مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3005|ئىنكاس: 56

قىزلاردا زادى نېمە گۇناھ؟... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5013
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 299 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 12:02:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:<<قانچە تىرىشساڭلارمۇ ،ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا باراۋار بولوشقاھەرگىزمۇ قادىر بولالمايسىلەر ئۇلارغا زۇلۇق قىلماڭلار.تەقۋادار بولساڭلار ئاللاھ تائالا سىلەرگە مەغفىرەت قىلىدۇ ،رەھىم قىلىدۇ >> قۇرئان كەرىم سۈرە نىسا 129-ئايەت.
پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم : <،تاماق يىگەن چىغىڭدا تاماق بىلەن تەمىنلىگىن ، كىيىم كىيگەن چىغىڭدا كىيىم بىلەن تەمىنلىگىن .ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرمىغىن ، ئۇنى سەتلىمىگىن نورمال مۇئامىلىدە بولغىن ،زۆرۆر بولغاندا بىر تۆشەكتە بولماستىن ئۆيدىن باشقا يەرگە تاشلاپ كەتمىگىن .>>دېدى .
پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېدى :دۇنيا دىگەن ۋاقىتلىق پايدىلىندىغان نەرسىدۇر ،دۇنيادىكى پايدىلىندىغان نەرسىنڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر .>> دېدى. دىمەك يۇقىرقىلار قىزلار ۋە ئاياللارغا ئېيتىلغان ئىبارىلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىردۇ .  

دىمەك قىزلار ئاجىز ، ھەممە سەتچىلىكنى شۇلارغا ئارتىپ تۇرۋىلىپ كۈچلۈكەرەك بولغەن بىز ئەرلەر مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ تۇرۋالساق تازا توغرا بولمايدىغۇ دەيمەن ... ئەسلى سۇنىڭ بېشى لاي ...باش بولسا كىمى بولىدۇ ؟ بىز ئەرلەر بولىمىز. بۇرۇن ئىنتىرنىت تور تەرەققى قىلمىغا ن ياكى يوق ۋاقىتلردا قىزلىرىمىزنىڭ كوچا -كويلارنىڭ بۇلۇڭلىردىن مىڭىپ نۇمۇسنىڭ بېشىنى يەرگە قاراتقان ناتىۋانلىرىمىزنى يوغان قوساق پۇلدارلارنىڭ ، بەچچىۋازلانىڭ ئالداپ سىلاپ ياكى ئۇنىمىسا زورلۇق بىلەن ئۆزىنىڭ شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر ياقلارغا تارتىپ كېتىشى تالاي شۇنداق سۈزۈك سۇلىرىمىزنى يولدىن چىقارغان ...ئۇلارنىڭ ھالىنى ئېيتقۇدەك نەرى بار . ..ئەمدىلىكتە ئۇچۇرلىششىنىڭ بۇ زامانىۋى دەۋىرلىردە ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەبتى -بەشىرىمىزنى بىر ياققا قايرىپ قويوپ ئۇنداق بۇزۇقەي -مۇنداق بۇزۇقەي دىيىشلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ۋىجدانىغا دۇرۇس كىلەمدۇ؟؟ بىر ئۇغۇل بىلەن بىر قىزنى سوقوشقا سىلىپ قويسا قىز تاياق يەپ كېتىشى مومكىن ئۇنداقتا بۇ يەردە ئوغول كۈچلۈك دىگەن مەنا چىقتى ،.سىز بىر ئاجىزنى كۈچلۈك قوللىرىڭىز بىلەن تارىتپ ئۆزىڭىزنىڭ شەھۋانى نەپسىڭىز ئۈچۈن ئاستىڭىزغا باسقىنىڭزدا سىزنىڭ كاللىڭىزغا ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىن تەربىيلەپ نى ئارزۇ -ئۈمۈتلەر بىلەن بىقىپ چوڭ قىلغان بىر مەزلۇمنىڭ ھاياتىنى نبۇت قىلىۋاتقانلىقىڭىز كەلدىمۇ...؟؟؟ ياق... ئۇنىڭ تىپچەكلىگىنى يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى سىزنىڭ مۇز باسقان دىۋانىنىڭ قېتىپ كەتكەن خۇرجۇنىدەك بولوپ كەتكەن قەلبىڭىزنى ئېرىتەلمەيدۇ...  

