|
|
|
|
تەشنايى ئاكىمىزنىڭ شەپقىتىنى ئۇنۇتمايمەن. (ئەسلىمە) 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز خاسىيەتلىك بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچتە تەشنايى ئاكىمىز ماڭا تىلىفۇن قىلىپ:«ئۇكام ئابدۇمىجىت، سىز دەرھال سائەت بەشتە ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىگىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىڭ، سىزنى ئولتۇرۇشقا ئېلىپ بارىمەن.»-دىدى. مەن دەرھال جابدۇنۇپ، سەنئەت ئۆمىگىنىڭ ئالدىغا كەلسەم، تەشنايى ئاكىمىزشوپۇر بىلەن مېنى ساقلاپ تۇرغانكەن. مەن ئۇلار بىلەن قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشتۈم. بىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ، ھەش-پەش دېگۈچە ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولىغا جايلاشقان پارلاق رىستۇرانىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ رىستۇراننىڭ 4-قەۋىتىگە چىقساق، ئۇ يەردە ئاتاقلىق دۇتتار شاھى-ئابدۇرىھىم ھېيىت ئەپەندى بىلەن قەشقەرلىك بىر قانچەيلەن بار ئىكەن. بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن سالاملاشتۇق. ئەسلىدە شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنلىرى ئابدۇرىھىم ھېيىت ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ناخشا-مۇزىكا كېچىكىگى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ كېچىلىك ناھايىتى مۇۋاپىقيەتلىك بوپتۇ. شۇ سەۋەپتىن قەشقەرلىك كاتتا ئەرباپلار ئابدۇرىھىم ھېيىت ئەپەندىنىڭ مۇۋاپىقيىتىنى مۇبارەكلەش ھەمدە مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى ئاكىمىزنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىگىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بېرىلگەن چاي زىياپىتى ئىكەن. مەن بۇ كاتتا سورۇنغا تۇنجى قىتىم قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن، سەل قورۇنغان ھالدا ئولتۇردۇم. ئاۋال بىز سورۇنغا قاتقاشقان 12 نەپەر يولداش بىلەن بىر-بىرلەپ تونۇشۇپ چىقتۇق. سورۇننى باشقۇرغۇچى يولداشنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، ئابدۇرىھىم ھېيىت ئەپەندى تەشنايى ئاكىمىزنىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتىكى ئىجادىيەتلىرىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن 10 نومۇر ئورۇنلاپ بەردى. بۇ دۇتتارلىق ناخشا شۇنداق جاراڭلىق ۋە مۇڭلۇق بولۇپ، ھەممىمىز ئۈن-تىنسىز ھالدا دۇتتارلىق ناخشىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر ھاياجانغا چۈمۈشتۇق. مەن بۇ سورۇندىن قايىتقاندىن كىيىن تەشنايى ئاكىمىزنىڭ مەندەك بىر ئاددى بىر ئوقۇتقۇچىغا قىلغان بۇ شەپقىتى مەندە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇردى. ئۇ ھازىر بىزدىن ئايلىلغىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭ ئالىيجاناپ خىسلىتى ۋە ھەيۋەتلىك قەددى قامىتى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇم تەشنايى ئاكىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن. مەن تەشنايى ئاكىمىزنىڭ ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىللىرىغا خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلەيمەن. ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2013-يىلى 4ئاينىڭ 2-كۈنى
|
|
|
|
|
|