ئادىللىققائىشىنەمسىز؟
ۋاڭ تەيتوۋ
دولان تەرجىمىسى
جىلىن ئۇنۋىرسىتىتى ئۈستىگە ئالغان بۇ يىللىق سىتودىنىتلارنىڭ رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسىدە، ئىنىستۇتنىڭ ئوقۇغۇچىلار كادىرى بولغان كەمىنە پېقىر رىقابەتلەشكۇچى پىدائىلارنى تاللاش پائالىيىتىنىڭ باھالىغۇچىسى بولۇپ قالدىم، نۇرغۇن پىدائى ئىچىدىكى چىرايى ئادەتتىكىچە بولغان بىر قىز ئوقۇغۇچى مەندە چوڭقۇر تەسىرقالدۇرغان ئىدى.
كېيىنىشىدىن قارىغاندا ئومۇ ماڭا ئوخشاش سەھرادىن كەلگەندەك قىلسىمۇ، بىراق كۆزلىرىدىن بىرخىل مەيۇسلىك چىقىپ تۇراتتى، شەھەرلىك بالىلارغا سېلىشتۇرغانداكېيىنىشى ئاددىي بولۇپلا قالماي بەلكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىمۇ تۇۋەن ئىدى، دائىملىق سۇئالغا جاۋاپبەرگەندىن كىيىن، مەن ئۇنىڭدىن « ئادىللىققا ئىشىنەمسىز؟ » دەپ سورىدىم.
ئۇ بىراز ئارىسالدى بولغاندىن كېيىن « مەن ئادىللىققا ئىشەنمەيلا قالماستىن بەلكى بىلىمنىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيمەن » دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇئىنسانلار ئوخشاش بولسىمۇ نىمە ئۇچۇن يېزىسىدىكى قېرىنداشلېرىنىڭ قۇلدەك ئىشلەپمۇ ئات-ئىشەكتەك تۇرمۇش كەچۇرىدىغانلىقىنى، شەھەرلىكلەرنىڭ قىلچە جاپا چەكمەي يوقۇرى ماددىي مەشىھەتتە ياشايدىغانلىقىنى چۇشەنمەيتى، شۇنداقلا جىلىن ئۇنۋىرسىتىتى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، يىزىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۇندە قورۇقنان غاجاپ جان تالىشىدىغانلىقېنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە شەھەرلىك ئەمەلدارلار بەگزادىللىرىنىڭ كۇندەماشىنا ھەيدەپ قىز قۇشلايدىغانلىقىنى چۇشەنمەيتى؛ شۇنداقلا ئوقۇش پۇتتۇرگەن يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەھەرنىڭ بولۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن بېشى پاتقېدەك تۇرالغۇغائېرىشمىكىنىڭ بەسىمۇشكىل ئىكەنلىگىنى، شەھەرلىك بالىلارنىڭ ئىسىل داچىدائولتۇردىغانلىقى.....قاتارلىقلارنىڭ تېگىگە مەڭگۇئۆيلاپ يىتەلمەيتى ئەلۋەتتە.
بۇ قىزنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىرى بەكمۇ كۆپ ئىدى، شۇنداقلا بۇ قىزغا ئوخشاش ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ ئىدى، تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى نۆۋەتتىكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىراش پروفېسسۇرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ گۇمانلىرىغا جاۋاپ بىرىشكەپەقەت چولىسى تەگمەيتى، ئېتىقاد يوقالغان بۇ دەۋىردە، كىشى بېسىم ئاستىدا ئۇزۇن مەزگىل ياشىسا ھەرخىل بىنۇرمال ئەھۋال كۆرىلىپ، جەمىيەتتە شۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان ئاتالمىش « دەۋىر سەرخىللىرى » يېتىشىپ چىقىدىكەن.
ئەينى يىللاردا مەيلى ئىنقىلاپ داھىيسى ياكى ئادەتتىكى ئاۋام پۇخرا بولسۇن مۇستەھكەم بولغان ئىنقىلاۋى ئېتىقادقا ئىگە بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئورنىدا پەرىق بولسىمۇ بىراق جەمىيەتكە بولغان نارازىلىق ياكى گۇمان كۇرۇلمەيتى. بىراق بىزنىڭ ئېتىقادىمىز « خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش » دىن « خەلق پۇلى ئۇچۇن خىزمەت قىلىش » قائۆزگەرگەندىن باشلاپ، جەمىيەتنىڭ تۇۋەن قاتلىمىدىكى مىليۇنلىغان ئاۋام پۇخرانىڭ جەمىيەت غايىسىگە بولغان ئىشەنچى پۇتىنلەي بەربات بولغان بولۇپ، ئۆزتەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئۇمىد قىلسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا ئېقتىدارى يەتمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارپۇتۇن ئۇمىدىنى پەرزەنتىگە باغلاپ، ئۇلارنىڭمۇ كەلگۇسىدە ئۇزىگە ئوخشاش بەخىتسىز بوپقالماسلىقېنى ئۇمىد قىلدى.