ئالى مەكتەپ بوسوغىسىغا ئەمدىلا قەدەم باسقان كەلگۈسىدە ياخشى ئوقوپ ،دوكتۇر ، ياكى ئالىم بولوشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر ئاجىزنىڭ قېشىغا << مەڭگۈلۈك مۇھەببەت >>ئۈچۈن بىر يىگىت كىلىپ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى . ئۇنىڭ دىگەن يىرىدىن چىقىشقا باشلىدى ..ئۇ يىتگىتنىڭ بىرلا ئويى بار ئىدى ئۇ بولسىمۇ بۇ قاماققا چۈشكەن بىلىقنى راسا بىر مەززە قىلىپ يەۋىلىش ئىدى ...بۇ ئىشلار ئۇنىڭ غا ئادەت بولوپ كەتكەن ..كۆنگەن خۇي ئىدى.. ئېيتىڭە سىزچە ئۇ قىز شۇنچە يىراقتىن مۇھەببەت ئۈچۈن كەلگەنمىدى ...ياكى ئۇ قىز باشتا بىرەر يىگىتنى كۆزلەپ ئۇنى قولغا كەلتۈرمەكچىمىدى .؟ بۇنىڭغا چوقوم قىزلار ياق دەپ جاۋاب بىرىدۇ . ئوغوللار بەز يىمەيدىغا مۆشۆك بارمۇ دەپ جاۋاب بىرىدۇ... يالغۇز بىر ئوغول ئورمانلىقنىڭ قىشىدىن كىتىپ بارسا ئۇنى بىر قىز كىلىپ ئورمانىلىقنىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ كىتەرمۇ ؟ بۇنى نەدىن ئاڭلىدىڭىز ...؟ سىز شۇ بەزنى يىمىسىمۇ ىيگۈسى يوق بولسىمۇ زورلاپ تاڭدىڭىز .،ئامال -چارە قىلدۇق .. ئالداپ-سىلاپ سورونلارغا ئاپاردۇق . ئىچمىسە زورلىدۇق ،ئىچىملىكىگە ئۇخلىتىش دورىسى ياكى باشقا دورىلارنى قاتتۇق شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ رەززىل مەقسىتىمىزگە يەتتۇق ..ئويلاپ باقايلى قىزلار مۇشۇنداق قىلارمىدى بىزنى ئالداپ ئەكىلىپ ئىچىمىلىكمىزگە دورا قوشىۋىتەرمىدى ..بۇ مومكىنمۇ ؟ سورونلادا قىزلارنى يەنە شۇ مەرىت ئوغوللار مېھمان قىلىدۇ ، شۇنداق سورون قۇرۇپ كۈندە كەچتە ئۇ يەردە ئۇچىرشايلى ،بۇ يەردە ئۇچىرشايلى دەپ قىزلارنى ئاتا-ئانىلىرىغا يالغان سۆزلەتكۈزۈپ يىنىڭىزغا ئەكىلىپ خالىغىنىڭىزنى قىلدىغان ،شۇلارنى كەيىپكە ئويون -تاماشىغا مەپتۇن قىلغان بىز ئوغوللاردۇ.؟؟ ياكى قىزلار بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزگە كىلىپ ئىسقىرتىپ بىزنى ئاتا-ئانىمىزغا يالغان سۆزلەتكۈزۈپ ئالدىغا چىقىرامدۇ؟؟؟؟ شۇلارنى جەمىيەتكە كوچىغا كۆندۈرگەن بىز ئۆزىمىز .... شۇنداق ئىپادىگە كۆنگەن قىزلىرىمىز بىزگە چىريلىق كۆرنۈش ئۈچۈن ، بىزنى ئىسقىرتقۇزۇش ئۈچۈن ، سورونغا ئۈگەنگەنلىرىمىز تاماشىغا ئويونغا چاقىرتقۇزۇش ئۈچۈن ، تار كىيدى ...نىپپىز كىيدى ..بىلىنى كۆرسەتتى ..مەيىدسىنى ئاچقىلى تۇردى ...ھەممە ئادەم باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلشنى ئويلايدۇ .. بۇ بىز ئوغوللاردىن قىزلارنىڭ بەكەرەك ئىپادىلىنىدۇ ..ئەرلارنىڭ قەلبى بۇرۇندىنلا بۇزۇلۇپ كونىراپ كەتكەن ، يىڭىلىقنى ماراپ تۇرىدۇ ..قولىدىكى سېسىق پۇلىنى كۆز-كۆز قىلىپ مال ئالماشتۇرۇپ تۇردىغان بىز بۇزۇق ئەرلەر تۇرغان يەردە بىچچارە ئاجىزلار نىمىە قىلماقچى.؟ ؟؟ ئۇلار شۇنداق بولغاندىكىن ياسىنىمەن گىرىم قىلىمەن ئېسىل كىينىمەن دەيدۇ .ئۇنىڭغا پۇل كىرەكتە ..چۈنكى بىز ئوغوللار ياسانغانىنى ، غىلجىڭلاپ تۇرغاننى ماشىنىمىزغا سىلىپ ئوينىتىپ كىلىدىغان تۇرساق ..قېرىلىقىمىزغا باقماي نەۋرىمىزنى ئالاداپ -سىلاپ مىھمانخانىلاردا يۆتلەپ يۈرسەك گۇناھ زادى كىمدىكەن .؟؟؟؟ تىللىغانغا ئۇلار ئوڭشىلىپ قالامدۇ.؟ بىر ئۇبدان ئۆسۆپ يىتلىگەن گۈلنى ئۆزىڭىز سۇندۇرۋىتىپ ئاناڭنى سېسىق گۈل دەپ تىللىسىڭىز ئاقامدۇ.؟ ئۇلاپ قويوش بىزنىڭ قىنىمىزدا يوق ... نەگىلا بارسا پۇلىنى داملاپ .ھىجىيىپ بىر يەرلىرىنى غىدىقلاپ قىرىلار بۇ يەدە يۈرسە ئەلۋەتتە بىزدىن نەپرەتلەنگەنلىرى باردۇ ..شۇڭا ئوغوللار كۆزگە يالماۋۇزدەك كۆرندىغاندۇ...  

