ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى
ئىلاۋە:ئوباما 44-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا رەسمىي ئولتۇرغاندىن كېيىن,ھەممىباپ شېركىتى بۇيرۇتما بويىچە زۇڭتۇڭنىڭ يېڭى ئاپتوموبىلىcadillac Presidential Limousine تىپلىق ئۇزارتىلغان پىكاپنى يەنى دۇنيا بويىچە ئەڭ بىخەتەر مەمۇرىي مەخسۇس ماشىنا دەپ ئاتالغان ئاپتوموبىلنى ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇردى.ئۇنداقتا زۇڭتۇڭنىڭ بۇ يېڭى ئاپتوموبىلىغا قانداق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن؟زۇڭتۇڭ سەپەرگە چىققاندا نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ؟
cadillac Presidential Limousine تىپلىق ئۇزارتىلغان بۇ ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى3توننىدىن ئارتۇق بولۇپ،ماشىنىنىڭ تەگلىكى،قېپى ۋە ئۈستىگە بىرىكمە مېتال ئىشلىتىلگەن،ئارقا كوزۇپىغا يەنە قاتتىقلاشتۇرۇلغان ساپال قاپ قوشۇلغان,ماشىنا ئىچىگە ھىملاشتۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ AK-47قاتارلىق زەربىسى يۇقىرى پىلىمۇتلارنىڭ ئوت كۈچىگىلا تاقابىل تۇرۇپ قالماستىن،ئادەتتىكى مىنامىيوتنىمۇ توسالايدۇ.ھىملاشتۇرۇلغان كوزۇپ يەنە بىئو-خېميىلىك قوراللاردىنمۇ ساقلىنالايدۇ.ئۇنىڭدىن سىرىت مەخسۇس ئاپتوموبىلغا ئېلىكتىر ماگىنىتلىق كاشلا پەيدا قىلىش سېستىمىسى سەپلەنگەن بولۇپ،كۈچلۈك ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق،بىر قانچە يۈز مېتىر دائىرىدىكى بومبىنىڭ ۋاقىت بەلگىلىگۈچى قاتارلىق ۋاقىت بەلگىلەش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويالايدۇ.ماشىنىغا يەنە بىر قانچە يېنىك تىپتىكى پىلىموت سەپلەنگەن ،مەخسۇس ماشىنىنىڭ شوپۇرىمۇ ئالاھىدە مەشىقلەنگەن ئالاھىدە قىسىم ئەزالىرىدىن تاللىنىدۇ.
ماشىنا ئىچىگە ئوكسىگىن تەمىنلەش سېستىمىسى ۋە ئىلغار ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن،ماي باكىغا كۆپۈكسىمان قۇرۇلما ئورنىتىلغان بولۇپ ماي باكىغا ئوت كەتسىمۇ پارتىلىمايدۇ.ماشىنىغا ئورنىتىلغان سېگىنال سېستىمىسى ۋە ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىمۇ ناھايىتى ئىلغار.ماشىنا كوزۇپىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى ئادەتتىكى بىرونىۋىكتىن قېلىشمايدۇ.
زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى ئىشلىتىشتىن توختىتىلغاندىن كېيىن،كۆپ قىسىمى دېڭىزغا تاشلىۋىتىش،پارتىلتىۋىتىش،پارچىلىۋىتىش ۋە ياكى چوڭقۇر يەر ئاستىغا كۆمۈۋىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىلدىغان بولۇپ،شەخىسلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ-42نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ لىنكولىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىلى Cadillac Fieetwoodنى ئېلىپ قېلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ،ئاخىرىدا يەنىلا ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشەلمىگەن.
ئادەتتكى ئەھۋالدا،زۇڭتۇڭنىڭ ماشىنا ئەترىتىدە27ماشىنا بولىدۇ،مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنىڭ ماشىنا ئەترىتىدە بولسا 16ماشىنا بولىدۇ.لېكىن ھەر قايسى جايلارغا بارغاندا ماشىنا سانىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىدۇ.
زۇڭتۇڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى يولدىن ئۆتكەندە يەرلىك ساقچى دائىرلىرىنىڭ(كۆپىنچە شىتات ساقچىلىرى)موتسىكىلت ئەترىتى ئالدىدا يول ئاچىدۇ. ئادەتتە ئىككى چاقلىق موتسىكىلىت ئىشلىتىلدۇ،ۋاشىڭگىتوندا بولسا ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ئىشلىتىلدۇ.ئۇنىڭدىن سىرت قارىماققا يول ئېچىپ ماڭغان موتسىكىلتلار ئوخشاش كۆرۈنسىمۇ،لېكىن قاراشلىق ئورگانلار ئوخشىمايدۇ،ئۇلار ئالاھىدە ھەركەت ئەترىتىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى،ئالاھىدە رايون ساقچىلىرى ۋە باغچا ساقچىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ.