ئاشۇ يىراق سەھرادىكى جىن چىراق يۇرىقىدا جاپالىق تىرىشىپ ئۇگەنگەن، دىھقان پەرزەنتى ئۆزئارزۇسىدىكى ئالىي مەكتەپكە كىرگەن بولسىمۇ، بىراق شەھەردىكى ھەممەنەرسە ئۇلارغا يات ئىدى، ئۇلار شەھەرلىكلەرنىڭ تەكەببۇر قاراشلىرىغا، شەھەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكەببۇر قىياپىتىگە ئادەتلەنمىگەن ئىدى، شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلارجىمغۇر-كەمسۆز بولۇپ، تەنھا ياشايتى، پەقەت ئوقۇشلا ئۇلارنىڭ ئەڭچوڭ خۇشاللىقى بولۇپ،ئوقۇش جەھەتتە شەھەرلىك بالىلاردىن قېلىشمايتى.
بىراق بازار ئېگىلىگى شاراھىيتىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆزىدىكى سىھرىي كۇچنى ئاللىبورۇن يوقاتقان بولۇپ، ئەمەلدار ۋە پۇلدارلارنىڭ پەرزەنتى ئالاھىيدە ئىمتىيازغا ئىگەئىدى، مەسىلەن ئاۋال پارتىيىگە كىرىش، ئاۋال ئاسپارىنىت بولىش، ئاۋال ئىشقائورۇنلىشىش قاتارلىق مەكتەپنىڭ « يوشۇرىن قائىدىسى » دىن بەھرىمان بولاتتى. يوقۇرى پەن-تەخنىكا شاراھىيتىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۇچۇرمەكەشلىكنىڭ ئۇۋىسىغائايلانغان بولۇپ، كۇچۇرمەيدىغانلارنى « ئەخمەق » دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان ئىدى.مۇشۇنداق شاراھىيىتتا سەھرادىن كەلگەن بىچارە سىتودىنىتلار ئالىي مەكتەپنىڭ نۇرغۇنلىغان « يوشۇرىن قائىدىسى » ئالدىدا گۇمانى تەخىمۇ ئېشىپ، بۇ جاھاندا يەنە «ئادىللىق » بارمۇ دەپ خىتاپ قىلىشتى.
ئەمىلىيەتتە بۇ جاھاندا يەنىلا ئادىللىق بار، بىراق شۇنىسى ئېنىقكى جەمىيەتنىڭ تۇۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەر ئاشۇ ئادىللىقنىڭ زىيانكەشلىكىگەئۇچرىغۇچىسى، ئوتتۇرا قاتلامدىكى كىشىلەر ئادىللىقنىڭ مەنپەئەتلەنگۇچىسى ۋەقوغدىغۇچىسى، يوقۇرى قاتلامدىكى كىشىلەر ئادىللىقنىڭ بىكىتكۇچىسىدۇر. بىز چوقۇمكى ئاشۇ ئاتالمىش « ئادىللىق » نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى؛ بىز ئادىللىقنى قوغدىغان ۋاختىمىزدا ئېنىققى ئاشۇ « ئادىللىق » نىڭ مەنپەئەتلەنگۇچىسىدۇرمىز.يېزىدىن كەلگەن نۇرغۇن دوسلار « قانچىلىك بەدەل تولىسەك شۇنچىلىك مەنپەئەكەئىرىشىمىز » دەپ يەنىلا جەمىيەتنىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىدۇ، مەن ئاشۇ دوسلارغايىزىلارغا قايتىپ، سەھرادىكى دىھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقى ياخشىلاندىمۇ-يوق كۆرۇپبەقىش تەكلىۋىنى بىرىمەن.
بەزىلەر 80-يىللارنى گاڭگىرىغان يىللار دىسە، 90-يىللارنى نىشاندىن ئاداشقان يىللار دەپ ئاتاۋاتىدۇ، بۇ خىل قاراشلار بىرتەرەپلىمىلىك بولسىمۇ بىراق بەلگۇلىك قائىدىگە ئىگە. ئالىي مەكتەپلەر بەسبەستە بىنا سېلىپ چىرىكلەشسە،پروفېسسورلار تۇر ھەلقىلىش، ئىلمىي ماقالا ئوغرىلاش بىلەن ئالدىراش بولدى،ئوقۇغۇچىلار مۇھەببەتلىشىش، خىزمەت ئىزدەش بىلەن ئالدىراش بولدى، ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىنى ئۇزىل-كىسىل ئۈنتىغان ئىدى.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇتىشىدا ئىتىقادنىڭ يوقۇلىشى ئادىللىققا بولغان گۇماننى تەخىمۇ ئاشۇرىۋىتىدۇ ئەلىۋەتتە. نىمە ئۇچۇن بىز بىر ئۆمىر تىرىشىپ قەددىمىزنىرۇسلىيالمايمىز؟ « فۇروڭجىن » دىگەن كىنودىكى « جەمىيەت ھەقىقەتەن ئۆزگېرىپ تۇرىۋاتىدۇ » دىگەن بىرجۇملە سۆز توغرا بولسا كىرەك!
مەنبە:
http://www.newsus.com.cnxiuxian/donewslist.asp?lable=8589
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 01:06 PM