شىر چىغىدا ئۇ بىر ھايۋان . ئۆز دائىرسىدىكىنى جان-جەھلى بىلەن قوغدايدۇ ، قارشى تەرەپنىڭ بىرەر يات ھايۋاننى كۆرگەن ھامان ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىلىشىدۇ .. چىشى شىرلارنىڭ ھاياتىغا نۇمۇسىغا كىپىللىك قىلىدۇ ، ئۇ بىر ھايۋان بىزچۇ؟؟ بىز قوغدىيالىدىقمۇ ؟ ھەممە ئوغوللىرىمىزنىڭ ئاغزىدا كۆيدۈم-پىشتىمدىن باشقا گەپ يوق ..بىز ئۆز ۋاقتىدا گۈلدەك ئىچىلغان سۈيۈملۈك ،پاك قىزلىرىمىزنى قەدىرلىيەلىدۇقمۇ ؟ چىن يۈرىكىمىزدىن سۈيەلىدۇقمۇ ؟ ياق....پۇرسەت بولسىلا ھۇجۇمنى قولدىن بىرىپ قويمىدۇق . ئۈگۈتۈپ قويوپ يىرىم يولدا كوچىغا تاشلاپ قويدۇق .. ئەمدى تىگەي دىسە ئىپپىتى بۇزۇلغان ...بالىسى بارغا يا تەككۈسى كەلمەيدۇ ..ئەمما سىز خاتىرجەم ھىچ ئىش بولمىغاندەك يەنە بىر غۇنچىنىڭ قىشىدا ئۇچۇپ يۈرىسىز ..چۈنكى سىزنىڭ ئىپپىتىڭىزنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى مۇنداقلا بىلىگىلى بولمايدۇ،. پۇلى يوق يىگىتلەر پۇلى بار خېنىملارغا ئامراق شۇڭا ئۇلار مەيلى ئىچكىرلىك بولسۇن مەيلى چەتئەللىك بولسۇن پوش دىمەي ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكتى،..جىنسىيەت دىگەن ئۇمۇ ئاققا ئوخشاش خۇمالىق .. ئۇ مەزلۇم شۇنىڭغا خۇمار بولغان . ئاتىلاردىمۇ گۇناھ بار ،چۈنكى ئۇبىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى . ئۆينىڭ تۈرۈكى دىگەن گەپ ھەممىگە گىپى ئۆتىدۇ دىگەن گەپ . ئۇنداقتا قىزىڭىزغا ئۆتكىدەك تەربىيە قىلالمىغان سىز ئاتا بولغۇچى بەلكىم بۇرۇنقى ۋاقىتتىكى شۇنداق ياش بولوشى مومكىن ، بولمىسا چوقوم توسايدۇ . كەچ تالاغا چىقارمايدۇ . ياغلىق چەككۈزدۇ.. ياخشى ئىشلردىن نېرى قىلمايدۇ . مەن بۇلارنى كۆرۆپ تۇرۋاتىمەن .. لىكىىن بەزى ئاتىلار بار قىزى بىلەن كارى يوق نىمە كىيىپ نەدە يۈرىشى بىلەن كارى يوق ..ئانىنىڭ ئەسلا كارى يوق چۈنكى دادا بولغۇچى ئۆزىنىڭ دادىلىق بۇرچىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان يەردە ئايال كىشى نىمە بولماقچى..؟؟؟  

ئەرلەر بىر خوتوننى جۆندەپ خوتون قىلالماي ، باشقۇرالمىدىم ، يولدىن چىقىپ كەتتى دىمەكلىك بىلەن ئاجىرشىپ كىتىۋاتسا ،بالىسى بىلەنمۇ كارى بولمىسا خوتوننى باشقۇرالمىغان ئۇ بىچچارە ئەرلىرىمىز قىزلىرىمىزنى باشقۇرالامدۇ..؟؟؟؟ دادىسىنىڭ يات بىر ئايال بىلەن قىزى ئولتۇرغان سورونغا كىرىپ قىزى بىلەن دۇقۇرشۇپ قىلىشى شۇ ناتىۋانلارغا بۇ دۇنيانىڭ نىمىلكىنى مۇشۇنداقلا چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ... دادا قىلغان يەردە بالا نىمە قىلمايدۇ..... داڭلىق كىنۇ چولپانلىرىمىۇ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن پۇلدار بايۋەتچىلەرنىڭ قوينىدا ئۆزىنىڭ ئىپىپتىنى خازان قىلىدىكەن ...شۇ پۇل خەجلەيدىغان بايۋەتچىلەر ئەردۇ.؟؟؟ يا ئايالمۇ..؟؟ ئۇنداقتا گۇناھ كىمدە؟ ؟؟؟؟ ئۇنداق بولمىغاندىن كىين بىز ئۇلارنى قارغولارچە تاغدىن-باغدىن تىللىماي چىن كۆڭلىمىزدىن شۇلاردىن كەچۈرۈم سورايلى . ئۇلارنى قەدىرلەيلى ..ئۇلار چىن كۆڭلىمىزدىن سۆيۆلۆشكە ھەقلىق ...ھەي..ئەر كىشى خوتون كىشىنى تىللىسا،،،ئاجىزنى كۈچلۈك تىللىسا بىزگە نە نۇمۇس ...!!! خوتون كىشى بىزنى تىللىسا يارىشىدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزگە نىمە كۈچى يىتىدۇ.. قىلدىغاننى قىلىپ ئەمدى بىز ئۇلارنى تىللاپ يۈرسەك...ھازىرقى ئەرلەر خوتوننىڭ تىگىدە قاپتۇ ئەمسە..ئادىل مىجىتمۇ ئويناپ چىقتىغۇ ئەنە چىدىماي ....بولمىسا شۇنىڭغىمۇ ئابرۇيمۇ ئېتۇت ئوينىدىم دەپ خوتون كىشىدەك بولىۋىلىش.. ئۇنىڭمۇ ئەل-ئاغىنىلىرى بار چۈنكى ئايالى بار چۈنكى ... مەن بىر ئەر بولوش ،يىگىت بولوش سۈپىتىم بىلەن قىزلارغا شۇنداق دەيكى ؛ سىلەرنى سۆيىدىغان چىن قەلبىدىن ياخشى كۆردىغانلار كۆپ ، شالتاقلار پەقەت ساناقلىقلا .شۇڭا ئۈزەڭلارنىىڭ قەدىر قىممىتىنى ئاسىراڭلا ، سىلەر قانچە تۆۋەن يۈزلۈك نۇمۇسچان بولغانسىرى بىز شۇنچە سىلەرگە ھۆرمەت قىلىمىز ، كونا بولسىمۇ كىيمىڭلارنىڭ پۈتۈن بولغىنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىلىپ بارىدۇ .ياغلىق چىگگەن باشنىڭ قەدرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كىشىگە نىسىپ قىلىدۇ ، يالاڭ يۈرگەن بىر قىز كوچىدا ماڭسا ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزلەر ئۇنى بىر قىتىم قويىۋالسام دىگەن ئۈمۈتكە ئەكلىشتىن باشقا بولمايدۇ،. ئەمما ئەسلى سىز ئېسىل قىز .ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ .. گۈزەللىك قەلىبتە بولغانسىرى ئۇ كونا كىيىمنىڭ تىشىغا تىپىپ ئادەمىنى لال قىلىلپ تۇرىدۇ . گۈزەللىك تىشىدابولسا ئۇ قانچە قېنىق بولغانسىرى پاھىشۋازلارنى ھىجايىتقان بىلەن ياخشىلارنى بىزار قىلىدۇ .


مەنبە : كەڭ ساي مۇنبىرى

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5755
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2148 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:18:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپتە قەتئىي مۇھەببەتلەشمەسلىك كېرەك دەپ قارايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93971
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:19:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپـتۇ!

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇركۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92730
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:22:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز. بىراق جەميىتمىزدە نۇرغۇن مەسىللەر بىرلا تاياقتا ھەيدىلنىپ كېتىدىغان بىر خىل ناتوغرا كۈزىتىش ۋە مەسلە ھادىسسى خېللا ئېغىر،شۇڭا بەزى ئىشلارنى بەك جىق ئويلاپ كەتمەسلىكمۇ بىر خىل دانالىق.  

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92450
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھىجايغىنىمنى كۆرۈپ مېنى كۈلدى دېمە ، يۈرەكتىن كۈلەلىگەنلەرلا ھەقىقىي كۈلگەن ھېساپلىنىدۇ .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23442
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:29:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مۇلاھىزە بوپتۇ . بارلىق قىز _ ئاياللىرىمىزغا شەرمىي_ ھايا  ، ئىمان تىلەيمەن ، ئامىن .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8655
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:45:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇزۇگۇمدەك قىزلارنىڭ مەيدانغا كىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .بارلىق ئەرلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان -ئىنساب تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92524
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:54:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىيقەتەن ياخشى يىزىپسىز.....ئۇلۇغ ئاللاھ ھەربىر ئوغۇل-قىز  بەندىلىرىنڭ كۆڭلىگە ئىنساپ-دىيانەت ئاتا قىلسۇن.  تىمىڭىزغا رەھمەت.

ھايات-شام،ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،كەلدىڭمۇ جاھانغا،كەتمىشىڭ ئېنىق،شۇ‹كىلىپ-كەتمەك›نىڭ ئۆزى بىر سۇئال،جاۋاپقا ھازىر بول،ئۆچكىچە تىنىق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93932
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 491
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 03:24:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز،قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن اللا ئىگەم.
ھەممەئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى

زۇلخۇمار[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2849
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9143
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 03:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلىرىمىزغا ھايا ،يىگتلىرىمىزگەئنساپ تىلەيمەن .قىزلار ئۆزىمىزنى قەدېرلەيلى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش