مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 690|ئىنكاس: 7

مۇڭغۇلكۈرە پۇتبولچىلىقى ۋە ھاجىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40062
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3453
تۆھپە نۇمۇرى: 97
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:18:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىلىك قەدىر قىممەتنى بىز كۆپ ھاللاردا پۇل ۋە بايلىق بىلەن ئۆلچىۋالىمىز ، ئەمما ئەقىل پاراسەت بىلەن ياخشى خۇلىق مىجەزگە ھەم ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىش روھىغا باي كىشىلەرنى ئانچە نەزەرگە ئېلىپ كەتمەيمىز . دەماللىقتا ئۇ سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن ئىشلىيەلمىگەندەك ھە دىگەندە ئۇسسىغان يېرىڭىزگە تەككۈدەك ئىش قىلالمىسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىزگۈ ئىشلىرىنى بايقاشقا ، قوللاشقا ماھىر بولسىڭىز ، بۇ ئادەمنىڭ قولىدىن نىنى ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن ھەيران بولماي تۇرالمايسىز . مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى بىر ئىشسىز تۇرمۇشىنى نەچچە ئون كۈندە بىر قېتىم سويغان كالىسى بىلەن ئاران قامداپ كېتىۋاتقان بىر ياشنىڭ ، يەنە توي قىلىش يېشىغا ئاللىبۇرۇن يېتىپ بولغان بولسىمۇ خىلمۇخىل سەۋەپلەر بىلەن توي قىلالمىغان بىر ياشنىڭ مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە بولۇپمۇ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 20مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان مۇشۇ رايۇندا ھۇررا كوماندىسىنى قۇرۇپ ، قۇرغاندىمۇ ھەقىقىي مەناغا ئىگە قىلىپ قۇرۇپ بۈگۈنكى ھالەتكە ئەكەلگەنلىكى ھەقىقەتەن مېنى ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن پۇتبول سۆيەر خەلقىمىزنى ھاياجان بىلەن ياش تۆكۈشكە مەجبۇر قىلدى ، ھاجىم ئىسمى ھاجىم بولغان بىلەن ئۇ باشقا ھاجىملارغا ئوخشاش ھەج تاۋاپ قىلىپ كەلمىگەن ، يەنە باشقا ھاجىملارغا ئوخشاش پۇل دۇنيالىق زەرداردىنمۇ ئەمەس .ئۇ تېخى بىر يىلدەك بولدى دادىسىدىن يېتىم قالغان بارلىقىنى دادىسىنى داۋالىتىشقا سەرىپ قىلىپ قاق سەنەم بولۇپ قالغان بىر ياش ، يۇقىرى تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ، ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان جاسارەتكە ، ئۆز ئەقىدىسى غايىسى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا باي بىر ئۇيغۇر يىگىتى ، ئۇ ھۇررا كوماندىسىنى قۇرۇپ بۇ كوماندىدىكى ئەزالارنى يۇقىرى ساپالىق ، ئادىمىلىك پەزىلەتكە باي ، جاپاغا باش ئەگمەيدىغان روھتا تەربىلىشى مېنى يەنە كېلىپ 30يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە بىر ئادەمنى قاتتىق ھەيرەتتە قالدۇردى . چۈنكى ھاجىم ھېچقانداق ئالى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە نائىل بولمىغان . ھېچقانداق مۇنتىزىم پۇتبۇل تېخنىكىنىمۇ ئىگىلىمىگەن ، ئەمما ئىككى يىلدىن سەل ئوشۇق ئىستاجغا ئىگە بۇ كوماندا ھاجىمدىن ئىبارەت بۇ ئوت يۈرەك يىگىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن پۈتۈن مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىن ھالقىپ ئىلى تەۋەسىدىمۇ نام چىقىرىشقا باشلىدى . ھېچقانداق ماددىي كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ كوماندىنىڭ يوقاپ كەتمەي ، تېخىمۇ گۈللىنىشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟! بىز ھاجىم ھەم ئۇنىڭ كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ روھىغا قانداق باھا بارسەك بولىدۇ ؟! بۇنى تورداشلارغا قويساق بولىدۇ ، مۇشۇ كوماندىنى قوللىيالايدىغان نۇرغۇن زەردارلىرىمىز ، ئاقكۆڭۈل پۇلى بولمىسىمۇ پۇلدىن ئارتۇق سۆزى بار كىشىلىرىمىز بار ئۇلار مانا يۇرتتىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان ، ئەمما يولۇققان قىيىنچىلىقنى دەستەك قىلماي چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ھۇررا كوماندىسى ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتقان ھاجىمغا بارىكاللا دەيدۇ . ھاجىم بىر پەخىرلىك ئوغلان بولۇشقا لايىق ، ئۇ ئۆزىنىڭ سەمەرىلىك ئىشى ئارقىلىق ئادەمنىڭ قانداق ياشاش ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى .كەم سۆز ئېغىر بېسىقلىقى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوبرازىنى نۇرلاندۇردى . دىمەك بىز ھاجىم روھىنى تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىدۇق .ھاجىم گەرچە ھايات دوقاللىرىدا خىلمۇخىل زەربىلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ قىلچە بەل قويىۋەتمىدى ، كوماندا ئەزالىرىنى چىڭ تۈگۈلگەن مۇشىتتەك بىر ياقىدىن باش ، بىر يەڭدىن قول چىقارغۇزۇپ ياشاپ كېتىۋاتىدۇ ، ئالغا ئىلگىرلەۋاتىدۇ ، مەن ئۇنىڭ سەمەرىلىك قەدىمىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن ،ياشا ھاجىم!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 05:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92145
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 06:04:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئۆلگىلىك ياشكەن ياشاڭ!

