيدى  دەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 10:30:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى بىلگۈچى   بىر  ئاللاھتۇر

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 10:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇمۇ تۇرمۇشتا بىلىپ قويسا بولغۇدەك نەرسىلەركەن ، لىكىن تۇغۇلۇش ھەم ئۆلۈش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش