|
|
|
|
ئالدىنقى كۈندىكى يىغىندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بىلدۈرۈپ،ھەممىنىڭ ئېغىزىدا سۆزلىنۋاتقان ئۈندىدارنىڭ ھەقلىق بولۇش مۇمكىنچىلىقنىڭ بالىقىنى،بىراق ھەقنىڭ بەك يۇقرى ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ياپونيىدە بىر چاچ بانكىسى بولۇپ،قىرقىۋەتكەن چېچىڭىزنى بانكىغا ئاپارسىڭىز،بېشىڭىزنىڭ شەكلىگە ئاساسەن كەيمە چاچتىن بىرنى ياساپ بېرىدىكەن ھەمدە بۇنى ئامانەتكە قويىدىكەنسىز،چېچىڭىز شالاڭلاشقاندا چاچ بانكىسىغا بېرىپ ئامانەت قويغان چېچىڭىزنى ئېلىپ كىيىۋالسىڭىز بولىدىكەن.بۇنىڭ ئۈچۈن بانكىغا سىزدىن پەقەت ئاز مىقداردىكى مۇلازىمە ھەققىلا ئالىدىكەن.
چاۋشىيەننىڭ ئەمگەك پارتىيەسى 31-مارت ئومومىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىپ،چاۋشىيەندە ئىقتىساد قۇرۇلۇشى بىلەن يادرو قۇرال قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئېلىپ بېرىلدىغانلىقىنى،ئۆز-ئۆزىنى كۈچلەندۈردىغانلىقىنى بىلدۈردى.
30-مارت ئەتىگەن يەر تەۋرىگەندىن كېيىن،ئۈرۈمچى،سانجى،قۇتۇپى قاتارلىق جايلاردىكى 2792ئادەم تەسىرگە ئۇچراپ،55كىشى جىددىي يۆتكەلگەن،1ئۆي ئۆرۈلۈپ،44ئۆيگە چاك كەتكەن.
30-مارت كەچ،پارىژ ساقچىلىرى ئېففىل مۇنارىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش توغۇرسىدىكى بىر نامسىز تېلىفوننى قۇبۇل قىلغان،ھەمدە جىددىي ھەركەت ئېلىپ بېرىپ بۇ ئەتراپنى پىچچەتلىگەن،بىراق بۇ يەردە بومبا يوق بولۇپ چىققان.
ئامېركىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھېللارى 24-ئاپرېل داللاستا ھەقلىق نۇتۇق سۆزلەيدىكەن،ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ھەقلىق نۇتۇقىنىڭ ھەققى ئاز بولغاندىمۇ ئالتە خانىلىق سان بولۇشى مۇمكىنكەن.
باھار پەسلى ئادەمنىڭ تېرىسى ئاسان غىدىقلىندىغان پەسىل بولۇپ،تېرىنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىدۇ،شۇڭلاشقا بۇنداق ۋاقىتلاردا قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىپ،سالامەتلىكنى ئاسرىسا بولىدۇ.
ياپونىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشچە،ئادەمنىڭ چىشى24تالدىن ئاز بولسا،سەكتە بولۇپ قېلىش خەتىرى%75كۆپۈيدىكەن.دائىم دېگۈدەك چىش تازلاش يىپى بىلەن چىشنى تازلاپ بەرسە،سەكتە بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدكەن.
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا،قېتىقنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن،لېكىن كۈندىلىك ئىستىمال مىقدارى 300مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدىكەن.
مەنبە:1-2-ئاپرىللىق شىنجاڭ تېلېگىراف يانغۇن گېزىتى ۋە تەڭىرتاغ گېزىتىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نـازىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 07:42 PM
|
|
|
|
|
|