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8227
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 2994 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 06:20:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇرەتلىرى يوقمۇ؟ شىنجاڭدىكى ھۇررا پۇتبۇل كۇلۇبى شۇمۇ ياكى ھۇررادىن ئىككىسى بارمۇ؟

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88840
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 624
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 07:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dolantograk004 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-2 06:20 PM
سۇرەتلىرى يوقمۇ؟ شىنجاڭدىكى ھۇررا پۇتبۇل كۇلۇبى شۇمۇ  ...

مەنمۇ چۈشىنەلمەيلا قالدىم

ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول،بولمىسا يوق بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخىمۇ تەپسىلى تونۇشتۇرسىڭىز بوپتىكەن

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87467
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 10:02:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستلا تىرىشچان يىگىت بۇ . مەنمۇ تونۇيمەن بۇ بالىنى . موڭغۇلكۈرە پۇتبولچىلقىغا ئۈنسىز توھپە قوشۇۋاتىدۇ. ئاپىرىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11095
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5019 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى بىلىدىغان ھۇررا كوماندىسى ئەمەس،ھۇررا پۇتبۇل كوماندىسى ھۇررا تور بىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھۇرراجان يەنى ساتتارجان قۇرغان كوماندا،شىنجاڭدا ھەممە ئىتىراپ قىلغان ھۇررا كوماندىسى،بۇ كۇماندا مۇنتىزىم ئەزالىرى بار،سىستىمىلىق مەشىق قىلىۋاتقان كوماندا،ھۇررا بايرىقى،ھۇررا كىيىمى،ھۇررا بەلگىسى بار كۈپچىلىك ئىتىراپ قىلغان كوماندا،ئەمدى تىمىدىكى ئاتالمىش«ھۇررا»كوماندىسى بولسا موڭغۇلكۆرەدىكى پۇتبۇل سۆيەرقىرىندىشىمىز پۇتبۇل ئىشتىياقى بىلەن قۇرغان كوماندىكەن،لىكىن بۇ قىرىندىشىمىز ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر پۇتبولچىلىغى ئۈچۈن جان كۈيدۈرىۋاتقان ،پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە «ماي قاچىلاڭ!!» دىگەن شۇئارنى «ھۇررا»دەپ ئانا تىلغا ئۆزگەرتىشكە ئاساس سالغان، «ھۇررا»ئاتالغۇسىنى قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرۇپ ، رەسمىيەتلىك تور بىكەت ۋە كوماندا قۇرغان ھۇررا تور بىكىتى ۋە ھۇررا پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ نامىنى قوللىنىپتۇ،بۇ  توغرا ئەمەس،قىرىندىشىمىزنىڭ پۇتبولنى قوللىغىنىنى قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز،لىكىن باشقىلارنىڭ مۇشۇ نام ئۈچۈن ئۇزۇن يىل يۈرەك قىنىنى سەرىپ قىلغان،ھۇررا نامىنى زورايتىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغان ئەمگكىنى سۈيئىستىمال قىلسا توغرا بولمايدۇ،ئالدىنقى قىتىم غۇلجا كوماندىسى_ھۇررا كوماندىسى مۇسابىقىسى دەپ بىر تىما يوللىنىپتىكەن،مەن تىخى ھۇررا كوماندىسى غۇلجىغا مۇسابىقىگە بارغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تىمىغا كىرسەم مۇشۇ مۇڭغۇلكۆرەدىكى باشقىلارنىڭ نامىنى قوللىنىۋالغان ساختا ھۇررا كوماندىسى ئىكەن.شۇ تىمىدا ھۇررانىڭ قۇرغۇچىسى ساتتارجانمۇ «دۇنيادا پەقەت بىرلا ھۇررا كوماندىسى بار»دەپ ئىنكاس يىزىپتىكەن.شۇڭا سەمىمى تەكلىۋىم :ھاجىم ئىسىملىك پۇتبول سۆيەر قىرىندىشىمىزنىڭ ھۇررانىڭ قۇرغۇچىسى ساتتارجان بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋاختىدا  چۈشەنچە بىرىپ ،غۇلجا تەۋەسدىدە دەرھال بايانات ئىلان قىلىپ ھۇررا نامىنى باشقا ئىسىمغا ئالماشتۇرغانلىقىنى ئىلان قىلۋەتسە....شۇنداقلا توختاپ قالماي پۇتبۇل روھىنى داۋام قىلىپ كوماندىسىنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرسا...قىرىندىشىمىزنىڭ ئىشلىرى بەرىكەت تىپىشىنى ،كوماندىسىنىڭ كۇنسايىن زورىيشىنى تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 03:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ پۇتبول كوماندىسى قۇراي دېگەن. لېكىن شۇ پۇل يوق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش