مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3764|ئىنكاس: 107

مىسرانىم ، ئىنكاسقا مۇھتاج ئەمەس !   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19618
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1867 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 10:57:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى
باشلايدىغان گېپىم يەنىلا شۇ ئەھۋال سوراشتىن بولسۇن ، ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلار سالامەت ، تۇرمۇشۇڭلار خاتىرجەم . كۈنلىرىڭلار خۇشال ، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق ، مەندەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈشى ياخشى كېتىپ بارغاندۇ ؟
ئەسلى مۇشۇ تىمىنى بۇرۇنراق يوللاش كېرەك ئىدى ، بىراق مەندەك ئويلايدىغانلار ئازمۇ ياكى ئويلىغان بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي يازالمىدىمۇ بىلەلمىدىم . مانا مەن يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . بەلكىم خاتا سۆزلەپ قويغان بولىشىم مۇمكىن ، بىراق خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ، ياكى خاتالىقلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مىسرانىم مۇنبىرى قۇرۇلغىلى ئالتە يىلدىن ئېشىپتۇ ، تېخى بىر نەچچە ئاي بۇرۇنلا ئالتە يىللىقى تەبرىكلەندىغۇ دەيمەن . شۇ ئالتە يىل جەريانىدا مىسرانىمنىڭ بېشىدىن نىمە كۈنلەر ئۆتمىدى ؟مانا بىزنىڭ بېشىمىزدىنمۇ شۇ ئالتە يىل جەريانىدا نى سوغۇق نى تۇمۇزنى ئۆتكۈزدۇققۇ ؟ بەزىدە تەسەللىي بەزىدە ئاچچىق بىلەن ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىمىزنى بەزلىدۇق . بەزلىيەلمىگەن يەرلىرىمىزنى بولسا تەنقىدلەپمۇ باقتۇق . بىز شۇنداق خەق باشقىلار كۆرسەتكەن ئەيبنى تاپالمايدىغان . ئەنە شۇ ئالتە يىلنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئەمدى بىر-بىرىمىزگە ئازار بەرمىسەك .
يىلدا قاينايدىغان ، توغرىسى مۇنبىرىمىزدە ئۇرۇش چىقىرىدىغان تىمىلارنىڭ قايسى – قايسى ئىكەنلىكى مۇنبىرىمىزدىكىلەرگە ئېنىق ، ھەتتا يادىلاپمۇ بېرەلەيدۇ ! بىز شۇنداق بۇرنىغا سۇ كىرمەيدىغان مىللەتما ؟ يىلدا ئۇرۇش چىقىردىغان ئاشۇنداق تىمىلارنى يوللىمىساق نىمە بولىمىز ؟ <<بىلمىگەنلەرنى بىلىۋالسۇن دەپ يوللىدۇق !>> مانا چوڭ گېپىڭ . بىراق شۇ بىلمىگەنلەر مۇشۇ مۇنبەردە بىر كۆرۈپلا بىلىۋالارما ؟ بىر نەچچە ئېغىز تىللىغانغا مۇشۇ مىللىتىڭ ، مۇشۇ دىنىڭ تۈزۈلۈپ قالارما ؟ پىسپاس تىمىلىرىڭنى كۆتەر ؟ نى – نى جۈمە نامازلىرىدا ئاشۇ ئىماملىرىمىز نۇرغۇن گەپنى قىلىدۇ يۇ قۇلاققا كىرمەيدۇ ، مۇشۇ مۇنبەردە بىر ئوقۇپلا شۇنىڭ ماھتىنى چۈشۈنۈپ ، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغىننى تەن ئالارما ؟ شۇڭلاشقا ئاشۇ << بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن! >> دىگەن قۇرۇق سەپسەتەڭەنى كۆتۈر ، ياكى بىر يېرىڭگە قىستۇرۇۋال . مۇنبەرگە بىز ئۇرۇش كۆگىلى كىرمىدۇق . مەنۋىيىتىمىزنى بېيىتقىلى كىردۇق .
