بەختنىڭ«دۈشمىنى»
بەخىت ؟ ئۇ زادى نىمە ؟ نۇرغۇن پۇل –بايلىقى بولۇشمۇ ؟ گۈزەل شەھەردە ياشاشمۇ ؟
بەخىت دىگەن بۇ ئۇقۇمغا نۇرغۇن كىشنىڭ كۆز قارشى ئوخشىماسلىقى مومكىن ،پىكىر ئوخشىمغان بىلەن پىكىر ئورتاقلىقى بار . مەن« بەخىت» دىگەن بۇ ئۇقۇمنى «خاتىرجەملىك »دىگەن بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىدىم.
مەن توختىماستىن ئۆز ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم ، مەن زادى بەخىتلىكمۇ؟ تۇرمۇشۇم خاتىرجەممۇ ؟ مەن ئۆزۈمنى خاتىرجەم ھېس قىلمىغاچقا بەخىتلىك ھېس قىلالمىدىممۇ قانداق ؟ بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپ سېنىڭ ئالدىڭدا قوقماي باشقا ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئەركىن پىكىر يۈرگىزەلمىسەم ، بىر ھەپتە دەرىس ئوقۇپ چارچاپ كەتكەن كاللامنى سىرىتلارغا چىقىپ سەگىتىپ كىرەلمىسەم ، خۇددى مەن سىرىتقا چىقسام ھەممە قىزلار ماڭا يېپشىۋالدىغاندەك. مەن نىمىگە مۇھتاج ، ماڭا نىمە لازىم سەن بۇنىڭدىن تولىمۇ يىراقتا ، ساڭا مەن كۈندە سەندىن باشقىغا چىرايىمنى ئاچماي يۈرۈپ بەرسەم سەن بىكار بولساڭ بىللە چىقىپ بولمىسا روپاش ئاياللاردەك ياتاقتا جىم ئولترۇپ بەرسەم .............سۆزلەپ كەلسەم سەندىن خوش بولغاندىن خاپا بولدىغان ئىش كۆپ ، سەندىن شۇنچە نارازى تۇرۇپ يەنە نىمە ئۈچۈن سەندىن يىراقلاپ كېتەلمەيمەن ؟زادى نىمە ئۈچۈن ؟ ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھ نىمىشقىمۇ سېنى ماڭا ئۇچراتقاندۇ ؟ بىلەمسەن ،ھازىر سەنلا ئەمەس سەندىن باشقا نۇرغۇن ئادەم بىر مەن سەۋەپلىك كۆڭلى يېرىم ، جاھاندىن بىزار ، يەنە مەن سەۋەپلىك كىشىگە ئىشەنچ ئەقىدە باغلاشتىن ،كۆڭۈل بېرىشتىن ، كۆڭۈل سوراشتىن قورقىدۇ .سەن بۇلارنى بىلەمسەن ؟ مەن سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن مېنى ياخشى كۆردىغان قىز ماڭا نەپرەتلىندۇ ،كىشگە ئەقىدە باغلاشتىن ، كىشىنى ياخشى كۆرۈشتىن قورقىدۇ.ئۇ قىزنى ياخشى كۆردىغان يىگىت ئۇ قىزغا ئېرشەلمەي سەرسان،يىگانە ھالدا يىگىتلەرگە خاس بولمىغان چۈشكۈنلۈك بىلەن يۈرىدۇ ، سەن چۇ ؟ سەنمۇ مېنىڭ باغرىمدا تۇرۇپ ئۆزۈڭ ياخشى كۆردىغان «ئاق ئاتلىق شاھزادەڭ»نى خىيال قىلسەن ، سېنىڭ ئۇ «ئاق ئاتلىق شاھزادەڭ»باشقا بىر «قار مەلىكە»ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرۈدۇ.ئەمدى ساناپ باق بىر مەن ۋە سەندىن ئىبارەت ئىككى شەخىس بىلىپ تۇرۇپ قانچە كىشنىڭ چىن ئەقىدە ، ساپ مۇھەببىتىنى قان-زار يىغلىتۋاتمىز . مەن ئىككىمىزنىڭ شۇنچە تىرشىپمۇ خۇشال يۈرەلمەسلىكىمىزنى دەل مۇشۇ نوقتىغا يەنى باشقىلارنىڭ ئاھۇ زارىغا تاقاشقانلىقىدىن كۆردۈم.
ماڭا كۆڭلۈڭ بار بۇنى بىلمەن . ئەمما سەن ياخشى كۆردىغان ئادەم مەن ئەمەس نىمىمۇ قىلار ئىدىڭ كۆڭۈل دەرۋازامنى چېكىپ .مېنى ئۆزۈڭنى ۋە ئەتراپتىكى چىن ئەقىدە ساپ مۇھەببەتلەرنى قىيناپ ،ھەركۈنى دىگدەك مېنىڭ يىگىتلىك غورۇرۇمنىڭ ئەڭ نازۇك قاتلىمىغا قاتتىق زەربە بېرىپ. مۇشۇنداق قىلىپ نىمە پايدىغىمۇ ئېرشەسە ؟
ئەي ، بەخىتنىڭ دۈشمىنى بولغان «مۇھەببەت»سەن يەنە قانچىلغان كىشلەرنىڭ نازۇك قاتلىمىغا ھوجۇم قىلىپ يەنە قانچىلغان كىشلەرنى «خاتىرجەملىك»تىن مەھرۇم قىلارسەن.......................................
2013-يىلى4-ئاي2-كۈنى دىيارى خوتەن