زۇڭتۇڭ سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ھاۋا ئارمىيەنىڭ تىرانسىپورت ئايروپلانى بارماقچى بولغان مەنزىلگە بېرىپ بولىدۇ،چۈنكى ئايروپىلانغا ئوپئوخشاش ئىككى دانە كادىلاكDTSقاچىلانغان بولىدۇ.ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ بارلىق سەپلىمىسى ئوخشاش بولۇپ،زۇڭتۇڭغا قارىتىلغان قەستلەشنىڭ ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.ھەتتاكى ئىككى ماشىنىنڭ نومۇر تاختىسىمۇ ئوخشاش ،زۇڭتۇڭ ئاپتوموبىلىنىڭ نومۇر تاختىسى مۇقىم بولۇپ،ۋاشىڭگىتون ئالاھىدە رايونىغا قاراشلىق002 800
بەزىدە زۇڭتۇڭ يەنە ئالاھىدە ھەركەت ئىدارىسىنىڭ چېۋرولىت suburbanتىپلىق ماشىنىسىغا ئولتۇرىدۇ.5.2لېتىرلىق بۇ ماشىنىنىڭ ئات كۈچى يۈك ئاپتوموبىلىدىن قېلىشمايدۇ.زۇڭتۇڭ بۇ ماشىنىغا ئولتۇرغاندا نومۇر تاختىسى يەنىلا002 800 گە ئالماشتۇرۇلىدۇ.زۇڭتۇڭنڭ ماشىنىسىنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى بولسا ئالدىغا قادالغان ئىككى بايراق بولۇپ،بىرسى قوشما شىتات بايرىقى يەنە بىرسى زۇڭتۇڭ بايرىقى بولىدۇ.
زۇڭتۇڭنىڭ ماشىنا ئەترىتىدىكى 20نەچچە ماشىنىنى ئېلىكتىرلىك ئۇرۇش ئاپتوموبىلى،زۇڭتۇڭ قوغدىنىش ئاپتوموبىلى،ئادەتتىكى ئالاھىدە خادىملار ئاپتوموبىلى ۋە ئالاھىدە ساقچى ئاپتوموبىلى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.ئېلىكتىرلىك ئۇرۇش ئاپتوموبىلى ئادەتتە ئاساسلىق ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ياكى ئەڭ ئاخىرىدا بولىدۇ(يەرلىك ساقچى ئاپتوموبىللىرى ئاساسلىق ئاپتوموبىل ئەترىتىگە تەۋە ھېسابلانمايدۇ)ئۇنىڭغا دېڭىز ئارمىيەنىڭ يولۋاس توسۇقى سېستىمىسىtigerwall system سەپلەنگەن,ئاساسلىق رولى بولسا يۇقىرى ئوپتىكىلق ئەينەك ۋە يۇقىرى چاستوتىلىق سىگىنال ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق يېقىن ئەتىراپتىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش،يېقىن ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئۇچقۇلارنى نازارەت قىلىپ،ھاۋا مۇداپىئە ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ماشىنىغا يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا كاشلا پەيدا قىلىش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن.
زۇڭتۇڭ قوغدىنىش ئاپتوموبىلى ئادەتتە مەخسۇس ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدە ياكى يېنىدا ماڭىدۇ،يېنىدا ماڭغاندا مەخسۇس بىر ئاپتوموبىل يولىنى ئىگەللەپ ماڭىدۇ.بۇ يەتتە كىشلىك ماشىنىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا تېز سۈرئەتتە ئېچىپ يېپىشقا بولىدىغان كەينى ئەينىكى بولۇپ،كەينى ئورۇندۇقتاM16بىلەن توللۇق قوراللىنىپ ئولتۇرغان تۆت ئالاھىدە خادىم ھەر ۋاقىت شىددەتلىك ئوت كۈچى بىلەن زۇڭتۇڭنى قوغدىيالايدۇ.زۇڭتۇڭ قوغدىنىش ئاپروموبىلى ئەمەلىيەتتە بىر توپ جەڭ ھالىتىدە تۇرغان ئالاھىدە خادىملاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ,مەرگەنگە قارشى خادىم قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە ساقچى ۋە ئادەتتىكى ئالاھىدە خادىم ئاپتوموبىلىنىڭ كەينى ساندۇقى كىچىك تىپتىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتى بولۇپ،تېز سۈرئەتتە شىددەتلىك ئوت كۈچى ھاسىل قىلىپ زۇڭتۇڭنى قوغدىيالايدۇ.