ئۇرۇش ئىزدەپلا يۈرۈيدىغانلارمۇ باركەن ، قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرۈيدىغانلارمۇ باركەن . ئاپپاق قەغەزگە بىر تال كىچىككنە چېكىتنى قويۇپ << بۇ نىمە ؟>> دەپ كۆرسەتسە ، ئون مىتىر نېرىدىن قاراپ << بىر تال چېكىت >> دىگۈچىلەرنىمۇ كۆردۈم . قەيەردە ؟ مانا مۇشۇ مۇنبەردە ! توۋا قىلىدىغان باشقا ئىششىڭلار يوقما ؟ شۇنداق ناچار تىمىغا بىرىنجى قەۋەتتىكى ئىنكاس ياخشى دىسە كەينىدىكى قەۋەتلەرمۇ ياخشى بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن . كىيىن كىرگەن ئادەم ئوقۇپ بولۇپ ئاستىدىكى ئىنكاسنى كۆرۈپ قايتا ئوقۇغان ، ھېچنىمنى چۈشۈنەلمەي ئۆزىنىڭ دۆتلىكىنى ياكى بۇ << ياخشى >> دەپ ئىنكاس يازغۇچىنىڭ نىمنى ياخشى دىگىننى بىلەلمەي يەنە قايتا ئوقۇيدىغان گەپ . توۋا ئاشۇ ئىنكاس يازغۇچىلار نىمىنى كۆزدە تۇتۇدىغاندۇ ؟ مۇنبەر پۇلى ؟ دەرىجە ؟ ۋە ياكى قۇرۇق سۆلەت ؟ ئەگەر سىلەرگە لازىمى مۇنبەر پۇلى بولسا << ماڭا مۇنبەر پۇلى كېرەك ؟>> دەپ تىمىدىن بىرنى يوللاڭلار . مەندە بارى يېتىشمىسە باشقىلارمۇ قاراپ تۇرماس ! ئۆزىمىزدە بولمىسا سوراپ ئېلىپ بېرىپ تۇردىغان ، خەقنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ساۋاپ دەپ بىلىدىغان مىللەتتىن بىز ! ئېغىر ئالماڭلار ! دەرىجە لازىم بولسا بىز دەرىجىىنى بېرەلمەيمىز . <<مىسرانىم >> ئەپەندىگە دەپ ئەپ بەرسەك بولىدۇ . مېنىڭچە بۇنىڭغا << مىسرانىم >> ئەپەندىمۇ ھەرگىز ياق دىمەيدۇ . ئەمدى ئاۋۇ قۇرۇق سۆلەتكە كەلسەك ، بۇنى ھېچكىم بېرەلمەيدۇ ، مىسرانىمنىڭ دوقمۇشىدا چاپان سالسىڭىزمۇ بىكار !
راستىنى ئېيتسام ، يېققىندىن بۇيان ئىنكاسلارنى ئوقۇپمۇ يۈرمەيدىغان بولدۇم . بۇرۇن چۈشەنمىسەم ئىنكاسلاردىن يەنە كىملەرنىڭ چۈشەنمىگىننى ، قانداق چۈشەنگىننى ئىزدەيتتىم .شۇنداق ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشلەر ، شۇ تىمىغا يانداشقان بىر نەچچە قۇر ئېسىل گەپلەر بار ئىدى . تېتىملىق ئىنكاسلار بار ئىدى .   بىراق ھازىر ئۇنداق ئەمەس . ئىنكاسنى ئوقۇسام ھەمىلا يېرى خۇددى شۇ ئەسەرنى يازغان ئاپتۇرنى ھېكايە ئىچىگە ئەكرىپ تىللاش ، رەدىيە بېرىش ، ئەسەردىكى قايسى بىر گەپلىرىدىن قۇسۇر تېپىش . ئەنە شۇنداق ئىنكاسنى ئوقۇسام شۇ ئىنكاس يازغۇچى يېنىمدا بولسا بېشىغا نوقۇپ تۇرۇپ << ھەي ھاڭۋاقتى ، ئاشۇ ئەسەردىكى پىرسۇناژ بۇ ئەسەرنى يازغان يازغۇچى ئەمەس ، بەلكى بىر كۈنلەردە سەن بوپ قېلىشىڭمۇ مۇمكىن . >> دىگۈم . ئاشۇ ئىنكاسنى قايسى كاللا بىلەن يازغىننى سورغۇم كېلىدۇ . ھېكايىنى ھەممە ئادەم كۆرگەن بىلگىننى يازىدۇ ، بېشىدىن ئۆتكىننى يازىدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟ ئەدەبىيات كىتاپىڭدا شۇنداق دەپ بارمىكەن ؟ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇڭ شۇنداق ئۆتكەنمۇ يە ؟ ھېكايىنىڭ ھەممىسى راست بولمايدۇ ! ئۇ ھېكايە ھەم ئاپتۇرنىڭ تۇرمۇشى بولمايدۇ ! توقۇلما بىلەن تۇرمۇشقا يېققىنلاشقان ھېكايىنىمۇ يازغىلى بولىدىغۇ ؟ ھەممە ئادەم مانا ئاشۇ << ھاڭۋاقتى>> لاردەك ئاپتۇرنى تىللاپلا ئۆتۈپ كەتسە ، شۇ ئاپتۇر ياكى يازغۇچى بۇندىن كىيىن قەلەمنى قولىغا ئالمىسا ، ئىككىنجى بىر نىمە يازمىسا بولىدۇ ، ئەقەللىيىسى بىرىنجى يىلى دېھقان بۇغداي تېرىدى ، بىراق ھوسۇل ئالالمىدى ، ئىككىنجى يىلى يەنە شۇ دېھقان بۇنداي تېرىمدۇ ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەر يازغۇچىمۇ ئۆزىنىڭ ئەسرنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى بىزنىڭ ئىنكاسلىرىمىز ئاتقىلىق بىلەلەيدۇ دە !
ئەسەر يارىمىغان بولسا پېشىڭىزنى قېقىپلا چىقىپ كېتىڭ ، بىرى سىزنى زورلاپ ئىنكاس يېزىڭ دىمىدى . ياكى بوياندىن تۇتۇپ شۇ تىمىغا ئەكرىپ قويمىدى ، بەك ئاچچىقىڭىز كەپ كەتسە كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۋېتىڭ . كىرىپ باشقا بىرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ . دىل ئازاردىن ، خۇدا بىزار ! تەكلىپ پىكىر بولسا ، شۇ ئەسەر ھەققىدە تەكلىپ – پىكىر بېرىڭ . ياكى يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە تەكلىپ – پىكىر بېرىڭ . شۇنداق بىر-بىرمىزنىڭ كەمچىلىكنى كۆرسەتكىلى كىرگەن بۇ يەرگە . ھەرگىزمۇ ھاقارەت ئىشتكىلى ئەمەس .
باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ ھەم ئۆز تۇرمۇشى ، خىزمىتى بار ؟ ئەتگەندىن كەچكىچە بۇ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇردىغانغا ۋاقتى چىقمايدۇ ! بەزى تىمىلارغا كىرسە باشقۇرغۇچىنى دىگەن ئالدىرتىپ ، << مېنىڭ تىمام قېنى ؟ >><<ماۋۇ قايسى لاۋزا باشقۇرغۇچنىڭ تەستىقلىغان تىمىسى ؟>> ھەي ، تىما ياقمىسا باشقۇرغىچىدا نىمە گۇناھ ! باشقۇرغۇچى بولغان گۇناھما ئالدىڭدا ، ئۆيدە تاماق ئوخشىمىسا چىنىدىن كۆرەمسە ؟ توۋا ، شۇ باشقۇرغۇچى سېنىڭ ئالدىڭدا لاۋزا بولغىدەك نىمە قىلدى ؟ ئويلاپ سۆزلە ! باشقۇرغۇچى بىر كۈنلىك خىزمىتىنى تۈگۈتۈپ ، ئۆي ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ ئاندىن مۇنبەرگە سېنىڭ خىزمىتىڭنى قىلغىلى كىرىدۇ ! ئۇلاردا زادى نىمە گۇناھ !؟ سېنى زورلاپ مۇنبەرگە ئەزا قىلمىىدىغۇ بىرى ؟ چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ . بۇ يەر سىنىپ ئەمەس ، ياكى خىزمەت ئورنۇڭ ئەمەس ، بۇ دىگەن مۇنبەر . بۇ يەردە يوقلىما يوق !!!!
ئاخىردا دەيدىغان گېپىم ، مىسرانىم سېنىڭ لاۋزا ئىنكاسڭىغا مۇھتاج ئەمەس .



ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
5jahanxah + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
zvmrat + 614 ماختاشقا تېگىشلىك
efrana + 39 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
TILSIMAT + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nazaratqi + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
armi + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
XERHAN + 111 ماختاشقا تېگىشلىك
IZZAT + 100 نەق گەپلەرنى قىپسىز. ك.
korul + 97 كۆڭلۈمدىكىنى دەپسىز..
ئەلشاھ + 555 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2016   باھا خاتىرىسى

بىر - بىرىنى قوغلاپ ئۆتتى كۈنلىرىم ،
كېلەرمىكىن ‹‹پارلاق ئەتە ›› ئەتە دەپ.
ئۆتۈپ كەتتى ئەنە شۇنداق ئەتىلەر ،
ئەتە كەتتى ئەتىلەرنى پەتىلەپ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1672
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:27:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى بىريىل بوپ قالاي دىدى كۈندە كىرىمەن ،كىرىپ ئاساسەن تىمىنى ئوقۇپ بۇلۇپ ئىنكاسلارنى ئوقۇيمەن،نۇرغۇن ئەزالارنى ئىنكاسلىرى ئارقىلىق تۇنۇدۇم،يازغان ئىنكاسلىرى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن،بەزى ئەزالارغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى،يەنە بەزى ئەزالارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ بەكمۇ مەيۈسلەندىم،لىكىن بۇنداق ئەزالار نايىتى ئاز سالماقنى ئىگەللەيدىكەن..
ئىلمى پىكىر قىلىش،ئويلىغانلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قۇيۇش،پىكىردە بىرلىككە كىلىش،مەلۇم مەقسەتكەيىتىش مۇنبەرنىڭ مەقسىتى.تورداش سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىز ھەقىقەتەن توغرا بۇتىمىنى كۆپلىگەن تورداشلار كۆرسە بەزى جەھەتلەردىن پايدىسى بوپقالاركەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   korul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 01:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1782
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:33:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكرىڭىز ئورۇنلۇق بوپتۇ، دىمىسىمۇ يېقىندىن بۇيان بەزى ئىنكاسلار كىشى كۆڭلىنى بىئارام قىلاتتى، مەنمۇ گاھىدا ئاشۇ ئىنكاسچىلارنىڭ پەقەت ئىشى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن، مەنمۇ يېقىندىن بۇيان تورغا يوللىغان تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا « قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ » ياكى « ئىنكاس يېزىش چەكلىندۇ » دەپ ئەسكەرتىشكە مەجبۇر بولدىم. مەنمۇ مۇنبەرلەردە « دوسنى يىغلىتىپ، دۇشمەننى كۇلدىرىدىغان » ئىشلار بولمىسىكەن دەپ ئۇمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1782
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:33:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكرىڭىز ئورۇنلۇق بوپتۇ، دىمىسىمۇ يېقىندىن بۇيان بەزى ئىنكاسلار كىشى كۆڭلىنى بىئارام قىلاتتى، مەنمۇ گاھىدا ئاشۇ ئىنكاسچىلارنىڭ پەقەت ئىشى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن، مەنمۇ يېقىندىن بۇيان تورغا يوللىغان تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا « قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ » ياكى « ئىنكاس يېزىش چەكلىندۇ » دەپ ئەسكەرتىشكە مەجبۇر بولدىم. مەنمۇ مۇنبەرلەردە « دوسنى يىغلىتىپ، دۇشمەننى كۇلدىرىدىغان » ئىشلار بولمىسىكەن دەپ ئۇمىد قىلىمەن.

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1160 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭىزدىن بەك سۈيۈندىم. دىمىسىمۇ بىرەر ھىكايە ياكى شېئىر يازسا ئاپتورغا باغلاپ چۈشىنىۋېلىپ ئاپتۇرغا تەسەللى بىرىدىغانلارمۇ كۆپ.

مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالە يوللۇغۇچىنى ھاقارەتلەش-كالۋالىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن. ھەرقانداق شەيئىدە يىتەرسىزلىك بولىدۇ. توغرا تونىساق بولىدۇغۇ ؟

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5753
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2148 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:40:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسنىڭ سانى ئەمەس ساپاسى مۇھىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89744
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما بوپتۇ ، بۇنداق قىلمىشلانى راستىنلا تۈزەش كىرەك ، نورۇزدىن سەسكەندىم دىگەن تېمىنىڭ ئاستىغا بىرسى باشقۇرغۇچىنى تېللاپ ئىنكاس يىزىپتىكەن ،شۇ ئىنكاسقا رەددىيە بەرگەن كىشى سىزكەنسىزدە ئەسلى ، گەپلىرىڭىزنى قوللايمەن

تاۋباۋدىن مال سىتىۋىلىشنى ياكى تور ئارقىلىق پۇل تىپىشنى ئۆگەنگۈسى بارلار توپقا كىرىڭ 278345036

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79004
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1990
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2012-4-18
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  تېما  بەك  ياخشى  جايىدا  يېزىلىپتۇ  . ئەمدى  قالغان  گەپ
باشقا  تورداشلارنىڭ  تېمىنى  ئۆزىگە  ئېلىپ  كېتىپ  يەنە  تىللاشنى  باشلىمىسا بولاتتىغۇ .
تېما  ئېگسىنىڭ  قوللىرىغا  دەرد  كەلمىسۇن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10638
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1928 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:57:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە  بىر گەپ گېزىت -ژورنال ، كىتاپلاردىن ۋە باشقا مۇنبەرلەردىن كۈچۈرگەن يازمىلارنىڭ مەنبەسى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ ، خېلى جىق تورداشلار ياخشى يېزىپسىز ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن دېگەندەك ماختاشلارنى يېزىپ ، يوللىغۇچى بىلەن ئاپتۇرنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ جىقكەن .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش